1فېۋرال
تىلىيا مانجۇر يۇمۇلاقى
تىلىيا مانجۇر يۇمۇلاقى
«تىلىيا مانجۇر يۇمۇلاقى» دىگەن سۆز، مەلۇم بىر گىيا قايزاتىنىڭ (变种) ئۇيغۇرچە ئىسىمى. بۇنىڭ لاتىنچە نامى: « Tilia mandshurica var. ovalis»، خەنزۇچە نامى: «卵果辽椴 (变种)» دەپ ئاتىلىدۇ. «تىلىيا مانجۇر يۇمۇلاقى» دىگەن بۇ ئىسىمىنى، ئا. رەھمەتۇللانىڭ «گىيا زات نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى» بويىچە ئا.ر.جىمسارى، تۇنجى بولۇپ قويغان ھەم تۈنجى قىتىم ئاكادېمىيە تورىدا نەشىر قىلدى.
ئا. رەھمەتۇللا ئوتتۇرىغا قويغان «گىيا زات نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى» دە، قايزات ياكى شاخزات ناملىرى 3 سۆزدىن تۈزۈلىدۇ، 1- سۆز، رۇق نامىنى بىلدۈرىدۇ. 2-سۆز، زات نامىنى بىلدۈرىدۇ. 3- سۆز، قايزات ياكى شاخزات نامىنى بىلدۈرىدۇ دىيىلگەن. مۇشۇ بۇيىچە، «تىلىيا مانجۇر يۇمۇلاقى» ناملىق بۇ گىيا نامىدىكى «تىلىيا» سۆزى، مۇشۇ قايزات تەۋە بولغان رۇقنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى (لاتىنچە رۇق نامى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان) بىلدۈرىدۇ. «مانجۇر» سۆزى، مۇشۇ قايزات تەۋە بولغان زاتنىڭ سۈپەت (بايقالغان جۇغراپىيەلىك يەر نامى مانجۇرىيە) نامىنى بىلدۈرىدۇ. «يۇمۇلاقى» دىگەن سۆز، مىۋەسى يومۇلاق كەلگەن دىگەن مەنەنى بىلدۈرىدۇ. دىمەك، تىلىيا مانجۇر يۇمۇلاقى دىگەن نامدىن، رۇق نامىنى، زات نامىنى، قايزات نامىنى ياكى تەۋەلىكىنى ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ.
«تىلىيا مانجۇر يۇمۇلاقى» بىر دەرەخنىڭ نامى. مەنبەلەرگە قارىغاندا،بۇ دەرەخ دۆلىتىمىزنىڭ جىلىن ئۆلكىسىگە تارقالغان. ياپۇنىيەدىمۇ بار ئىكەن.
«تىلىيا مانجۇر يۇمۇلاقى» دىگەن بۇ گىيا نامى، «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئۆسۈملۈك لۇغىتى» دە، «تۇخۇمسىمان مېۋىلىك شەرقى شىمال لىپا دەرىخى» دەپ ئاتالغان.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 02-ئاينىڭ 01-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 279 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=3969
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!