29يانۋار

تاغۆچلەر

«تاغۆچرۇق »  ھايۋانلىرى

山羊属哺乳动物

ئا. ر. جىمسارى

بايان ئاۋۋال

مەن دەۋاتقان «تاغۆچ» دىگەن سۆز، ياۋائىي ھالەتتە ياشاۋاتقان ئۆچكە تىپىدىكى ھايۋان زاتلىرىنىڭ ئومۇمى نامى. بۇ نام، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «تاغ تىكىسى»، «تاغ ئۆچكىسى»، «تورۇق تىكە»، «قىزىل كىيىك»، «ياۋا ئۆچكە» دىگەندەك ھەر خىل ناملاردا ئاتالغان. بۇ ناملارنىڭ توغراسىنى بىكىتىش، ئۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈش نۆۋەتتە بىزدىكى مەرىپەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالدى. بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، «تاغۆچ» توغرىسىدا بىلگەنلىرىمنى بايان قىلدىم.

1. «تاغۆچ» دىگەن نىمە؟

مەن بالا ۋاقىتلىرىمدا، 50 يىل ئوۋچىلىق قىلغان توختى موللا گايىت دادامدىن (بوۋامدىن) «تاغۆچ»، «كىيىك»دىگەن سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلايتتىم. كىيىن چوڭ بولۇپ بۇ سۆزلەرنى ئاڭقىرىپ چۈشەنسەم، تاغدا ياۋائىي ياشايدىغان ئۆچكىلەرنىڭ ئومۇمى نامى ئۇيغۇرچە «تاغۆچ» دەپ ئاتىلىدىكەن. شۇڭا، مەن تاغدا ياۋائىي ياشايدىغان ئۆچكە تىپىدىكى زاتلارنىڭ ئومۇمى نامىنى ئۇيغۇرچە تاغۆچ دەپ قويدۇم. مىنىڭ چۈشەنچەمدە، بۇغا، مارالنىڭ ئومۇمى نامى «كىيىك» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەندى يەنە بەزىلەردىن ئاڭلىشىمچە، ئوت-چۆپ يەيدىغان، گۆشىنى يىگىلى بولىدىغان تاغۆچ، ئارقار، كىيىك، جەرەن، بۆكەن قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئومۇمى نامىمۇ «كىيىك» دەپ ئاتىلىدۇ دەيدىكەن.

تاغۆچنىڭ ئەركەكىنى «تاغتىكە»، چىشىسىنى «تاغۆچكە» دىگەن نامدا ئاتىدىم. دىمەك، تاغتىكە بىلەن تاغۆچكەنىڭ ئومۇمى نامىنى تاغۆچ دەپ ئاتىدىم.

 ئەندى تىلىمىزدىكى «ئۆچكە» دىگەن ئىسىم سۆزگە كەلسەك، ئۇ، مەلۇم تاغۆچ زاتلىرىنىڭ كۆندۈرۈلۈپ، مەدەنىلەشكەن، قولدا بېقىلىۋاتقان چارۋا ئۆچكىلەرنىڭ ئومۇمى نامى بولىدۇ. ئۆچكە، تاكسون دەرىجىدە تاغۆچتىن كىيىن تۇرىدۇ. يەنى، تاغۆچنىڭ بىر شاخزاتى بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە يازىلغان ئىلمىي ئەسەرلەردە، تاغۆچنى «تاغ تىكىسى» دەپ ئاتىغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، «تاغ ئۆچكىسى»، «تورۇق تىكە»، «قىزىل كىيىك»، «ياۋا ئۆچكە» دىگەن ناملاردىمۇ ئاتىلىدۇ دىيىلگەن. بۇ ناملارنىڭ ھەممەسى مىنىڭچە مۇۋاپىق ئەمەس. تاغۆچ دىگەن نامغا ئەڭ يىقىن بولغان «تاغ ئۆچكىسى»، « تاغ تىكىسى » دىگەن ناملار بىلەن تاغۆچنى بىلدۈرگىلى بولمايدۇ. چۈنكى تاغنىڭ ئۆچكىسى ياكى تىكىسى بولامدۇ؟ بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا، تۈزلەڭ ئۆچكىسى، تۈزلەڭ تىكىسى دەپ ئاتىساق توغرا بولامدۇ؟  ياۋا ئۆچكە دىگەن ئىسىم ھەم شۇنداق. بۇ قاراقۇيۇق ئېنىقسىز قويۇلغان نام.  چۈنكى بىز، قايسى «ئۆچكە زاتى»، قايسى «تاغۆچتىن» كۆندۈرۈلگەنلىكىنى ياكى كىم، كىمنىڭ ياۋائىسى ئىكەنلىكىنى تېخى ئايدىڭلاشتۇرغانىمىز يوق.

2. «تاغۆچرۇق» دىگەن نىمە؟

«تاغۆچرۇق» يەنە «تاغۆچ رۇق» دەپمۇ يازىلىدۇ. تاغۆچرۇق، كالائىلەدىكى (كالا ئائىلىسىدىكى) بىر رۇقنىڭ ئۇيغۇرچە نامى. تاغۆچرۇق نامى، لاتىنچەدە Capra دەپ ئاتىلىدۇ. كاپرا دىگەن بۇ نامنى، لىننىېي دىگەن ئالىم 1758-يىلى قويغان ئىكەن. تاغۆچرۇق، خەنزۇچەدە  山羊属 دەپ ئاتىلىدۇ.

تاغۆچرۇقنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:

ھايۋانات مىقياس (动物界,animalia)

تارچابىلە (脊索动物门,chordata)

ھايۋانبىقە (哺乳纲,mamalia)

ئاچاياقمەت (偶蹄目,ariodactyla)

كالائىلە (牛科,bovidae)

تاغۆچ شاخئىلە (羊亚科,caprinae)

تاغۆچ رۇق (山羊属,capra)

 

3. تاغۆچرۇق زاتلىرى

«بەيدۇ»، «گوگۇل»، «كۆكرەڭ ھايۋاناتلار» تورى قاتارلىق مەنبەلەردىن جەمتەر قىلىشىمچە، تاغۆچرۇقنىڭ 8 زاتى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرىنى مەن تۈنجى قىتىم قويغان بۇلۇشۇم مۇمكىن. بۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

زات نامى: تاغۆچ ئەجەمى (野山羊,capra aegagrus). مەنبەلەرگە قارىغاندا، بۇ زاتنىڭ يەنە 2 شاخزاتى باردەك قىلىدۇ.

Capra aegagrus_副本

زات نامى:  تاغۆچ سىبىرى  (中亚羱羊, capra sibirica).

Capra sibirica_副本

زات نامى: تاغۆچ تومگۇزى (تۆرۈك توم مۇڭگۇزلۇق، سىلىندىرسىمان مۇڭگۇزلۇق دىگەن مەنىدە) (东高加索羱羊, capra cylindricornis).

Capra cylindricornis_副本

زات نامى: تاغۆچ بۇرغايى (بۇرغاي مۇڭگۇزلۇق دىگەن مەنىدە)، (捻角山羊,capra Falconeri). مەنبەلەرگە قارىغاندا، بۇ زاتنىڭ يەنە 4 شاخزاتى بارلىقى مەلۇم.Capra falconeri_副本

زات نامى: تاغۆچ دارائىي (羱羊,capra ibex). مەنبەلەرگە قارىغاندا، بۇ زاتنىڭ يەنە 3 شاخزاتى بارلىقى مەلۇم.

capra ibex (o)_副本

زات نامى: تاغۆچ پىيرەنى (西班牙羱羊,capra pyrenaica). مەنبەلەرگە قارىغاندا، بۇ زاتنىڭ يەنە 2 شاخزاتى بارلىقى مەلۇم.

Capra Pyrenaica_副本

زات نامى: تاغۆچ ۋالىئىي (西梅羱羊, capra walie).

Capra walie_副本

زات نامى: تاغۆچ نۇبىيانى، (努比亚羱羊,capra  nubiana)

Capra nubiana_副本

4. شىنجاڭدىكى تاغۆچرۇق زاتلىرى

 20-ئەسىرنىڭ 91-يىلى، يۋەنگويىڭ ئەپەندى تۈزىگەن «新疆脊椎动物简志» (شىنجاڭدىكى ئۇمۇرتقالىق ئەن ھايۋاناتلار)-جىمسارى) ناملىق ئەسەردە، شىنجاڭدا تاغۆچنىڭ تاغۆچ سىبىرى (北山羊, capra sibirica Pallas) دىگەن بىر زاتى،  »«C.s.dementieve«» ,«C.s.alaiana» «C.s.hagenbeckii» «C.s.sibirica قاتارلىق 4 تاغۆچ شاخزاتى تارقالغان دەپ يازغان. بۇ كىشى يەنە 2008-يىلى نەشىر قىلغان «新疆生物多样性» (شىنجاڭدىكى جانىۋارانلار) -جىمسارى) ناملىق ئەسىرىدە، شىنجاڭدا تاغۆچ سىبىرى دىگەن بىر زاتى، 天山亚种,C.i.almasyi, 阿尔泰亚种 c. i.altica, 北塔山亚种 c.i.hagenbeckii, 中亚亚种 c.i.sibirica قاتارلىق 4 شاخزاتىنىڭ تارقالغانلىقىنى يازغان. (بۇ كىتاپتىكى تاغۆچ زات ۋە شاخزات ناملىرى مۇجىمەل ئالىنغان). ئابلىمىت ئابدۇقادىر ئەپەندى تۈزىگەن، 2003-يىل ئاخىرىدا خەنزۇچە نەشىر قىلىنغان «新疆哺乳动物的分类与分布» (شىنجاڭدىكى ھايۋانلارنىڭ تۈرلەنىشى ۋە تارقىلىشى) -جىمسارى) ناملىق ئەسەردە، «北山羊 (野山羊, capra ibex » دىگەن بىر زاتىنىڭ تارقالغانلىقى، بۇ زاتنىڭ جۇڭگودا، «中亚亚种,caprq ibex sibirica»، «阿尔泰亚种, capra ibex altaica»، «天山亚种,capra ibex almasyi» دىگەندەك 3 شاخزاتى بارلىقى يازىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ««阿尔泰亚种،天山亚种 » ئىككى شاخزاتىنىڭ شىنجاڭدا بارلىقى يازىلغان. مەن كۆرگەن تاغۆچلەرگە ۋە مەنبەلەرگە قارىغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا تاغۆچرۇق  زاتىدىن «تاغۆچ دارائىي» (羱羊,capra ibex)، «تاغۆچ  نۇبى» (努比亚羱羊,capra  nubiana)،  دىگەندەك 2 زاتى تارقالغاندەك قىلىدۇ. 

بايان ئاخىر

مەن 30 يىل دالىدا ئوتلاق ۋە ماكان (ئېكولوگىيە) تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانغاندا، بەيتىكتاغ، چىڭگىلتاغ، خالىقتاغ، پامىرتاغ قاتارلىق جايلاردا تاغۆچ پادىسىنى كۆپ ئۇچراتتىم. 1976-يىلى ۋە 1982-يىلى ئۇنىڭ گۆشىنى يەپ باقتىم بىر قىتىم ئۇسسۇزلۇقنى باسىدىكەن دەپ ئۇنىڭ قانىنىمۇ ئىچىپ باقتىم. ئۇنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن كالتا جۇۋانىمۇ بىر قىش كىيىپ باقتىم. ئۇنىڭ پۇشۇرۇلغان گۆشى ياغسىز، قارامتۇل ھەم قۇرغاق بولىدىكەن. ئۇنىڭ قانى تۇزلۇقراق بەتتام بولىدىكەن. تېرىسى قوي تېرىسىدىن نېپىز، مويى قىسقا، يەڭگىل ھەم ئىسسىق بولىدىكەن. تاغتىكە ۋە تاغۆچكە بولماسۇن ئوخشاشلا مۇڭگۇزى بولىدىكەن. ئۇ ناھايىتى سەزگۇر بۇلۇپ، يىراقتىنلا ئۆزىنى ئادەمدىن قاچۇرىدىكەن، كۆپۈنچىسى دارا تاغلارنىڭ كۈنگەي قىيا تاشلىرىنى ماكان تۇتىدىكەن. شۇڭا، تاغلارغا بارغانلىكى ئادەمنىڭ تاغۆچلەرنى كۆرەلىشى ناتايىن. تاغۆچ زاتلىرى توغرىسىدا ئالىملار ئارا تېخى پىكىر بىرلىكى يوق. بەزىلەر تاغۆچرۇقنىڭ دۇنيا بۇيىچە  7 زاتى بار دىسە، بەزىلەر8 يەنە بەزىلەر 9 زاتى بار دەپ قارايدىكەن. ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى تاغۆچلەر توغرىسىدىكى ئەھۋالمۇ شۇنداق. دالىدا يۈرگەن تاغۆچلەرنى يىراقتىن كۆرۈپ ئۇلارنىڭ ئىنچىكە ئالاھىدىلىكىنى پەرقلەندۇرمەك تەس. ئۇنى ئوۋلاش قانۇنغا خىلاپ. تاغۆچلەر، ھازىر كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئەتىۋارلىق ھايۋانغا ئايلاندى. دۆلىتىمىزدە، 1-دەرىجىدە قوغدىلىدىغان ھايۋانلار قاتارىغا تىزىلدى. دىمەك، شىنجاڭدىكى تاغۆچلەر زاتى ياكى شاخزاتى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار ئاياقلاشقىنى يوق. ئىشىنىمەنكى، بۇ ھەقتە  يەنە كۆپلىگەن تەتقىقاتلارنىڭ ئىلىپ بېرىلىشى مۇقەررەر.

ئومۇمەن ئالغاندا، لاتىنچەدە Capra، خەنزۇچەدە 野山羊، 羱羊، 北山羊 دىگەندەك كۆپخىل ئاتالغان بۇ ھايۋاننىڭ  ئومۇمى نامىنى ئۇيغۇرچە ئاتاشتا، «تاغۆچ» دەپ ئاتاشنى،  تاغۆچنىڭ ئەركەكىنى «تاغتىكە»، چىشىسنى «تاغۆچكە» دەپ ئاتاشنى ، تاغۆچ زاتلىرىنىڭ نامىنى مەزگۇر ئەسەردە قويۇلغان ناملىرى بۇيىچە ئاتاشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

تۆۋەندىكى تاغۆچ   رەسىملىرىدىن بەھىرلەنگەيسىز

DSC_9148_副本capra ibex ibextafwq resimcapra ibex sibirica 2 capra ibex sibirica capra ibex nubiana capra ibex ibex Uylat elipbe 220px-GoatEatingWeeds 220px-Ammotragus_lervia 220px-Steinbock-P1150171capra ibex nubiana

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 29-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 322 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=3926
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز