باش بەت > جۇغراپىيە > زىمىننىڭ قەۋىتى بولامدۇ؟
14ئىيۇل

زىمىننىڭ قەۋىتى بولامدۇ؟

زىمىننىڭ قەۋىتى بولامدۇ؟

地球有内层圈嘛?

ئاپتورى: بوستاني

ھازىرقى كىشىلىرىمىزنىڭ چۈشەنچىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، «زىمىن» قۇياشلەمدىكى بىر سەييارە پلانىت ياكى سەييارە يۇلتۇزنىڭ نامى. زىمىن، يەنە «يەر شارى» ياكى «دۇنيا» دەپمۇ ئاتالغان. بىز ھازىر ئوقۇۋاتقان جۇغراپىيە كىتاپلىرىدا، زىمىننىڭ يۇمولاق شار شەكلىدە ئىكەنلىكى سۆزلەنگەن، سۈنئى ھەمرادىن تارتقان رەسىملەردىمۇ زىمىننىڭ يۇمۇلاق شەكىلدە بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. دىمەك، زىمىن، ئاسماندا بىر مىنوتمۇ توختىماستىن سكونتىغا 29783 كلومېتىرلىق تېزلىك بىلەن قۇياشلەمدە تەرتىپلىك ئايلىنىپ تۇرىدىغان خۇددى تۇلۇن ئايغا ئوخشاش يۇمۇلاق شەكىللىك، كۆك رەڭلىك بىر سەييارە يۇلتۇز، ياكى بىردۇنيا ۋەياكى بىر پىلانىتدۇر.

 ئالىملارنىڭ ھېساپلىشىغا قارىغاندا، زىمىن قۇرسىقىنىڭ رادىئوس ئۇزۇنلىقى 6378.137 كىلومېتىر، دىئامېتىرىنىڭ ئۇمۇمى  ئۇزۇنلىقى 12756 كلومېتىر كېلىدىكەن. ئېكۋاتور سىزىقىدىن بولغان ئومۇمى ئايلانمىسىنىڭ ئۇزۇنلىقى 40 مىڭ كلومېتىر بولىدىكەن. مۇشۇنداق قېلىن ياكى يوغان بولغان زىمىن قۇرسىقىدا نىمە باردۇر؟ دىگەن سۇئالغا، ئىنسانلار ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان توختىماي ئىزدەنگەن.

بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا تۇنۇر بېشىدا ئاڭلىغان چۆچەكلەردە دىيىلىشىچە، زىمىن ئىچى كاۋاك بولۇپ، ناھايىتى يۇغان بىر قىزىل كالا ياشايدىكەن. بۇ كالىنىڭ غايەت يۇغان ھەم ئۇزۇن ئىككى مۇڭگۇزى بولۇپ، زىمىننى شۇ مۇڭگۇزىدا كۆتۈرۈپ تۇرىدىكەن. بىر مۇڭگۇزى تالسا، يەنە بىر مۇڭگۇزىغا ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىكەن. مۇشۇ ئالماشتۇرۇش جەريانىدا زىمىن سىلكىنىپ يەر تەۋرەيدىكەن.

بۇ گەپلەرگە ئېھتىمال بىز ھازىر ئىشەنمەسلىكىمىز مۇمكىن، چۈنكى بىز ھازىر نۇرغۇن پەننى بىلىملەردىن زىمىن توغرىسىدا كۆپلىگەن يېڭى بايقاشلار بىلەن تۇنۇشقان. شۇنداق بولسىمۇ، زىمىننىڭ قەۋىتى بولامدۇ؟ بولسا قانچە قەۋەت بولىدۇ؟ دىگەندەك سۇئاللارغىمۇ دۈچ كېلىپ قالىمىز، شۇنداق چاغلاردا بىز دەرسلىك كىتاپلاردىن ئوقۇغىنىمىز بويىچە، بەزىلىرىمىز زىمىن 3 قەۋەت بولىدۇ دەپ جاۋاپ بەرسەك، بەزىلىرىمىز 4 قەۋەت بولىدۇ دەپ جاۋاپ بېرىشىمىز مۇمكىن. بۇ ئىككىلا جاۋاپنىڭ خاتاسى يوق. ئەمما، زىمىننىڭ زادى قەۋەتلىرى بولامدۇ؟، بولسا نەچچە قەۋەت بولىدۇ؟ دىگەن سۇئالغا بېرىلگەن بۇ جاۋاپتىن كىشىدە قانائەت ھاسىل بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ توغرىدا ئىزدىنىپ بېقىش زۆرۆردەك قىلىدۇ.

 مەن كۆرگەن ئالى مەكتەپ جۇغراپىيە دەرسلىك كىتاپلىرىغا قارىغاندا، زىمىننىڭ قەۋەتلىرى بولىدىغانلىقى سۆزلەنگەن. زىمىن قەۋەتلىرىنى بەزى كىتاپلاردا 3 قەۋەت، بەزى كىتاپلاردا 4 قەۋەت دەپ بايان قىلغان. ئەنە شۇ مەنبەلەردە دىيىلگەن مەزمۇنلارغا ئاساسەن، مەن زىمىن 7 قەۋەت بولۇدىكەن دەپ قارايمەن.

زىمىننىڭ بىرىنچى قەۋىتى: «پوستقەۋەت» (زىمىن پوستى قەۋىتى) دەپ ئاتىلىدۇ. پوستقەۋەتنىڭ قېلىنلىقى ئوتتۇرا ھېساپتا 40 كىلومېتىر كىلىدىكەن. يەنى، يەر يۈزىدىن 40 كىلومىتىر چوڭقۇرلۇققىچە بولغان ئارىلىق پوستقەۋەت دىيىلىدۇ. قۇرۇقلۇق يەرلەرنىڭ  پوستقەۋىتى قىلىنراق، دېڭىز-ئوكىيان يەرلىرىنىڭ  پوستقەۋىتى يۇققاراق بولىدىكەن. پوستقەۋەت،ئاساسلىقى تاشجىنىسلاردىن تۈزۈلگەن.

زىمىننىڭ ئىككىنچى قەۋىتى: تاشمانقەۋەت (تاشقى مانتىل قەۋەت دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) دەپ ئاتىلىدۇ. تاشمانقەۋەتنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 360 كلومېتىر بولىدىكەن. يەنى  زىمىن پوستقەۋىتىنىڭ 40كىلومېتىر ئاستىدىن باشلاپ 360 كىلومېتىرغىچە بولغان ئارىلىق تاشمانقەۋەت دەپ ئاتىلىدۇ.

زىمىننىڭ ئۈچىنچى قەۋىتى: ئارامانقەۋەت دەپ ئاتىلىدۇ. ئارامانقەۋەتنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 250 كلومېتىر كىلىلدىكەن. يەنى، تاشمانقەۋەت ئاستىدىن باشلاپ 250 كىلومېتىر چوڭقۇرلاپ بارغان يەرگىچە بولغان ئارىلىق ئارامانقەۋەت دەپ ئاتىلىدۇ.

زىمىننىڭ تۆتىنچى قەۋىتى: ئىچمانقەۋەت (ئىچكى مانتىل قەۋەت) دەپ ئاتىلىدۇ. ئىچمانقەۋەتنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 2050 كلومېتىر كېلىدىكەن. يەنى، ئارامانقەۋەت ئاستىدىن باشلاپ 2050 كلومېتىر چوڭقۇرلۇققىچە بولغان ئارىلىق ئىچمانقەۋەت دەپ ئاتىلىدۇ.

زىمىننىڭ بەشىنچى قەۋىتى: دىقەۋەت دەپ ئاتىلىدۇ. دىقەۋەتنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 190 كلومېتىر كېلىدىكەن. يەنى، ئىچمانقەۋەت ئاستىدىن باشلاپ 190 كلومېتىر چوڭقۇرلۇققىچە بولغان ئارىلىق دىقەۋەت دەپ ئاتىلىدۇ.

زىمىننىڭ ئالتىنچى قەۋىتى: تاشروقەۋەت (تاشقى يادرو قەۋەت) دەپ ئاتىلىدۇ. تاشروقەۋەتنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن،2260 كلومېتىر كېلىدىكەن. يەنى دىقەۋەت  ئاستىدىن باشلاپ 2260 كلومېتىر چوڭقۇرلۇققىچە بولغان ئارىلىق تاشروقەۋەت دەپ ئاتىلىدۇ.

زىمىننىڭ يەتتىنچى قەۋىتى: ئىچروقەۋەت دەپ ئاتىلىدۇ. (ئىچكى يادرو قەۋەت) ئىچروقەۋەتنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 1228 كلومېتىر كېلىدىكەن. يەنى، تاشروقەۋەتنىڭ ئاستىدىن باشلاپ 1228 كلومېتىر چوڭقۇرلۇققىچە بولغان ئارىلىق ئىچروقەۋەت دەپ ئاتىلىدۇ.

ئىنسانلار ھازىر زىمىن سىرتىدىكى پائالىيەت دائىرسىنى مىليارت نۇر يىل كىلىدىغان يىراقلىققىچە كىڭەيتتى ياكى بارالىدى. ئەمما، ئىنسانلارنىڭ زىمىن ئىچىگە كىرىش دائىرسى چەكلىك بولدى. مەنبەلەرگە قارىغاندا، زىمىن ئىچى غايەت زور ئىسسىق بولۇپ، قۇياش يۈزىدىكى تېمپىراتورىدىن نەچچە مىڭ ھەسسە يوقۇرى بولىدىكەن. بېسىممۇ ناھايىتى يوقۇرى بولۇپ،بىزنىڭ تەسەۋۇرىمىز يەتمەيدىغان دەرىجىدە بولىدىكەن. چۆچەكتە ئېيتىلغان ھېلىقى قىزىل كالا مۇشۇنداق مۇھىتتا قانداقمۇ تۇرالىسىۇن؟ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىمۇ پارغا ئايلىنىپ بولىدۇدە!. شۇنداق بولسىمۇ، ئىنسانلار زىمىن تىگىگە كىرىپ بېقىش ئىستىگىدىن يالتىيىپ قالغىنى يوق. ئاڭلىغان گەپلەرگە قارىغاندا، ئىنسانلار زىمىننى تەخمىنەن 17 مىڭ مېتىرغىچە ئۈشكىلەپ باققاندەك قىلىدۇ. دىمەك ئىنسانلار، زىمىننىڭ پوستقەۋەتىدە پەقەتلا ئوننەچچە كلومېتىر چوڭقۇرلىيالىدى. ئەمما، ئادەمنىڭ زىمىننىڭ بۇ چوڭقۇرلىقىغا چۈشۈپ باققىنىنى بىلمەيمەن. سەۋەبى، زىمىن ئىچىگە چوڭقۇرلاپ كىرىشتە ناھايىتى يوقۇرى ھارارەت ۋە بىسىمغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان تېخنىكا ۋە ئەسۋاپلار تېخى كەشىپ قىلىنمىدى. شۇڭا، ئىنسانلار پەقەت ئالىملارنىڭ يەرتەۋرىگەندىكى سىلكىنىش جەريانلىرىنى ئۆلچەش ۋە ئېرىشكەن ماددىلارنى خېمىيەلىك ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن مەلۇماتلار ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان پەرەزلەردىن زىمىن ئىچىدىكى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولىدۇ. مىنىڭ يوقۇرىدا زىمىننى يەتتە قەۋەتكە بۆلۈشۈم ئەنە شۇ پەرەز قىلىنغان مەلۇماتلار ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھەر بىر قەۋەتنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرىنى ئۆزەمچە قويۇپ قويدۇم. ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردە نىمە دەپ ئاتالغانلىقىنى مەن ئىزدەپ كۆرمىدىم. مۇۋاپىق بولمىغان تەرەپلىرى بولسا تۈزۈتۈپ قويىشىڭىزلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 07-ئاينىڭ 14-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 1,059 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=1559
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز