گىياھى تاكسون ناملىرى
گىياھى تاكسون دەرىجىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى
植物分类系统及其名称
ئاپتورى: بوستاني
ئىنسانلار تارىخى، جەمىيەت تارىخىدىن باشقا، تەبىئەت ۋە تەبىئەتتىكى جانىۋارلار بىلەن ھەپىلەشكەن تارىخنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، ئىنسانلارنىڭ گىياھ بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش تارىخى ئەنە شۇ ئىنسان تارىخىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. دۇنيادا مىللەت تۈرى كۆپ، تىل تۈرىمۇ كۆپ. ھەرقايسى مىللەتلەر گىياھلاردىن پايدىلىنىش تارىخىدا، گىياھلارغا ئۆز تىلىدا نام قويۇپ ئاتىغان. بۇ ھالدا، مىللەتلەر ئارا ئۆگۈنۈش ۋە تەجىرىبە ئالماشتۇرۇشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان. كىيىنكى مەزگىللەردە، گىياھ ناملىرى، لاتىنچە، گىرىكچە، ئىسپانچە، ئەرەپچە، فارىسچە دىگەندەك ناملارغا مەرگەزلەشكەندەك قىلىدۇ. مەسىلەن، بىزنىڭ ئەللامەلىرىمىزدىن ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنانىڭ مەن كۆرگەن «تىب قانۇنى» دىگەن ئەسىرىدىكى شىپالىق گىياھلارنىڭ ناملىرى، ئەرەپچە ۋە پارىسچە يېزىلغان. ئاڭلىشىمچە، ئەبۇ رەيھان برۇنىمۇ گىياھ ناملىرىنى گىرىكچە، لاتىنچە، ئەرەپچە، فارىسچە ناملىرى بىلەن يازغان ئىكەن. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بىر گىياھنى بىر نەچچە خىل نام بىلەن ئاتايدىغان، ياكى، بىر خىل نام بىلەن بىر نەچچە خىل گىياھنى كۆرسىتىدىغان ئۇقۇشماسلىق، توغرى بولماسلىق ھالىتىنى ئۆزگەرتەلمىگەن. شۇنداق قىلىپ، دۇنيا بويىچە ئورتاقلىققا ئىگە بولغان گىياھ ناملىرى ئۈستىدە كۆپلىگەن ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن. مەنبەلەرگە قارىغاندا، شىۋىتسىيەلىك گىياھشۇناس كارل لىننىۇس 1753- يىلى، «فلورا» ياكى «گىياھلار تەپسىلاتى» دىگەن كىتاۋىنى نەشىر قىلغاندىن كىيىن گىياھ ناملىرىنى دۇنيا بويىچە ئورتاق نام بىلەن ئاتايدىغان، چۈشىنىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن ئىكەن. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن، كىيىنكى مەزگىللەردە، گىياھلارنى ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە ھەر خىل تۈرلەرگە ئايرىپ چىقىپ نام بېرىدىغان بىر پەن مەيدانغا كەلگەن. بۇ پەن تاكسونومىيە دەپ ئاتالغان. ئۇيغۇرچىدىمۇ، تاكسونومىيە دەپ قۇبۇل قىلىنغان. تاكسونومىيەنىڭ گىياھلارنى ھەر خىل تىپلارغا ئايرىپ چىقىدىغان ئۆلچەم، كۆرسەتكۈچلىرى دۇنيا بويىچە بىرلىككە كەلگەن ۋە ئىنچىكە ئايرىلغان. خەلقئارا بويىچە بىرلىككە كەلگەن تاكسون دەرىجىلىرى 23 بالداققا ئايرىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسى بالداق (دەرىجە) 7 ، قالغان 16 بالداق شاخدەرىجىلەر (قوشۇمچە دەرىجە) بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. مانا مۇشۇ، ئۆلچەم ۋە كۆرسەتكۈچلىرى بويىچە ئايرىلغان بالداقلار، تاكسون دەرىجىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. گىياھلارنى مۇشۇ تاكسون دەرىجىلىرى بويىچە ئايرىپ چىقىش، ئۇيغۇرچە، «گىياھلارنى تاكسونلاش» دەپ ئاتىلىدۇ. مەزگۇر ئەسەردە، مانا مۇشۇ تاكسون دەرىجىلىرى تۇنۇشتۇرۇلدى ھەمدە 23 تاكسون دەرىجىلىرىنىڭ لاتىنچە، ئېنگلىشچە، خەنزۇچە ۋە پېشقەدەم ئۇستازلاردىن مىجىت خۇدا بەردى، مىجىت باۋۇدۇن پروففىسسورلار قۇيغان ئۇيغۇرچە ناملىرى بىلەن ر.ئادىللا قويغان ئۇيغۇرچە ناملىرى كۆرسۈتىلدى.
مەزگۇر ئەسەرنى يېزىشتىكى مەقسەت، بىرىنچىدىن، دۇنيادا ئورتاق قوللۇنىۋاتقان تاكسون دەرىجىلىرى بىلەن تۇنۇشۇش.
ئىككىنچىدىن ھازىرقى ئاتىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە ناملىرى بىلەن تۇنۇشۇش.
ئۈچىنچىدىن، جانىۋارلارنىڭ (گىياھلارمۇ جانىۋارلارنىڭ بىر قىسمى) تاكسون دەرىجىلىرىنى (تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋەت دەرىجىسىنى) ئۇيغۇرچە ئېنىق، ئىخچام ۋە قائىدىلىك ئاتاشقا ئاساس سېلىش.
تۆتىنچىدىن، بۈگۈننى ئەمەس،ئەتىنى ئويلىغاندا، جامائەتنىڭ پىكىرىدە بىرلىككە كەلگەن، ئىلمي بولغان، ئىخچام بولغان، ئۇيغۇرچە ئاتاشقا قولايلىق بولغان،ئۆلچەملىك ئاتاش ۋە يېزىش قائىدىسى بولغان تاكسون ناملىرىنى بېكىتىپ چىقىشقا يول ھازىرلاش.
ئەلۋەتتە، پېشقەدەملەر تامانىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تاكسون دەرىجە ئاتالغۇلىرىغا ھۆرمەت قىلىمەن، پەننى ئىلىمغا، ئۇيغۇر تىلىمىزغا، تېخىمۇ ھۆرمەت قىلىمەن، ئەۋلاتلارغا ئىخچام پاساھەتلىك ئاتالغۇلارنى قالدۇرۇش مۇشۇ دەۋىر كىشىلىرى باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپە دەپ قارايمەن.شۇڭا، بىر دۈۋە قۇم-تاش تۆكتۈم، كېرەكلىكىنى جامائەت تاللىسۇن..
1-جەدىۋەل: گىياھى تاكسون دەرىجىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى.
مىجىت پروففىسسورلار ئاتىغان ئۇيغۇرچە نامى |
ر.ئادىللا ئاتىغان ئۇيغۇرچە نامى |
خەنزۇچە ئاتىلىشى |
ئېنگلىشچە ئاتىلىشى |
لاتىنچە ئاتىلىشى |
دۇنيا |
مىقياس (1) |
界 |
Kingdon |
Regnum |
تىپ، ئىشىك |
قەبىلە |
门 |
phylum |
Divisio |
كەنجە تىپ، سۇب تىپ |
شاخبىلە(2) |
亚门 |
subphylum |
subdivisio |
سىنىپ |
تەبىقە |
纲 |
Class |
Classis |
كەنجە سىنىپ،سۇب سىنىپ |
شاخبىقە(3) |
亚纲 |
subclass |
subclassis |
ئۆترەت |
جەمەت |
目 |
Order |
Ordo |
كەنجە ئۆترەت، سۇب ئۆترەت |
شاخمەت (4) |
亚目 |
suborder |
subordo |
ئائىلە |
ئائىلە |
科 |
Family |
Familia |
كەنجە ئائىلە |
شاخئىلە (5) |
亚科 |
subfamily |
subfamilia |
تەبە |
族 |
tribe |
tribus |
|
شاختەبە |
亚族 |
subtribe |
subtribus |
|
ئۇرۇقداش |
رۇق |
属 |
Genus |
Genus |
كەنجە ئۇرۇقداش،سۇب ئۇرۇقداش |
شاخرۇق |
亚属 |
subgenus |
subgenus |
تاقىم |
组 |
section |
sectio |
|
شاختاقىم |
亚组 |
subsection |
subsectio |
|
سەرىس |
系 |
series |
series |
|
شاخسەرىس |
亚系 |
subseries |
subseries |
|
تۈر |
زات |
种 |
Species |
Species |
كىچىك تۈر، سۇب تۈر |
شاخزات |
亚种 |
subspecis |
subspecies |
ئۆزگەرگەن تۈرى |
قايزات |
变种 |
variety |
varietas |
شاخقايزات |
亚变种 |
subvariety |
subvarietas |
|
ئۆزگەرگەن شەكلى، |
قايسىن |
变型 |
form |
forma |
شاخقايسىن |
亚变型 |
subfrom |
subforma |
ئەسكەرتىش: (1) زىمىندىكى بارلىق جانىۋارلاريىغىندىسى، تەبىئەتكە نىسبەتەن «جانىۋارى دۇنيا» ياكى « جانىۋارلار دۇنياسى» دەپ ئاتىلىدۇ. جانىۋارى دۇنيا، يەنە چىياھلار مىقياسى، گىياھلار مىقياسى، ھايۋاناتلار مىقياسى دىگەندەك مىقياسلارغا ئايرىلىدۇ.
(2) شاخ قەبىلە دىگەن دەرىجە نامى، رەھمەتۇللانىڭ قەبىلە نامىنى يېزىش قائىدىسىگە ئاساسەن، تۈپ ئىسىمغا «قەبىلە» دىگەن سۆزدىكى «بىلە» قوشۇمچىسى ئۇلۇنۇپ، ئىخچاملىنىپ «شاخ+بىلە»=«شاخبىلە» قىلىنىپ يېزىلغان.
(3) شاخبىقە ئاتالغۇسى، يوقۇردىكىگە ئوخشاش، شاخ+بىقە=شاخبىقە بولۇپ تۈزۈلگەن.
(4) شاخمەت ئاتالغۇسى، يوقۇرىدا دىيىلگەن قائىدە بويىچە، شاخ+مەت= شاخمەت بولۇپ تۈزۈلگەن.
(5) شاخئىلە ئاتالغۇسى، يوقۇرىدا دىيىلگەن قائىدە بويىچە، شاخ+ئىلە=شاخئىلە بولۇپ تۈزۈلگەن.
(6) تاپالمىغان ئاتالغۇلار جەدىۋەلدە ئاق قالدۇرۇلدى. بېلىدىغانلار بولسا تولدۇرۇپ قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
(7) مۇشۇ «ئاكادېمىيە» تور بېكىتىدە، «گىياھئىلە ناملىرىنى قويۇش ۋە يېزىش قائىدىسى»، «گىياھرۇق ناملىرىنى قويۇش ۋە يېزىش قائىدىسى»، «جانىۋار دىگەن نىمە؟» ناملىق ئەسەرلەر بېرىلگەن، بۇ ئەسەرلەرمۇ، مەزگۇر ئەسەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار. قىزىقسىڭىز بۇ ئەسەرلەرگىمۇ كۆز يۈگۈرتۈپ قويارسىز.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 06-ئاينىڭ 26-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 8,045 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=1445
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
سىزنىڭ ئاكادېمىيە تورىنى زىيارەت قىلغىنىڭىزغا ۋە ئۇنىڭدىكى «گىياھى تاكسون ناملىرى» ناملىق ئەسەرگە ئىجابى باھا بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت. بۇ توغرىدا يەنىمۇ ئەسەرلەر يېزىلىپ قېلىشى مۇمكىن. سىزگە سالامەتلىك ۋە ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن.
When I first saw this title گىياھى تاكسون ناملىرى | ئاكادÛمىيە تور بÛكىتى Academiye.com on google I just whent and bookmark it. Hi there, I found your web site via Google while looking for a related topic, your site came up, it looks great. I have bookmarked it in my google bookmarks.
When I first saw this title گىياھى تاكسون ناملىرى | ئاكادÛمىيە تور بÛكىتى Academiye.com on google I just whent and bookmark it. Simply wanna say that this is very beneficial , Thanks for taking your time to write this.