20دېكابىر
ئادەم ۋە تەپەككۇر
ئادەم ۋە تەپەككۇر
人和思维
ئاپتورى: بوستاني
ئادەم
ئادەم ئوخشاشكى بىر جانىۋار،
پەم- پاراسەت ھەممىسىدە بار،
ئادەمنىڭ جانىۋاردىن پەرقى شۇكى،
ئالەمدىن ھالقىغان تەپەككۇرى بار.
تەپەككۇر
تەپەككۇر، ئىسىم، تەبىرى نىمە؟
«پىكىر يۈرگۈزۈش» دىمەك ئۇيغۇرچە.
تەپەككۇر بىلەن ئادەم ئۇلۇغدۇر،
كىچىك بولسىمۇ، روھى ئالەمچە.
ئادەم ياشىسا يۇز يىل ياشار،
تەپەككۇر قىلمىسا، دەرەختەك ياشار،
تەپەككۇرىنى ئىشقا سالسا، ئۇ،
ئالەم ئايلىنىپ، مىليون يىل ياشار.
زىمىن يارالغان ئۇ، ئالەم ئىچىدە،
ئادەم يارالغان ئۇ، زىمىن ئىچىدە،
تەپەككۇرنىڭ چەكسىز كۈچىدە،
زىمىن ۋە ئالەم، ئادەم ئىچىدە.