28يانۋار
لامىم سۆسۈنى
لامىم سۆسۈنى
Lamium purpureum L.小叶芝麻
ئا.ر.جىمسارى
تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسۈتۈلگەن لەۋىيائىلەنىڭ لامىم رۇقدىكى Lamium purpureum L. دەپ ئاتالغان گىيا زاتىنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى «لامىم سۆسۈنى» دەپ قويدۇم. ئا.ۋ. فىسيۇنوۋ نامىدا نەشىر قىلىنغان « چاۋا گىيالار» (Sorneye Rasteniya) ناملىق ئەسەردە، بۇ گىيا زاتى، ئەۋروپاغا (ياۋروپا) كاۋكاز ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقالغان دىيىلگەن. ئەمما، «جۇڭگودىكى ئەنگىيالار» (中国植物志)، «شىنجاڭدىكى ئەنگىيالار» (新疆植物志)، «شىنجاڭدىكى شىپالىق ئەنگىيالار» (新疆药用植物志) دىگەندەك مەنبەلەردە بۇ گىيا زاتىنىڭ لاتىنچە ياكى خەنزۇچە نامىنى پەقەت ئۇچراتمىدىم. 2006- يىلى نەشىر قىلىنغان «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئۆسۈملۈك لۇغىتى» دىمۇ بۇ گىيا زاتىنىڭ نامى يوق. 2013- يىلى 12-ئايدا جۇڭگودا خەنزۇچە نەشىر قىلىنغان «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى گىيالار بايلىقى ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش» (中亚植物资源及其利用) ناملىق ئەسەردىمۇ بۇ گىيا زاتىنىڭ نامى يوق. 1979-يىلى 12-ئايدا جۇڭگودا نەشىر قىلىنغان، «ئېنگلىشچە، لاتىنچە، خەنزۇچە گىيا ناملىرى» دىگەن ئەسەردە، بۇ گىيا زاتىنىڭ خەنزۇچە نامى «小叶芝麻» دەپ ئاتالغان. دىمەك، لامىم سۆسۈنى دىگەن گىيا زاتى دۇنيادا مەۋجۇد بولسىمۇ، ئېلىمىزدىكى ھەم شىنجاڭدىكى «ئەنگىيالار» (植物志) دا ئەنگە ئالىنمىغان (خاتىرلەنمىگەن). شۇڭا، ئۇنىڭ (لامىم شىپائىنىڭ) جۇڭگو ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدە بار يوقلىقى ئېنىق ئەمەس. شۇڭا، بۇ گىيا زاتىنى شىنجاڭ تەۋەسىدىن ئىزدەپ بېقىش زۆرۆرىيەتى باردەك قىلىدۇ.
لامىم سۆسۈنى تەۋەلىكى ۋە ئۇنىڭ شاخزاتلىرى
ئائىلە نامى: لەۋىيائىلە (Lamiaceae)
شاخئىلە نامى: لەۋىيا شاخئىلە (Lamioideae)
رۇق نامى: لامىم رۇق (Lamium L.)
زات نامى: لامىم سۆسۈنى (Lamium purpureum)
شاخزاتلىرى: مەن مەنبەلەردىن لامىم سۆسۈنىنىڭ 5 شاخزاتى بارلىقىنى ئۇچراتتىم. ئۇلارنىڭ ناملىرى تۆۋەندىكىچە:
لامىم سۆسۈن ئەفرەتى (L.P.var. ehrenbergii)
لامىم سۆسۈن ھىبرى (L.P.var.hybridum)
لامىم سۆسۈن پۇچۇقى (L.P.var.incisum)
لامىم سۆسۈن مالاكى (L.P.var.moluccellifolium)
لامىم سۆسۈن سۆسۈنى (L.P.var.purpureum)
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 28-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 316 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=3913
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!