26يانۋار
لامىم شىپائى
«لامىم شىپائى» دىگەن نىمە؟
ئا.ر. جىمسارى
بايان ئاۋۋال
گىيازات ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئىلمىي، قائىدىلىك، ئىخچام ھەم ئېنىق قىلىپ ئاتاش ۋە يازىش ھەم ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش نۆۋەتتە ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالدى. بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇ مەقسەتتە، «لامىم شىپائى» توغرىسىدا بىلگەنلىرىمنى بايان قىلدىم.
1- لامىم شىپائى دىگەن نام توغرىسىدا
«لامىم شىپائى»، ئۇيغۇرچە گىيا نامى. بۇ نام، ئا.رەھمەتۇللا جىمسارىنىڭ «گىيا زات نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى»[1] گە ئاساسەن، 2012-يىلى يىڭىدىن قويۇلغان بولۇپ، لامىم رۇقتىكى دورىلىق گىيا دىگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىسىمدىكى «لامىم» دىگىنىمىز، لەۋىيائىلەدىكى (كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى) «لامىيۇم» دىگەن گىيا رۇقنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نامى. «شىپائى» دىگىنىمىز، لامىم رۇق ئىچىدىكى شىپالىق ياكى دورىلىق قىممىتى بار گىيا دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۈردىغان سۈپەت نامى.
«لامىم شىپائى» نىڭ لاتىنچە نامى، « .Lamium amplexicaule L» بولۇپ، بۇ نامنى، گىيانامە پېشىۋاسى لىننېي دىگەن ئالىم، 1753-يىلى قويغان ئىكەن. خەنزۇچە ئەنگىيالاردىكى (فلورادىكى) نامى، «宝盖草» بولۇپ، بەزى مەنبەلەردە «接骨草» دەپمۇ ئاتالغان ئىكەن. لامىم شىپائى، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «ياۋا گۈنجۈت»، «ياۋا كۈنجۈت ئوتى»، «باۋ گەي ساۋ» دىگەن ناملاردا ئاتالغان.
2. لامىم شىپائىنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى
مەنبەلەردىن بىلىشىمچە، لامىم شىپائىنىڭ تەۋەلىكى مۇنداق بولىدۇ: لامىم شىپائى، ئىقاي دۇنيا ( ھەقىقى يادروغا ئىگە جانىۋار)، گىيا مىقياس، يېپىقدانبىلە (يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپىنىڭ)، قوشپەلبىقە، لەۋىيامەت، لەۋىيائىلەدىكى لامىم رۇقنىڭ زاتى بولىدۇ.
1-جەدۋەل: لامىم شىپائىنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى
تاكسون دەرىجە نامى |
ئۇيغۇرچە |
لاتىنچە |
خەنزۇچە |
|
دۇنيا |
ئىقاي دۇنيا |
Eukarya |
真核域 |
域 |
مىقياس |
گىيا مىقياس |
Plantae |
植物界 |
界 |
قەبىلە |
يېپىقدانبىلە |
Magnoliophyta |
被子植物门 |
门 |
تەبىقە |
قوشپەلبىقە |
Magnoliopsida |
双子叶植物纲 |
纲 |
جەمەت |
لەۋىيامەت |
Lamiales |
唇形目 |
目 |
ئائىلە |
لەۋىيائىلە |
Lamiaceae |
唇形科 |
科 |
رۇق |
لامىم رۇق |
Lamium |
野芝麻属 |
属 |
زات |
لامىم شىپائى |
Lamium amplexicaule L. |
宝盖草 |
种 |
رۇق نامى: لامىم رۇق، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «ياۋا گۈنجۈت ئۇرۇقدىشى» دەپ ئاتالغان.
ئائىلە نامى: لەۋىيائىلە، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە،«كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى» دەپ ئاتالغان.
3. لامىم شىپائى خاتىرلەنگەن مەنبەلەر
«لامىم شىپائى»، شىپالىق (دورىلىق) خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، ئىبىن سىنانىڭ «تىب قانۇنلارى» ناملىق كىتاۋىدا تىلغا ئالىنمىغان. ئابلىكىم نۇر مۇھەممەت ھاجى بىلەن مۇتەللىپ ئەلى ھاجى ئەمچى بىرلىشىپ نەشىر قىلغان «ئۇيغۇر تىبابىتىدە كۆپ ئىشلىتىدىغان ئۆسۈملۈك دورىلار» ناملىق كىتاپتىمۇ تىلغا ئالىنمىغان. دىمەك، يوقۇرىدا دىيىلگەن ئۇيغۇر تىبابىتىگە ئائىت ئىككى كىتاپتا، «لامىم شىپائى» دىگەن دورىلىق گىيا خاتىرلەنمىگەن.
شىنجاڭ ئۆنىۋېرسىتېتدىكى مىجىت خۇدابەردى ئەپەندى مەسئوللىقىدا نەشىر قىلىنغان «شىنجاڭ ئەنگىيالىرى» (شىنجاڭ فلوراسى) 4-تومنىڭ 546-بىتىدە، «لامىم شىپائى»نى، «ياۋا گۈنجۈت» دىگەن نامدا ئاتىغان.
ئالاۋىدىن ئابدۇرېھىم ئەپەندى تۈزىگەن،«خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئۆسۈملۈك لۇغىتى»نىڭ 31- بېتىدە، «لامىم شىپائى» نى، «ياۋا كۈنجۈت ئوتى» دىگەن نامدا ئاتىغان.
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى جانىۋار، تۇپراق، قۇملۇق تەتقىقات ئورنى خەنزۇچە نەشىر قىلغان «新疆药用植物志» (شىنجاڭدىكى دورىلىق ئەنگىيالار) 3-تومىنىڭ 140-بېتىدە، «لامىم شىپائى» دىگەن ئۇيغۇرچە نامىنى، «باۋ گەي ساۋ» دىگەن نامدا ئاتىغان.
بايان ئاخىر
يوقۇرىدا بېرىلگەن مەلۇماتلارنى يىغىنچاقلىغاندا، « .Lamium amplexicaule L» «宝盖草» دىگەن گىيا زاتى، ئۇيغۇرچە «لامىم شىپائى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ نامنى، ئا. رەھمەتۇللا جىمسارى 2012-يىلى قويغان. بۇنىڭ «ياۋا گۈنجۈت» دەپ ئاتالغان نامىنى، مىجىت خۇدابەردى 2004-يىلى قويغان. «ياۋا گۈنجۈت ئوتى» دىگەن نامىنى ئالاۋىدىن ئابدۇرېھىم 2006 يىلى قويغان. ئەندى، «باۋ گەي ساۋ» دىگەن ئۇيغۇرچە نامى، 1984-يىلى قويۇلغان. ئەمما، بۇ نام ، كىم ياكى كىملەر تەرىپىدىن قويۇلغانلىقى ماڭا مەلۇم ئەمەس. مىنىڭ چۈشەنچەمچە، لامىم شىپائى، گۈنجۈت رۇقتىكى گىيا ئەمەس، گۈنجۈت بىلەن ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋەتى يوق. لامىم شىپائى، گۈنجۈتنىڭ ياۋائسىمۇ ئەمەس. شۇڭا، لامىم شىپائىنى، ياۋا گۈنجۈت ياكى ياۋا گۈنجۈت ئوتى دىگەن ناملاردا ئاتاش توغرا ئەمەس. ئۇيغۇرچە «ياۋا گۈنجۈت، ياۋا گۈنجۈت ئوتى» دىگەن ئىككى نام، خەنزۇچە نامىنى تەرجىمە قىلىشتىن تۈزۈلگەندەك قىلىدۇ. يوقۇرىدا دىگەنلىرىم بىر ئىزدىنىش جەريانىدىن قىسقىچە بايان. ئەگەر سىز، «لامىم شىپائى» دىگەن نامنى مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز، ئەسەرلىرىڭىزدە قوللانسىڭىز، تەشۋىق قىلسىڭىز بولىدۇ. مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىسىڭىز، نىمە ئۈچۈن مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ماڭا ئەسكەرتسىڭىز بولىدۇ، قارىشى ئالىمەن.
مەنبە ئەسەرلەر
[1] ئا. رەھمەتۇللا، گىيازات نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى، ئاكادېمىيە تورى، 2012-يىل،17-چىللە (7-ئاي ياكى ئىيۇل) نەشىرى.
[2] ئا.رەھمەتۇللا، شىنجاڭدىكى گىيارۇقلار(3)، ئاكادېمىيە تورى، 2012-يىل، 17-ئوغۇز ( 10-ئاي ياكى ئۆكتەبىر) نەشىرى.
[3] 米吉提。胡达拜尔地、潘晓玲主编,新疆植物志(4),新疆科学技术出版社出版,2004 年。
[4] ئالاۋىدىن ئابدۇرېھىم، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئۆسۈملۈك لۇغىتى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2006 -يىلى نەشىر قىلغان.
[5] 中国科学院新疆生物土壤沙漠研究所编,新疆药用植物志,新疆人民出版社出版,1984年
[6] A.B.Ficyunov, sorneye racteniya, Moscva. colos.1984
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 26-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 286 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=3898
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!