پىپەرمەت ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-رۇقلارى
پىپەرمەت ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-رۇقلارى
胡椒目及其科属分类
جىمسارى
- 1. پىپەرمەت ۋە ئۇنىڭ نەسەبى
پىپەرمەت (Piperales胡椒目)، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، پىپەر جەمەت دىگەننى بىلدىرەدى. پىپەرمەت، قاپلىقدان گىياھلارنىڭ مەگنولگىياھلار تارماقىدىكى 4 جەمەتنىڭ بىرى. پىپەرمەت گىياھلارى ئوتغول ھەم ياغاچغول بولۇدۇ. بىز ئادەتتە «قارامۇچ، ئاقمۇچ» دەپ ئاتايدىغان ئاھچىق تاماق خۇرۇچى، مانا مۇشۇ پىپەرمەت گىياھلىرىدىن چىقىدۇ. پىپەرمەتنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى تۆۋەندىكىچە:
تاكسون نامى | ئۇيغۇرچە نامى | لاتىنچە نامى | خەنزۇچە نامى |
دۇنيا() | |||
مىقياس(界) | گىياھمىقياس | Plantae | 植物界 |
دەرىجە ئايرىمىغان | قاپلىقدانلار | angiosperm | 被子植物 |
تارماق() | مەگنولگىياھلار تارماقى | magnoliids | 木兰类植物 |
جەمەت(目) | پىپەرمەت | Piperales | 胡椒目 |
- 2. پىپەرمەتتىكى ئائىلەلەر
2009-يىلى، « APG سىستېم»نىڭ 3-نەشىرىدە، پىپەرمەتنى 5 ئائىلەگە ئايرىغان. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
2،1. ئارىسئىلە (马兜铃科 Aristolochiaceae)
2.2. ھىنورئىلە (菌花科 Hydnoraceae)
2.3. لەكتەرئىلە (短蕊花科 Lactoridaceae)
2.4. پىپەرئىلە (胡椒科 Piperaceae)
2.5. سۇرەئىلە (三白草科 Saururaceae)
- 3. ئارىسئىلە ۋە ئۇنىڭ رۇقلارى
ئارىسئىلە (马兜铃科 Aristolochiaceae)، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، ئارىس ئائىلەسى دىگەننى بىلدىرەدى. ئارىسئىلە، پىپەرمەتتىكى 5 ئائىلەنىڭ بىرى. ئارىسئىلە گىياھلارىنىڭ كۆپۈنچەسى كۆپ يىللىق بولۇپ، ئوتغول، چاتقال ھەم فۇجىمۇت شەكلىدە ئۈسەدى. ئارىسئىلەدە، 2 شاخئىلە، 8رۇق، 400 ئەتراپىدا زاتى بار ئىكەن. ئارىسئىلەدىكى بىر قىسىم رۇقلار تۆۋەندىكىچە:
ئەسرۇم شاخئىلە (Asaroideae细辛亚科)
ئەپمارۇق (阿柏麻属Apama)
ئەسرۇمرۇق (细辛属Asarum)
ئۇلفەرۇق (Euglypha)
ھولوسرۇق (Holostylis)
سارۇمرۇق (马蹄香属Saruma)
توتەرۇق (线果兜铃属Thottea Rottb.)
ئارىس شاخئىلە (马兜铃亚科Aristolochioideae)
ئارىسرۇق (马兜铃属Aristolochia)
- 4. ھىنورئىلە ۋە ئۇنىڭ رۇقلىرى
ھىنورئىلە (菌花科 Hydnoraceae)، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، ھىنور ئائىلەسى دىگەننى بىلدىرەدى. ھىنورئىلە، پىپەرمەتتىكى 5 ئائىلەنىڭ بىرى. ھىنورئىلە گىياھلارىنىڭ ھەممەسى تەييارتاپ گىياھلاردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەرگى بولمايدۇ. بۇلار، جەنۇبى ئەمېرىكا، ئافرىقا، مەدەغەسكەرئاراللىرى قاتارلىق تۇمۇز بەلۋاق ھەم ئىسسىق بەلۋاق رايونلىرىغا تارقالغان. ھىنورئىلەنىڭ، 2 رۇقى، 18 زاتى بار ئىكەن. ھىنورئىلەدىكى بىر قىسىم رۇقلار تۆۋەندىكىچە:
4.1. ھىنوررۇق (Hydnora)
4.2. پوسپانرۇق (Prosopanche)
- 5. لەكتەرئىلە ۋە ئۇنىڭ رۇقلىرى
لەكتەرئىلە (短蕊花科 Lactoridaceae)، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، لەكتەر ئائىلەسى دىگەننى بىلدىرەدى. لەكتەرئىلە، پىپەرمەتتىكى 5 ئائىلەنىڭ بىرى. لەكتەرئىلە گىياھلارى پەقەتلا چىلى رېسپوبلىكاسىنىڭ شەرقى دىڭىز ئاراللىرىدا ياشايدىغان خاسۋار گىياھلاردىن بولۇپ، خۇشپۇراق ھىدلىق چاتقاللاردىن ئىبارەت. لەكتەرئىلەنىڭ، لەكتەررۇق (短蕊花属Lactoris) ناملىق بىرلا رۇقى، لەكتەر فىرنەنى (短蕊花Lactoris fernandeziana) ناملىق بىرلا زاتى بار ئىكەن.
- 6. پىپەرئىلە ۋە ئۇنىڭ رۇقلىرى
پىپەرئىلە (胡椒科 Piperaceae)، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، پىپەر ئائىلەسى دىگەننى بىلدىرەدى. پىپەرئىلە، پىپەرمەتتىكى 5 ئائىلەنىڭ بىرى. پىپەرئىلە گىياھلارى ئوتغول ھەم چاتقال، ئاز بىر قىسمى دەرەخ بولۇپ، بۇلاردىن خۇشھىد چىقىدۇ. پىپەرئىلە گىيالىرى، تۇمۇز بەلۋاق ھەم ئىسسىق بەلۋاق رايونلىرىغا تارقالغان. پىپەرئىلەنىڭ، 8-9 رۇقى، 3600 زاتى بار ئىكەن. بىز ئادەتتە يىمەكلىكتە ئىشلىتىدىغان «قارامۇچ، ئاقمۇچ » دىگەنلەر، مۇشۇ پىپەرئىلە زاتلىرىدىن چىقىدۇ. پىپەرئىلەدىكى بىر قىسىم رۇقلار تۆۋەندىكىچە:
ۋىھىل شاخئىلە (Verhuellioideae 亚科)
6.1. ۋىھىلرۇق (Verhuellia) ( 3 زاتى بار)
زىپىل شاخئىلە (Zippelioideae 亚科)
6.2. بۇلۇمرۇق (齐头绒属 Blume) (1 زاتى بار)
6.3. مەنىكرۇق (Manekia) (6 زاتى بار)
پىپەر شاخئىلە (Piperoideae 亚科)
6.4. پىپەررۇق (胡椒属 (Piper)) (تەخمىنەن 2000 زاتى بار ئىكەن.)
6.5. پىپەمرۇق (草胡椒属 (Peperomia)) (تەخمىنەن 1500 زاتى بار ئىكەن.)
- 7. سۇرەئىلە ۋە ئۇنىڭ رۇقلىرى
سۇرەئىلە (三白草科 Saururaceae)، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، سۇرەئىلەسى دىگەننى بىلدىرەدى. سۇرەئىلە، پىپەرمەتتىكى 5 ئائىلەنىڭ بىرى. سۇرەئىلە گىياھلارى ئىگىزلىكى 15~60 سانتىمېتىرغىچە بولغان كۆپ يىللىق ئوتغول گىىياھلاردىن بولۇپ، بۇلاردىن خۇشھىد چىقىدۇ. سۇرەئىلە گىياھلارى، شەرقى ئاسىيا، شىمالى ئەمېرىكا قاتارلىق جايلاردىن بايقالغان. سۇرەئىلەنىڭ 4 رۇقى، 6 زاتى بار ئىكەن. سۇرەئىلەدىكى بىر قىسىم رۇقلار تۆۋەندىكىچە:
7.1. ئەنەمرۇق (假银莲花属 Anemopsis)
7.2. گىمنوترۇق (裸蒴属 Gymnotheca)
7.3. ھۇتۇيرۇق (蕺菜属 Houttuynia)
7.4. سۇرەرۇق (三白草属 Saururus)
مەزگۇر ئەسەردىكى گىياھلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى ئارجىم دىگەن كىشى قويغان.
مەنبەلەر
[1] «مەگنولگىياھلار»، ۋېبسىت ئاكادېمىيە، 2015-يىل، 2-ھۇد نەشىرى.
[2] «马兜铃科»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىيە، 2014-يىل، 16-مىزان نەشىرى.
[3] «菌花科»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىيە، 2014-يىل، 16-مىزان نەشىرى.
[4] «短蕊花科»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىيە، 2015-يىل، 4-قىش نەشىرى.
[5] «胡椒科»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىيە، 2014-يىل، 5-نۇرۇز نەشىرى.
[6] «三白草科»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىيە، 2014-يىل، 10-ھۇد نەشىرى.
[7] « گىياھى تاكسون ناملارى »، ۋېبسىت ئاكادېمىيە،2012يىل، 22-سەپەر نەشىرى.
[8] « گىياھئىلە نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى »، ۋېبسىت ئاكادېمىيە،2012-يىل، 10-باھار نەشىرى.
[9] « گىياھرۇق نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى »، ۋېبسىت ئاكادېمىيە، 2012-يىل، 19-سەپەر نەشىرى.
يازما ئاپتورى: جىمسارى
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 02-ئاينىڭ 12-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 60 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5721
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!