باش بەت > ئۇنىۋېرسال > پەسىلدىن ئۆرنەك
21يانۋار

پەسىلدىن ئۆرنەك

پەسىللەردىن ئۆرنەك

四季的典范

ئاپتورى: بوستاني 

قىشلاقلارغا،ماكانلاشتى،چوپان ھايداپ، قوي پادا.

قۇشلار،قاتار ئۇچۇشتى،جەنۇپقا،ئاسماننى بىزەپ.

شۇ تاپتا بوپ كەتتى ئاسمان-زىمىن شۇنداق ئالدىراش،

قىشنىڭ غېمىدا،قالدى يىڭناغۇچ ئۆي يوق تەمتىرەپ.

 

كۈندىن پۈتەر مەۋسۈم،مەۋسۈمدىن پۈتەر ئايلار،

ئايلاردىن پۈتەر يىللار، يىللاردىن پۈتەر ئەسىرلەر.

شانلىق ئەسەرلەرنى ياراتتى ئەسىرلەپ ئىنسانلار.

«يىللارغا جاۋاپ»بەرمەكتە تىرىشچان ئوغلانلار.

 

تۆت پەسىل ياسىدى گۈزەل رەڭدار مەنزىرلەر

تالاشماستىن تۆرىنى ئۇلار شۇنچە ئەسىرلەر.

بەزىلەرماختىدى ياز بىلەن كۈز پەسلىنى

بولمىسىكەن زادىلا قاغىدى قىش پەسلىنى.

 

تۆت پەسىلنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقى بار،

ھەر قايسىنىڭ ئۆزىگە خاس رولى بار.

تۆت پەسىل زىت ئەمەس بىر-بىرىگە،

رەڭدار مۇھىت يارىشىدۇ ھەممىمىزگە.

 

تۆت پەسىل بىر-بىرىنى شەرت قىلغاچ،

ئۈتەر تەبىئەتنىڭ رەڭگى دائىم بۇزۇلماي.

شۇڭا ئەجداتلار دىدى:

«ئىككى ياخشى ئوتتۇرسىدا قىل ئۈزۈلمەس»،

«تۆمۈر زەنجىرنى ئۈزگەن ئىككى بىلمەس».

تۆت پەسىلدە ئاڭ بارمۇ؟ بۇنى بىلمەيمەن،

ئىنسان تاپقان ئەقلىنى پەسىلدىن دەپ قارايمەن.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 21-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 619 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=424
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز