20فېۋرال
ئاشىقتاشلار ۋە ئاشىقلار
ئاشىقتاشلار ۋە ئاشىقلار
宝石矿物(石)及宝石
ئا.ر.جىمسارى
بايان ئاۋۋال
ئۇيغۇرلاردا قەدىمدىن تارتىپ مىنىرال تاشلاردىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئىسىل تاشلارنى زىننەت بۇيۇمى قىلىدىغان ئادەت بار. شۇڭا، بۇلارغا ھەر خىل ئىسىملارنى قويۇپ پەرقلەندۈرگەن. مەسىلەن: ئالماس، ياقۇت، ھېقىق دىگەندەك. ئەمما، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىغاندا، ئۇيغۇرچە قانداق ئاتالغانلىقىنى مەن ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىن تېخى ئۇچراتمىدىم. مىنىڭچە، بۇلارغا بىر نام كېرەك. شۇڭا، بارلىق ئېسىل تاشلارنىڭ تەبىئىي مىنىرال ھالەتتىكىسىگە ئاشىقتاشلار، ئۇلاردىن نەپىس پىششىقلاپ چىققان تاش مەھسۇلاتىغا، ئاشىقلار دىگەن نامنى قويدۇم. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، ئۆز چۈشەنچەلىرىمنى، تۈرلەرىنى ۋە مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئاتالغۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.
1. ئاشىقتاش دىگەن نىمە؟
مەن كىچىك چاغلىرىمدا، ئاپامنىڭ قىزىل رەڭلىك ياقۇت ئورنۇتۇلغان چاشتەڭگەسى، زۈمرەت ياقۇت ئۈزۈكى، ئاتامنىڭ يىشىل رەڭلىك قۇرۇمى (قۇرۇمتاش ياكى قاشتاش) بار ئىدى. ئاتام-ئاپام بۇلارنى بەزىدە ئاشىقتاشلار، بەزىدە ئاشىقلار دەپ ئاتايتتى. دىمەك مىنىڭ بالىلىق ۋاقتىمدا سىڭگەن چۈشەنچىلەرنىڭ بىرى، ئاشىق ياكى ئاشىقتاش دىگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى، ياقۇت، قۇرۇمتاش (قاشتاش) دىگەندەك گۆھەر تاشلاردىن ئىبارەت ئىكەن. شۇڭا مەنمۇ، مىنىرال گۆھەرتاشقا ئاشىقتاش دىگەن ئومۇمى نامنى قويدۇم. ئاشىقتاش دىگەن ئۇيغۇرچە سۆزنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلساق، 宝石矿石 بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ مەن، ئېسىل ياكى مىنىرال گۆھەر تاشلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئومۇمى نامىنى ئاشىقتاش دەپ تۈنجى قويغۇچى بولۇپ قالدىم.
2. ئاشىق دىگەن نىمە؟
ئاشىقتاشتىن (گۆھەر مىنىرال تاشتىن) پىششىقلاپ ئىشلەپچىققان نەپىس تاش مەھسۇلاتىغا ئاشىق دىگەن ئومۇمى نامنى قويدۇم. ئاشىق دەپ ئاتالغانىغا كەلسەك، بۇ ئاشىقلارنى (بۇ پىششىقلانغان ئېسىل گۆھەرتاشلارنى ياكى تاش مەھسۇلاتلىرىنى) كۆرگەن كىشى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، ئاشىق بولۇدۇ دىگەننى بىلدۈرىدۇ. بىز بۇلارنىڭ ئومۇمى نامىنى، ياقۇتلار، گۆھەرلەر ياكى جاۋاھىراتلار دەپ كۆپخىل ئاتىغاندەك قىلىمىز.
3. قانداق تاشلار ئاشىقتاش دەپ ئاتىلىدۇ؟
مەنبەلەرگە قارىغاندا، كىشىلەر دۇنيادا بايقىغان 3000 خىلچە مىنىرال تاش زاتىنىڭ ئىچىدە، تەخمىنەن 230 خىلچەسى ئاشىقتاش بولىدىكەن. ئادەتتە كۆپرەك پايدىلىنىۋاتقان ئاشىقتاشلار 30 خىلدىن ئاشمايدىكەن. دىمەك مىنىڭچە بولغاندا، قىرىپ، ئويۇپ، سىلىقلاپ ئىشلىگىلى بولىدىغان، رەڭگى چىرايلىق، سۈزۈك، سالمىقى ئېغىر ھەم سۈپىتى قاتتىق، ھاۋادا ۋە خىمىيەلىك دورىلار تەسىرىدە ئاسان سۈپىتى ئۆزگەرمەيدىغان ئېسىل ياكى قىممەتلىك مىنىرال كان تاشلىرى ئومۇمەن ئاشىقتاش تەۋەسىگە كىرىدۇ. تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا، ئالماستاش، ياقۇتتاش، سارشىلتاش، زۇلقەرتاش، بىرىلتاش، بىرىمتاش، قۇرۇمتاش دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئاشىقتاش دەپ ئاتىلىدۇ. مىنىڭ كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىمگە ئاساسەن پەرەز قىلىشىمچە، چەتئەللەر نەزەرىدىكى داڭلىق ئاشىقتاش 5 خىلغا يىتىشى مۇمكىن. ئۇلار تۆۋەندىكلەردىن ئىبارەت: ئالماستاش (金刚石)، ياقۇتتاش (刚玉)، زۇلقەرتاش (金绿玉石)، زۇمرەتتاش (绿柱石) ۋە كۆزەكتاش (虎眼石). جۇڭگولۇقلار نەزەرىدىكى ئاشىقتاشلار 7 خىلغا يىتىشى مۇمكىن. بۇلار، ئالماستاش (金刚石)، ياقۇتتاش (刚玉)، زۇلقەرتاش (金绿玉石)، زۇمرەتتاش (绿柱石)، كۆزەكتاش (虎眼石)، بىرىمتاش (翡翠玉石) (بىرمىدىن چىقىدىغان يېشىل رەڭلىك، سۈپىتى قاتتىق قۇرۇمتاش ياكى قاشتاش)، قۇرۇمتاش (昆仑玉石) دىن ئىبارەت.
4. قانداق مەھسۇلاتلار ئاشىق دەپ ئاتىلىدۇ؟
مىنىڭچە بولغاندا، ئالتۇن، كۈمۈشتىن باشقا، ئالماس (钻石)، قىزىل ياقۇت (红宝石)، كۆك ياقۇت(蓝宝石)، زۈمرەت (祖母绿)، زۇلقەر (金绿玉)، ھېقىق (玛瑙)، پىلچىش (象牙)، مەرۋايىت (珍珠)، سۆسۈنال (紫水晶)، قۇرۇم (昆仑玉,和田玉)، بىرىم (缅甸玉,翡翠) قاتارلىقلار، ئاشىقلار ياكى ئاشىق مەھسۇلاتىغا كىرىدۇ.
بايان ئاخىر
يوقۇرىدا، ئاشىقتاشلار ۋە ئاشىقلار توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۇلار پەقەت كەسىپ سىرتىدىكى ھەۋەسكارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاممىباپ چۈشەنچىسىدىن ئىبارەت. شۇڭا، ئەلۋەتتە، بۇ ئەسەردە چۈشۈپ قالغان نۇرغۇن تەرەپلىرى ئۆزەمگە ئايان. ئەمما بۇ مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى، چۈشەنچەلىرىمنىڭ ناتوغرا ھەتتا خاتا بولۇپ قالغان جايلىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇرادەرلەرنىڭ تۈزۈتۈپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 02-ئاينىڭ 20-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 356 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4155
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!