18ئىيۇل
بۆرە زاتلارى
بۆرە زاتلارى
جىمسارى
بايان ئاۋۋال
«بورە»، ھەممەيلەنگە تۇنۇشلۇق بولغان گۆشخور ھايۋان. بەزىلەر بۇنى، «بۆرى، قاشقىر، قاسقىر » دەپمۇ ئاتايدۇ. بىزنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزدە، بىزنىڭ ئەجداتلارىمىزنىڭ بۆرەنى تۇتىم قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۆرە گەرچە بىزگە تۇنۇشلۇق بولسىمۇ، ئۇنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى ۋە زاتلارى تۇنۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىلمىي ئەسەرنى مەن تېخى كۆرۈپ باقمادىم. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن مەزگۇر ئەسەردە، بۆرەنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى، ئۇنىڭ 8 زاتى، 63 شاخزاتى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى كۆرسەتىلدى.
1. « بۆرەرۇق» نىڭ نەسەپ تەۋەلىكى
«بۆرە» دىگەن سۆز ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، «يىرتقۇچمەت» (يىرتقۇچلار جەمەتى食肉目) دىكى «بۆرەئىلە» (بۆرە ئائىلەسى犬科) نىڭ نامىنى، بۆرەئىلەدىكى «بۆرەرۇق 犬属»نىڭ نامىنى ھەم بۆرەرۇقتىكى بارلىق زاتلارنىڭ ئومۇمى نامىنى بىلدىرەدى. بۆرەرۇق دىگەن ئىسىم، لاتىنچەدە، Canis دەپ ئاتالادى. بۇ نامنى، لىننىي دىگەن ئالىم، 1758-يىلى قويغان ئىكەن. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، بۆرەئىلە دىگەن سۆز، ئىت ئائىلىسى دەپ ئاتالغان. بۆرەرۇق دىگەن سۆز، ئىت ئۇرۇقدىشى دەپ ئاتالغان. بۇنداق ئاتاش، مىنىڭچە مۇۋاپىق ئەمەس. ئىت بۆرەدىن كۆندۈرۈپ ئۆزلەشتۈرۈلگەن ھايۋان. ئىت، بۆرەنىڭ ئەجداتى ئەمەس بەلكى بۆرە ئىتنىڭ ئەجداتى بولادى. دىمەك، بۆرە دىگەندە، ئىتنى ھەم ئۆز ئىچىگە ئالادى. ئىت دىگەندە، بۆرەنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدى. شۇڭا، بۆرەئىلە، بۆرەرۇق دەپ ئاتالغانى توغرا بولىدۇ. مەنبەلەردىن جەمتەر قىلىشىمچە، بۆرەرۇقنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى، 1-جەدۋەلدە كۆرسەتىلگەندەك بولادىكەن.
1-جەدۋەل: بۆرەرۇقنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى
دەرىجە نامى |
ئا.رەھمەتۇللا قويغان ئۇيغۇرچە نامى |
لاتىنچە نامى |
خەنزۇچە نامى |
ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى |
مىقياس (界) |
ھايۋانات مىقياس |
Animalia |
动物界 |
|
قەبىلە (门) |
تارچابىلە |
Chordata |
脊索动物门 |
|
تەبىقە (纲) |
ھايۋانبىقە |
Mammalia |
哺乳纲 |
|
جەمەت (目) |
يىرتقۇچمەت |
Carnivora |
食肉目 |
|
ئائىلە (科) |
بۆرەئىلە |
Canidae |
犬科 |
ئىت ئائىلىسى |
شاخئىلە (亚科) |
بۆرە شاخئىلە |
Caninae |
犬亚科 |
|
تەبە (族) |
بۆرەتەبە |
Canini |
犬族 |
|
رۇق (属) |
بۆرەرۇق |
Canis |
犬属 |
ئىت ئۇرۇقدىشى |
2. بۆرە رۇقتىكى زاتلار
بۆرەرۇقتىكى زاتلار يەنە بۆرە زاتلارى ياكى بۆرەلەر دەپمۇ ئاتالادى. مەنبەلەرگە قاراغاندا، بۆرەرۇقنىڭ 7 زاتى بار، 10 زاتى بار ياكى 9 زاتى بار دىيىلگەن. ئەمما مىنىڭ جەمتەر قىلىشىمچە، بۆرە رۇقنىڭ 8 زاتى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ناملارى، 2-جەدۋەلدە كۆرسەتىلدى.
2-جەدۋەل: بۆرە رۇقتىكى زاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى
ئا.رەھمەتۇللا قويغان ئۇيغۇرچە نامى |
لاتىنچە نامى |
خەنزۇچە نامى |
ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى |
بۆرە كۆكى |
Canis lupus |
狼 |
بۆرە |
بۆرە قارقىلى |
C. adustus |
侧纹胡狼(条纹豺) |
|
بۆرە سارقىلى |
C. aureus |
亚洲胡狼(金豺) |
|
بۆرە لارانى |
C. latrans |
郊狼 |
چىلبۆرە، لاترانس بۆرىسى |
بۆرە لىكانى |
C. lycaon |
东加拿大狼 |
|
بۆرە مەسمەلى |
C. mesomelas |
黑背胡狼(黑背豺) |
|
بۆرە قىزغۇچى |
C. rufus |
红狼 |
|
بۆرە سىمەنى |
C. simensis |
埃塞俄比亚狼(西门豺) |
|
3. بۆرەلەرنىڭ شاخزاتلارى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى
مەنبەلەردىن جەمتەر قىلىشىمغا قارىغاندا، 8 بۆرە زاتىنىڭ 63 شاخزاتى بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە، بۆرەقارقىل زاتىنىڭ 6 شاخزاتى، بۆرەسارقىل زاتىنىڭ 12 شاخزاتى، بۆرە لاران زاتىنىڭ 21 شاخزاتى، بۆرەكۆك زاتىنىڭ 17 شاخزاتى، بۆرە قىزغۇچ زاتىنىڭ 3 شاخزاتى، بۆرە مەسمەل زاتىنىڭ 2 شاخزاتى، بۆرەسىمەن زاتىنىڭ 2 شاخزاتى بار ئىكەن. بۆرە ھىندى زاتىنىڭ شاخزاتى يوق ئىكەن. 3-جەدۋەلگە قاراڭ.
3-جەدۋەل: بۆرەلەرنىڭ شاخزاتلارى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى
ئا.رەھمەتۇللا قويغان ئۇيغۇرچە نامى |
لاتىنچە نامى |
خەنزۇچە نامى |
ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى |
بۆرە قارقىلى |
(Canis adustus) |
侧纹胡狼 |
|
بۆرە قارقىل |
Canis adustus adustus |
|
|
بۆرە قارقىل بىۋەھى |
Canis adustus bweha |
|
|
بۆرە قارقىل گرايى |
Canis adustus gray |
|
|
بۆرە قارقىل قافىنى |
Canis adustus kaffensis |
|
|
بۆرە قارقىل لارالى |
Canis adustus lateralis |
|
|
بۆرە قارقىل نوتائى |
Canis adustus notatus |
|
|
بۆرە سارقىىلى |
(Canis aureus) |
亚洲胡狼 |
|
بۆرە سارقىل ئالجىرى |
Canis aureus algirensis |
|
|
بۆرە سارقىل ئانۇسى |
Canis aureus anthus |
|
|
بۆرە سارقىل سارغىلى |
Canis aureus aureus |
|
|
بۆرە سارقىل بىيائى |
Canis aureus bea |
|
|
بۆرە سارقىل كۇسەمى |
Canis aureus cruesemanni |
|
|
بۆرە سارقىل ھىندى |
Canis aureus indicus |
|
|
بۆرە سارقىل كۆكى |
Canis aureus lupaster |
|
|
بۆرە سارقىل موروتى |
Canis aureus moreotica |
|
|
بۆرە سارقىل نارىيائى |
Canis aureus naria |
|
|
بۆرە سارقىل رىپەرى |
Canis aureus riparius |
|
|
بۆرە سارقىل سۇدانى |
Canis aureus soudanicus |
|
|
بۆرە سارقىل شامى |
Canis aureus syriacus |
|
|
بۆرە لارانى |
(Canis latrans) |
郊狼 |
|
بۆرە لاران كاغاتى |
Canis latrans cagottis |
|
|
بۆرە لاران كلەپى |
Canis latrans clepticus |
|
|
بۆرە لاران دىكەيى |
Canis latrans dickeyi |
|
|
بۆرە لاران فۇسروئى |
Canis latrans frustror |
|
|
بۆرە لاران غولمانى |
Canis latrans goldmani |
|
|
بۆرە لاران ھوندۇرى |
Canis latrans hondurensis |
|
|
بۆرە لاران ئىمپەۋى |
Canis latrans impavidus |
|
|
بۆرە لاران ئىنكولى |
Canis latrans incolatus |
|
|
بۆرە لاران جامى |
Canis latrans jamesi |
|
|
بۆرە لاران لارانى |
Canis latrans latrans |
|
|
بۆرە لاران مىيارى |
Canis latrans mearnsi |
|
|
بۆرە لاران مىكرونى |
Canis latrans microdon |
|
|
بۆرە لاران ئوقروپى |
Canis latrans ochropus |
|
|
بۆرە لاران ئارالى |
Canis latrans peninsulae |
|
|
بۆرە لاران تەشەنى |
Canis latrans texensis |
|
|
بۆرە لاران تاموسى |
Canis latrans thamnos |
|
|
بۆرە لاران ئۇپقانى |
Canis latrans umpquensis |
|
|
بۆرە لاران ۋىگىلى |
Canis latrans vigilis |
|
|
بۆرە لاران كولائى |
Canis latrans colatus |
|
|
بۆرە لاران خارىسى |
Canis latrans harriscrooki |
|
|
بۆرە لاران ئىۋىنگونى |
Canis latrans irvingtonensis |
|
|
بۆرە كۆكى |
(Canis lupus) |
狼 |
|
بۆرە كۆك بوزى |
Canis lupus albus |
苔原狼 |
|
بۆرە كۆك ئەرەبى |
Canis lupus arabs |
阿拉伯狼 |
|
بۆرە كۆك ئاركتى |
Canis lupus arctos |
北极狼 |
|
بۆرە كۆك بەيلەيى |
Canis lupus baileyi |
墨西哥狼 |
|
بۆرە كۆك كومۇنى |
Canis lupus communis |
俄罗斯狼 |
|
بۆرە كۆك كۇبانى |
Canis lupus cubanensis |
里海狼 |
|
بۆرە كۆك دىنوئى |
Canis lupus dingo |
澳洲野犬 |
|
بۆرە كۆك ئىتى |
Canis lupus familiaris |
家犬 |
|
بۆرە كۆك خاتايى |
Canis lupus hattai |
北海道狼 |
|
بۆرە كۆك خودوفى |
Canis lupus hodophilax |
日本狼 |
|
بۆرە كۆك ئىتالىي |
Canis lupus italicus |
意大利狼 |
|
بۆرە كۆك كۆكۈشى |
Canis lupus lupaster |
埃及狼 |
|
بۆرە كۆك كۆى |
Canis lupus lupus |
欧亚狼 |
|
بۆرە كۆك لىكانى |
Canis lupus lycaon |
东部森林狼 |
|
بۆرە كۆك نۇبىلى |
Canis lupus nubilus |
大平原狼 |
|
بۆرە كۆك ئوسىدېنى |
Canis lupus occidentalis |
马更歇狼 |
|
بۆرە كۆك پاللىپى |
Canis lupus pallipes |
伊朗狼 |
|
بۆرە مەسمەلى |
(Canis mesomelas) |
黑背胡狼 |
|
بۆرە مەسمەل مەسمەلى |
Canis mesomelas mesomelas |
|
|
بۆرە مەسمەل شىمىدى |
Canis mesomelas schmidti |
|
|
بۆرە قىزغۇچى |
(Canis rufus) |
红狼 |
|
بۆرە قىزغۇچ فلورىدائى |
Canis rufus floridanus |
|
|
بۆرە قىزغۇچ گرىگورى |
Canis rufus gregoryi |
|
|
بۆرە قىزغۇچ قىزىلى |
Canis rufus rufus |
|
|
بۆرە سىمەنى |
(Canis simensis) |
埃塞俄比亚狼 |
|
بۆرە سىمەن سىتەرنى |
Canis simensis citernii |
|
|
بۆرە سىمەن سىمەنى |
Canis simensis simensis |
|
|
بۆرە ھىندى |
(Canis indica) |
印度狼 |
|
|
|
|
|
بايان ئاخىر
يوقارىدا، مەنبەلەرگە ئاساسەن بۆرەلەرنىڭ 8 زاتى ۋە 63 شاخزاتىنى كۆرسەتتىم. ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملارىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۆرەلەرنىڭ بۇ ناملارى، ئا.رەھمەتۇللانىڭ «ھايۋانات ناملارىنى ئاتاش ۋە يازىش قائىدەسى»گە ئاساسەن قويۇلدى ھەم يازىلدى. بۇ ناملار، دەسلەپكى قاراشتا تىلىمىزغا قولاشمىغاندەك بىر ئاز غەلىتە بىلىنىدۇ. ئەمما بۇ ناملار، بىر خىل قائىدىگە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، كىشىگە ئېنىق ئۇقۇم بېرىدۇ ھەم ئىخچام ئاتالادى. شۇنداق بولسىمۇ، بۇلار ھەققىدە بۇرادەرلەرنىڭ ئويلىغانلىرى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، بۇرادەرلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ باقىشىنى ئۈمۈد قىلامەن.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 07-ئاينىڭ 18-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 221 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4766
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!