رەيھان
گىياھ، «رەيھان» توغرىسىدا
جىمسارى
«رەيھان» دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە، ئەرەپچە، پارىسچە گىياھ نامىنى بىلدىرەدىغان ئىسىم سۆز بولۇپ، لەۋىيائىلەدىكى رەيھانرۇق زاتلارىنىڭ ئومۇمى نامى بولۇدۇ. رەيھان دىگەن سۆز، يەنە ئادەملەرنىڭ ئىسمى، تەخەللۇس نامى قىلىپمۇ قوللانىلغان. مەزگۇر ئەسەردە، رەيھانرۇقتىكى رەيھان زاتلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلدى.
بوتانىكلار، بارلىق رەيھان زاتلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ، رەيھانرۇق دەپ ئاتاغان. (رەيھانرۇق، دىگەن ئىسىم سۆزنى، ئا. رەھمەتۇللا قويغان گىيارۇق نامى بولۇپ، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «رەيھان ئۇرۇقدىشى» دەپ ئاتالغان). رەيھانرۇق، ئېنگىل سىستېماسى بۇيىچە، لەۋىيائىلەگە تەۋە قىلىنغان. (لەۋىيائىلە دىگەن سۆز، ئا. رەھمەتۇللا قويغان گىياھئىلە نامى بولۇپ، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلەسى» دەپ ئاتالغان).
رەيھانرۇق، لاتىنچەدە، « Ocimum» دەپ، خەنزۇچەدە، «罗勒属» دەپ، ئۆزبەكچەدە «رەيھان ئۇرۇقدىشى» دەپ ئاتالغان.
رەيھانرۇق گىيالىرى، بويى 50-70 سانتىمېتىر بولغان، بىر يىللىق ياكى كۆپ يىللىق ئۆسۈدىغان، ئوتغول ۋە ياغاچغول كىلەدى. غولى تۆت قىرلىق، ئىچى كاۋاكراق بولۇدۇ. رەيھاننىڭ گۈلى چىرايلىق ئەمەس، ئەمما، رەيھان جىسمىدىن ئاجايىپ بىر خۇشپۇراق ھىد چىقادى. مەنبەلەرگە قاراغاندا، رەيھانرۇق گىيالىرىنىڭ كۆپۈنچەسى، زىمىن شەرقى يارىمىدىكى ئىسسىق بەلۋاق ھەم مۆتىدىل بەلۋاق رايونلىرىغا تارقالغان ئىكەن.
مىنىڭ دەسلەپكى جەمتەر قىلىشىمچە، ھازىرچە رەيھانرۇقنىڭ 9 زاتى، 6 شاخزاتى بايقالغاندەك قىلىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1. رەيھان ئەمەرىكانى (灰罗勒Ocimum americanum)، رەيھاننىڭ بۇ زاتى، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئىسسىق بەلۋاقلىرىدا ئۆسەدى.
2. رەيھان بەسىلى (罗勒Ocimum basilicum)، رەيھاننىڭ بۇزاتى، شىنجاڭدا بار. رەيھان بەسىلى زاتىنىڭ يەنە 3 شاخزاتى بار. بۇنىڭ ئىككى شاخزاتى جەنوبى شىنجاڭدا تېرىپ ئۆستۈرىلگەندەك قىلىدۇ. مەنبەلەرگە قاراغاندا، رەيھان بەسىلىنىڭ سۈنئى يېتىشتۈرگەن 15 خىل سورتى بار ئىكەن.
3. رەيھان كەمپىخى (Ocimum campechianum)، خەنزۇچە نامىنى تاپالمادىم.
4. رەيھان ئۇلۇقى (圣罗勒Ocimum sanctum)، ھىندى دىنىدا، ئۇنى ئۇلۇق ياكى مۇقەددەس قارايدىكەن.
5. رەيھان فۇتكۇلى (Ocimum fruticulosum)، خەنزۇچە نامىنى تاپالمادىم.
6. رەيھان تاشىروئى (台湾罗勒Ocimum tashiroi).7
7. رەيھان گراسىمى (丁香罗勒Ocimum gratissimum). بۇنىڭ ئىككى شاخزاتى بار.
8. رەيھان كىلمانخارى (Ocimum kilimandscharicum)، خەنزۇچە نامىنى تاپالمادىم.
9. رەيھان لىمونى (柠檬罗勒Ocimum × citriodorum)، رەيھان ئەمەرىكانى بىلەن رەيھان بەسىلىنى چاڭلاشتۇرۇپ يېتىشتۈرگەن رەيھان شالغۇت سورتى.
دۇنيادا پەقەت بىرلا رەيھان رۇقى بار. پەقەتلا مۇشۇ رەيھان رۇقتىكى گىيا زاتلارى رەيھان نامى بىلەن ئاتالادى. ئەگەر رەيھان رۇقتىن باشقا رۇقلاردىكى گىيا زاتىنى رەيھان نامى بىلەن ئاتاش، ئوبىكىتنى ياكى ئۇقۇمنى قالايماقانلاشتۇرادى.
رەيھاننىڭ ئۇرۇقى، گۈلى، ياغى، بەرگى، يىلتىزى ئومۇمەن ئۇنىڭ بارلىق گىيا جىسمىنى يىمەكلىك ھەم دورا قىلغالى بولادى. مەنبەلەردە دىيىلىشىچە، رەيھاننى پەمىدور بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سەي، شورپا، قاتلىما قىلسا، ناھايىتى تەملىك بولغىدەك. سالاتنىڭ ئەڭ ياخشى خۇرۇچى ھىساپلىنىدىكەن. ئۇيغۇرلاردا، رەيھاننى ھۆل ياكى قۇرۇتۇپ ئاشكۆكى قىلىدىغان ئادەت بار.
رەيھان، تىبابەتتە كۆپ ئىشلەتىدىغان، كۆپخىل كىسەللەرگە شىپا بولۇدىغان دورا ئەشياسى بولۇپ، كۆپخىل دورالارنى ياساشتا قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ. مەنبەلەردە دىيىشىچە، رەيھان، باش ئاغرىقى، شەقىقە، قۇلاق ئاغرىقى، بۇرۇن ياللۇغى، زىققا، بەلغەم بوشۇتۇش، ھېق تۇتۇش، رىماتىزىم، قۇرساق كۆپۈش، نەپەس سىقىلىش، سۈيدۈك كىسلاتاسى كۆپ كىلىش، مۇسكۇللار ئاغرىش، ھېيىز كەلمەسلىك، سۈتى ئاز بولۇش، ئەمچەككە قان تولۇپ ياللۇغلىنىش قاتارلىق كىسەللەرگە شىپا قىلىدىكەن. يەنە شۇنىڭدەك، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، مىكروبقا قارىشى كۈچىنى ئاشۇرۇش، چەرەندە چاققاننى ياخشىلاشتەك رولىمۇ بار ئىكەن.
رەيھاننىڭ يەنە ئادەمنىڭ مىجەزىنى تەڭشەيدىغان رولى بولۇپ، ئىچى تىتىلداش، بىسىم ھېس قىلىش، كەيپىياتى ناچار بولۇشتەك ئەھۋاللارغىمۇ ئۇنى ياخشىلايدىغان رولى بار ئىكەن.
ھۆرمەتلىك بۇرادەر، مەزگۇر قىسقا ئەسەردىن رەيھان ھەققىدە ئاز تۇلا چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. كىشىلەر، قىزلىرىغا رەيھان دىگەن ئىسىمنى ئەتىۋارلاپ قويۇشقان، ئەدىپ ياكى ئالىملار رەيھان دىگەن ئىسىمنى ئۆزلەرىگە تەخەللۇس ئىسىم قىلىشقان. ئەدىپ-شائىرلار، ئۆز ئەسەرلەرىدە رەيھان سۆزىگە ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن. بۇلار نىمە سەۋەپتىن بولغان؟ مۇلاھىزە قىلىپ كۆرەرسىز.
مەنبە ئەسەرلەر
[1]新疆植物志,第四卷,新疆科学技术出版社,2004 年
[2] ABU ALI IBN SINA 2-tom, uzbekstan ssr “FAN” nexiriyati, tascent, 1982-yil
[3]沈冠冕编著, 新疆经济植物及其利用, 新疆科学技术出版社,2012年
[4] A. rehmetulla, giya zat namlarini koyux we yazix kaidesi, “../”
yokuridici resimler, beydu, 360 websitlardin alindi.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 01-ئاينىڭ 13-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 110 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5583
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!