بىز نىمە ئۈچۈن يازىقىمىز ئۈستىدە ئىزدىنىمىز؟
نىمە ئۈچۈن يازىقىمىز ئۈستىدە ئىزدىنىمىز؟
我们为什么探讨现用的文字问题?
Aptor: A.R.Bostany
بايان ئاۋۋال
ھازىر ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىنتېرنېت دۇنياسىغا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر تىلىمىزنى، كونا يازىقتا، لاتىن يازىقىدا، سلاۋىيان يازىقىدا، تۈرۈك يازىقىدا يازىۋاتىمىز. لاتىن يازىقىدا يازغانلار ئىچىدە، ماڭا ئوخشاش لاتىنچە يازىق لايىھەسىنى تۈزۈپ قوللۇنىۋاتقانلارمۇ نەچچىسى بار. نىمە ئۈچۈن، ئۇيغۇر يازىقىمىزدا بۇ خىل بىنورمال ھالەت شەكىللىنىپ قالدى؟ بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، بىزنىڭ جىددى ئىزدىنىشىمىز زۆرۆردەك قىلىدۇ.
مىنىڭ چۈشەنچەمدە، ئادەملەرنىڭ دىلى ۋە تىلىنى بىر-بىرىگە بىلدۈرۈشتە ئىشلىتىدىغان مەلۈم شەرتلىك بەلگىلەر سىستېماسىى يازىق (يېزىق) دەپ ئاتالغان. بۇ سىستېما، ھەرپ، سان، فورمۇلا، شەرتلىك بەلگە، رەسىم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەر خىل شەكىلدە تۈزۈلگەن جىسىمسىز قورال ھىساپلىنىدۇ. ئىنسانلار مۇشۇ قورالىغا تايىنىپ ئۆز-ئارا ئالاقە قىلىدۇ ۋە دۇنيا نىمەتلەرىدىن پايدىلىنىدۇ ھەم تەرەققى قىلدۇرىدۇ.
ئىلىكترونلۇق ئىلمىي ھۈنەرنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، كومپۇتېر قاتارلىق ئىلىكترون مەھسۇلاتلىرى كۈندۈلۈك تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيەتىمىزگە كەڭ كۈلەمدە سىڭىپ كىردى. دۇنيا بويىچە پەننى ئىلىملەر ۋە مەھسۇلاتلار مەلۇم بەلگىلەرنى يازىق قىلىپ، شۇلاردا لايىھەلىنىپ خاتىرلەندى. دۇنيابويىچە بىرلىككە كەلگەن بۇ ئورتاق بەلگىلەر، لاتىنچە ھەرپلەرنى ئاساس قىلدى. دىمەك، دۇنيادا ئىشلىتىشتىن قالغان(ئۆلگەن) لاتىن تىلىنىڭ ھەرپلەرى، ئېنگلىز ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ يازىقى سۈپەتىدە، دۇنياۋى يىڭى ئىشلەپچىقىرىش ۋاستلىرىنىڭ يازىق قورالىغا ئايلاندى. دەۋرىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش، يەتكۈزۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا لاتىن ھەرىپلەشكەن، كومپوتەرلەشكەن ۋاستىلەرنى كەڭ دائىرەدە قولۇنۇشىغا ئەگىشىپ، بىزنىڭ ئەرەب ھەرىپى ئاساسىدىكى كونا يازىقىمىز ئېغىر خىرىسقا دۈچ كەلدى. شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش تۈركى مىللەتلىك دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دۆلەتلەر، ياقىنقى يىللاردا ئۆز يازىقىنى لاتىنچە ھەرپكە ئۆزگەرتتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىمۇ يىقىنقى 20 نەچچە يىلدىن بېرى، كۆپلىگەن كىشىلەر ھازىرقى يازىقىمىزغا ئائىت بىر قىسىم مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆپلىگەن ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ باردى. بەزى كىشىلەر ھازىر قوللۇنىۋاتقان كونا يازىقنى زامانىۋى كومپۇتەرلاشقان قوراللارغا ماسلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى. بەزى كىشلەر كومپۇتەر تاختاسىدىكى بەلگىلەر ئاساسىدا نەچچە خىل لاتىنچە يازىق لايىھەسىنى ئورتىغا قويدى. بۇ لايىھەلەرنىڭ قانداق شەكىلدە ، قانداق مەزمۇندا بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، ھازىر قوللۇنىۈاتقان كونا يازىقىمىزنىڭ جاھان تەرەققىياتىغا ماسلىشىشچانلىقىغا گۈمان پەيدا قىلدى. ھەمدە، يازىقىمىز ئۈستىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان لايىھەلەر قوللاش ياكى قارىشى تۇرۇشقا ئۇچرىشىدىن قەتئى نەزەر، خېلى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ ، قانداق يازىق لايىھەسىنى قوللۇنۇش مەسىلىسىدە، بىزدە تېخى بىردەكلىك ھاسىل قىلىنمىدى. بۇ توغرىدىكى ئىزدىنىشلەرمۇ ھازىرغىچە توختاپ قالمىدى. ئوتتۇرىغا قويۇلغان يازىق لايىھەلەردىن بىز يولۇققان مەسىلە ياكى سۇئاللارغا تەلتۈكۈس جاۋاپ تېپىلمىدى، يەنىلا ئىشلىتىشتىكى قولايسىزلىقنى ھەل قىلالمىدى. تىلىمىزنى قوغدايلى دەپ چوقان سالدۇق، تىلنى نىمىگە تايىنىپ قوغدايمىز؟ بىلىملىك بولۇشنى، دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىمىز، ئەمما، بۇلارنىڭ ئۆنۈملۈك تەدبىرى ئۈستىدە ھەقىقى ئويلانمىدۇق. ئادەتتىكى بىر ئۇيغۇر زىيالى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ھەقتىكى ھېس قىلغانلىرىمنى بۇرادەرلەر بىلەن پىكىرلەشمەكچىمەن.
- ئون ئەسىرلىك يازىقىمىزغا نەزەر
بىز ئەرەپچە ھەرىپنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرچە يازىقنى كەشىپ قىلىپ قوللانغىلى مىڭ يىلچە ۋاقىت بولۇپتۇ. بۇ جەرياندىكى يازىقىمىزدا بولغان زور ئۆزگىرىشلەرنى ئەسلىسەك تۈۋەندىكىچە بولىدىكەن.
1.1. «ئەرەبى يازىق» دەۋرى
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركى مىللەتلەر، قاراخانىلەر دەۋرىدىن( 9- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن) باشلاپ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىش بىلەن تەڭ، ئەرەپ تىلى ۋە يازىقى بىزنىڭ تىل-يازىقىمىزغا سىڭىپ كىرىشكە باشلاپتىكەن. شۇنىڭ بىلەن شۇچاغلاردا قوللۇنىۋاتقان ئۇيغۇر يازىقىنى تەدرىجى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەرەپ يازىقىنى قوللۇنۇشقا باشلىغان ئىكەنمىز. ئەنە شۇ دەۋىردىن باشلاپ ھېساپلىغاندا، بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزنى ئەرەپچە يازىق بىلەن ئىپادىلەپ كەلگىنىمىزگە تەخمىنەن مىڭ يىلچە بولۇپتۇ. بۇ جەريانلارنىڭ دەسلىۋىدە ،ئەرەپچە يازىقنى ئۆز پېتى قۇبۇل قىلىپ تىلىمىزدا قوللانغان ئىكەنمىز. بۇ دەۋىرلەردە يىڭىدىن قوللانغان ئەرەپچە يازىقىمىزنى نىمە دەپ ئاتىغانلىقىمىزنى بىلمىدىم. شۇنداق بولسىمۇ، كىينكى يازىقلىرىمىزدىن پەرقلەندۇرۇش ئۈچۈن، بۇنى مەن «ئەرەبى يازىق»دىگەن نام بىلەن ئاتىدىم. مەن كۆرگەن تولۇقسىز مەنبەلەرنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئىمام بۇخارى، فارابى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى كەبى كۆپلىگەن دۇنياۋى ئالىملىرىمىز ئۆزلەرىنىڭ كاتتا ئەسەرلىرىنى مۇشۇ ئەرەبى يازىق بىلەن ئەرەب تىلى ياكى فارىس تىلىدا يازىپ قالدۇرغان ئىكەن. بۇ يازىقتىكى ئەسەرلەرنى كۆرسەكمۇ ھازىر بىز پەقەتلا ئوقۇيالمايمىز، ئوقۇيالىساقمۇ، چۈشەنمەيمىز.بۇلارنى پەقەت شۇ ساھەدىكى تەرجىمان ئارقىلىق بىلەلەيمىز.
1.2. «چاغاتاي يازىق» دەۋرى
تەخمىنەن 13 –ئەسىرلەرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، تۈركى مىللەتلەردە ئۆز دەۋرىدە قوللۇنۇۋاتقان «ئەرەبى يازىق» نىڭ ئەسلىدىكى ئەرەپچە زىر-زەۋەرلەرىنى ئاددىلاشتۇرۇپ قوللۇنىشقا باشلىغان ئىكەن. كىيىن بۇ خىل ئاددىلاشتۇرۇلغان يازىق، چاغاتاي دەۋىرلەرىدە كەڭ دائىرەدە ئومۇملىشىپ قوللۇنۇلغانلىقى ئۈچۈن، كىيىنكى كىشىلىرىمىز بۇ يازىقنى «چاغاتاي يازىق» دىگەن نام بىلەن ئاتىغان. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «چاغاتاي يازىق» تەخمىنەن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قوللۇنىلغاندەك قىلىدۇ. ئەلىشىر نەۋائىي، ئومەر ھەييام ، سوپى ئاللايار كەبى كۆپلىگەن دۇنياۋى ئەدىبلەر ئۆلمەس ئەسەرلەرىنى مۇشۇ چاغاتاي يازىقتا يازىپ قالدۇرغاندەك قىلىدۇ. چاغاتاي يازىقنىڭ كەڭ تۈردە قوللۇنىلىشى بىلەن،«ئەرەبى يازىق» نى بىلىدىغانلار ۋە ئىشلىتىدىغانلار ئازىيىشقا باشلىغان، نەتىجىدە «ئەرەبى يازىق» ئۆزلىكىدىن ئەمەلدىن قالغان. چاغاتاي يازىق، ھازىر قوللۇنىۋاتقان كونا يازىقىمىزغا ئوخشاپ كەتسىمۇ، ئەمما بۇ يازىقتا يازىلغان ئەسەرلەرنى ھازىرقى كىشىلىرىمىزنىڭ ئوقۇش ھەم چۈشەنمىگى تەس.
1.3. « كونا يازىق»دەۋرى
20-ئەسىرنىڭ باشىدىن باشلاپ، «چاغاتاي يازىق» يەنىمۇ ئاددىلاشقان شەكىلدە ئىسلاھ قىلىنىپ، بۈگۈنكى كۈندە قوللۇنىۋاتقان يازىقىمىز مەيدانغا كەلگەن ئىكەن. بۇ يازىقىمىزنى، كىشىلەر بۇرۇن نىمە دەپ ئاتىغانلىقىنى بىلمىدىم. ئەمما 20-ئەسىرنىڭ 60-يىلىدىن باشلاپ قوللانغان يىڭى يازىققا نىسبەتەن پەرقلەندۈرۈپ «كونا يازىق»دىگەن نام بىلەن ئاتاشقان. «كونا يازىق» ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا،20- ئەسىرنىڭ 61-يىللىرىغىچە قوللۇنىلغان. ئارىلىقتا 24 يىل ئىشلىتىشتىن قېلىپ، 1984-يىلى قايتا ئەسلىگە كەلگەن. ھازىرقى قانۇنلۇق يازىقىمىز مۇشۇ كونا يازىق.«كونا يازىق» نىڭ قوللۇنىلىشى بىلەن،«چاغاتاي يازىق»نى بىلىدىغان ۋە ئىشلىتىدىغانلار ئازلاپ، ئاخىرى قوللۇنىشتىن قالغان. تۇلۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن كىيىن نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر مۇشۇ كونا يازىقتا يازىلغان.
1.4. «يېڭى يازىق»دەۋرى
20-ئەسىرنىڭ 60- يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا ، خەنزۇچە پىنيىن (لاتىنچە ھەرپ) ئاساسىدا تۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە لاتىن يازىق قوللۇنىلىشقا باشلىغان. بۇ يازىقنى كىشىلەر كونا يازىققا نىسبەتەن پەرقلەندۈرۈپ، «يېڭى يازىق» دىگەن نام بىلەن ئاتىغان. «يېڭى يازىق» 20-ئەسىرنىڭ 84-يىللىرىغىچە بولغان 24 يىل ئارىلىقتا قوللۇنىلغان . «يېڭى يازىق»نىڭ قوللۇنىلىشى بىلەن، «كونا يازىق» ئەمەلدىن قالغان. يىڭى يازىقتا نۇرغۇنلىغان ئىجادى ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر نەشىر قىلىنغان. مەن، باشلانغۇچ ھەم تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپنى ئۇيغۇر كونا يازىقتا ئوقۇدۇم، ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئوقۇشلىرىمنى ئۇيغۇر يېڭى يازىقىدا ئوقۇدۇم. 20-ئەسىرنىڭ 84- يىلىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا «يېڭى يازىق» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يەنە «كونا يازىق »نى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قوللۇنۇپ كىلىۋاتىمىز.
2. يازىقىمىزغا بولغان پوزىتسىيە
كومپۇتەرلىق ئۇچۇر تېخنىكاسىنىڭ كەڭ دائىرىدە قوللۇنىلىشى بىلەن 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ بىزنىڭ كونا يازىقىمىز ئېغىر خىرىسقا دۈچ كەلدى. شۇڭا، دەۋر ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن،كۆپلىگەن ئەپەندىلىرىمىزدە يازىقىمىزنى ئىسلاھ قىلىش ئۇستىدە ئىزدىنىپ بېقىش پوزىتسىيەسى شەكىللەندى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئىزدىنىپ بىرمۇنچە ئۇيغۇرچە يازىق لايىھەسىنى ئورتىغا قويدى.
2.1. كونا يازىقنى كومپۇتەرلەشتۇرۇش لايىھەسى
20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كىيىن باشلانغان ئۇيغۇر كونا يازىقىنى كۈنسېرى راۋاجلىنىۋاتقان كومپۇتېرلاشقان ئۇچۇر-بەلگىلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش ئىستىگى نەتىجىسىدە، كونا يازىقنى كومپۇتېرلىق ساھەلەردە قوللۇنۇش تەتقىقاتلىرى كۆپلەپ ئېلىپ بېرىلدى. بۇنى مەن 1- لايىھە دەپ ئاتىدىم. 1- لايىھەدە زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 1- لايىھەنىڭ ئىزدىنىش نەتىجىلىرى، ھوشۇر ئىسلام ئاكادىمىك ھەم نۇرغۇنلىغان ئالىملىرىمىزنى ۋۇجۇتقا چىقاردى. ھازىر مۇشۇ نەتىجىلەر ئاساسىدا،كومپۇتېرلاشقان ئۇچۇرلارنى ئۆز دائىرىمىزدە شەرتلىك ۋاستىلەر ئاساسىدا، كونا يازىقتا بىمالال راۋانلاشتۇرۇپ قوللۇنىۋاتىمىز. ئەمما، 1-لايىھە بىلەن دۇنياۋى ئورتاقلىققا ئىگە ئۇچۇر- بەلگىلەرنى ئەينەن ئىپادىلەشتە ۋە شۇ خىل قوراللاردىن بىۋاستە پايدىلىنىشتا چەكلىمىگە ئۇچراش مەسىلىسى ھەل قىلىنمىدى.
2.2. «UKY»لايىھەسى
ئېھتىمال 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرى بولسا كېرەك، بىر قىسىم كىشىلىرىمىز، 1- لايىھە قانداقلا قىلغان بىلەن بىز كەلگۈسىدە يولۇقۇدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ دەپ قاراپ، لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدا تۈزۈلگەن، « UKY» ناملىق يازىق لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ لايىھەنى مەن 2- لايىھە دەپ ئاتىدىم. ئەمما،2- لايىھەدىكى « UKY»نى قانداق ئوقۇش (ئاتاش) مەسىلىسى ھازىرغىچە تېخى بېكىتىلمىدى. بەزىلەر بۇنى «ئۇكاي» ياكى «ئۇ كې يې» دەپ ئوقۇدى ،لېكىن بۇ ئۇچ ھەرپتىن تۈزۈلگەن « UKY»، ئۇيغۇرچىدا ھەرگىزمۇ «ئۇكاي» ياكى «ئۇكېيې» دەپ ئوقۇلمايدىغانلىقى ئۈچۈن ،كەڭ ئامما تەرىپىدىن شۇنداق ئاتالمىدى. شۇنداق بولغانلىقتىن، بۇ يازىق لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار « UKY» نى «ئۇيغۇر كومپۇتەر يازىقى» دىگەن ئىزاھلىق نام بىلەن ئاتىدى. بۇ يازىق لايىھەسى ، لاتىنچە ھەرپلەرنى ئاساس قىلىپ كومپۇتەر تاختاسىدىكى بەلگىلەرنىڭ شەرتى ئاستىدا 32 ھەرىپتىن تۈزۈلگەن. 2-لايىھە، ئۇيغۇر تۈرك تىلىنى ئىپادىلەشتە بىر نەچچە قوشماق ھەرپلەرنى قوللانمىسا بولمايدىغان ياكى تاق ھەرپلەرگە مۇڭگۇز چىقارمىسا بولمايدىغان مۇرەككەپ يازىق بولغانلىقتىن، ئۇنى قوللۇنۇشتا قولايسىز ھەم مۇرەككەپ بولۇش مەسىلىسىدىن ساقلىنالمىدى.
2.3. «ULY» لايىھەسى
يەنە بىر قىسىم كىشىلەر،«ئۇيغۇر كومپۇتەر يازىقى» دىگەن يازىق بولمايدۇ دەپ قارىغانمىكىن، لاتىن ھەرپلەرى ئاساسىدا، « ULY» ناملىق يازىق لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنى مەن 3- لايىھە دەپ ئاتىدىم. ئەمما،3- لايىھەدىكى «ULY » نى قانداق ئوقۇش ياكى ئاتاش مەسىلەسىمۇ تا ھازىرغىچە بېكىتىلمىدى. بەزىلەر بۇنى «ئۇلاي» ياكى «ئۇلېيې» دەپ ئوقۇدى. ئەمەلىيەتتە « ULY »، ئۇيغۇرچىدا «ئۇلاي» ياكى «ئۇلېيې» دەپ ئوقۇلمىغانلىقتىن كىشىلەر تەرىپىدىن قوللۇنىلمىدى. شۇنداق بولغانلىقتىن ، بۇنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار « ULY»نى «ئۇيغۇرچە لاتىن يازىقى» دىگەن ئىزاھلىق نام بىلەن ئاتىدى. بۇ يازىق لايىھەسىمۇ، 2-لايىھە بىلەن پەرقى يوق دىيەرلىك، بۇ 3-لايىھەمۇ، 2-لايىھەگە ئوخشاشلا قوش ھەرب مۇرەككەپلىكى مەسىلىلەردىن خالى بولالمىدى.
2.4.«ئۇيغۇر يازىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھەسى»
يەنە بىر قىسىم ئىزدەنگۈچىلەر«ئۇيغۇر يازىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرىپىدە ئىپادىلەش لايىھەسى» دىگەن نامدا ئاتالغان يازىق لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ لايىھەنى مەن4- لايىھە دەپ ئاتىدىم. بۇ لايىھەنى، شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەرىپەت ئورۇنلىرىدىكى تىل-يازىق تەتقىقاتچىلىرى ھەم شىنجاڭ تىل-يازىق كومىتېتى مۇھاكىمە قىلىپ، سىناق تەرىقىسىدە ھەم تار دائىرەدە بىرەسمىي بېكىتكەن. 4- لايىھە، گەرچە ھەرپلەرنىڭ خەلقئارادىكى ئوقۇلۇشىنى ئاساس قىلغان، بىر تاۋۇشقا بىر ھەرب بېكىتىلىپ تۈزۈلگەن دىيىلسىمۇ، مىنىڭچە، « UKY » بىلەن « ULY » لايىھەلىرىدىن (2-،3- لايىھەلەردىن) پەرقلەنمەيدۇ. ئۇنىڭدا ساقلانغان مەسىلىلەرمۇ ئوخشاش. دۇنيا بويىچە ئورتاق قوللۇنىدىغان V,C,X دىگەندەك ھەرپلەر يەنىلا بۇ لايىھەدە يوق.
يوقۇرىدا دىيىلگەن 2-، 3- ۋە 4-لايىھەلەردە، 32 ھەرپ بولۇپ، 32 خىل تاۋۇشتا ئوقۇلىدۇ. دىمەك، بىر تاۋۇشقا بىر ھەرىپ قوللۇنۇش، قوش ھەرىپ ھەم مۇڭگۇزلۇق ھەرىپ بولۇش، بۇ لايىھەلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى. 2-،3-،4- لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار، «كونا يازىقتا ئىپادىلەش قىيىن بولغان سۆزلەرنى ئىپادىلەشتە قوللۇنىلىدۇ، ھەرگىزمۇ يازىق ئۆزگەرتىش دىگەنلىك ئەمەس» دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۆزىنىڭ لايىھەسىنى يۇمشاق ۋە چىرايلىق قەغەز تون بىلەن ئورىدى.
2.5. «ئۇيلات (uylat)» لايىھەسى
يوقۇرىدا دىيىلگەن 2-، 3-، 4- لايىھەلەردە ساقلانغان، قوش ھەرىپ، مۇڭگۇزلۇق ھەرىپلەر بولۇش، خەلقئارادا ئۆلچەم بىرلىكلىرىدە كۆپ قوللۇنىدىغان بىر قىسىم ھەرىپلەر كام بولۇش، قوللۇنۇشتا مۇرەككەپ قولايسىز بولۇشتەك بىر قىسىم يىتەرسىزلىكلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئا. ر. بوستانىي، ئۆزىنىڭ «ئۇيلات» ناملىق لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنى مەن، 5- لايىھە دەپ ئاتىدىم. بۇ لايىھەدە 28 ھەرپ بولۇپ، 36 خىل تاۋۇشتا ئوقۇلىدۇ. “uylat layihesi, ../” غا قاراڭ.
دىمەك، بىزنىڭ يازىقىمىزنى زامانغا لايىقلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە يوقۇرىدا دىيىلگەندەك ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەش خىل لايىھە، ھازىر قوللۇنىۋاتقان كونا يازىقىمىزغا نىسبەتەن كىشىلىرىمىزدە گۇمان پەيدا قىلدى. زامانغا لايىقلىشىشتا كونا يازىقىمىزنىڭ كاشىلىغا ئۇچرايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى.
3. بىز يازىقىمىزدا دۈچ كەلگەن مەسىلە
خۇددى يوقۇرىدا كۆرسىتىلگەندەك، مەيلى قانداق ناملار بىلەن قانداق لايىھەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلمىسۇن، ھازىرقى قوللۇنىۋاتقان يازىقىمىزغا بولغان پوزىتسىيەدە ئۆزگىرىش پەيدا بولدى. كونا يازىقنىڭ كەلگۈسى توغرىسدا بىزدە گۇمانى ئەندىشە پەيدا بولدى. دىمەك، بىز، 1-لايىھەدىن باشقا لايىھەلەرنى ھەر قانچە چىرايلىق سۆزلەر بىلەن بىزەپ كۆرسەتكەن بولساقمۇ، بىز مۇنداق 4 مەسىلىگە دۈچ كەلدۇق، بۇنىڭ بىرى، كونا يازىقىمىز دۇنيا ئۇچۇر تەرققىياتىغا ماسلىشالمايدۇ دىگەن كۆز قاراش پەيدا بولدى. ئىككىنچىسى،بىز ھازىر، بىر تىلىمىزغا ئىككى خىل يازىقنى پەيدا قىلدۇق. ئۈچىنچىسى، ئۇيغۇرچە لاتىن ھەرىپلىك يازىق، كونا يازىقتىن ئىلغار دىگەننى تۇيمايلا ئېتىراپ قىلدۇق. تۆتىنچىسى، زادى قايسى يازىقنى قوللۇنىمىز؟ يازىق ئۆزگىرەمدۇ – يوق؟ دىگەن مەسىلە ئۆزلىگىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ، جىددى ھەل قىلىنمىسا بولمايدىغان ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ قالدى. دىمەك، بىز، ھازىر مۇشۇ 4 خىل ھالەتكە توغرا جاۋاپ تېپىىش مەسىلىسىگە دۈچ كەلدۇق.
مىنىڭچە، بىر تىلغا، بىرلا خىل يازىق قوللانغىنىمىز توغرا بولىدۇ. بولمىسا، بىزگە ئاۋارىچىلىق ھەم قالايماقانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. دىمەك، ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى ئىپادىلەشتە قوشۇمچە قوللۇنىلىدۇ دەپ قاراپ ئىككى خىل يازىقنى قوللۇنۇش، بىز تاللىغان، مەنتىقىغا توغرا كەلمەيدىغان خاتا يول دەپ قارايمەن.
كونا يازىقىمىزدا، پەقەت ئۇيغۇرچە گەپنىلا يازساق ئۇنىڭدا مەسىلە يوق. ئەرەپچە، فارىسچە يازغالى بولمايدۇ، خەنزۇچە، لاتىنچە، ئېنگىلىشچە، روسچە دىگەندەك يازىقلار بىلەن كىرىشتۇرۇپ يازماق شۇنداق تەتۇر قولايسىز، بولۇپمۇ، كونا يازىقىمىزدا يېڭى دەۋىر ئۇقۇملىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئىخچام بەلگىلەرنى ئەينەن كۆرسۈتۈپ بېرەلمىدۇق. كونا يازىقنى ئوڭدىن سولغا قاراپ يازغاچقا، سولدىن ئوڭغا قاراپ يازىلغان فورمۇلا، سان، بەلگە بىلەن دوقۇرۇشتۇق. ئەڭ مۇھىمى، دۇنيا بويىچە ئورتاق قوللۇنىدىغان بەلگە-فورمۇلانى بىز كونا يازىقتا يازساق، بىزدىن باشقىسى تۇنۇمىدى، باشقىلار يازغاننى بىز يازالمىدۇق ياكى ئوقۇيالمىدۇق. نېتىجىدە، كونا يازىقتا ئىپادىلىگىلى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىدۇق. ئاخىرى بولماي، لاتىن ھەرىپىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇردۇق. دىمەك،ئۇيغۇر كونا يازىقىمىزنىڭ ھازىرقى دەۋىردىكى بىر قىسىم يىتەرسىزلىكى تۈپەيلىدىن، ئورتىغا قويۇلغان ھەر خىل ئۇيغۇر لاتىن يازىق لايىھەلىرىدىن ئۇيغۇرچە لاتىن يازىق، كونا يازىققا قارىغاندا،ھەقىقەتەن ئىلغار دىگەننى ئېتىراپ قىلدۇق. شۇنداق قىلىپ، 20 يىلدىن كۆپ ۋاقىتتىن بۇيان، بىز يازىقىمىزدا، ئىككى خىل يازىق شەكلى، بەش خىل يازىق لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ قويدۇق. ئەندىكى مەسىلە، بىرلا يازىق شەكلىنى، بىرلا يازىق لايىھەسىنى تاللاشتا قالدى.
4. يازىقنىڭ تىلنى ساقلاش ۋە بىيىتىشتىكى رولى
مەن ، “ يازىق، تىلنىڭ بەلگىسى ، تىل، دىلنىڭ بەلگىسى “ دەپ قارايمەن. دىلنى پەقەت تىل بىلەنلا بىلدۈرۈشكە بولىدۇ. ئەمما تىلنى بولسا، ھەرخىل يازىق بەلگىلىرى بىلەن بىلدۇرگىلى بولىدۇ. ئەجداتلىرىمىزنىڭ يازىق تارىخىمىزدىكى ئىسلاھاتلىرىغا قارايدىغان بولساق، بىز تىلىمىزنى كۆپخىل يازىق شەكلى بىلەن ئىپادىلەپ كەلگەن. ھەر بىر شەكىلدىكى يازىقنى قوللانغىنىمىزدا، شۇ يازىق شەكلى مەنبەسىدىن تىلىمىزغا نۇرغۇن سۆز، تىل غەزىنىمىزگە ئېقىپ كىرگەن. دىمەك، جاھاندا، قايسى يازىق شەكلى دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلاشسا، ئېھتىياجىمىزنى قولايلىق، راۋان ، ئىخچام ھەم ئاسان تەمىن ئىتەلىسە شۇنى ئىشلىتىش تىلنى ساقلاش ۋە بېيىتىشقا پايدىلىقتەك قىلىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن يۇقاتقان نەرسىمىز يازىق شەكلى ، ئېرىشكەن ياكى ساقلاپ قالغان نەرسىمىز تىل بايلىقىمىز بولۇپ قالىدۇ. يۇقاتقان نەرسىمىزدىن يەنىلا ئېرىشكەن نەرسىمىز كۆپ مۇھىم بولىدۇ. دىمەك، يازىق شەكلىنىڭ ئاساسى غول مەنبەلىك بولىشى تىلنى ساقلايدىغان، بېيىتىدىغان، يىتۇك ۋە يۈگرۈك قىلىدىغان قوغدىغۇچى قالقان ياكى قۇۋۋەت مەنبەسىمىكىن دەيمەن.
ھازىرقى دۇنيا تەرەققىياتىغا قارايدىغان بولساق، ئىنتېرنېت دۇنيانى ئۇقۇم-چۈشەنچە، پەن ۋە تېخنىكا ، سودا، ئالاقە، مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى ئۇچۇرلارنى بىرلەشتۈرۈشكە باشلىدى. ئېلىكترون مەھسۇلاتلىرى كۇندۈلۈك ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنى زور كۈلەمدە ئۆزگەرتتى. ئۇچۇر- بەلگىلەر دۇنيا بويىچە بىردەكلىككە يۈزلەندى. قىسقىسى، بۈگۈنكى پەن-تېخنىكا، كىشىلەر تەپەككۇرىنى كۈچلۈك غىدىقلاپ، دۇنياۋى ئورتاقلىققا باشلاپ ماڭدى.
ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان مىللەتلەرگە ئوخشاش ئەقىللىق قەدىمى ھەم زامانەۋى مىللەت. ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ۋە تىلىنى قانداق قىلىپ دەۋىر ئېقىمىغا ماسلاشتۇرۇشنى ئوبدان بىلىدىغان مىللەت. ئىدىيەسى مۇتەئەسسىپ ، بىكىنمەچىلىكتە ياشايدىغان ئەمەس، بەلكى ئىلغار ، ئاكتىپ ۋە جاھان ئەركىدە ياشاشنى ئادەت قىلغان مىللەت. شۇڭا، تارىختىن بۇيان قوللانغان يازىقىنى دەۋىرگە ماسلاشتۇرۇپ ئىسلاھاتنى توختاتمىغان مىللەت. دىمەك، مىللەتىمىزنىڭ يازىققا تۇتقان تارىختىكى ئىپادەلەرى كەسكىن ۋە ئاكتىۋ بولغان.
5. بىز كونا يازىقىمىزنى ئۆزگەرتىپ قالىشىمىز مۇمكىن
كونا يازىقنىڭ قانداقلا قىلغان بىلەن دۇنياۋى ئورتاق بەلگىلەرنى ئىپادىلەپ بېرەلمەي شاللىنىپ كىتىدىغان ئاجىزلىقى تۇپەيلىدىن ھەم <ئۇكاي > دەمدۇ، <ئۇلاي> دەمدۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يىڭى تەشەببۇسلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كىلىشىدىن قارىغاندا، گەرچە «يېزىق ئۆزگەرتىش دىگىنىمىز ئەمەس» دەپ ناھايىتى كەسكىن ھەم داغدۇغىلىق جاكارلاپ كەتكەن بولساقمۇ، ياكى «كونا يازىقىمىزنى ئۆزگەرتمەيمىز، ئۆزگەرتىشكە قەتئىي قارىشى تۇرىمىز» دەپ قاتتىق تۇرىۋالساقمۇ، ھازىرقى ئەمەلىيەتىمىزگە قارىغاندا، بىز بەرىبىر يەنە يازىق ئۆزگەرتىپ قالىشىمىز مۇمكىن. چۇنكى بىرىنچىدىن، بىر مىللەت ئۆز تىلىنى بىرلا ۋاقىتتا بىر-بىرىگە پەقەتلا ئوخشاشمايدىغان ئىككى خىل يازىق شەكلى ھەم كۆپ خىل يازىق لايىھەسى بىلەن ئىپادىلىسە قالايمىقانچىلىقتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ. چوقۇم بىرلا يازىق قوللۇنۇشقا توغرى كىلىدۇ. تالاش-تارتىش ئاخىرى يەنىلا يېزىق ئۆزگەرتىش بىلەن ئىش تاماملىنىدۇ.
ئىككىنچىدىن، بىزنىڭ كونا يازىقىمىز گەرچە ئەرەپ يازىقى ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەرەپچە يازىق قوللۇنىدىغان باشقا مىللەتلەر بىزنىڭ يازىقىمىزنى ئوقۇيالمايدۇ، بىزمۇ ئەرەپچە يازىق قوللانغان باشقا مىللەتلەرنىڭ يازىقىنى ئوقۇيالمايمىز ھەتتا، ئۆزىمىز بۇرۇن قوللانغان «ئەرەبى يازىق» ، «چاغاتاي يازىق» لارنى ھازىر ئوقۇيالمايمىز. شىنجاڭ رايونىدىن باشقا دۆلەت رايونلاردىكى تۈركى مىللەتلەر ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كونا يازىقنى ئىسلاھ قىلىپ، لاتىنچە يازىق قوللانغان. دىمەك بىز ھازىر كونا يازىق قوللۇنۇش جەھەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بىلەنلا چەكلىنىپ قالدۇق. خوشنىلارمۇ يازىقىنى لاتىنچە ھەرىپكە ئۆزگەرتتى. دىمەك، بىز، يازىق جەھەتتە دۇنيادا يەككە-يىگانە بولۇپ قالدۇق ياكى يېتىم قالدۇق.
ئۈچۈنچىدىن، بىزنىڭ كونا يازىقىمىزدا «كومپۇتەر، كوم، نېت، بلوگ، » دەپ يازغىنىمىزنى دۇنيادا بىزدىن باشقىلار پەقەت بىلمەيدۇ، باشقىلارنىڭ «, com, net, weblog, Computer» دەپ يازغانىنى بىز بىلمەيمىز. تىلىمىز ئوخشاش بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ يازىق ماتىرىيالىنى بىز بىلمەيدىغان، بىزنىڭ يازىق ماتىرىيالىمىزنى ئۇلار بىلمەيدىغان ئەھۋال شەكىللەندى.
تۆتىنچىدىن، يازىق بەلگىسى دۇنيادىكى ئورتاق قوللۇنىدىغان يازىق-بەلگە بىلەن بىردەك بولمىغاندا، تىل نامراتلىقى ياكى يازىق قولايسىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ. ئەتىدىن كەچكىچە ،Web,Mobil، Microsoft Word ، PPt ، PDF دىگەندەك كۆپلىگەن يىڭىدىن دۇنياغا كەلگەن ئورتاق بەلگە-يازىقنى تەرجىمە قىلىمىز ياكى كونا يازىقىمىزغا ماس كەلتۈرۈپ ئىپادىلەيمىز دەپ نۇرغۇن كۈچ ۋە زېھنىمىز ئارتۇقچە سەرپ قىلساقمۇ ئۆنۈمى يەنىلا چەكلىك بولۇپ قالىدۇ.
بەشىنچىدىن،ھەممە نەرسە دۇنياغا يۈزلەنگەن زامانىمىزدىكى بۇ دولقۇنلاردا، كۆپ سانلىق تەسىرلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىمۇ بىر كەسكىن خىرىسقا دۈچ كەلدى. ئەگەر بىز يېزىققا بولغان بېكىنمەچىلىك، مۇتەئەسسىپلىك، ھېسياتچان روھىمىزنى ۋاقتىدا رۇسلىمىساق يېزىقىمىز ئەمەس بەلكى تىلىمىزدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز.
ئومۇمەن ئالغاندا، بىزنىڭ كونا يازىقىمىزنىڭ قاتتىق خىرىسقا دۈچ كەلگەنلىكى كۈپچىلىككە ئاللا بۇرۇن ئايان بولدى. بىزنىڭ ھازىرقى يازىق ئەھۋالىمىز دۇنياۋى ئورتاق بەلگە-يازىقلاردىن ساۋاتسىزلىققا يۈزلەندى. بۇنىڭغا ئۇيان بۇياندىن چوقان سېلىپ قويۇش ياكى يۈزەكى يېڭىلىقلار بىلەن كونا يازىقىمىزنى ماسلاشتۇرۇش بىزنىڭ بۇ تەقدىرىمىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالمايدۇ.
بىز تىل ۋە نامشەرفىمىزنى ساقلاپ قالىمىز دىسەك، چوقۇم دۇنياۋى ئورتاقلىق يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك. بۇ جەھەتتە بىزدە ئۆلمەس فاكىت بار. ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركى مىللەتلەر،9-ئەسىرلەردىكى دۇنيا مەدەنىيەت ئېقىمىغا ماسلىشىپ ئىسلام دىنى ۋە ئەرەپ يازىقىنى قۇبۇل قىلدى. ئەسلىدە ئۆز يازىقى ۋە دىنى بولغان، چوڭ زىمىنلارنى سوراپ دۇنيا سەھنەسىدە پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان بۇ تۈركى مىللەتلەر نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلدى؟ بۇنىڭ نەتىجەسى قانداق بولدى؟ بۇ سۇئاللار كىشىنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ. گەپنىڭ قىسقىسىنى دىسەم، ئەجداتلارىمىز شۇ دەۋىرلەردە مىللى ھېسياتىغا ئەمەس ،ئەقىل پاراسىتىگە تايىنىپ ئىنسانىيەتنىڭ پەن ۋە مەدەنىيەت بۈشۈكى سانالغان ئەرەپ دۇنياسىدىن ئىسلام دىنى مەدەنىيەتىنى ھەم يازىق شەكلىنى قۇبۇل قىلىپ ناھايىتى توغرا قىپتىكەن. بۇ يولنى تاللىغان 1000 يىلدىن بۇيان، تۈركى مىللەتلەرنىڭ مۇستەھكەم مەۋجۇتلىقى ،دۇنياغا تۇنۇلغان مەشھۇر ئەللامەلەرىمىزنىڭ كۆپلىكى، دۇنيا تەرەققىياتىغا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلەرنىڭ موللىقى ، ئەدەپ-ئەخلاق ، كىشىلىك دۇنيا قاراش ۋە مول مەدەنىيەتلەرىمىزنىڭ گۈزەللىكى دۇنيا مىللەتلەرىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. ئەرەپ دۇنياسى، كىيىنكى دەۋىرلەردە، 7-8-ئەسىرلەردىكى سەلتەنىتىنى داۋاملاشتۇرالمىدى. ئىلىم-مەرىپەت ، پەن-مەدەنىيەت مەرگىزى ئەرەپ دۇنياسىدىن ياۋروپاغا يۆتكۈلۈپ كەتتى. ئىشلەپچىقىرىش، ئالاقە، قورال-سايمان يازىقلىرى، لاتىنچە ھەرىپلەشتى. لېكىن بىز، يەنىلا20-ئەسىردىن بۇرۇنقى ئىزىمىزدا قالدۇق. بۇلاردىن شۇنداق بىشارەتلەرنى ئۇقتۇقكى، زامان تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، نۇرغۇن ئالاقە ۋە ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ئىسلاھ قىلىنىۋاتىدۇ، فورمۇلا، سان-بەلگىلەر دۇنياۋىلىشىشقا يۈزلۈنىۋاتىدۇ، دىمەك،بىز دۇنياۋى بەلگە- يازىقلارنى بىلىشىمىز كېرەك، بىز يازغاننى باشقىلارمۇ ئاڭقىرالىشى كېرەك، بىزمۇ دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدا ، دۇنياۋى ئورتاق بولغان ئېلىكتېونلۇق ئۈسكۈنە، ئەسۋاپ ۋە كومپۇتەر قاتارلىقلارنىڭ مەشخۇلاتتىكى بايلىق ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىشنى بىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، كونا يازىقنى ئىسلاھ قىلىپ، لاتىن يازىقىنى قوللۇنۇش، خەلقئارادىن زۆرۆر بولغان ئورتاق سۆزلەرنى قۇبۇل قىلىش، شۇنىڭ بىلەن يېزىقىمىزنى خەلقئارالاشقان ھەم زامانىۋىلاشقان قورال بىلەن قوراللاندۇرۇش، ئەڭ توغرا، ئىشەنچلىك ۋە تېز، ئۈنۈملۈك تەدبىر دەپ ئويلايمەن.
بۇرۇن، بىزگە ئوخشاش «ئەرەبچە يازىق»نى قوللانغان، تۈركىيە قانداقلا بولمىسۇن لاتىنچە شەكىلدىكى ھەرپنى خېلى بۇرۇنلا قوللاندى، قازاقىستان، ئۆزبەكىستان، تۈرۈكمەنىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرمۇ، ئۇزۇن ۋاقىت قوللانغان ئەرەبچە يازىقنى تاشلاپ، سلاۋىيانچە (روسچە) يازىق شەكلىنى 60 يىل ئەتراپىدا قوللانغان ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ دۆلەتلەر، يىقىنقى يىللاردىن باشلاپ، سلاۋىيانچە يازىق شەكلىنى يەنە ئىسلاھ قىلىپ، لاتىنچە يازىق شەكلىگە ئۆزگەرتتى. دىمەك، نىمە ئۈچۈن ئەسلىدە ئەرەپچە كونا يازىقنى قوللانغان ھەرقايسى دۆلەت رايونلاردا بۇنداق ئۆزگۈرۈشلەر بولىدۇ؟ بۇ سۇئال بىزنىڭ سەگەك بولۇشىمىزنى، ئەتراپلىق چوڭقۇر پىكىر قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. مىللى ھېسياتقا تايانماي، ئەمەلىيەتكە، ئەقىل پاراسەتكە تايىنىپ دۈچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. زامان ساڭا باقمايدۇ، سەن زامانغا باق دىگەن تەمسىلىمىز بويىچە ئىش قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ يۇمشاق، يېپىشقاق، ھەرپ- تاۋۇشنى ئىپادىلەشكە ماھىر خاسىيەتلىرى، لاتىن ھەرىپلىرى بىلەن ھىملىشىپ كېلىدۇ. دۇنيادا لاتىن ھەرىپلىك ئېنگىلىز يازىقى بىلەن تەڭ قاتاردا تۇرىدىغان خەنزۇ چە يازىقمۇ شۇنداق بولغان بولسا، شۇنى قۇبۇل قىلساقمۇ بولاتتى. ئەمما، خەنزۇچە خەت، بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش خۇسۇسىيەتىگە پەقەتلا ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا، يەنىلا لاتىنچە ھەرىپلىك يازىقنى تاللىشىمىزدىكى سەۋەبمۇ شۇنىڭدىن.
6. يازىق ئۆزگەرتىشكە بولغان ئىككى خىل پىكىر
ئۇيغۇر تىلىنى لاتىنچە ھەرىپ بىلەن ئىپادىلەش بىزگە نىسبەتەن يېڭى ئۇقۇم ياكى يېڭى ئىش ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ لاتىن ھەرىپى ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچە يازىق قوللۇنۇش تەشەببۇسى بىلەن، كونا يازىقنى قوللۇنىۋىرىش ئوتتۇرسىدا ھازىرغىچە مۇنازىرەلەر توختاپ قالغىنى يوق. بۇلارنى يىغىنچاقلىساق، مۇنداق ئىككى خىل پىكىر مەۋجۇت.
بىرىنچى خىل پىكىر:
كونا يازىق بىزگە مىڭ يىل ھەمرا بولۇپ، ئېھتىياجىمىزنى تەمىن ئىتىپ كەلدى، مۇشۇ يازىقتانۇرغۇنلىغان ئالىم ، مۇتەپپەككۇر، ئەدىپ، تىۋىپ ، پەيلاسوپ قاتارلىق ئەللامەلەر يىتىشىپ چىقتى ھەم مۇشۇ كونا يازىقتا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇردى. ئەگەر، بىز كونا يازىقىمىزنى ئەمەلدىن قالدۇرساق، يازىقىمىز كىيىنكى ئەۋلاتلاردا ئۈزۈلۈپ قېلىپ، ساۋاتسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ، مىللى خاسلىقىمىز يوقۇلىدۇ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى جۇغلانغان مەنىۋى مەدىنىيىتىمىز يوقۇلۇدۇ.
كونا يازىق ئوقۇشقا ۋە يېزىشقا راۋان ھەم ئىخچام، قولايلىق. كونا يازىقنى تاشلىساق ، تىلىمىز، دىنىمىز ۋە دىلىمىز تەسىرگە ئۇچراپ، مىللى كىملىكىمىز خۇنۈكلىشىدۇ. ھازىر كونا يازىق بىلەن كومپۇتىردا بىمالال مەشخۇلات ئېلىپ بارالايدىغان بولدۇق. شۇڭا، كونا يازىقنى داۋاملىق قولانساق بولىدۇ، ئۇنى لاتىنچە يازىققا ئۆزگەرتىشنىڭ قىلچە زۆرۆرىيىتى يوق.
ئىككىنچى خىل پىكىر:
ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن تارتىپ 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە، بىزدىن يىتىشىپ چىققان ئەللامەلەرنىڭ كۆپۈنچىسى ئەسەرلىرىنى ئەرەبى يازىق ۋە چاغاتاي يازىق بىلەن فارىس ، ئەرەب تىلىدا يازغان ياكى ئۇيغۇر تىلىدا يازغان. گەرچە بۇلارنىڭ ھەممەسى بىزنىڭ كونا يازىقىمىزغا ئوخشاپ كەتسىمۇ بىز بۇلارنى بىۋاستە پەقەتلا ئوقۇيالمايمىز، بۇلار ئالدىدا بىز يەنىلا ساۋاتسىز بولدۇق.
گەرچە كونا يازىق مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم بىر ئامىلى بولۇپ شەكىللەنگەن بولسىمۇ، مەدەنىيەتنىڭ داۋاملىشىشىدىكى بىردىن بىر شەرت ئەمەس. بىز تارىخىمىزدا كۆپلىگەن يازىقلىرىمىزدىن ۋاز كەچتۇق، ھەتتا 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا كونا يازىقنى تاشلاپ، يىگىرمە نەچچە يىل لاتىنچە يېڭى يازىقنى قوللاندۇق. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرنىڭ تىلى، دىنى ۋە دىلىدىن ئىبارەت مەنىۋى مەدىنىيەت جۇغلانمىسى كىيىنكىلەرگە ئۇلاشماي يۇقالدىمۇ؟ ياكى تۇپتىن تەسىرگە ئۇچرىدىمۇ؟.بىزنىڭ ئەرەبى يازىق قوللانىشىمىز بىلەن بۈيۈك ئەرەب ياكى فارىس مىللىتىگە تەئەللۇق بولدۇقمۇ؟ لاتىنچە يىڭى يازىق قوللۇنۇپ باشقا بىر مىللەت بولۇپ قالدۇقمۇ؟. دىمەك، بىز يازىقىمىزنى ئۆزگەرتىش بىلەن ئۇيغۇر دىگەن مىللى كىملىكىمىزنى ياكى نامشەرىفىمىزنى ، ئىسلام دىنىمىزنى ، مەدەنىيەت ئاساسلىرىمىزنى يۇقاتقىنىمىز يوق.
كونا يازىقنى ئوقۇشقا ۋە يازىشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، لاتىنچە يازىقتىن ئەلا دەيدىغان قاراشنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق. بۇ پەقەتلا ئادەت مەسىلىسى. ھازىر گەرچە كونا يازىق بىلەن كومپۇتىردا بىمالال مەشخۇلات قىلالىساقمۇ، يەنىلا ناھايىتى چەكلىك. بىز يەنىلا كومپۇتېردىكى ئەسلى سەپلىمىلەردىن بىۋاستە پايدىلىنىپ، ھەرقانداق جايدا بىۋاستە بىمالال مەشخۇلات ئېلىپ بارالمايمىز، چوقۇم كونا يازىق سەپلەنگەن مەشخۇلات سىستېماسى بولماسا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ماتىماتىكا، فىزىكا، بىئولوگىيە كەبى كۆپلىگەن پەننى بىلىملەردىكى خاس ھەرىپ بەلگىلەرنى كونا يازىق بىلەن كىرىشتۇرۇپ يازىشمۇ ، ئوقۇشمۇ بەكلا قولايسىز. بولۇپمۇ خەلقئارادا ئورتاق قوللۇنىۋاتقان ئىخچام بەلگىلەرنى بىز ئوقۇيالمايمىز ياكى بىز كونا يازىقىمىزدا يازىپ تۇنۇتالمايمىز.
جەمىيەتىمىزدىكى70 ياشتىن تارتىپ ئوقۇش ياشىغىچە بولغان جامائەتنىڭ لاتىن ھەرىپى بىلەن تۇنۇشلىقى، جەمىيەتىمىزدىكى ھازىرقى قولايلىق ھەم مول شارائىتلار، بىلىم ئىگىلىكى تەشەببۇسى ۋە «بىلىم چىندا بولسىمۇ بېرىپ ئۆگەن» دىگەن ھەدىس بىشارىتى، بىزنىڭ ھازىرقى كونا يېزىقىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىزنى،خەلقئارالاشقان لاتىنچە ھەرپ قوللۇنۇش يولىدا مېڭىشىمىزنى كۈچلۈك ئاساس، ئىلغار ئىدىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئومۇمەن ئالغاندا، بىرىنچى خىل پىكىرنىڭ مەلۇم ئاساسى بار. ئەمما، بۇ، مىللى ھېسياتقا تايىنىپ يەكۈنلەنگەن پىكىر، بۈگۈننى ئويلاپ ئەتىنى ئويلىمىغان پىكىر. خۇددى قۇدۇق ئىچىدىكى پاققانىڭ تەپەككۇرىدەك پىكىر. ئىككىنچى خىل پىكىر، مىللى پاراسەتكە تايىنىپ يەكۈنلەنگەن پىكىر. يىراقنى كۆزلىگەن پىكىر. بۇ پىكىرلەرنىڭ ھەر ئىككىلىسى ، رىئاللىق ئاساسىدا مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما، بۇ ئىككى خىل پىكىر پەقەت بىر پەرەزدىنلا ئىبارەت. بۇ ئىككى پەرەزنىڭ قايسىسى توغرا ئىكەنلىكىنى ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ،بۇ ئىككى پەرەزنى تارىخ تارازىغا سېلىپ دەڭسەپ كۆرگەندە، مىنىڭچە ئىككىنچى پىكىردىكى پەرەزنىڭ سالمىقى ئېغىر. دىمەك، بىزنىڭ كونا يازىقىمىزنى لاتىنچە ئۇيغۇر يازىقىغا ئۆزگەرتىپ قالىش ئېھتىماللىقى زور.
7. بىز ھازىر قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟
بىزنىڭ ھازىرقى قىلىدىغان بىرىنچى مۇھىم ئىشىمىز، بىز زادى قايسى شەكىلدىكى يازىقنى قوللۇنىش مەسىلىسىدە ئېنىق بىر پىكىرگە كىلىشىمىز زۆرۆر. يازىق ئۆزگەرتىش ئۆزگەرتمەسلىك مەسىلىسىدە ئېنىق بىر قارارنى چىقىرىشىمىز زۆرۆر. ئىككىنچى مۇھىم ئىشىمىز، ئەگەر يازىق ئۆزگەرتىشكە توغرى كەلسە، ئوتتۇرىغا قويۇلغان يازىق لايىھەلىرىدىن بىرنىلا تاللاپ بېكىتىشىمىز زۆرۆر. بۇ ئىككى ئىش قانۇنلاشسا، يازىق مەسىلىسى ئىزىغا چۈشۈپ ھەل بولىدۇ. تالاش-تارتىش ھەل بولىدۇ. قانۇنلاشقان يېزىق شەكلى ۋە لايىھەسىدىن باشقىلىرى قانۇنسىز بولىدۇ، توردا قوللۇنۇش چەكلىنىدۇ، ئىنتېرنېت دۇنياسىدىن غايىپ بولىدۇ. بىرلا يازىقنى خاتىرجەم قوللۇنۇش ئىشقا ئاشىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قايسى يازىق شەكلىنى قوللۇنىشنى كەڭ ئاممىنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن ئېنىق قارار قىلىشى مۇھىم. مۇشۇ قارارغا ئاساسەن، تىل-يازىق كوممىتىتى، ئوتتۇرىغا قويۇلغان لايىھەلەرنى يىغىپ، پىكىر ئېلىش ئۈچۈن ئىخچاملاپ ، مەلۇم ۋاقىت چەكلىمىسى ئىچىدە توردا ئېلان قىلىشى، ۋاقتى-قەرەلى توشقاندا پىكىرلەرنى يىغىپ ،كەڭ ئاممانىڭ پىكىرىگە ئاساسەن، ئەڭ مۇۋاپىق بىر لايىھەنى بېكىتىپ ۋاقتىدا قارار قىلىش ھەم قانۇنلاشتۇرۇش كېرەك. بىزنىڭ 20 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشلەرىمىزنىڭ، ئايىقى چىقمايدىغان ھەم نەتىجىسىز ھەم ئەھمىيەتسىز بىر ئىزدىنىش بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىشىمىز لازىم. بۇ ئىشلار 2013-يىل ئىچىدە ھەل قىلىنسا تولىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
ئەگەر بىز ھازىردىن باشلاپ مۇشۇنداق قىلمايدىغان بولساق يازىق توغرىسىدىكى ئوي- پىكىرلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي يا توختاپ قالماي، زېھنىمىز، ۋاقتىمىز، تور كۆزنەكلىرىمىز نېتىجىسىز زايە بولىدۇ. كۈندىن قالدىڭ، يىلدىن قالدىڭ. يىلدىن قالدىڭ ئەسىردىن قالدىڭ، دىگەندەك بولۇپ قالمىسۇن.
شۇڭا، يازىقىمىز دۈچ كەلگەن مەسىلىلەر توغرىسىدىكى مۇھاكىمەلەرنى، 2013-يىلى ئەڭ ئاخىرقى بىر قىتىم جىددى قانات يايدۇرۇپ، بۇ يىل ئاخىرىغىچە يازىقىمىزدا ساقلانغان بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بولساق دىگەننى ئۈمۈت قىلىمەن.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 01-ئاينىڭ 08-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 630 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=2536
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!