باش بەت > ئارخىپ > مىنىڭ تەخەللۇسىم «جىمسارى»
27ماي

مىنىڭ تەخەللۇسىم «جىمسارى»

مىنىڭ تەخەللۇسىم «جىمسارى» بولدى

جىمسارى

بىر كىشىنىڭ تەخەللۇس قوللۇنىشى، ئىسمى ئوخشاش بولۇپ قالىدىغان ئەھۋالدا پەرقلەندۈرۈشكە ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن دەپ قارايمەن. تەخەللۇس، بەزىلەردە نەسەپ نامى بىلەن ئاتالغان. بەزىلەردە، باشقىلار قويغان لەقەب نامى بىلەن ئاتالغان. بەزىلەردە، ئۆزى تاللىغان ناملاردا ئاتالغان. مەن، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، ئۆزەمگە تەخەللۇس قويماقچى بولدۇم.  ھاياتىمدا ماڭا باشقىلار تەرىپىدىن قويۇلغان لەقەبلەرنى بىر قۇر ئەسلەپ باقتىم. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزدا  موللاق ئىتىشقا ئۇستا ئىدىم، شۇڭا بالىلار مىنى «موللاقچى» دەپ ئاتايتتى. تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمىزدا، 8 بالىغا بېرىلىدىغان بىر كىچىك داس سۇلۇق قورىغان كۆكتات ۋە بىر بالىغا ئىككىدىن كىچىك موما ئوبجا تاماق سۈپىتىدە بىر قېتىمدا بېرىلەتتى. تاماققا بالدۇر كەلگەن بالىلارنىڭ قۇرسىقى توياتتى، كېيىن قالغانلارنىڭ تويمايتتى ھەتتا تاماق يوق بولۇپ قالاتتى. شۇڭا، مەن بىر نەچچە قېتىم ئاشخانا باشقۇرچىنى ئىزدەپ داۋا قىلىپ قوشۇمچە موما ئېلىپ  قۇرسىقى ئاچقانلار بىلەن يىگەن. شۇڭا، ساۋاقداشلار ماڭا «ئېسيانچى» دىگەن لەقەبنى قويۇۋالدى. مەن شۇ چاغلاردا ھەممە جەھەتتىن ياخشى ئوقۇغۇچى بولغان بولساممۇ، مۇشۇ لەقەب تۈپەيلىدىن تۈنجى قېتىم «ئۇلۇق داھىمىز ماۋجۇشىنى كۆرۈشكە بېجىڭغا بېرىش» قا تاللانماي قالدىم. 70-يىللارنىڭ بېشىدا ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردا ساۋاقداشلار ماڭا «كۇڭزى» دەپ لەقەب قويغان، بۇ لەقەبىمنى بېلىدىغانلار ھازىرغىچە مىنى كۇڭزى دەپ چاقىرشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، مەن ئۆمرۈمدە بىر نەچچە لەقەب ياكى تەخەللۇسقا ئىگە بولۇپ قالدىم. بۇ لەقەبلەر ماڭا باشقىلار تەرىپىدىن قويۇلغان بولسىمۇ، بۇلار ماڭا بىر تەخەللۇس بولغىدەك ياخشى ئىسىملار دەپ قارايمەن. ئەمما، مەن بۇلارنى ئۆزەمگە تەخەللۇس نامى قىلمىدىم. چۈنكى، ھازىر مەن بۇ ناملارغا ئىگە بولۇشقا ئاجىزلىق قىلىمەن. شۇڭا، ئۆزەمگە ئۆزەم باشقىدىن تەخەللۇس قويدۇم. بۇنىڭ بىرى «جىمسارى»  بولۇپ، تۇغۇلغان يۇرتۇم جىمسارنىڭ نامىنى قوللاندىم.   «قۇرغاق رايونلار جۇغراپىيەسى» ناملىق ئىلمىي ژورنالنىڭ 2011-يىللىق 2- سانىدا مىنىڭ جىمسارى دىگەن تەخەللۇستا يازغان بىر پارچە ماقالەم نەشىر قىلىنغان. شۇنداق قىلىپ، مەن دۇنيادا جىمسارى دىگەن تەخەللۇسنى تۈنجى قېتىم قوللانغان كىشى بولۇپ قالدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن، 2011-يىل ئاخىرىدا، ئنتېرنېت تورىدا، ئۆزەمگە «بوستانى ياكى بوستانىي» دىگەن تەخەللۇسنى قوللانغان ئىدىم.  توردا قوللانغان بوستانىي تەخەللۇسىدا يۈز قىرىق پارچە ئەسەر نەشىر قىلىندى. يېقىندا، گوگلغا بوستانىي دەپ كۆرسەتسەم،  بوستانىيدىن بۆلەك كۆپلىگەن بوستان، بوستانى دىگەنلەرنى چىقىرىپ بەردى. دىمەك، بوستانى دىگەن نام دۇنيادا بەكمۇ كۆپ ئىكەن. مەن بۇ نامنى بىلمەي قوللۇنۇپ قاپتىمەن. شۇڭا، مەن ئۆزەمگە قويىۋالغان ھەم توردا بىر يېرىم يىل قوللانغان بوستانى دىگەن تەخەللۇسنى  ۋاقتىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن قوللانغان جىمسارى دىگەن تەخەللۇسنى توردا قوللۇنۇشنى قارار قىلدىم. بۇرادەرلەرگە ئىلتىماسىم شۇكى، مىنىڭ تەخەللۇسىم، بۇنىڭدىن كىيىن جىمسارى بولسۇن.  توردىكى ئەسەرلەرىمدە بېرىلگەن بوستانىي ياكى ئا.ر.بوستانىي دىگەن ناملار، بۇنىڭدىن كېيىن جىمسارى دەپ قارالسۇن. تولۇق يازغاندا، ئادىللا رەھمەتۇللا جىمسارى بولىدۇ. ئىخچام يازغاندا، ئا. ر. جىمسارى ياكى جىمسارى بولىدۇ. (A.R.Jimsary)

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 27-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 619 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=2957
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز