64-قېتىملىق خەلقئارا بالىلار بايرىمىغا بېغىشلايمەن
64-قېتىملىق خەلقئارا بالىلار بايرىمىغا بېغىشلايمەن
献给第64年度的国际儿童节
جىمسارى
ئالدىراشچىلىقتا بۈگۈن 31-ماي بولۇپ قالغانىنى تۇيمايلا قاپتىمەن. ئەتە 1-ئىيون بالىلار بايرىمى بولىدۇ. شۇڭا، بۈگۈن ئوماق نەۋرەلىرىمنىڭ قۇتلۇق بايرىمىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى نىيەت قىلدىم، ھەمدە، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دۇنيادىكى بارلىق نەۋرەلىرىمگە ئوخشاش بالىلارنىڭ 1- ئىيون بايرىمىنى تەبرىكلەپ ئۇشبۇ ئەسەرنى ئۇلارغا بېغىشلىدىم.
دۇنيادىكى بارلىق سەبى بالىلارنىڭ 64- قېتىملىق خەلقئارا بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، 1-ئىيون خەلقئارا بالىلار بايرىمى دىگەن بىر بايرامنىڭ بولغانلىقى يادىمدىن چىقمايدۇ. 1960-يىلى سىنىپ تەربىچىمىز رىشىت ئاسىم مۇئەللىم، بىز بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان 1-،2-،3-ۋە 4-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، مەھەللىمىزدىن 3 كلومېتىر يىراقلىقتىكى قىزىلغول دەپ ئاتىلىدىغان دەريا بويىدىكى ئورمانزار ئوتلاقتا بىر كۈن بۇ بايرامىمىزنى تەبرىكلىگەن. بۇيەردىكى تېرەكلەرنىڭ غولى ناھايىتى يوغان بولۇپ، 3 بالىنىڭ غۇلاچىنى يايساق قولىمىز قولىمىزغا يەتمەيتتى. بۇ دەرەخلەر ئۈستىدە كاككۇك، سوپىياڭ قاتارلىق قۇشلار سايرىشىپ تۇراتتى. ئوتتۇردىكى بىر تېرەك غولىغا «1-ئىيون بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز» دىگەن چوڭ خەت يازىلغان قىزىل شەلپەر تارتىلغان. ئوڭ تەرەپتىكى تېرەك غولىغا دۆلىتىمىزنىڭ بەشيۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقى تارتىلغان، سول تەرەپتىكى تېرەككە يەنە بىر بايراق تارتىلغان ئىدى. بۇ تېرەكلەر ئارىلىقى 8-9 مېتىر كىلەتتى. ئوتتۇرسى تۈز ھەم گىلەمدەك چىرايلىق ئوتلۇق بولۇپ، بىز شۇيەردە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردۇق. مەيداندىن تەخمىنەن 15 مېتىر نېرىدىكى كۈنچىقىش تەرەپتە تېيىز ھەم سۈزۈك ئاقىدىغان دەريا ئېقىپ تۇراتتى. چوڭ يىللىقتىكى بالىلار رىشىت مۇئەللىم كۆرسەتمىسىدە تاشلاردىن دەريا بويىغا ئۇچاق ياسىدى، قىزلار سەۋزە، چامغۇر ئادالىدى، بىز ئوغۇللار ئورمانزاردىن قۇرۇق ئۇتۇن يىغىپ كەلدۇق. بىردەمدىلا قازانغا گۆشلەر، سەۋزە-چامغۇرلار سېلىنىپ ئوت قالاندى. رىشىت ئاسىم مۇئەللىم، ھەممىڭلار يىغىلىڭلار، بايرام پائالىيىتىمىزنى باشلايمىز دىدى. رىشىت مۇئەللىم بۈگۈنكى بايرام ھەققىدە سۆزلىگەندەك قىلدى. 7-8 بالا يېڭىدىن پىيونىر بولۇپ گالىستۇك تاقىدۇق. ئۆگۈنۈشتە، ئەمگەكتە، ئىتپاقلىقتا نەمونىچى بالىلار دەپتەر، قەلەم بىلەن مۇكاپاتلاندى. يېڭىدىن پىونېر بولغان بىر ساۋاقداش، مۇكاپاتلانغان بىر ساۋاقداش سۆز قىلدى. ئارقىدىن ئارغامچا تاقلاش، تەپكۈچ تېپىش، يۈگۈرۈش ۋە ئارغامچا تارتىش، دەريادىن بېلىق تۇتۇش، ئىلەڭگۈچ ئۇچۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردۇق. بۇلاردا بىرىنچى بولغانلار مۇكاپاتلاندى. بۇ پائالىيەتلەر ئاخىرلىشىپ، يۇمشاق پىشقان گۆش-شورپىلار بىلەن چۈشلۈك دالا تامىقى يىدۇق. تاماق يەپ بولۇپ، بىر سائەت ئىختىيارى ئوينىدۇق. بىر چاغدا رىشىت مۇئەللىم يەنە كۇشكۇرت چالدى. ھەممەيلەن يەنە چىملىق مەيدانغا يىغىلدۇق. چۈشتىن كېيىن ھەر بىر يىللىقتىن تاللانغان ساۋاقداشلار شىئېر دىكلاماتسىيە قىلدى. يوقۇرى يىللىقتىكى ساۋاقداشلار ئۆزلىرى تەييارلىغان كونسىرت نومۇرلىرىنى ئوينىدى. بۇ پائالىيەتمۇ شۇنداق قىزىپ كەتتى. چۈشتىن كېيىن پائالىيەتلەر ئاخىرلىشىپ ئۆيلىرىمىزگە قايتتۇق. شۇنداق قىلىپ، بۇ قېتىمقى بالىلار بايرىمىلىق پائالىيەت ساۋاقداشلاردا ئۇنتۇلماس خاتىرە قالدۇردى. بۇ خىل بالىلار بايرىمىغا ئاتالغان پائالىيەتلەر مەن باشلانغۇچ مەكتەپنى پۇتتۇرگەنگە قەدەر يىلدا مۇشۇ يەردە ئېلىپ بېرىلدى. مانا بۇ ئىشلارنىڭ بولۇپ ئۆتكىنىگە بۇ يىل 53 يىل بوپتۇ. 10 يىلنىڭ ئالدىدا، بىز بۇرۇن 1-ئىيۇن بالىلار بايرىمى ئۆتكۈزگەن قىزىلغولنى كۆرگىلى باردىم. ھازىر بۇيەر پۈتۈنلەي ئۆزگۈرۈپ كېتىپتۇ، بۇ يەردە بىر سۇ ئامبىرى قۇرۇلغان ئىكەن. ھېلىقى يوغان تېرەكلەر ئۆسكەن ئورمانزار پۈتۈنلەي غايىپ بوپتۇ. بىر قىسىم سازلىق ئوتلاقلار سۇ ئامبىرى ئاستىدا قاپتۇ، ئەسلىدىكى گۈزەل مەنزىرە بىر چۈشكە ئايلىنىپتۇ.
دەسلەپكى چاغلاردا 1-ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمى دىگەن گەپنىلا بىلەتتۇق. ئەمما ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمەيتتۇق. كىيىن چوڭ بولۇپ بىلىشىمچە، بۇ بايرامنىڭ ئاجايىپ بىر تارىخى مەنبەسى بار ئىكەن:
مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بولۇۋاتقان 1942يىلى 6-ئايدا، گىرمان فاشىستلىرى چېخنىڭ لىدىس كەنتىدە 16 ياشتىن كىچىك بولغان 140 دىن كۆپ ئوغۇل بالىنى ۋە بارلىق بوۋاقلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، ھەمدە يۈزگە يېقىن قىز ئوغۇلنى كەنىتتىكى ئۆيلەرگە سولاپ، ئۆيلەرگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرگەن، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ھاياتى ئۇرغۇپ تۇرغان بۇ كەنىت ۋە ئادەملىرى تارىختا كۆۈرۈلۈپ باقمىغان زور قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان ئىكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى، گىرمان فاشىستلىرى بىلەن ياپون فاشىستلىرىنىڭ مەغلوپ بولۇشى بىلەن ئاخىرلاشقان بولۇپ، بۇفاشىستلارنى دۇنيا ئەللىرى قاتتىق جازالىغان ھەمدە، شۇ چاغلاردا چېخنىڭ لىدىس كەنتىدىكى بالىلار پاجىئەسىگە ۋە فاشىستلار قولىدا ئولتۈرۈلگەن بالىلارغا، ئاياللارغا تەزىيە بىلدۈرۈش، جاھانگىرلارنىڭ ئۇرۇش قوزغاپ تېنچلىقنى بۇزۇپ، بىگۇنا سەبى بالىلارنىڭ كۆپلەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا قارىشى تۇرۇش، بالىلارنىڭ كىشىلىك ھوقوقىنى قوغداشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، خەلقئارالىق دىمۇكراتىك ئاياللار بىرلەشمىسى، 1949-يىلى 11-ئايدا، سۆۋىت ئىتپاقىنىڭ پايتەختى موسكۋادا يېغىن چاقىرىپ، ھەر يىلى1-ئىيون كۈنىنى بالىلارنىڭ دۇنياۋى بايرىمى كۈنى قىلىپ بېكىتكەن ئىكەن. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن، دۇنيادىكى ئەللەردە، خەلقئارالىق بالىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە..
دۆلىتىمىز جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيىتى 1949-يىلى 10-ئايدا رەسمىي قۇرۇلغان بولۇپ، شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى چاقىرىلغان سىياسى ھۆكۈمەت يىغىندا 1-ئىيون كۈنىنى يېڭى جۇڭگونىڭ بالىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن ئىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، جۇڭخۋا مىنگو (گومىنداڭ) دەۋرىدىمۇ بالىلار بايرىمى تەسىس قىلىنغان. مەنبەلەرگە قارىغاندا، كونا جۇڭگودا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 1931-يىلى، 4-ئاپىرىل كۈنىنى بالىلار بايرىمى كۈنى قىلىپ بېكىتىپتىكەن. يېڭى جۇڭگو ھۆكۈمىتى 1950-يىلىدىن باشلاپ 1-ئىيون بالىلار بايرىمى يولغا قويۇلغاندىن كىيىن، كونا جۇڭگودا بېكىتىلگەن بالىلارنىڭ بايرام ۋاقتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىكەن.
دۇنيادىكى بارلىق ئۆسمۈرلەر مىنىڭ نەۋرەلىرىمگە ئوخشاش كەلگۈسى دۇنيانىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇپ ماڭىدىغانلاردۇر. بۇلار ھازىر بالىلىق مەزگىلىدە ياشىماقتا، بۇلارنىڭ تېخى تەنلىرى ئاجىز، ئەقلى تېخى توشمىغان، بۇلار، ئوزۇقلۇققا، ئاتا-ئانا مېھرىگە، ئاسراشقا، قوغداشقا، تەربىلىنىشكە موھتاج. شۇڭا، بارلىق جەمىيەت كىشىلىرىنىڭ بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى بىرىنچى دەرىجىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ھېساپلىنىدۇ. ئۇلارنى تاشلىۋىتىش، خورلاش، باشقىلارغا سېتىۋىتىش، ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىش، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقوقىنى دەپسەندە قىلىش بىرىنچى دەرىجىدىكى جىنايەت ياكى ئىنسانىيەتكە قارىشى جىنايەت ھېساپلىنىدۇ. ئاڭلىشىمچە بۇ خىل جىنايەت سادىر قىلغانلار، ئىسلامدا دوزىقى بولۇپ كېتىدىكەن.
شۇنداق قىلىپ، 64 يىلدىن بۇيان، دۇنيادا، دۆلىتىمىزدە، جۈملىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا 1-ئىيۇن خەلقئارالىق بالىلار بايرىمى ئۆتكۈزۋاتىمىز. بۇ يىل، بۇ خەلقئارا بالىلار بايرىمى خاتىرە كۈنىنىڭ 64-يىلى بولىدۇ. بۇ كۈندىكى بايرامنىڭ بارلىق بالىلارغا خوشاللىق ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن. دۆلىتىمىز ۋە ئاپتونۇم رايونىمىز تۈزىگەن ئانا-بالىلارنى قوغداش قانۇن-سىياسەتلىرىنىڭ بىجانىدىل ئىجراقىلىنىشىنى تىلەيمەن، بارلىق جەمىيەت كىشىلىرىمىزنىڭ بالىلارنى ئاسراشنى كىشىلىك ئەخلاق ۋە تۇرمۇش مىزانى دەپ بىلىشىنى، ئۆمۈرلۈك ۋەزىپە ئورنىدا ئىجراقىلىشىنى تىلەيمەن. ئوماق بالىلارىمىزنىڭ ئۆگۈنۈش، سەيلە قىلىش، تەبىئەتتىن بەھىرلىنىشى ئۈچۈن، مەھەللە ئەتراپىدىكى تەبىئى شەكىللەنگەن ماكانلار مۇھىتىنى ساقلاپ قېلىشنى، ئاسراشنى ئۈمىت قىلىمەن.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 31-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 642 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=2979
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!