باش بەت > تىل،, جۇغراپىيە > «ساس» تەبىرى
13فېۋرال

«ساس» تەبىرى

«ساس» تەبىرى

沼泽

ئا.ر.جىمسارى

 

بايان ئاۋۋال

«ساس» دىگەن سۆزنى ئېھتىمال مەن تۈنجى قىتىم ئاكادېمىيە تورىدىكى يازىقچە ئەسەردە قوللانغان بولۇشۇم مۇمكىن. ساس دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، قارا تۇپراق يەر، ئۈستى چىپ-چىپ سۇ؛ بۇ يەر دەسسەلسە، ئۇ يەر لۆمۈلدەر دىگەنگە ئوخشاش يەرلەرنىڭ نامى.

«ساس» دىگەن سۆز، جۇغراپىيەلىك نام ھەم مەلۇم بىر خىل «يەربۆك» (لەندىسكەپ، لاندىشافىت) نامى ياكى مەلۇم بىر «ماكان» (ئېكولوگىيە سىستېماسى) نامى بولىدۇ. بىز، «ساس» دىگەننى ئىپادىلەشتە «ساز، سازلىق» دىگەندەك سۆزنى قوللۇنۇپ كىلىۋاتىمىز. مىنىڭچە «ساز» دەپ قوللۇنۇش مۇۋاپىق بولمىغان، چۈنكى، ساز دىگەن سۆزگە، سۈزۈك، سەرەمجان، نەپىس، ساپ، جاراڭلىق دىگەندەك مەنىلەر يۇشۇرۇنغان دەپ قارايمەن.

مەن بۇ ساس دىگەن سۆزنى، 4-5 ياش ۋاقتىمدىلا دادام-ئاناملاردىن ئاڭلاپ ھەم كۆرۈپ چوڭ بولغان. چۈنكى، داداملارنىڭ قورۇقى ئەتراپىدا ناھايىتى چوڭ ساس بار ئىدى. يازلىقى بۇ ساس ئىچىگە ئادەم مال كىرىشكە بولمايتتى. 10-ئايلاردا ئاندىن كىرىشكە، ئوتچۆپ، قوراي ئورىۋىلىشقا بولاتتى. ئاتام، ئاپام بەزىدە مەن كۈزلىكى تۇنۇرغا سېلىش ئۈچۈن، بۇ ساستىكى « سېرىق چىچەك» دەپ ئاتايدىغان، بارماق قول توملۇقىدا بولىدىغان، ئىگىزلىكى 2 مېتىر ئىگىز ئۆسۈدىغان قوراينى ئورىۋالاتتۇق.

مەن شىنجاڭنى قىدىرىپ چىقىش جەريانىدا، ئالتاي، قاراشەر، يۇلتۇز، بۇلۇڭكۆل قاتارلىق جايلاردىكى كۆپلىگەن چوڭ ساسلارنى كۆردۈم، بەزىلىرىدىن ئاتلىق كىچىپمۇ ئۆتتۈم. مەزگۇر ئەسەردە، ساسقا بولغان چۈشەنچەمنى شېئىرى شەكىلدە قىسقىچە بايان قىلدىم. 

«ساس» تەبىرى

قارا تۇپراق يەر، ئۈستى چىپ-چىپ سۇ،

بۇ يەر دەسسەلسە، ئۇ يەر لۆمۈلدەر.

سۇلار نىمىشكە سىڭىپ كەتمىگەن؟

يەر ئاستى توڭ، سىڭمەس قاتلام يەر.

مۇنداق يەر بىزدە «ساس» دىيىلەر،

بەزىلەر يەنە «ساسلىق» دىيىشەر.

ساس بولار تاغدا، ھەم بولار ئويدا،

ساس بىلەن تەڭشىلەر تەبىئەتتە يەر.

كىرمەيلى ساسقا  يازدا بىز پەقەت،

شوراپ-كوكىراپ جان يۇتۇپ كىتەر.

نامى بۇ يەرنىڭ ئەسلى«ساس» ئىدى،

 لېكىن يازىلدى «ساز» دەپ بۇ يەر.

مىنىڭ بۇ ھەقتە دەيدىغىنىم شۇ،

ئەمما بۇنىڭغا تىلشۇناس نىمە دەر؟

 

تۆۋەندىكى رەسىم، رايونىمىزدىكى مەشھۇر   «يۇلتۇزساس» بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرسىدا ئاقىدىغان «يۇلتۇزغول»نىڭ ئومۇمى كۆرۈنىشى. بۇيەر ھازىر «ئاققۇ كۆلى» دىگەن نامدا، ئاققۇ تەبىستان قىلىندى. مەن،  1982-يىلى يۇلتۇزساستىن ئات بىلەن ئۆتۈپ باققان. ئاجايىپ خەتەرلىك. ئۇ يەرگە يازلىقى بېرىپ قالسىڭىز، ساسقا كىرىشكە ھەرگىز تەۋەككۇل قىلماڭ!.  ( بۇ رەسىملەرنى گوگۇل تورىدىن تېرىۋالدىم).

1286089634507images (2)images沼泽土景观

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 02-ئاينىڭ 13-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 350 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4065
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز