13فېۋرال
توقاي، جاڭگال ۋە قاراچىمتان
توقاي، جاڭگال ۋە قاراچىمتان
荒漠河沟河岸林、灌丛林与低地草甸
ئا.ر.جىمسارى
توقاي، جاڭگال ۋە قاراچىمتان دىگەن 3 ئىسىم سۆز بىزدە كۆپ قوللۇنىلىدىغان سۆزلەردىن بولىدۇ. ئەمما، بۇ سۆزلەرگە بولغان چۈشەنچە تەبىرلەر ھەر خىل بولۇپ، ئېنىقىنى ئايرىۋالماق تەس. مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئۆزەمنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە بۇ 3 ئىسىم سۆزنىڭ تەبىرىنى شېئىرى شەكىلدە ئىخچام بايان قىلدىم.
كۆكچۆل ئىقلىم كونتىرولىدا،
جىرا، جىلغا، غوللار بويىدا.
بەزىدە يەربۆك جەزرەڭ بولسا،
بەزىدە يەربۆك كۆپكۆك تۇرا.
كۆكچۆل ئەمما قاراچۆل ئەمەس،
سۇ-نەم تەييار تۇپراق ئاستىدا.
بەزى جايلار قارا ساس بولسا،
بەزى جايلار شورچىمتان تۇرا.
قاراڭ بۇ يەردە گىيالار تۇلا،
تېرەك توغراق ئۆسەدۇ ئۇندا.
يۇلغۇن، يانتاق بولادۇ ھەمرا،
جەرەن، توشقان ياشايدۇ شۇندا.
بۇ جاي ئاتالدى توقاي نامىدا،
بەزىدە ئاتالدى جاڭگال نامىدا.
ھەم ئاتالدى، قاراچىمتان نامدا.
ئەمما پەرق بار ناملار ئاراسىدا.
دەرەخ كۆپ بولسا توقايدۇر نامدا ،
چاتقال كۆپ بولسا جاڭگالدۇر نامدا.
ئوتچۆپ كۆپىنىڭ قارا چىمتان نامدا،
توغرا ئاتايلۇق نامىنى ھەر چاغدا.
ئەسكەرتىش: مەزگۇر ئەسەردىكى كۆك رەڭلىك سۆزلەر سىزگە ئېھتىمال يات بىلىنىشى مۇمكىن. بۇلارنى چۈشەنمىگەن بولسىڭىز، مۇشۇ ئاكادېمىيە تورىدىن ئىزدىسىڭىز ئۇلارنىڭ تەبىرى چىقىپ قالىدۇ.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 02-ئاينىڭ 13-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 350 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4059
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!