زىمىندا قانچىلىك جانىۋار زاتى بار؟
زىمىندا قانچە خىل جانىۋار زاتى بار؟
地球上的生物物种有多少?
ئاپتورى: ئا.ر.بوستاني
زىمىندىكى جانىۋارلار زات سانىنىڭ قانچە خىلغا يېتىدىغانلىقى، كىشلەر قىزىقىدىغان مەسىلە. بۇ سۇئالنى بۇنىڭدىن بۇرۇن بىر قىسىم بۇرادەرلەر مىنىڭدىنمۇ سوراپ باققان ئىدى. ئەمما، مەن ئۇلارغا، شۇ چاغلاردا بىلگىنىمچە ھەر خىل جاۋاپلارنى بەرگەن ئىدىم. زىمىندا، زادى قانچە خىل جانىۋار زاتى بار؟ مەزگۇر ئەسەردە، مانا مۇشۇ مەزمۇن قىسقىچە سۆزلەندى.
1. جانىۋار زات سانى توغرىسىدىكى تارىخى مۆلچەرلەر
مەنبەلەردىن بىلىشىمچە، 1758-يىلى، شىۋىتسىيەلىك گىياھشۇناس كارل لىننى ئەپەندى، جانىۋار زاتلىرىنى رۇيخەتكە ئېلىش، نام بېرىشتەك بىر يۈرۈش تاكسونلاش ئۇسولىنى كەشىپ قىلغان ئىكەن. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن، كىيىنكى كىشىلەر تا ھازىرغىچە، دۇنيا بويىچە شۇ ئۇسول ئاساسىدا ئۆزلىرى بايقىغان جانىۋار زاتلىرىنى خاتىرلىگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ، دۇنيا مىقياسىدا نۇرغۇنلىغان جانىۋار زاتلىرى بايقالدى، خاتىرلەندى ھەم ئۇلارنىڭ زات سانى مۆلچەرلەندى. بەزى مەلۇمات مەنبەلىرىگە قارىغاندا، لىننىدىن كىيىنكى 254 يىل جەريانىدا، دۇنيا بويىچە خاتىرلىنىپ، رۇيخەت ئامبىرىغا كىرگەن جانىۋار زاتى، تەخمىنەن 1 مىليون 250 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن. بۇ جانىۋار زاتلىرىنىڭ تەخمىنەن بىر مىليون خىلى قۇرۇقلۇقتىن، قالغان 250 مىڭ خىلى دېڭىز ئوكىيانلاردىن بايقالغان ئىكەن. بايقالغان ئومۇمى جانىۋار زاتىنىڭ ئىچىدىكى 700 مىڭ خىل جانىۋار زاتى خاتىرلەنگەن، ئەمما، رۇيخەت ئامبىرىغا تېخى كىرمىگەن دەپ قارالغان. ئەندى بەزى مەنبەلەردە، زىمىندىكى جانىۋار زاتى 3 مىليوندىن 100 مىليونغىچە ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن.
2. جانىۋار زاتى توغرىسىدا، 2010-يىلىدىن بۇيانقى مۆلچەر
يېقىندا كۆرگەن تولۇقسىز مەلۇماتقا قارىغاندا، ئامىرىكانىڭ ھاۋاي ئۈنىۋېرسىتېتى، كانادانىڭ داھۇس ئۈنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكىCamilo Mora،Boris Worm、Derek P. Tittensor、Sina Adl ، Alastair G.B. Simpson قاتارلىق ئالىملارنىڭ يېڭىدىن جەمتەرلىگەن سانىغا قارىغاندا، زىمىندىكى جانىۋار زاتى، 8 مىليون 700 مىڭ بولغان. بۇلارنى تۆۋەندىكى تۈركۈملەر بويىچە ئايرىپ جەمتەرلىگەن:
1- ھايۋاناتنىڭ (动物) زات سانى، تەخمىنەن 7 مىليون 700 مىڭ. بۇنىڭ ئىچىدىكى، 953 مىڭ 434 خىل زاتى خاتىرلەنگەن ھەم تاكسونلىنىپ بولغان. (ھايۋانات، ئومۇمى ئىسىم. ھايۋانلار، چارپايلار، بېلىقلار، پەرەندىلەر، چەرەندىلەر قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمى نامى. ھايۋان دىگەن نام، مىنىڭچە بولغاندا، «سۈت ئەمگۈچى ھايۋانات» نى كۆرسۈتىدۇ. ھايۋانات دىگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەشتە، بىز ھايۋانلار، مەخلۇقلار دىگەندەك ناملارنى قوللانغان ئىدۇق، بۇ مىنىڭچە مۇۋاپىق بولمىغان، چۈنكى ئومۇمى نامدا، ھايۋانات بولىدۇ. تارماق نامدا ھايۋان بولىدۇ. مەخلۇق دىگەن سۆز ئەرەپچە سۆز بولۇپ، ئۇيغۇرچە مەنەسى « ياسالغان» بولۇدىكەن، ھايۋانات ۋە ھايۋان مەنىسىنى بەرمەيدۇ).
2-گىياھلارنىڭ (植物) زات سانى، تەخمىنەن 298 مىڭ. بۇنىڭ ئىچىدىكى، 215 مىڭ 644 زاتى خاتىرلەنگەن ھەم تاكسونلىنىپ بولغان.
3-چىياھلارنىڭ (真菌) زات سانى، تەخمىنەن، 611 مىڭ. بۇنىڭ ئىچىدىكى، 43 مىڭ 271 زاتى خاتىرلىنىپ ھەم تاكسونلىنىپ بولغان.
4-ئاۋۋالجانلارنىڭ (原生动物) زات سانى تەخمىنەن، 36 مىڭ 400 . بۇنىڭ ئىچىدىكى، 8 مىڭ 118 زاتى خاتىرلىنىپ ھەم تاكسونلىنىپ بولغان.
5-لەشگىياھلارنىڭ (يۈسۈنلەر 藻类) زات سانى تەخمىنەن 27 مىڭ 500. بۇنىڭ ئىچىدىكى، 13 مىڭ 33 زاتى، خاتىرلىنىپ، تاكسونلىنىپ بولغان.
3. جانىۋار زات سانى توغرىسىدا مۇلاھىزە
يوقۇرىدا كۆرسۈتىلگەن جەمتەردىكى جانىۋار تۈركۈملىرى ۋە سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يەنە نۇرغۇنلىغان ۋىروسقا ئوخشاش تاق ھۈجەيرىلىك جانىۋارلار ھەم بىر قىسىم كۆپ ھۈجەيرىلىك جانىۋارلار، بۇ قىتىمقى جەمتەردە كۆرسۈتىلمىگەندەك قىلىدۇ. بۇلار، يوقۇرىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئىچىگە كىرمەيدىغان ئوخشايدۇ. ئەگەر، مەزگۇر ئەسەر بېشىدا كۆرسەتكەندەك، زىمىندىكى جانىۋارلار زات سانىنى 100 مىليون ئەتراپىدا دەپ مۆلچەرلىگەندە، Camilo Mora قاتارلىق ئەپەندىلەرنىڭ بۇقېتىم جەمتەر قىلىنغان 8 مىليون 700 مىڭ دىگەن سان، ئومۇمى مۆلچەر ساننىڭ تەخمىنەن 9% نى ئىگەللەيدۇ. دىمەك، زىمىندىكى جانىۋارلارنىڭ تەخمىنەن 90% ى تېخى بايقالمىغان، ياكى خاتىرلەنمىگەندەك قىلامدۇ-قانداق؟. ياكى بولمىسا، 100مىليون دىگەن مۆلچەر سان، بەكلا يوقۇرى مۆلچەرلەنگەنمۇ-قانداق؟ بۇلارغا ھازىرچە بىر نىمە دىمەك تەس. شۇڭا، زىمىندا زادى قانچىلىك جانىۋار زاتى بار ئىكەنلىكىدە تا ھازىرغىچە ئېنىق بىر مەلۇمات يوق. ئەڭ يېڭى جەمتەر قىلىنغان سان، 8 مىليون 700 مىڭ. شۇڭا، ئالىملار، زىمىندىكى جانىۋار زاتلىرىنى ئېنىقلاپ جەمتەر قىلىشنى ھازىرغىچە توختاتمىغان. مەن ئۇچراتقان مەنبەلەردىكى سانلىق مەلۇماتلار، ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تولۇق جەمتەر قىلىنمىغان ياكى مەلۇم بىر ئۇسول بويىچە مۆلچەرلەنگەن سانلىق مەلۇماتلاردىن ئىبارەت. دىمەك، شۇنىڭغا ئىشىنىش كېرەككى، زىمىندا زادى قانچە خىل جانىۋار زاتى بار ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش ھەرگىزمۇ ئۆزگەرمەس مۇتلەق ساندىن دېرەك بەرمەيدۇ، بۇ سان، ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان نىسپى ساندىن ئىبارەت. چۈنكى جانىۋار زاتلىرى بىر تەرەپتىن يېڭىدىن پەيدا بولۇپ، بايقىلىپ تۇرىۋاتىدۇ، بىر تەرەپتىن بۇ خۇسۇسىيەتتىن باشقا بىر خۇسۇسىيەتكە تەرەققى قىلىپ ئۆزگىرىپ تۇرىۋاتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بەزىلىرىنىڭ نەسلى قۇرۇپ، زىمىندىن يوقۇلۇپ تۇرىۋاتىدۇ. جانىۋارلار زاتىنى تاكسونلاشنىڭ مۇرەككەپلىكىنى دىمىگەندىمۇ، جانىۋارلاردىكى ئۆزگىرىشچان ھالەت، بۇ سۇئالغا ئېنىق جاۋاپ بېرىشكە قېيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، يېڭى مەنبەلەرنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇشقا توغرى كېلىدۇ. سانلىق مەنبەلەرنى ئىشلەتكەندە، رەسمىي جەمتەر قىلىنغان ئېنىق مەلۇماتلارنى ئىشلىتىش، ئاددى ئۇسولدا مۆلچەرلەنگەن ئېنىقسىز مەلۇماتلارنى ئىشلەتمەسلىك، ھەم بۇ مەلۇمات توغرا، ئۇ مەلۇمات خاتا دەپ ئېسىلۋالماسلىقى ئەقىلغا مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 03-ئاينىڭ 10-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 740 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=2709
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
You made some Good points there. I did a search on the topic and found most people will agree.
Ha ha I was just online around and took a glimpse at these comments. I can’t believe that there’s still this much attention. Thanks for writing about this.
Thank you for your site post. Brown and I have already been saving to get a new guide on this matter and your writing has made us all to save the money. Your ideas really solved all our questions. In fact
My spouse and i were so relieved when Ervin could round up his basic research out of the precious recommendations he had through your site. It’s not at all simplistic to simply choose to be handing out instructions that many many people have been trying to sell. And we all remember we have the writer to appreciate for this. The most important explanations you made
Just be as high quality and kind to her as one can without spoiling her. I trust today that she is a fraud; no much more divine than you or maybe I.
Its like you read my thoughts! You appear to know such a lot related to this
芒鈧揃ehind the Seams芒鈧?鈥?The Fashion Industry Forum 鈥?FIT 鈥?A fashion mind I was recommended this web site by my cousin. I am not sure whether this post is written by him as nobody else know such detailed about my trouble. You’re amazing! Thanks! your article about 芒鈧揃ehind the Seams芒鈧?鈥?The Fashion Industry Forum 鈥?FIT 鈥?A fashion mindBest Regards Lisa
I just couldnt leave your internet site before suggesting that I actually enjoyed the useful info you offer you to your visitors鈥?I’m not sure