تەبىستان دىگەن نىمە؟
«تەبىستان» دىگەن نىمە؟
什么是自然保护区?
ئا.ر. بوستانىي
بايان ئاۋۋال
«تەبىستان» دىگەن سۆز، ئا.ر. بوستانىي ئىجات قىلىپ قويغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى، ئەسلىدىكى تەبىئەت تەركىۋى قوغداپ قېلىنىدىغان دائىرە، يەر ياكى بۆلەك دىگەننى بىلدۈرىدۇ. ئەسلىدىكى تەبىئەت دىگىنىمىز، مەلۇم خاسلىققا ۋە ئالاھىدىككە ئىگە بولغان، تەبىئى شەكىللەنگەن يەر شەكىللىرى، گىياھلىرى، گىياھلىقلىرى، ھايۋاناتلىرى ۋە قوغداپ ساقلاپ قېلىشقا تىگىشلىك بولغان ھەر خىل ماكانلار(ئېكولوگىيەلىك سىستېمىلار) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەبىستان دىگەن سۆزنىڭ خەنزۇچىسى: 自然保护区،自然保护地، ئېنگلىزچىسى: nature protected area،nature reserve دەپ ئاتىلىدۇ.
بىز، تەبىستان دىگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەشتە، «تەبىئى مۇھاپىزەت رايونى» ۋە «تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايون»، «تەبىئى مۇھىت مۇھاپىزەت رايونى» دىگەندەك 10 بوغۇمدىن كۆپ بولغان 3-4 سۆزدىن تۈزۈلگەن ئىسىم بىلەن ئاتىدۇق. بۇ بىر سۆزلەر گۇرۇپپىسى بولۇپ، بۇنى بىر ئىسىم سۆز دىگىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىم سۆزلەرنىڭ كۆپ بولغاندىمۇ 3 بوغۇمدىن ئاشمايدىغان تىل ئادىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، «تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايون» دەپ قوللانماستىن، «تەبىستان» دەپ قوللۇنۇشنى تەۋسىيە قىلدىم ھەمدە، تەبىستان دىگەن نىمە؟ دىگەن مەسىلىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردىم، قوللانغان ئاتالغۇ ۋە مەزمۇنلار توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلىپ كۆرگەيسىزلەر.
1. تەبىستان دىگەن نىمە؟
مەنبەلەرگە قارىغاندا، يېقىنقى بىر يېرىم ئەسىردەك ۋاقىتتىن بۇيان، دۇنيادا پەننىي ئىلىم تەتقىقاتلىرىنى ئېلىپ بېرىش، پەننىي ئىلىملەرنى تەشۋىق قىلىش، تەبىئەتنى ئۆگىنىش، ئۆزگىچە مەزمۇنغا ئىگە بولغان سەيلى-ساياھەت ۋە مەلۇم ئىشلەپچىقىرىشنى ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە، مەخسۇس دائىرە بەلگىلەپ چىگرا ئايرىلغان ئالاھىدە يەرلەر قۇرۇلۇشقا باشلىغان. بۇ يەرلەر، قىممەتلىك ۋە خەۋپتە قالغان گىياھلار، ھايۋاناتلارھەم ھەرخىل خاسلىققا ئىگە بولغان ماكانلار (ئېكولوگىيىلىك سىستېمىلار)، قىممەتلىك گېئولوگىيىلىك قۇرۇلمىلارنى ئاسراپ قوغدايدىغان ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە قىلىنغان. مانا مۇشۇنداق ئىمتىياز ياكى قانۇنىي ھوقوق ئارقىلىق ئەسلى تەبىئەتى قوغدىلىدىغان يەرلەرنى، تەبىستان دەپ ئاتىدىم. تەبىستان، ئادەتتە، قىممەتلىك، دەلخەۋپ، ئالخەۋپ، كەمۋار، خاسۋار جانىۋارلار مەرگەزلىشىپ قالغان جاي، پەسىل قۇشلىرى كۆپىيىدىغان، ئۆتەڭ قىلىدىغان مۇھىم يەرلەردىن ھىساپلىنىدۇ. مەدەنىي ھايۋاناتلار، گىياھلار(ئۆي ھايۋانلىرى، زىرائەتلەر) نىڭ ياۋىسى چىقىدىغان مۇھىم يەر ھېساپلىنىدۇ. تەبىئەت شەكىللەندۈرگەن ئاجايىپ مەنزىرە رايونى بولىدۇ. شۇڭا، تەبىستانلار، تەبىئەت شەكىللەندۈرگەن مەلۇم خاسلىققا، تىپىكلىككە ئىگە بولغان، قانۇن بويىچە دائىرە- چىگرىسى ئېنىق ئايرىلىپ بېكىتىلگەن، دائىرە ئىچىدىكى بارلىق شەيئىلەرگە چېقىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغان، مەخسۇس ئورگان باشقۇرىدىغان، باشقۇرۇش قانۇن تۈزۈملىرى بولغان ئالاھىدە بىر بۆلەك يەرلەردۇر.
2. تەبىستان قۇرۇشنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بار؟
ھەممەمىزگە مەلۇم بولغاندەك، ئاللاتائالا ئادەمنى تۇپراق ۋە سۇدىن ياراتقان ئىكەن. ھەم ئادەملەرنىڭ ياشىشى ئۈچۈن، دۇنيانى ئاجايىپ شەيئىلەر بىلەن تولدۇرغان ئىكەن. تەبىئەتتىكى بارلىق شەيئىلەر، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى زۆرۆر ماددى كېرەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىشىنىمۇ مۇھىم شەكىل تەسەۋۋۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. دىمەك تەبىئەتتىكى بارلىق شەيئىلەر، ئىنسانلار ھاياتىدىكى ئەڭ تۈپ بايلىق. ئادەم، تەبىئەتنىڭ مەڭگۇ ئايرىلماس بىر تەركىۋى. شۇڭا، ئادەم تەبىئەتتىن ئايرىلىپ پەقەت ياشىيالمايدۇ. نۆۋەتتە، دۇنيامىزدا ئاھالە سانى يىلسېرى كۆپۈيۋاتىدۇ، ئېقتىسات يىلسېرى ئېشىۋاتىدۇ، ئاھالەنىڭ ئېھتىياجىمۇ يىلسېرى ئېشىۋاتىدۇ. پەننىي ئىلىملەرنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، قۇرال-سايمان، ھۈنەر-تېخنىكا ئىلغارلىشىۋاتىدۇ، ئىنسانلارنىڭ دۇنيادىكى پائالىيەت دائىرەسى ئۆزلۈكسىز كېڭىيىۋاتىدۇ، چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ. نېتىجىدە، تەبىئەتكە بولغان بېسىممۇ كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتىدۇ. ئەسلىدىكى تەبىئى پەيدا بولغان مۇھىتلاردا ئۆزگىرىش بولىۋاتىدۇ، جانىۋارلارنىڭ ماكانلىرى بۇزۇلىۋاتىدۇ، كىچىكلەۋاتىدۇ ھەتتا يوقۇلىۋاتىدۇ. ئىنسانلارغا قىممەتلىك مەنپەئەت بېرىدىغان جانىۋارلار بىز بىلىپ بولغۇچە زىمىندىن يوقۇلىۋاتىدۇ. تەبىستان قۇرۇش، مانا مۇشۇنداق ئۆزگىرىشلەر ئېلىپ كىلىدىغان ئاپەتلەردىن ساقلىنىش، جانىۋارلار نەسلى قۇرۇشتىن ساقلىنىش، مۇھىت بۇلغۇنىشتىن ساقلىنىش، ماتىرىيال مەنبە قەھەتچىلىكىدىن ساقلىنىش، تەبىئەت مەنزىرسىنىڭ بۇزۇلىشىدىن ساقلىنىش، تەبىئى تەجىرىبەخانىنىڭ بۇزۇلىشىدىن ساقلىنىش قاتارلىق ئىنسانلار دۈچ كىلىدىغان نۇرغۇن يامان ئاقىۋەتلەردىن ساقلىنىشتا ئەڭ مۇھىم بولغان «نوھ ئەلەيھىسسالام كىمىسى»دەك قۇتقازغۇچ كىمە ھىساپلىنىدۇ. بىر دۆلەت ياكى بىر مىللەت رايونىدا تەبىستانلارنىڭ بولۇش بولماسلىقى، ئاز-كۆپلىكى، چوڭ-كىچىكلىكى شۇ جاي ياكى مىللەتنىڭ قىممەتلىك تەبىئى بايلىقىدۇر. ھەم مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى ۋە دەرىجىسىنى بىلدۈردىغان كۆرسەتكۈچتۇر.
3. تەبىستان قانداق تۈركۈملەرگە ئايرىلىدۇ؟
تەبىستانلار، ئاسراپ قېلىش ياكى قوغداپ قېلىش قىممىتى بولغان قىممەتلىك، كەمۋار ھايۋاناتلار ھەم گىياھلار توپلاشقان يەرلەر، پەسىللىك قۇشلار ئۆتەڭ قىلىدىغان يەرلەر، زىرائەت، چارۋىلارنىڭ ياۋايى زاتلىرى ساقلانغان يەرلەر، تەبىئى شەكىللەنگەن گۈزەل مەنزىرلىك جايلار، يەرقات يارلىرى ۋە تاشقاتلار ساقلانغان يەرلەر، مۇزلۇقلار، تەبىئى كارىزلار، شاقىراتمىلار، ئارشاڭلار، يانار تاغلار، مىتورىت چۈشكەن، ساقلانغان يەرلەر ۋە ھەر خىل خاسلىقى بولغان ماكانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىشلەرنىڭ چۈشۈنىشىگە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، تەبىستانلار ئادەتتە مۇنداق 3 تۈركۈمگە ئايرىلىدۇ. بۇنىڭ بىرىنچى تۈركۈمى، تەبىئى ماكان تۈرىدىكى تەبىستانلار دىيىلىدۇ. بۇ تۈركۈمگە، تىپىك ئالاھىدىلىكى بولغان، مۇكەممەلرەك قۇرۇلمىسى بولغان تەبىئى ماكانلارنى (تەبىئى ئېكولوگىيەلىك سىستېمىلارنى) قوغداش ياكى ئاسراش ئوبىكتى قىلغان تەبىستانلار كىرىدۇ. ئىككىنچى تۈركۈمى، تەبىئى (ياۋايى) جانىۋارلار تۈرىدىكى تەبىستانلار دىيىلىدۇ. بۇ تۈركۈمگە، قىممەتلىك، كەمۋار جانىۋارلارنى قوغداش ئوبىكتى قىلغان تەبىستانلار كىرىدۇ. ئۈچىنچى تۈركۈمى، تەبىئەت ئىزنالىرى تۈرىدىكى تەبىستانلار دىيىلىدۇ. بۇ تۈركۈمگە، مەلۇم قىممەتكە ئىگە بولغان يەرقاتلىرىنى، تاشقاتلارنى، مۇزلۇقلارنى، تەبىئى كارىزلارنى، شاقىراتمىلارنى، ئارشاڭلارنى، يانار تاغلارنى، مىتورىت چۈشكەن، ساقلانغان يەرلەرنى ئاسراش ياكى قوغداش ئوبىكتى قىلىنغان تەبىستانلار كىرىدۇ.
4. تەبىستانلار قانداق قۇرۇلىدۇ؟
ھازىر يوقۇرىدا دىيىلگەن 3 خىل تۈركۈمدىكى تەبىستانلار، ھەرخىل دەرىجىدە قاتلاممۇ قاتلام قۇرۇلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، خەلقئارالىق تەبىستان، دۆلەتلىك تەبىستان، ئۆلكە، ئاپتۇنۇم رايونلۇق تەبىستان، شەھەرلىك تەبىستان، ناھىيەلىك تەبىستان، يېزىلىق تەبىستان دىگەندەك. ھەربىر دەرىجىدىكى تەبىستانلار، تەبىستان قۇرۇش شەرتلىرى ھازىرلانغان يەرلەردىن تاللىنىدۇ، مەلۇمات بېرىش شەرتلىرى بويىچە، تەبىستان قۇرۇش مەلۇماتى تەييارلىنىدۇ، ھەم ئۆزىدىن بىر دەرىجە يوقۇرى بولغان ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا يوللۇنىدۇ، بۇلار، مۇناسىۋەتلىك كەسپى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا يوللۇنىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن، مۇھىت باشقۇرۇش ئورۇنلىرى تەكشۈرۈپ باھالاپ تەستىقلايدۇ. دۆلەتلىك تەبىستان بولۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئۆتكەللەردىن ئۆتىدۇ: ئۆلكە ياكى ئاپتونۇم رايونلۇق تەبىستان سالاھىتى بولۇشى شەرت. ئۆلكە ياكى ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلاپ، دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىگە يوللايدۇ، بۇلار تەستىقلاپ گوۋۇيۋەنگە يوللايدۇ، گوۋۇيۋەن، دۆلەتلىك مۇھىت ئاسراش باش ئىدارىسىگە ھاۋالە قىلىدۇ، بۇلار، ئەڭ ئاخىرقى ئۆتكەل بولۇپ، تەستىقتىن ئۆتكەنلىرى دۆلەتلىك تەبىستان بولىدۇ. خەلقئارالىق تەبىستانلارنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مىراسلار مەھكىمەسى تەستىقلايدىكەن. مەيلى قانداق دەرىجىدىكى تەبىستانلار قۇرۇلمىسۇن، تەبىستان قانۇن-تۈزۈملىرى بويىچە ئىش كۆرۈشى، شەرت-شارائىتلىرىنى ھازىرلىشى، تەبىستاندا ئىشلەيدىغان كىشىلەرنىڭ تەبىستانغا ئائىت بىلىملەرگە پىششىق بولۇشى، خىزمەتلەرنى بېرىلىپ ئەستايىدىل ئىشلىشى تولىمۇ زۆرۆر. شۇنداق بولغاندىلا، تەبىستانلار، نوھ ئەلەيھىسسالام كىمىسىنىڭ رولىنى ئارتقۇزالايدۇ. بولمىسا، ئىسمى بار، جىسمى يوق، ماددىسى بار، روھى يوق ئۈلۈك بولۇپ قالىدۇ.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 03-ئاينىڭ 03-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 1,216 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=2684
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
Howdy would you mind stating which blog platform you’re working with? I’m planning to start my own blog in the near future but I’m having a tough time choosing between BlogEngine/Wordpress/B2evolution and Drupal. The reason I ask is because your design seems different then most blogs and I’m looking for something completely unique. P.S My apologies for being off-topic but I had to ask!
I know this if off topic but I’m looking into starting my own blog and was curious what all is required to get setup? I’m assuming having a blog like yours would cost a pretty penny? I’m not very internet savvy so I’m not 100% sure. Any recommendations or advice would be greatly appreciated. Many thanks
get your affiliate link to your host? I wish my web site loaded up as fast as yours lol
Good web site! I truly love how it is easy on my eyes and the data are well written. I’m wondering how I could be notified when a new post has been made. I’ve subscribed to your feed which must do the trick! Have a great day!
This piece of writing on the topic of Web optimization is truly good one
Tars Tarkas and the leader exchanged a few terms
Kudos to that!
I have really learned new things by your weblog. One other thing I’d prefer to say is newer computer os’s usually allow extra memory to be utilized
You made some decent points there. I looked on the internet for the issue and found most individuals will go along with with your website.
Thanks for spending the time to discuss this
This is my first time i visit here. I found so many entertaining stuff in your blog
Appreciate it for all your efforts that you have put in this. very interesting information.
« تەبىستان » ئاتالمىسى توغرىسىدىكى ئىزاھلار ۋە چۈشەنچە ھەم بايانلار ، شۇنداقلا ئۇ ئاتالمىنىڭ قاتلاملارغا بۆلۈنىشى ، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىكلوگىيىلىك سىستېمىلار ۋە جانلىقلار توغرىسىدىكى ئىلمىي كۆز قاراشلار ، چۈشەنچىلەرنى تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ . پايدىلىنىش قىممەتكە ئىگە ماتېرىيال ئىكەن .