16ئاپرېل
قۇياشلەم، بەنىدئىزىم پەرەزىدەك پەيدا بولغانمۇ؟
قۇياشلەم، بەنىدئىزىم پەرەزىدەك پەيدا بولغانمۇ؟
جىمسارى
بايان ئاۋۋال
ئا.ر. جىمسارى، ئاكادېمىيە بلوگىدا «قۇياشلەم» دىگەن سۆزنى ئىجات قىلىپ، «قۇياش» كونترول قىلىپ تۇرغان «ئالەم» دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرگەن. «قۇياشلەم» دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە يازىق مەنبەلەردە «قۇياش سىستېمىسى» دەپ ئاتالغان. بىز ئادەملەر، قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە «قۇياشلەم قانداق يارالغان»؟ دىگەن سۇئالغا جاۋاپ ئىزدەپ كىلىۋاتىمىز. بۇ سۇئالغا بېرىلگەن جاۋاپلار خېلى كۆپ ئىكەن. «ئاكادېمىيە تور بېكىتى»دە جىمسارىنىڭ «قۇياشلەم، بۇلۇتئىزىم پەرەزىدەك پەيدا بولغانمۇ؟»، «قۇياشلەم، توپانئىزىم پەرەزىدەك پەيدا بولغانمۇ؟» ناملىق ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا، قۇياشلەم، قانداق پەيدا بولغان؟ دىگەن مەسىلدە، كىشىلەر ئوتتۇرىغا قويغان « بۇلۇتئىزىم پەرەزى»، « توپانئىزىم پەرەزى» ئىخچام بايان قىلىنغان. ئەمما، بۇ پەرەزلەرنىڭ ئەمەلىيەت سىناقلىرىنىڭ ھەم ئالەمنامە ئىلىم-بىلىملىرىنىڭ گۇمانلىرىدىن مۇستەسنا ئەمەسلىكى، يەنىلا كىشىلەرنى قايىل قىلالمايدىغانلىقى قەيىت قىلىنغان. ئەندى بۇ قىتىم يازىلغان مەزگۇر ئەسەردە، قۇياشلەمنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى يەنە بىر مۇھىم پەرەز« بەنىدئىزىم پەرەزى» قىسقىچە بايان قىلىندى.
1. «بەنىدئىزىم » دىگەن نىمە؟
بەنىدئىزىم دىگەن سۆز، ئا.ر. جىمسارى ئىجات قىلغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ مەنەسى، قۇياشلەم، باشقا دۇنيالارنى ئۆزىگە بەنىد قىلىشتىن پەيدا بولغان دىگەن پەننىي پەرەزنىڭ ئىخچام نامىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىكى «بەنىد» دىگەن سۆز بىزنىڭ تىلىمىزغا پارىس تىلىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، مەلۇم بىر جىسىمنىڭ مەلۇم بىر خىل جىسىمدىكى كۈچنىڭ تەسىرىدە باغلاندى بولۇپ قالغان، كونتروللىقىدا قالغان دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. «ئىزىم» دىگەن سۆز، «ئىلمىي پەرەز»، «ئىلمىي خىيال» «ئىلمىي كۆز قاراش» ياكى «ئىدىيە، مەپكۇرە» دىگەن ئۇقۇملارنىڭ ئىخچام نامىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، مەن بۇ خىل پەرەزنىڭ نامىنى ئۇيغۇرچە «بەنىدئىزىم پەرەزى» دەپ ئاتادىم. «بەنىدئىزىم پەرەزى» دىگەن سۆز، خەنزۇچە «俘获假说»، ئېنگلىشچە « capture theory; ياكى capture hypothesis »، رۇسچە «теория захвата ياكى захват гипотеза» دەپ ئاتىلىدىكەن. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە ياكى لۇغەتلەردە نىمە دەپ ئاتالغانلىقىنى مەن بىلمەدىم.
2. «بەنىدئىزىم پەرەزى » دىگەن قانداق پەرەز؟
«بەنىدئىزىم پەرەزى»، قۇياشلەم قانداق پەيدا بولغان؟ دىگەن مەسىلىگە جاۋابەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان پەرەزلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەنبەلەرگە قارىغاندا، بۇ پەرەزنى، تايلور (泰勒(Taylor,F.B. ) ) دىگەن كىشى 1910-يىلى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن. بىر باياندىن بىلىشىمچە، تايلورنىڭ پەرەزى مۇنداق ئىكەن: زىمىن، ئاي دۇنيالىرى ئەسلىدە ئايرىم مۇستەقىل دۇنيالاردىن ئىدى. كىيىن ئاي، زىمىنغا يېقىنلاپ زىمىننىڭ ئوربىتاسى ئىچىگە كىرىپ قالغاندا، زىمىننىڭ تارتىش كۈچىدە زىمىن تەرىپىدىن بەنىت قىلىنغان، ئايمۇ زىمىننىڭ كونتروللىقىدا زىمىننىڭ بىر تەبىئىي پەرۋانەسىگە ئايلىنىپ قالغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، تايلورنىڭ بۇ پەرەزى، قۇياشلەمدىكى باشقا دۇنيالارنى ئىزاھلاشتا ئاجىزلىق قىلىدىكەن. شۇڭا، بۇ پەرەز، كىشىلەر تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنمىغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن كىيىن، 1944-يىلىغا كەلگەندە، سابىق سۆۋىت ئىتپاقىدىكى ئالەمشۇناس ئو.يۇ.شمىت دىگەن كىشى يەنە «مىتورىدئىزىم پەرەزى»نى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن. ئو مۇنداق پەرەز قىلغان: نەچچە مىليارت يىللار ئىلگىرى،قۇياش، سامالەمنى ئايلىنىپ ماڭغاندا، دىئامېتىرى 10 نۇر يىلى كىلىدىغان، قۇياشقا قارىغاندا، سكونتىغا 5 كلومېتىر تېز ئايلىنىدىغان يۇلتۇزلۇق بۇلۇت ئىچىگە كىرىپ قالغان. قۇياش بۇ يەردە 600 مىڭ يىل ئايلانغان. بۇ جەرياندا، قۇياش، قۇياش ماسساسىنىڭ 3% گە تەڭ كىلىدىغان يۇلتۇزلۇق بۇلۇت ماددالارىنى ئۆزىگە بەنىد قىلىۋالغان. بۇ بەنىد قىلىنغان ماددىلاردىن يۇلتۇزلۇق بۇلۇت دېسكىسى (دېسكا شەكىللىك ھالەت) شەكىللەنگەن. كىيىن سەييارە دۇنيالار ۋە پەرۋانە دۇنيالار مۇشۇ يۇلتۇزلۇق بۇلۇت دېسكىسىدىن شەكىللەنگەن. دەسلەپتە بۇلارنىڭ ئوربىتالىرى ھەر خىل بولۇپ، ئۆز-ئارا سوقۇلۇپ يۈرۈپ،ئوتتۇرىچە نورماللاشقان، ئورتاقلاشقان ھەم يۇمۇلاقلاشقان، شۇنداق قىلىپ قۇياشلەم شەكىللەنگەن.
ئالەمشۇناس تايلور بىلەن شىمىتنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پەرەزلىرىنىڭ نامى ئوخشاش بولماسىمۇ، ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشاش. ھەر ئىككىلىسى، قۇياشلەم، يۇلتۇزلۇق بۇلۇت جىسىملىرىنىڭ بەنىد قىلىش ۋە بەنىد قىلىنىش جەريانىدا شەكىللەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇڭا، بۇ ئىككى پەرەزنى كىيىنكى كىشلەر «بەنىدئىزىم پەرەزى» دەپ ئاتاشقان. شۇنداق قىلىپ، ئالەمنامەدە، بەنىدئىزىم پەرەزى دىگەن سۆز پەيدا بولغان.
3. بەنىدئىزىم پەرەزى توغرىمۇ؟
مەنبەلەرگە قارىغاندا، قۇياشلەم قانداق پەيدا بولغان؟ دىگەن سۇئالغا بېرىلگەن «بەنىدئىزىم پەرەزى» بۇيىچە تۈۋەندىكى مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدىكەن. بۇنىڭ بىرى، ھەر خىل ئالەمنامە ھىساپلاشلىرىغا قارىغاندا، دۇنيالارنىڭ بۇ خىل بەنىد قىلىنىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن ئاز بولىدىكەن. ئىككىنچىسى، بۇ پەرەز بىلەن، لاپلاسنىڭ تىگىشمەيدىغان دۈزلەم (不变平面ئىنۋارىيانت پلان) بىلەن گالاكتىك دۈزلەم (银道面) بۇلۇڭىنىڭ (交角会) 62 گرادوسقا يېقىن بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىكەن. ئۈچىنچىسى، بۇ پەرەز، كىشىگە خۇددى توپانىزىم پەرەزىدەك بىر خىل تەسساددىپى ئەھۋالدا پەيدا بولغاندەك ئېنىقسىز ياكى قۇياشلەم پۈتۈنلەي مۇشۇنداق پەيدا بولغان دىگەندەك قاراقۇيۇق چۈشەنچە بېرىدۇ. دىمەك، قۇياشلەمنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى «بەنىدئىزىم پەرەزى»دىنمۇ كىشىلەر يەنىلا قايىللىق ھېس قىلمىدى.
بايان ئاخىر
يوقۇرىدا، قۇياشلەم قانداق پەيدا بولغان؟ دىگەن سۇئالغا پەننىي ئىلىم ياكى ئالەمنامە نوقتىسىدىن بېرىلگەن «بەنىدئىزىم پەرەزى» توغرىسدا بىلگەنلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم. بەنىدئىزىم پەرەزىنىڭ ئوتتۇرىغا قۇيۇلغانلىقىنى مەن 1981-يىلى تۇنجى قىتىم مەنبەلەردىن ئوقۇپ بىلگەن. بۇ پەرەزنى مەن شۇ چاغلاردا توغرا پەرەزكەن دەپ ئويلىغان. بۇ پەرەزنى ھازىر ئويلىسام راسلا مەسىلە بار ئىكەن.
مەن ئاكادېمىيە بلوگىدا، قۇياشلەم قانداق پەيدا بولغان؟ دىگەن مەسىلىگە ئالەمشۇناسلار ئوتتۇرىغا قويغان «بۇلۇتئىزىم پەرەزى»، «توپانئىزىم پەرەزى» ۋە « بەنىدئىزىم پەرەزى» دىن ئىبارەت 3 خىل پەرەزنى بىلگىنىمچە تۇنۇشتۇردۇم. بۇ پەرەزلەرمەيلى قانداق بولمىسۇن، بۇ ھەقتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇرغۇن پەرەزلەر ئىچىدە ئىلمىي ئاساسى بار، مەلۇم قايىل قىلىش كۈچى بار بولۇپ، مەنبەلىرىمىزدە تا ھازىرغىچە مۇنبەرلەردىن قالغىنى يوق، ئەمما، بۇ پەرەزلەر، قۇياشلەمنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سىرلارنى يېشىپ بېرەلىگىنىمۇ يوق. شۇڭا،كىشىلەر بۇ ھەقتە ئىزدىنىشنى توختاتقىنىمۇ يوق، يەنە يېڭى پەرزلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ئۈمۈد ئۈزگەنىمۇ يوق. شۇڭا، قۇياشلەم قانداق پەيدا بولغان؟ دىگەن مەسىلە، زىمىنغا تۆرەلگەن ھەر بىر ئادەمنىڭ يىڭى پەرەزلىرىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 04-ئاينىڭ 16-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 256 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4327
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!