8ئاپرېل
قۇياشلەم، توپانئىزىم پەرەزىدەك پەيدا بولغانمۇ؟
قۇياشلەم، توپانئىزىم پەرەزىدەك پەيدا بولغانمۇ؟
جىمسارى
بايان ئاۋۋال
ئادىللا ئوغلى رەھمەتۇللا جىمسارى ، «قۇياشلەم» دىگەن سۆزنى ئىجات قىلىپ، «قۇياش» كونترول قىلىپ تۇرغان «ئالەم» دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرگەن. «قۇياشلەم» دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە يازىق مەنبەلەردە «قۇياش سىستېمىسى» دەپ ئاتالغان. بىز ئادەملەر قۇياشلەمدىكى زىمىنلەمدە ياشاۋاتىمىز. بىز ئادەملەر، قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە «قۇياشلەم قانداق يارالغان»؟ دىگەن سۇئالغا جاۋاپ ئىزدەپ كىلىۋاتىمىز. «ئاكادېمىيە تور بېكىتى»دە جىمسارىنىڭ «قۇياشلەم، بۇلۇتئىزىم پەرەزىدىن پەيدا بولغانمۇ؟» ناملىق ئەسەرى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا، «زىمىننامە»، « ئالەمنامە» مەنبەلىرىدە، « بۇلۇتئىزىم»، « توپانئىزىم»، « بەنىدئىزىم» دىگەن 3 خىل پەرەز ئەڭ كۆپ تىلغا ئالىنغانلىقى كۆرسۈتىلگەن. ھەمدە، كانت ۋە لاپلاس ۋەكىللىكىدىكى كىشىلەرنىڭ، قۇياشلەم، يۇلتۇزلۇق بۇلۇتلار (ياكى تۇمانلار) دىن پەيدا بولغان دىگەن «بۇلۇتئىزىم ياكى كانت-لاپلاس پەرەزى»ىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرغان. ئەندى مەزگۇر ئەسەردە، يەنە بىر مۇھىم پەرەزلەرنىڭ بىرى بولغان « توپانئىزىم پەرەزەى» ھەققىدە قىسقىچە مۇھاكىمە قىلىپ باقتىم.
1. قۇياشلەم دىگەن نىمە؟
قۇياشلەم دىگەن نىمە؟ دىگەن چۈشەنچىنى ، «ئاكادېمىيە تور بېكىتى» 2011-يىلى 29-كۆنەكتە نەشىر قىلغان «قۇياشلەم دىگەن نىمە؟» ناملىق ئەسەردىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىم، قۇياشلەم ۋە ئۇنىڭدىكى دۇنيالارنىڭ قىياس مودىلى.
رەسىم: قۇياشلەم ۋە ئۇنىڭدىكى دۇنيالارنىڭ قىياسەن مۇدىلى
2. «توپانئىزىم » دىگەن نىمە؟
توپانئىزىم دىگەن سۆز، ئا.ر. جىمسارى ئىجات قىلغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ مەنەسى، قۇياشلەم، توپان بالاسىدىن پەيدا بولغان دىگەن پەننىي پەرەزنىڭ ئىخچام نامىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىكى «توپان» دىگەن سۆز ئەرەپچە سۆز بولۇپ، « تەبىئىي ئاپەت» (تەبىئەتتە كۆرۈلگەن ئەڭ چوڭ تەبىئىي ئاپەت) دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. «ئىزىم» دىگەن سۆز، «ئىلمىي پەرەز»، «ئىلمىي خىيال» «ئىلمىي كۆز قاراش» ياكى «ئىدىيە، مەپكۇرە» دىگەن ئۇقۇملارنىڭ ئىخچام نامىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، مەن بۇ خىل پەرەزنىڭ نامىنى ئۇيغۇرچە «توپانئىزىم پەرەزى» دەپ ئاتادىم. توپانئىزىم پەرەزى دىگەن سۆز، خەنزۇچە «灾变假说»، ئېنگلىشچە « Cataclysm hypothesis»، رۇسچە «Катаклизмгипотеза» دەپ ئاتىلىدىكەن. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە ياكى لۇغەتلەردە نىمە دەپ ئاتالغانلىقىنى مەن بىلمەدىم.
3. «توپانىزىم» دىگەن قانداق پەرەز؟
مەنبەلەرگە قارىغاندا، كىشىلەر، توپانئىزىم پەرەزىنى، فرانسىيەلىك تەبىئەتشۇناس، بۇففىن (Buffon Georges-Louis Leclerc de 1707-1788) ، دىگەن كىشى (رەسىمدىكى كىشى) تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان دەپ قارايدىكەن. كىيىن 20-ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىغا كەلگەندە يەنە بىر قىسىم كىشىلەر قۇياشلەم، توپان بالاسىدىن پەيدا بولغان دىگەن پەرەزنى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىكەن. قۇياشلەم قانداق پەيدا بولغان؟ دىگەن سۇئالغا، «توپانىزىم پەرەزى» مۇنداق دەپ قارايدىكەن: قۇياش ئەڭ دەسلەپتە پەيدا بولغان، بىر قىتىم نامەلۇم بىر تۇرغۇن يۇلتۇز ياكى نامەلۇم بىر قۇيرۇق يۇلتۇز(سۈپۈرگە يۇلتۇز) قۇياش يىنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ، قۇياشقا سوقۇلۇپ كەتكەن. بۇ نامەلۇم يۇلتۇز قۇياشقا سوقۇلغاندا، قۇياش يۈزىدىن بىر مۇنچىلىغان لەختە ماددىلار چاچراپ چىققان، قۇياش تىنىدىن ئاجىراپ چىققان مۇشۇ لەختە ماددىلاردىن قۇياشلەمدىكى سەييارە يۇلتۇزلار پەيدا بولغان.
بۇ پەرەزنى ئېنىقراق دىگەندە، نامەلۇم يۇلتۇز تەساددىپى ھالدا قۇياشقا سوقۇلۇپ كىتىپ، قۇياشتا توپان (تەبىئىي چوڭ ئاپەت) پەيدا بولغان، شۇ توپاندا، قاتتىق سوقۇلۇش زەربىسىدىن قۇياشنىڭ بىر بۆلۈك ماددالىرى قۇياشتىن چاچراپ ئايرىلىپ چىققان، چاچراپ چىققان بۇ ماددىلاردىن سەييارە يۇلتۇزلار شەكىللەنگەن، شۇڭا، قۇياشلەمدىكى بارلىق دۇنيالارنىڭ ھەممەسى قۇياشنىڭ تەنداش ئەزالىرى بولىدۇ دىگەندىن ئىبارەت. دىمەك، كىيىنكى كىشىلەر، قۇياشلەم، قۇياش توپانىدىن پەيدا بولغان دىگەن پەرەزنى، «توپانىئىزىم پەرەزى» دىگەن نام بىلەن ئاتاشقان. شۇنداق قىلىپ، پەننىي ئىلىمدا ياكى ئالەمنامەدە، «توپانئىزىم پەرەزى» دىگەن ئىسىم سۆز پەيدا بولغان.
4. توپانئىزىم پەرەزى توغرىمۇ؟
قۇياشلەم قانداق پەيدا بولغان؟ دىگەن سۇئالغا بېرىلگەن «توپانئىزىم پەرەزى» مىنىڭچە كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ. توپانئىزىم پەرەزىدىن تۆۋەندىكى گۇمانلىرىمغا جاۋاپ چىقمايدۇ. گۇمانىمنىڭ بىرى، مىنىڭ بىلىشىمچە، قۇياشنىڭ ماسساسى، قۇياشلەمدىكى ھەرقانداق بىر دۇنيانىڭ (پلانىت) ماسساسىدىن ناھايىتى چوڭ. ياكى بولماسا، قۇياشلەمدىكى ھەر قانداق بىر دۇنيانىڭ ماسساسى، قۇياش ماسساسىدىن ناھايىتى كىچىك بولىدۇ. شۇڭا، پەرەزدىكى قۇياشقا سوقۇلغان دۇنيانىڭ ماسساسى، ئەلۋەتتە قۇياش ماسساسىدىن ناھايىتى كىچىك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇياش بىر لاۋۇلداپ يىنىپ تۇرغان غايەت زور بىر گازلىق شار ھالەتتىكى بىر دۇنيا. مۇنداق ئەھۋالدا، ماسساسى قۇياشتىن كىچىك بولغان نامەلۇم بىر يۇلتۇزنىڭ قۇياشقا سوقۇلۇش ئىمكانىيەتى بولمايدۇ، چۈنكى، بۇ نامەلۇم يۇلتۇز، قۇياشنىڭ يۈزىگە يىقىنلاشقىچە بىر بولسا ئېرىپ تۈگەيدۇ، بىر بولسا، قۇياشنىڭ ماسسا كۈچى ئۇنى يۈتۈپ كىتىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ يەردە سوقۇلۇش ھادىسەسى يۈز بەرمەيدۇ. سوقۇلۇش ھادىسەسى يۈز بەرمىگەن ئەھۋالدا، قانداق قىلىپ قۇياشتىن لەختە ماددىلار چاچراپ چىقىدۇ؟
گۇمانىمنىڭ ئىككىنچىسى، ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشىنى، قۇياشلەمنىڭ پەيدا بولۇشىنى بىر قىتىملىق تەساددىپى ۋاقەلەردىن پەيدا بولغان دەپ قاراش ئىلىمنىڭ يىتەكچى ئىدىيەسىگە ھەم ئۇسولىغا مۇخالىپ كىلىدۇ. ئەگەرمەسىلە بۇ خىل ئىدىيىدە بىر تەرەپ قىلىنسا، «قانۇن» ياكى «قانۇنىيەت» دىگەن مەنتىقە نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ، قۇياشلەمنىڭ پەيدا بولۇشىدا قايمۇقۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قۇياشلەم، ئالەمدە بىرلا ئەمەس، ناھايىتى ھىساپسىز بولۇشى مۇمكىن، بۇلارنىڭمۇ ھەممەسى شۇنداق پەيدا بولغان دەپ قاراش ئەلۋەتتە مەنتىقىدە خاتادۇر.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، 1994-يىلى، 21 دانە سۈپۈرگە يۇلتۇز تۈگۈنى (يادروسى) يۇپتېر (مۇشتەر) يۇلتۇزغا ئارقا ئارقادىن سوقۇلغان ئىكەن. نېتىجىدە، يۇپتېر يۇلتۇزنىڭ يۇزىدە ئازراق ئىزناق پەيدا بولغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا، ئۇ ھېچنىمە بولمىغان ئىكەن. ئەمما،يۇپتېرغا سوقۇلغان سۈپۈرگە يۇلتۇز بولسا، چاڭتۇزاڭغا ئايلىنىپ يۇقاپ كەتكەن ئىكەن. دىمەك، قۇياشلەمنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى «توپانئىزىم پەرەزى» ئەمەلىيەت سىنىقىدىن ئۆتەلمىدى. شۇڭا، بۇ پەرەزنىڭ قايىل قىلىش نەزەرىيەسىدە ئېغىر ئاجىزلىق بارلىقىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ.
بايان ئاخىر
يوقۇرىدا، قۇياشلەم، توپانئىزىم پەرەزىدەك پەيدا بولغانمۇ؟ دىگەن مەسىلە توغرىسدا بىلگەنلىرىمنى، گۇمانلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم. توپانئىزىم پەرەزىنىڭ ئوتتۇرىغا قۇيۇلغانلىقىنى مەن 1978-يىلى تۇنجى قىتىم مەنبەلەردىن ئوقۇپ بىلگەن. بۇ پەرەزنى مەن شۇ چاغلاردا توغرا پەرەزمۇ قانداق دەپ ئويلىغان. بۇ پەرەزنى ھازىر ئويلىسام راسلا مەسىلە بار ئىكەن. ئەندى، «بەنىدئىزىم پەرەزى» قانداقكىن؟ تەڭرى بۇيرىسا، بۇنى كىيىنكى ئەسەردە مۇھاكىمە قىلايلى. مەيلى قانداق بولماسۇن، بىلگەنلىرىمنى، گۇمانلىرىمنى بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاقلاشتىم. خاتاسى بولسا، تۈزۈتۈپ قويارسىزلەر.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 04-ئاينىڭ 08-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 291 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4301
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!