باش بەت > ئۇنىۋېرسال > شىنجاڭدىكى جەزىرە ئوتلاقلار
12دېكابىر

شىنجاڭدىكى جەزىرە ئوتلاقلار

شىنجاڭدىكى جەزىرە ئوتلاقلار

新疆的荒漠草地

جىمسارى 

بايان ئاۋۋال

جەزىرە ئوتلاقلار، شىنجاڭدىكى ئوتلاقلارنىڭ ئەڭ چوڭ تەركىۋى قىسمىنى ئىگەللەيدۇ [1]. شۇڭا، جەزىرە ئوتلاقلار، ئاپتونۇم رايونىمىز چارۋىچىلىقىدا، ھەم بىر قىسىم ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ ياشىشىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرۇدۇ. ئۇنداق بولسا، جەزىرە ئوتلاق دىگەن نىمە؟ ئۇلارنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى جەزىرە ئوتلاقلارنىڭ قانداق تىپلىرى بار؟ ئۇلارنىڭ يەرمەيدانى قانچىلىك؟ ئۇلارنىڭ ئوتچۆپ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى قانچىلىك؟ دىگەندەك مەسىلىلەرگە قارىتا بىر چۈشەنچە ھاسىل قىلىش زۆرۆر تېپىلىدۇ. مانا مۇشۇ ۋەجىدىن، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، شىنجاڭدىكى جەزىرە ئوتلاقلارنىڭ ئەنە شۇ قاتارلىق ئەھۋاللىرىدىن قىسقىچە مەلۇمات بېرىلدى.

  1. جەزىرە ئوتلاق دىگەن نىمە؟

ئوتلاق ياكى ئوتلاقلار دىگىنىمىز، چارۋىلارنى ئوتچۆپ بىلەن تەمىنلەيدىغان گىيالىقلارنىڭ ئومۇمى نامى[2]. ئادەتتە ئوتلاقلارنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، ئوتلاقلارنى تۈرلەرگە ئايرىمىز ھەم ئۇلارغا نام (ئىسىم ) قويۇمىز. ئوتلاقلارنى تۈرلەرگە ئايرىغاندا،  ئۇتلاقلارنىڭ گىيالىق تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن تۈركۈملەرگە ئايرىمىز ھەم ئۇلارغا شۇ گىيالىق نامى بىلەن نام (ئىسىم) قويۇمىز. دىمەك، ئوتلاق تۈركۈملىرىنىڭ نامى، ئەنە شۇ ئوتلاقنى ھاسىل قىلغان گىيالىقنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولىدۇ. مەسىلەن: جەزىرە ئوتلاق، باياۋان ئوتلاق، چىمتان ئوتلاق دىگەندەك. ئۇنداقتا، جەزىرە ئوتلاق دىگەن قانداق ئوتلاق؟ بۇ نامدا ئاتالغان ئوتلاققا ئىزاھ بېرىشتىن بۇرۇن، جەزىرە دىگەن نىمە؟ دىگەن سۇئالغا تەبىر بېرىش زۆرۆر. جەزىرە دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، ئومۇمى مەنزىرەسى جەزرەڭدە كۆرۈنىدىغان يەر دىگەننى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتىدە، جەزىرە دىگەن سۆز، ئەرەپچە سۆز دىيىلگەن. ئەمما، جەزىرە سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى مەنىسى بىلەن ئەرەپچىدىكى مەنىسى ئوخشاش ئەمەس. جەزىرە، ئۇيغۇرچىدا، چۆل ئىقلىمدا يىتىلگەن گىيالىقنىڭ نامى بولىدۇ. يەنى،  ئىقلىمى چۆل، گىيالىرى ئوتچاتقال، چاتقال ھەم شىۋاقنى ئاساس قىلغان گىيالىقلار ئادەتتە جەزىرە دەپ ئاتىلىدۇ[3]. دىمەك، بىز مانا مۇشۇ خىلدىكى گىيالىقلاردىن تۈزۈلگەن ئوتلاقلارنى ئادەتتە جەزىرە ئوتلاق دەپ ئاتايمىز.

  1. جەزىرە ئوتلاقلارنىڭ ئالاھىدىلىكى

ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى جەزىرە ئوتلاقلارنىڭ ئىقلىمى چۆل بولۇپ، يىللىق يامغۇر يېشىن مىقدارى 200 م م دىن تۈۋەن بولىدۇ، ئەمما، يىللىق پارغا ئايلىنىش كۈچى، 2000-4000 م م غىچە بولىدۇ. بۇ يەردىكى گىيالارنىڭ ئۆسۈشىدە، بەزىلىرى ھاۋادىكى شەبنەم سۇدىن، بەزىلىرى قاراسۇ (يەر ئاستىدىكى سۇ) دىن پايدىلىنىدۇ. مۆتىدىل جەزىرە ئوتلاقلارنىڭ 10 سېلسىيە گرادوسدىن يوقۇرى بولغان يىللىق جۇغلانما تېمپراتورىسى 3500-4500 گىچە بولىدۇ، داراجەزىرە ئوتلاقلارنىڭ بولسا، ھەم چۆل ھەم سوغۇق بولىدۇ.

ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى جەزىرە ئوتلاقلارنىڭ گىيالىق ئالاھىدىلىكىگە كەلسەك، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى جەزىرە ئوتلاقلار، چۆلكەش چاتقالدەرەخ، چاتقال ۋە ئوتچاتقال گىيالىقلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى غالىس زاتلاردىن سۆكسۆكرۇق، قاراغانرۇق، شىۋاقرۇق، ئىزەنرۇق، قامقاقرۇق  قاتارلىق كۆپلىگەن رۇقلارنىڭ چۆلكەش زاتلىرى بار. بۇلاردىن باشقا، يەنە كۆپخىل كوتا گىيالارمۇ جەزىرە ئوتلاقلارنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمىنى تەشكىل قىلغان.

رايونىمىزدىكى جەزىرە ئوتلاقلارنىڭ گىيالىرى شالاڭ ئۆسكەن بولۇپ، يەر يۈزىنى قاپلاش دەرىجىسى 15-30 ٪ قىچە بولىدۇ. ئوتچۆپ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئاجىز كىلىدۇ. شىمالى شىنجاڭدىكى جەزىرە ئوتلاقلارنىڭ ئوتچۆپ ھوسولى، جەنۇبى شىنجاڭدىكىدىن يوقۇرى كىلىدۇ. ئومۇمەن ئالغاندا، ھەر گېكتار جەزىرە ئوتلاقتىن كۆكچۆپ ھىساۋىدا، 750-1200 كىلوگرامغىچە چۆپ چىقىدۇ. دىمەك، 3.5 -6 گېكتارغىچە (1 گېكتار 15 مو كىلىدۇ)  كۆلەمدىكى جەزىرە ئوتلاق،  بىر يىلدا بىردانە قوينى باقالايدۇ.

 

  1. شىنجاڭدىكى جەزىرە ئوتلاقلارنىڭ تۈركۈملىرى ۋە يەر مەيدانى

شىنجاڭدىكى جەزىرە ئوتلاقلار، گىيالىقلىرى ۋە ئىقلىمىنىڭ خاراكتىرىگە ئاساسەن يەنە 3 خىل ئوتلاق تۈركۈمىگە ئايرىلىدۇ. بۇنىڭ بىرى، مۆتىدىل باياۋان جەزىرە ئوتلاق، ئىككىنچىسى، مۆتىدىل جەزىرە ئوتلاق، ئۈچىنچىسى، دارا جەزىرە ئوتلاق. بۇلارنىڭ يەر مەيدانى تۆۋەندىكى جەدۋەلدە كۆرسۈتىلدى.

جەزىرە ئوتلاقلارنىڭ تۈركۈم ناملىرى

يەر مەيدانى

(گېكتار)

ئىگەللىگەن نىسبىتى(٪)

ئۇيغۇرچە نامى

خەنزۇچە نامى

مۆتىدىل باياۋان جەزىرە ئوتلاق

温性草原化荒漠草地

4418500

7.7

مۆتىدىل جەزىرە ئوتلاق

温性荒漠草地

21331900

37.3

دارا جەزىرە ئوتلاق

高寒荒漠草地

1117500

2.0

جەمئى

合计

26867900

46.9

ئەسكەرتىش: جەدۋەلدىكى ئىگەللىگەن نىسبىتى دىگىنىمىز، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ئوتلاقلار ئومۇمى يەر مەيدانىنىڭ ئىچىدە ئىگەللىگەن نىسبىتىنى كۆرسۈتىدۇ. جەدۋەلدىكى سانلىق مەلۇماتلار، مەنبە ئەسەر [4] دىن ئالىندى.

بايان ئاخىر

يوقۇرىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى جەزىرە ئوتلاقلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، يەر مەيدانى ۋە ئۇلارنىڭ ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ئوتلاقلار ئومۇمى مەيدانىدىن ئىگەللىگەن نىسبىتى قاتارلىق مەزمۇنلاردا ناھايىتى قىسقا مەلۇمات بېرىلدى. بۇ مەلۇماتلار، بۇنىڭدىن 25 يىل بۇرۇن ھىساپلاپ چىقىلغان. 25 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى جەزىرە ئوتلاقلاردا يەر ئېچىش، نېفىت-گاز ئىلىش ۋە يول ياساش، سۇ ئامبىرى قۇرۇش دىگەندەك ئىنشائاتلار سەۋەبىدىن، بۇ خىلدىكى ئوتلاقلارنىڭ يەرمەيدانى كىچىكلىدى، ئوتچۆپ ھوسولى كىمەيدى. بۇ ئەھۋاللارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە بولغانلىقى ھازىر ماڭا نامەلۇم. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردىكى مەلۇماتلارنى، تارىخى دەۋىردىكى ماتىرىيال سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

مەنبە ئەسەرلەر

[1] جىمسارى، شىنجاڭدىكى ئوتلاق تۈركۈملىرى، ئاكادېمىيە تور بىكىتى، 2013-يىل، 9-كۆنەك نەشىرى.

[2] جىمسارى، شىنجاڭدىكى يەر تىپلىرى، ئاكادېمىيە تور بىكىتى، 2013-يىل،4-كۆنەك نەشىرى.

[3] جىمسارى، جەزىرە دىگەن نىمە؟، ئاكادېمىيە تور بىكىتى، 2012-يىل، 6-مىزان نەشىرى.

[4] 新疆维吾尔自治区畜牧厅,新疆草地资源及其利用,新疆科技卫生出版社(K),1993年

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 234 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=3590
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز