باش بەت > ھايۋاناتنامە > ئۇمۇرتقالىق ھايۋانات
4ماي

ئۇمۇرتقالىق ھايۋانات

ئۇمۇرتقالىق ھايۋانات ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى

 

脊柱动物及其特点

 ئا.ر.بوستانىي

 

بايان ئاۋۋال

مىنىڭ بىلىشىمچە، كىشىلەر ھايۋاناتلارنى پەننى ئۇسول بويىچە دەرىجىلەرگە ئايرىغاندا، ئالدى بىلەن ئۇلارنى قەبىلەگە، ئۇنىڭدىن كىيىن، تەبىقەگە، جەمەتكە، ئائىلىگە، رۇققا، ئاخىرىدا زاتقا ئايرىغان. شۇنداق قىلىپ، ھايۋانات مىقياسنى 40 چە قەبىلىگە ئايرىغان. بۇ قەبىلەلەر ئىچىدىكى تارچا ھايۋانات قەبىلەسى، 7 تەبىقەگە ئايرىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى، سىلبېلىق تەبىقەسىنى، كونبېلىق تەبىقەسىنى، ئوسبېلىق تەبىقەسىنى بېلىقلار دەپ ئاتىدىم. قالغانلىرىنى سۇقۇرۇقلار، چارپايلار، پەرەنلەر، ۋە ھايۋانلار دەپ ئاتىدىم. دىمەك، مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، بىزگە كۆپرەك ئۇچرايدىغان، مانا مۇشۇ 5 خىل ئۇمۇرتقالىق ھايۋانات تەبىقىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلدى.

 

1. بېلىقلار (鱼类动物)

ھەممەمىزگە مەلۇم، بېلىقلار بىر ئۆمۈر سۇدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا بېلىقلار، زىمىندىكى دەريا، كۆل، بۇلاق، دېڭىز، ئوكىيانلاردىن ئىبارەت تاتلىقسۇ ۋە تۈزلۇقسۇنى ماكان قىلغان. تاشقات مەنبەلەرىگە ئاساسلانغاندا، بېلىقلار بۇنىڭدىن 440 مىليون يىل بۇرۇن زىمىندا پەيدا بولغان ئىكەن. بېلىقلار، سۇ ئىچىدە، يابراسىغا تايىنىپ نەپەس ئالىدۇ، پالاقچاسىگە تايىنىپ بەدىنىنى ھەم ھەرىكىتىنى تەڭشەيدۇ. بېلىقلاردا يەنە بەدەن تېمپراتورسىنى تەڭشەپ ئۆزگەرتىدىغان خۇسۇسىيەت بار. ھايۋاناتنامەدە (زوئولوگىيەدە)، بېلىقلارنى ئەڭ قەدىمقى تارچا ھايۋاناتقا تەۋە قىلغان. تۈرلەشنامەدە (تاكسونومىيەدە)، بېلىقلار، ئۇمۇرتقاشاخقەبىلەگە، بېلىق تەبىقەسىگە ئايرىلغان. ھەمدە، بېلىقلار، ھايۋاناتلار مىقياسىدىكى تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانات تەبىقەسى دەپ قارالغان. مەنبەلەرگە قارىغاندا، ھازىرغىچە بايقالغان بېلىق زاتى، 2 مىڭدىن ئاشىدىكەن. شىنجاڭدىكى جانىۋارانلار (新疆生物多样性) ناملىق ئەسەرگە قارىغاندا، شىنجاڭدا، بېلىقلارنىڭ 9 جەمەتىگە تەۋە بولغان 20 ئائىلەسى، 94 زاتى بار ئىكەن.

1147326_120539034_2_副本

 

2. سۇقۇرۇقلار (两栖类动物 (Amphibian))

سۇدا ۋە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋانات، سۇقۇرۇقلار دەپ ئاتالدى. سۇقۇرۇقلار، سۇدىن تۈنجى قېتىم قۇرۇقلۇققا چىقىپ ھاۋادىن نەپەسلەنگەن تارچا ھايۋانات ياكى ئۇمۇرتقا شاخقەبىلەگە تەۋە ھايۋانات. شۇڭا كىشىلەر، سۇقۇرۇقلارنى، سۇدا ياشايدىغانلار بىلەن قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋانات ئوتتۇرسىدىكى ئۆتكۈنچى ھايۋانات، قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋاناتنىڭ ئىپتىدائىسى ياكى باشلامچىسى دەپمۇ قارايدۇ. پەننى ئىلىمدا، سۇقۇرۇقلار، بېلىقلاردىن بىۋاستە تەرەققى قىلىپ ۋۇجۇدقا كەلگەن دەپ قارايدۇ. يەر قاتلاملىرىدىن قېزىۋېلىنغان تاشقاتلارغا ئاساسلانغاندا، سۇقۇرۇقلار بۇنىڭدىن تەخمىنەن 360 مىليون يىللار بۇرۇن زىمىندا پەيدا بولغان ئىكەن. تۇخۇمدىن كۆپۈيۈدىغان، تۇخۇمدىن چىققاندىن كىيىن سۇدا ياشايدىغان، چوڭ بولغاندا قۇرۇقلۇقتا ياشاشقا ماسلىشىدىغان، تېرىسىدە ئۆڭ قەۋەت، يۇڭ ياكى قاسراقلىرى بولمايدىغان، بەدەن-تېرىسى نەم ۋە شىلىمشىق تۇرىدىغان، بەدەن تېمپراتورسى تۇرغۇن بولمايدىغان ئالامەتلەر، سۇقۇرۇقلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بەزى مەنبەلەرگە قارىغاندا، بايقالغان سۇقۇرۇقلار زاتى 4000 خىلدىن ئاشىدىكەن. شىنجاڭدىكى جانىۋارانلار (新疆生物多样性) ناملىق ئەسەرگە قارىغاندا، شىنجاڭدا، سۇقۇرۇقلارنىڭ 2 جەمەتىگە تەۋە بولغان 4 ئائىلەسى، 11 زاتى ھەم بىر شاخزاتى بار ئىكەن.

20112151349653160_副本

 

3. چارپايلار (reptillia, 爬行类动物)

پاپىلاپ، ئۆمۈلەپ، سىلجىپ، سۆرۈلۈپ ماڭىدىغان ھايۋانات، چارپاي دەپ ئاتالدى. چارپايلار، ئۇمۇرتقالىق ھايۋاناتنىڭ بىر تەبىقەسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. كۆپ ساندىكى چارپايلار، تۇخۇمدىن تۇغۇلىدۇ، بەزىلىرى پلاسىنتا (بالا ھەمرىيى) دىن تۇغۇلىدۇ. شۇڭا، چارپايلاردا، ئامنىيون (بالا ھەمرىيى ياكى باش سۈيى ) بولىدۇ. بەدەن ھارارىتىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ، بىرقىسىملىرى قۇرۇقلۇقتا، بەزىلىرى، دېڭىز ئوكىيانلاردا ياشايدۇ. ئىللىق ياكى ئىسسىق مۇھىتنى ياخشى كۆرىدۇ. چارپايلارنىڭ دائىرەسى كەڭ بولۇپ، بۇرۇنقى زاماندا ياشىغان دىنزاۋۇرلار، ھازىرقى زاماندا ياشاۋاتقان ھەر خىل ئىلانلار، كەسلەنچۈكلەر، تىمساھلار، تاشچارپايلار (تاشپاقا دەپمۇ ئاتالغان، مىنىڭچە بۇ خاتا ئۇقۇم بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ پاقا ئەمەس) قاتارلىق ھايۋانات قەۋملىرى، چارپايلار جۇملىسىگە كىرىدۇ. تاشقات مەلۇماتلىرىدىن پەرەز قىلىنىشچە، چارپايلار، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 220 مىليون يىللار بۇرۇن زىمىندا پەيدا بولغان ئىكەن. مەنبەلەردىن جەمتەر قىلىشىمچە، چارپايلارنىڭ زاتى  6383 خىلغا يېتىدىكەن. شىنجاڭدىكى جانىۋارانلار (新疆生物多样性) ناملىق ئەسەرگە قارىغاندا، شىنجاڭدا، چارپايلارنىڭ 3جەمەتىگە تەۋە بولغان 10 ئائىلەسى، 59 زاتى ھەم 2 شاخزاتى بار ئىكەن.

OOOPIC_wiplm_2008120609d08e332283bff1

4. پەرەندەلەر (aves, 鸟纲)

پەرەندەلەر، يەنە قۇشلار، پەي-قاناتلىقلار، ئۇچارقاناتلار دىگەندەك ناملاردىمۇ ئاتىلىدۇ. رەھمەتلىك توختى موللا گايىت ئوۋچى بوۋامدىن كىچىگىمدە پەرەندە، پەرەندەلەر دىگەن گەپلەرنى كۆپ ئاڭلايتتىم. ئۇ، قۇش، بۈركۈت، توخو، ئۆردەك، قۇشقاچ قاتارلىق پەي-قاناتلىقلارنى پەرەندەلەر دەپلا ئاتايتتى. ئۇ، قورۇقىدا ئەۋزەل شارائىت بولسىمۇ، توخو، ئۆردەك باقتۇرمايتتى. مەن تۇتىۋالغان قۇشقاچ چۈجىسىنى سىۋەتكە سېلىپ باقسام، ئۇنى باقتۇرماي قويىۋىتەتتى. ئۇ، دائىم، پەرەندە باقسا يامان بولىدۇ، ئۇنىڭ ۋاباسى تىگىدۇ دەيتتى. شۇڭا، كىچىكىمدە ئاڭلىغان پەرەندە دىگەن بۇ ئاتالغۇنى، مەزگۇر ئەسىرىمدە قوللاندىم.

پەرەندەلەر، ئىككى پۇتلۇق، مۇڭگۇز تۇمشۇقلۇق، ئۆپكەنلىك، پەي-مامۇقلۇق، قاناتلىق ھەم رەڭدار بولىدۇ. پەرەندەلەرنىڭ چىشلىرى بولمايدۇ، چاڭگا ياساپ ياكى تاش-تام كامارلىرىدا ياشايدۇ، تۇخۇم تۇغۇپ، تۇخۇمدىن چۈجە چىقىرىپ كۆپۈيىدۇ. كۆپ ساندىكىلىرى ئۇچۇشقا ماھىر كىلىدۇ، بەزىلىرى ئۇچالمايدۇ. مەنبەلەرگە قارىغاندا، پەرەندەلەر، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 130 مىليون يىللار بۇرۇن زىمىندا پەيدا بولغان ئىكەن. مەنبەلەرگە قارىغاندا، بەزىلەر، پەرەندەلەرنى قەدىمقى چارپايلارنىڭ ئەۋلادى دەپ قارىغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتە تا ھازىرغىچە ئالىملار ئارىسىدا پىكىر ئىختىلابى بار. يەنە بەزى مەنبەلەرگە قارىغاندا، 50-60 مىليون يىلدىن بېرى، بولۇپمۇ، 3 مىليون يىلدىن بۇيانقى دەۋىرنى، پەرەندەلەرنىڭ تازا تەرەققى قىلىۋاتقان دەۋرى دەپ قارايدىكەن. پەرەندەلەرنىڭ زاتىمۇ كۆپ خىل بولۇپ، ھەر خىل مۇھىتلاردا ياشايدىكەن. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىرقى پەرەندەلەر زاتى 9000 خلدىن ئاشىدىكەن. شىنجاڭدىكى پەرەندەلەرنىڭ، 19 جەمەتى، 53 ئائىلەسى، 444 زاتى، 95 شاخزاتى بار ئىكەن.

t01676b565d1a68ea9f

5. ھايۋانلار (، 哺乳类动物)

ھايۋانلار، يەنە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ياكى سۈت ئەمگۈچىلەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھايۋانلار، ھايۋانات مىقياستىكى شەكىل تۈزۈلىشى ئەڭ ئىلغار، فىزۇلوگىيەلىك رولى ئەڭ مۇكەممەل بولغان ئالى دەرىجىدىكى ھايۋانات ھېساپلىنىدۇ. ئۇرۇق بىلەن تۇخۇم بىرلىشىپ ھامىلە بولۇپ تۇغۇش، ئانىسى بالىسىنى ئېمىتىپ بېقىش، بەدەن تېرىسى يوڭ-مويلۇق بولۇش، تەن ھاراررىتى مۇقىم بولۇش، بۇلار، ھايۋانلارنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. مەنبەلەرگە قارىغاندا، ھايۋانلار، تۇخۇملۇق ھايۋان، خالتىلىق ھايۋان، ئادەتتىكى ھايۋان دەپ ئايرىلىدىكەن. .ئەمما، تۇخۇملۇق ھايۋان بىلەن خالتىلىق ھايۋانلار ناھايىتى ئاز ساندا بولۇدىكەن، مەسىلەن، بىز ئۆردەك تۇمشۇق، چۈمۆلىخور دەپ ئاتاۋاتقان ھايۋانلاردەك. ئادەتتىكى ھايۋان، يەنىلا ھايۋانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدۇ. ھايۋانلار، بېلىقلارغا، سۇقۇرۇقلارغا، چارپايلارغا ۋە پەرەنلەرگە قارىغاندا، ئەقىللىق بولىدۇ دىگەن قاراشمۇ ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەنبەلەرگە قارىغاندا، ھايۋانلار، بۇنىڭدىن 220 مىليون يىللار بۇرۇن پەيدا بولۇشقا باشلاپتىكەن. تەخمىنەن 70 مىليون يىللار مابەينىدە تەرەققى قىلىۋىتىپتۇ. تولۇقسىز مەنبەلەرگە قارىغاندا، بارلىق ھايۋان تەبىقەسى، 3 شاختەبىقەگە، 29 جەمەتكە، 153 ئائىلەگە، 1229 رۇققا ئايرىلىدىكەن. بۇلارنىڭ ئومۇمى زات سانى، 5416 خىل بولىدىكەن. شىنجاڭدىكى ھايۋانلارنىڭ 7 جەمەتى، 23 ئائىلەسى، 162 خىل زاتى، 52 شاخزاتى بار ئىكەن.


t0183106e40d5ab4a8d_副本_副本_副本

بايان ئاخىر

يوقۇرىدا، ئۇمۇرتقالىق ھايۋانات ئىچىدىكى 5 خىل ھايۋانات تەبىقەسى قىسقىچە بايان قىلىندى. ئەسەردە قوللانغان سۇقۇرۇقلار، چارپايلار، پەرەنلەر دىگەندەك ئاتالغۇلارنى ئۆز پىكىرىمچە يىڭىدىن ياساپ تۈنجى قېتىم قوللاندىم. ھايۋانات دىگەن سۆز بىلەن ھايۋان دىگەن سۆزنى پەرقلەندۈرۈپ قوللۇنۇشنى تۈنجى قىتىم ئەسەردە قوللاندىم. سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىر قىسىملىرى مەنبەلەردىن ئېلىندى، بىر قىسىملىرىنى ئۆزەم مەنبەلەرگە ئاساسەن جەمتەر قىلغان. ئەسەردىكى مەزمۇنلار، ئىخچام، ئاددى بايان قىلىندى. شۇڭا، بەزى بۇرادەرلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالماسلىقى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن، مەزگۇر ئەسەردىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ ، پايدىلىنىشقا بولىدۇ دەپ قارىدىم. بۇرادەرلەردىن، كام قالغان، خاتا بولۇپ قالغان يەرلىرى بولسا، تولۇقلاپ ۋە تۈزۈتۈپ كېتىشلىرىنى سورايمەن.

 

مەنبەلەر

1. ئاكادېمىيە تورى

2. بەيدۇ تورى

3. لەنسې دوڭۋۇشۇې تورى

4. يۋەنگويىڭ تۈزىگەن، شىنجاڭدىكى جانىۋارانلار (خەنزۇچە)، شىنجاڭ پەن تېخنىكا نەشىرىياتى

 

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 04-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 843 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=2918
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

5 پارچە باھا

  1. 分析的很透彻,很欣赏你的看法,学习了。

  2. It’s hard to find experienced people about this topic, however, you sound like you know what you’re talking about! Thanks

  3. If you want to improve your familiarity only keep visiting this website and be updated with the most up-to-date news posted here.

  4. #5 پەيكان بۇ باھاغا پىكرىم بار | نەقىل ئېلىش Post:2013-07-02 11:10

    سىزنىڭ بىر قىسىم ماقالىلىرىڭىزنى ئوقۇدۇم ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك بوپتۇ،مېنىڭ كەسپىممۇ بىئولوگىيە مەنمۇ ھەردائىم خەنزۇچە كەسپكە دائىركىتابلار بىلەن بىللە ئۇيغۇرچە كىتابلارنى سىلشتۇرۇپ كۆرىمەن،جانلىقلارغا نام بېرىش ھەقىقەتەن قالايمىقان شۇڭا مەن ئاپتۇرلاردىن تېخمۇكۆپ ئىزدىنشىنى بولۇپمۇ ئومۇتقىسىزھايۋانلار ھاشارەتلەرگە،لىشاينىكلارغا،پاپورتىنلارغا،مىكرو ئورگانىزملارغمۇ نام بېرشىڭلارنى سورايمەن!بۇ ئىزدىنشنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى يەنىلا جانلىقلارنى تۈرگە ئايرشتىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەزالىرى،بولۇپمۇ ھاشارەتلەرنىڭ ئەزالىرىدىن قانات ،سەزگۈ بۇرۇتچىسى ،ئېغىز ئاپپاراتلىرى چاينىغۇچى،سانجىپ شورىغۇچى،يالاپ شورىغۇچى ئېغىز ئاپپارتلىرىنى نېمە دەپ ئاتساق مۇۋاپىق بولىدۇ دېگەندەك!قىسقىسى بۇساھەدىكى ئىزدىنىش ھەممە ھالىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇككەممەل جانلىقلارنىڭ تۈرىنى ئېنقلاش ئاچقۇچى بولۇشى كېرەك.ئەلۋەتتە بۇ يالغۇز سىلەرنىڭلا ئەمەس ئۆزىنى ئۇيغۇر ھېسابلايدىغان ھەر بىر كىشىنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەجبۇرىيتى!!رەھمەت سىزلەرگە!!!

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز