ئالتاي تاغلاش ۋە ئۇنىڭ تاغداشلىرى، تاغقاشلىرى
ئالتاي تاغلاش ۋە ئۇنىڭدىكى تاغداشلار، تاغقاشلار
阿尔泰山系及其、山脉、支脉
ئا.ر.جىمسارى
بايان ئاۋۋال
ئالتاي تاغلاش، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئالتاي تاغداشنى، بەيتىك تاغداشنى، قارامايىل تاغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالتاي تاغلاش، شىمالى شىنجاڭنىڭ ئىقلىمى، تەبىئى گىيالىقلىرى، ھايۋاناتى، سۇ شارائىتى، كان بايلىقلىرى، ۋە يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق كۆپلىگەن جەھەتلەرنىڭ ئۆزگىچە بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەبىئى ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئالتاي تاغلاشدىكى تاغلار ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، ئاپتونۇم رايونىمىزدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت كىشىلىرى ئۈچۈن ئەقەللى بىر ئىش. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئۆزەمنىڭ چۈشەنچە ۋە خاتىرلىرىمگە ئاساسەن، ئالتاي تاغلاش دىگەن نىمە؟ ئۇ قايسى تاغداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ بۇ تاغداشلاردا قانداق تاغقاشلاربار؟ ئۇلارنىڭ ناملىرى قانداق ئاتىلىدۇ؟ دىگەندەك مەزمۇنلاردا قىسقىچە مەلۇمات بەردىم.
1. ئالتاي تاغلاش توغرىسىدا چۈشەنچە
ئالتاي تاغلاش دىگىنىمىز، ئالتاي تاغداشنى، بەيتىك تاغداشنى، قارامايلى تاغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايون. مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئالتاي تاغلاشنىڭ ئۇزۇنلىقى 2000 كلومېتىردىن ئاشىدىكەن. ئۇنىڭ كەڭ يېرى 150 كلومېتىر، تار يېرى 60 كلومېتىر كىلىدىكەن. ئالتاي تاغلاشنىڭ غەربى شىمال قىسمى قازاقىستان چىگرىسى ئىچىدە، شىمالى قىسمى روسىيە چىگرىسى ئىچىدە، شەرقى قىسمى مۇڭغۇلىيە چىگرىسى ئىچىدە، ئوتتۇرا جەنۇپ قىسمى رايونىمىز شىنجاڭنىڭ چىگرىسى ئىچىدە تۇرۇدۇ. دىمەك، ئالتاي تاغلاش، جۇڭگو، مۇڭغۇلىيە، روسىيە، قازاقىستان قاتارلىق 4 دۆلەتنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئالتاي تاغلاشنىڭ جۇڭگو چىگرىسى ئىچىدىكى ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 500 كلومېتىردەك بولۇپ، جەنۇبى يامزاللىرىنى ئاساس قىلغان. ھىساپلاشلارغا قارىغاندا، ئالتاي تاغلاشنىڭ شىنجاڭدىكى ئىگەللىگەن ئومۇمى يەر مەيدانى، 97149.77 كۋادىرات كلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمى يەر مەيدانىنىڭ 5،91% نى ئىگەللەيدىكەن.
2. ئالتاي تاغلاشدىكى تاغداشلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى
مىنىڭ كۆرگەن بىلگەنلىرىمگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو چىگرىسى ئىچىدىكى (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى) ئالتاي تاغلاش، 10 تاغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنى غەرپتىن شەرققە قاراپ تىزساق، ئاققامىرتاغداش، سارقامىرتاغداش، تېمىرباقان تاغداش، كۈنگەيتى تاغداش، سايقۇم تاغداش، كەرىبالچىق تاغداش، بىتەۋ تاغداش، قارامايىل تاغداش، بەيتىك تاغداش، قاپتىق تاغداشتىن ئىبارەت ( 1-جەدۋەلگە قاراڭ).
1-جەدۋەل: ئالتاي تاغلاشدىكى تاغداشلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى
|
تاغداش ناملىرى |
|
|
ئۇيغۇرچە نامى |
خەنزۇچە نامى |
1 |
ئاققامىر تاغداش |
卡宾山 |
2 |
سارقامىر تاغداش |
萨尔喀米尔山 |
3 |
تېمىرباقان تاغداش |
铁米尔巴汗山 |
4 |
كۈنگەيتى تاغلاش |
孔盖提山 |
5 |
سايقۇم تاغداش |
萨伊库木山 |
6 |
كەرىبالچىق تاغداش |
喀拉巴勒其克山 |
7 |
بىتەۋ تاغداش |
比台乌山 |
8 |
بەيتىك تاغداش |
北塔山 |
9 |
قاپتىق تاغداش |
哈普提克山 |
10 |
قارامايىل تاغداش |
|
3. تاغداشلاردىكى تاغقاشلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى
مەن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىم بىلەن شىنجاڭ خەرىتىسنى سېلىشتۇرۇپ، ئالتاي تاغلاشنىڭ 10 تاغداش دائىرەسىدىكى تاغقاشلارنى جەمتەر قىلىپ باقتىم. بۇ تاغقاشلار 30 بولۇپ، ئۇلارنىڭ ناملىرى تۆۋەندىكىچە:
ئاققامىر تاغداشتا، نارىن تاغقاش، ئاققامىر تاغقاش دىگەن 2 تاغقاش بار.
سارقامىر تاغداشتا، ئالتۇننان تاغقاش، سارقامىر تاغقاش، ئايۇت تاغقاش، مىڭداۋان تاغقاش دىگەن 4 تاغقاش بار.
تېمىرباقان تاغداشتا، تېمىرباقان تاغقاش، ئۆندىرخان تاغقاش، قاراغىل تاغقاش دىگەندەك 3 تاغقاش بار.
كۈنگەيتى تاغداشتا، قىيىنتاس تاغقاش، ئاراغاتى تاغقاش دىگەن 2 تاغقاش بار.
سايقۇم تاغداشتا، بالائېرتىش تاغقاش، كەرىتۈرگىن تاغقاش، سايقۇم تاغقاش، قاراجىرا تاغقاش دىگەن 4 تاغقاش بار.
كەرىبالچىق تاغداشتا، دۇشىن تاغقاش، كەرىبالچىق تاغقاش دىگەن 2 تاغقاش بار.
بىتەۋ تاغداشتا، چىڭگىل تاغقاش، كەرگىن تاغقاش، بىتەۋ تاغقاش، قىزىل تاغقاش دىگەن 4 تاغقاش بار.
بەيتىك تاغداشتا، تۆمۆرىن تاغقاش، بەيتىك تاغقاش، تاخىلتۇ تاغقاش دىگەن 3 تاغقاش بار.
قارامايىل تاغداشتا، ئارمانى تاغقاش، قارامايىل تاغقاش دىگەن ئىككى تاغقاش بار.
قاپتىق تاغداشتا، كىچىكقاپتىق تاغقاش، چوڭقاپتىق تاغقاش، سۇغايتۇ تاغقاش دىگەن 3 تاغقاش بار.
2-جەدۋەل: ئالتاي تاغلاشنىڭ 10 تاغداشلىرىدىكى 30 تاغقاشلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى
تاغداش نامى |
تاغقاش نامى |
تاغقاش نامى |
تاغقاش نامى |
تاغقاش نامى |
ئاققامىر تاغداش |
نارىن تاغقاش |
ئاققامىر تاغقاش |
|
|
سارقامىر تاغداش |
ئالتۇننان تاغقاش |
ئايۇت تاغقاش |
مىڭداۋان تاغقاش |
سارقامىر تاغقاش |
تېمىرباقان تاغداش |
تېمىرباقان ” |
ئۆندىرخان ” |
قاراغىل تاغقاش |
|
كۈنگەيتى تاغداش |
قىيىنتاس ” |
كۈنگەيتى ” |
ئاراغاتى تاغقاش |
|
سايقۇم تاغداش |
بالائېرتىش ” |
كەرىتۈرگىن ” |
سايقۇم تاغقاش، |
قاراجىرا تاغقاش |
كەرىبالچىق ” |
دۇشىن تاغقاش |
كەرىبالچىق ” |
|
|
بىتەۋ تاغداش |
چىڭگىل تاغقاش |
كەرگىن تاغقاش |
بىتەۋ تاغقاش |
قىزىل تاغقاش |
بەيتىك تاغداش |
تۆمۆرىن تاغقاش |
بەيتىك تاغقاش |
تاخىلتۇ تاغقاش |
|
قارامايىل تاغداش |
ئارمانى تاغقاش |
قارامايىل تاغقاش |
|
|
قاپتىق تاغداش |
كىچىكقاپتىق ” |
چوڭقاپتىق ” |
سۇغايتۇ تاغقاش |
|
بايان ئاخىر
يوقۇرىدا، كۆرگەن بىلگەن خاتىرلىرىمگە ئاساسەن، ئالتاي تاغلاشنىڭ چۈشەنچىسى، ئالتاي تاغلاشدىكى 10 تاغداش ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى، 10تاغداشتىكى 30 تاغقاش ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى كۆرسۈتىلدى. ئالتاي تاغلاش ۋە ئۇنىڭدىكى تاغداشلار، تاغقاشلار توغرىسىدا ئۆرنەك قىلغىدەك بىرەر ئەسەر ئۇچراتمىغانلىقىم ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە كام قالغان، چۈشۈپ قالغان ياكى خاتا بولۇپ قالغان يىتەرسىزلىكلەر بولۇشى مۇمكىن. بۇرادەرلەرنىڭ قىممەتلىك پىكىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن. مەزگۇر ئەسەردىكى تاغلاش، تاغداش، تاغقاش دىگەن 3 ئاتالغۇ توغرىسىدا، ئاكادېمىيە تورىدا ئەسەر نەشىر قىلىنغان. چۈشۈنۈكسىز يەرلىرى بولسا، شۇ ئەسەرلەرنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.
altaytaflax swretliridin hozorlanfaysiz
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 15-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 327 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=3815
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!