باش بەت > تىل،, جۇغراپىيە > مەۋسۈملەر
21يانۋار

مەۋسۈملەر

مەۋسۈم ناملىرى

节气名称

ئاپتورى: بوستاني 

ئۇيغۇر تىلىمىزدا، پەسىل، ئاي ۋە مەۋسۇم ناملارى كۆپخىل ئاتالغان. بولۇپمۇ، ئاي ۋە مەۋسۇم ناملىرى ئەرەپچە، پارىسچە ھەم بۇ ئىككىسى ئارالاش كەلگەن ئۇيغۇرچە دىگەندەك ھەر خىل ناملاردا ئاتالماقتا. دىمەك، كۆپچىلىك كىشىلىرىمىز بىردەك قۇبۇل قىلغان ياكى بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇرچە ئاي ۋە مەۋسۇم ناملارى تېخى ۋۇجۇدقا كەلمىگەندەك قىلىدۇ. شۇڭا مەنمۇ، مەزگۇر ئەسەردە بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن،  مويسىپىتلاردىن ئاڭلىغانلارىم، بىلگەنلەرىم ھەم ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇدۇ دەپ قاراغانلارىم بۇيىچە ئاي ۋە مەۋسۇم ناملارىنى تىزىپ كۆرسەتتىم. مۇھاكىمە قىلىپ باقارسىزلەر.

بىزنىڭ ئەلدە بىر يىلدا تۆت پەسىل بار،

 ھەر پەسىلدە ئۈچتىن ئاي مۇقىم بولۇر يار،

ھەرئايدا ئىككىدىن مەۋسۈم ھەمىشە تەييار،

يىگىرمە تۆت مەۋسۇم بىلەن بىريىل ئايلىنار.

 

تۇنجى پەسىل نامى، «باھار» دەپ ئاتىلىدۇ. باھار پەسلى، جۇدئاي، ئەگىزئاي، ئۈمۈدئايدىن ئىبارەت ئۈچ ئاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇدئايدا، جۇد ۋەجۇدۇن  دەپ ئاتالغان ئىككى مەۋسۇم، ئەگىزئايدا، ئەگىز، ئۇيغان دەپ ئاتالغان ئىككى مەۋسۇم ، ئۈمۈدئايدا، ئۈمۈد ۋە  كۆكلەم دەپ ئاتالغان ئىككى مەۋسۇم بولادى. دىمەك، باھار پەسلى، ئالتە مەۋسۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئۈچ ئاي داۋام قىلادى. 

ئىككىنچى پەسىل نامى، «ياز» دەپ ئاتالىدۇ. ياز پەسلى، ئەتىيازئاي، سەپەرئاي، چىللەئايدىن ئىبارەت ئۈچ ئاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەتىيازئايدا، ئەتىياز  ۋە سېغىن دەپ ئاتالغان ئىككى مەۋسۇم، سەپەرئايدا، سەپەر ۋە چىلگە دەپ ئاتالغان ئىككى مەۋسۇم ، چىللەئايدا، چىللە ۋە قۇمۇز دەپ ئاتالغان ئىككى مەۋسۇم بولادى. دىمەك، ياز پەسلى، ئالتە مەۋسۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئۈچ ئاي داۋام قىلادى. 

ئۈچىنچى پەسىل نامى، «كۈز» دەپ ئاتىلىدۇ. كۈز پەسلى، تۇمۇزئاي، مىزانئاي، ئوغۇزئايدىن ئىبارەت ئۈچ ئاينى ئۆز ئىچىگە ئالادى. تۇمۇزئايدا، تۇمۇز ۋە باشكۈز دەپ ئاتالغان ئىككى مەۋسۇم، مىزان ئايدا، مىزان ، شەبنەم دەپ ئاتالغان ئىككى مەۋسۇم ، ئوغۇزئايدا، ئوغۇز ۋە كەچكۈز دەپ ئاتالغان ئىككى مەۋسۇم بولادى. دىمەك، كۈز پەسلى، ئالتە مەۋسۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئۈچ ئاي داۋام قىلادى. 

تۆتىنچى پەسىل نامى، «قىش» دەپ ئاتىلىدۇ. قىش پەسلى، ئوغلاقئاي، كۆنەكئاي، قىشئايدىن ئىبارەت ئۈچ ئاينى ئۆز ئىچىگە ئالادى. ئوغلاقئايدا، ئوغلاق ۋە باشقار دەپ ئاتالغان ئىككى مەۋسۇم، كۆنەك ئايدا، كۆنەك ۋە قاتقار دەپ ئاتالغان ئىككى مەۋسۇم ، قىشئايدا، قىش ۋە قاراقىش دەپ ئاتالغان ئىككى مەۋسۇم بولادى. دىمەك، قىش پەسلى، ئالتە مەۋسۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئۈچ ئاي داۋام قىلادى. 1- جەدۋەلگە قاراڭ.

پەسىللەر نامىنى ئەستە ساقلاش ئۈچۈن، ئۆزەمچە، «پەسىل ۋە مەۋسۇم» ناملىق ئاددى شىئېرنى يازىپ قويدۇم. 

پەسىل ۋە مەۋسۇم

جۇد كەلدى، جۇدۇن بولدى،

ئەگىز كەلدى، ئۇيخاندى.

ئۈمۈت كەلدى، كۆكلەدى،

باھار پەسلىدە ياشاردى.

 

ئەتىياز كەلدى، سېغىن تولدى،

سەپەر قىلدۇق، چىلگە پىشتى.

چىللە كەلدى، قۇمۇز سايرىدى،

ياز پەسلىدە ھەممە ياشنىدى.

 

تۇمۇز كەلدى، باشكۈز ئەگەشتى،

مىزان كىردى، شەبنەم چۈشتى.

ئوغۇز كەلدى، كەچكۈز سوڭدىدى،

كۈز پەسلىدە خامان سورۇلدى.

 

ئوغلاق كەلدى، باشقارنى باشلاپ،

كۆنەك كىردى، قاتقارنى تاشلاپ، 

قىش كەلدى، قارا قىشنى باشلاپ،

قىش پەسلىدە ئۆتتۇق مەشرەپ ئويناپ.

 

1-جەدۋەل: پەسىل، ئاي ۋە مەۋسۇملەر جەدۋىلى

پەسىل نامى باھارپەسلى
ئاي نامى جۇت (ھۇت) (2-ئاي)  ئەگىز (نۇرۇز) (3-ئاي) ئۈمۈد (4-ئاي)
مەۋسۈم نامى جۇد جۈدۈن ئەگىز (نۇرۇز) ئۇيخان ئۈمۈد كۆكلەم
پەسىل نامى يازپەسلى
ئاي نامى ئەتىياز(5-ئاي) سەپەر (6-ئاي) چىللە (7-ئاي)
مەۋسۈم نامى ئەتىياز سېغىن سەپەر چىلگە چىللە قۇمۇز 
پەسىل نامى كۈزپەسلى
ئاي نامى تۇمۇز (8-ئاي) مىزان (9-ئاي) ئوغۇز (10-ئاي)
مەۋسۈم نامى تۇمۇز باشكۈز مىزان شەبنەم ئوغۇز كەچكۈز
پەسىل نامى قىش پەسلى
ئاي نامى ئوغلاق (11-ئاي) كۈنەك (12-ئاي) قىش (1-ئاي)
مەۋسۈم نامى ئوغلاق باشقار كۆنەك قاتقار قىش قاراقىش

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 21-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 896 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=441
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز