باش بەت > ئۇنىۋېرسال > پەسىللەر خىسلىتى
21يانۋار

پەسىللەر خىسلىتى

پەسىللەر خىسلىتى

四季的功能

ئاپتورى: بوستاني

1-باھارپەسىلى

باھارپەسلى، جۇدىدا باشلىدى ئېرىپ ، قاتقان زىمىن،

ئەگىزىدە، ئۇيغاندى قېنىپ، تۇپراقتىكى گىياھ-چىۋىن.

ئۈمۈدىدە تۇغۇلۇپ قوزا ، ياشاردى، كۆكلەم-گىياھ ،

ئېچىلىپ لالە رەڭدار، باھارنى باشلىدى پۈتۈن دالا.

2- يازپەسىلى

ياز پەسلى پەيتىدە، كەيدى زىمىن، يېشىل كىمخاپ،

ئېچىلىپ رەڭدار گۈللەر، ياساندى يايلاق-بوستان.

سەپەرىدە، كۆچتى تاققا چوپان بىلەن چارۋامال،

چىللەسىدە، پىشتى مىۋە، زىرائەت ھەمدە ياغلىقدان.

3- كۈزپەسىلى

كۈز پەسلى، تۇمۇزىدا، قىزىپ كەتتى ، يەرۇ جاھان،

ياڭرىدى، ئورما ناخشىسى، قالمىدى ، خىلۋەت ماكان.

مىزانىدا، يىغىلدى زىرائەت، شىكەر تامغان مىۋىلەر

ئوغۇزىدا، كۈيلەپ چارۋا، سەمىردى ئات-تۆگىلەر.

4- قىش پەسىلى

قىش پەسلى، ئوغلاقىدا ، سويدۇق بىز قىشلىققا سوقۇم،

كۆنەكىدە، سۇغۇر، ئېيىق، ياتتى ئۈچەكتە بولۇپ تۇلۇم.

قاراقىشتا، باشلىنار قار شىۋىرغانلىق چىللە سوغ.

جۇدقىچەخورىدى، چارۋىدىكى، «مايلىق تۇلۇم».

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 21-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 892 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=416
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز