باش بەت > تىل, جۇغراپىيە > جۇڭغار غەربى تاغلاش ۋە ئۇنىڭدىكى تاغداشلار، تاغقاشلار
17يانۋار

جۇڭغار غەربى تاغلاش ۋە ئۇنىڭدىكى تاغداشلار، تاغقاشلار

جۇڭغار غەربى تاغلاش ۋە ئۇنىڭدىكى تاغداشلار، تاغقاشلار

准噶尔西部山系及其山脉、支脉

ئا.ر.جىمسارى

بايان ئاۋۋال

جۇڭغار ئويپاتىنىڭ غەربى قىسمىدا كۆپلىگەن تاغلار شەكىللەنگەن. جۇغراپىيەدە، بۇ تاغلار ئومۇملاشتۇرۇپ ، جۇڭغار غەربى تاغلاش دەپ ئاتىلىدۇ (ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە جۇڭغار غەربى تاغلىرى دەپمۇ ئاتالغان). جۇڭغار غەربى تاغلاش دىگەن نىمە؟ ئۇ قايسى تاغداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ ھەر قايسى تاغداشلار، قانداق تاغقاشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ئۇلارنىڭ نامى نىمە دەپ ئاتىلىدۇ؟ بىر قىسىم كىشىلىرىمىز، بۇلارغا قىزىقىدۇ، بىلگىسى كىلىدۇ. مەن 1981-يىلىدىن، 1984-يىلىغىچە ئىلگىر كىيىن بولۇپ، جۇڭغار غەربى تاغلاشنى قىدىرىپ كۆردۈم. دىمەك، مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، كۆرگەن-بىلگەنلىرىمگە ئاساسەن، جۇڭغار غەربى تاغلاشدىكى تاغداشلارنى، تاغقاشلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرىنى قىسقىچە بايان قىلدىم.

1. جۇڭغار غەربى تاغلاش توغرىسىدا ئومۇمى بايان

جۇڭغار غەربى تاغلاش دىگىنىمىز، جۇڭغارىيە ئويپاتىنىڭ غەربىدىكى تاغلار سىستېمىسى دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. جۇڭغار غەربى تاغلاش، تارباغاتاي، بارلۇق، مايىل، جايىر، چىڭگىزخان، ئۇيقاشار ۋە سېمىزتاي، ساۋۇر ناملىق تاغداشلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭغار غەربى تاغلاشنىڭ ئەڭ ئىگىز چوققاسى بارلۇق تاغداشتا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىگىزلىكى 3248 مېتىر كىلىدۇ.  تاغداشلارنىڭ ئۇزۇنلىقى قىسقا، ئىگىزلىكى ھەم ئوتتۇراھال كىلىدۇ. دىمەك، جۇڭغار غەربى تاغلاش، بارلۇق ۋە ساۋۇر تاغداشلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ئانچە ئىگىز بولمىغان، يامزاللىرىنىڭ يانتۇلىقى تىك بولمىغان، تاغ ئۈستى ئۇپىراپ دۆڭچەك ياكى يانتۇلەڭ بولۇپ قالغان، ئەت تۇپا بىلەن قاپلانغان شەكىلدىكى تاغداشلارنى ئاساس قىلىدۇ. مەنبەلەرگە قارىغاندا، جۇڭغار غەربى تاغلاشنىڭ ئىگەللىگەن ئومۇمى يەر كۆلەمى،49661.22 كۋادىرات كلومېتىر بولۇپ، تارباغاتاي ۋىلايىتى ئومۇمى يەر كۆلەمىنىڭ (9259200 ھېكتار)  5.36 ٪ نى، شىنجاڭ ئومۇمى يەر كۆلەمىنىڭ 3.02% نى ئىگەللەيدۇ.

2. جۇڭغار غەربى تاغلاشدىكى تاغداشلارنىڭ ناملىرى

جۇڭغار غەربى تاغلاش تەۋەلىكىدىكى تاغداشلار 8 بولۇپ، ئۇلارنىڭ ناملىرى، ساۋۇر تاغداش، تارباغاتاي تاغداش، سېمىزتاي تاغداش، بارلۇق تاغداش، ئۇيقاشار تاغداش، زايىر تاغداش، مايىل تاغداش، چىڭگىزخان تاغداشتىن ئىبارەت. جۇڭغار غەربى تاغلاشدىكى تاغداشلارنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ناملىرى 1-جەدۋەلدە كۆرسۈتىلدى.

1- جەدۋەل: جۇڭغار غەربى تاغلاشدىكى تاغداشلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى

رەتى

ئۇيغۇرچە ناملىرى

خەنزۇچە ناملىرى

 

ساۋۇر تاغداش

萨乌尔山

 

تارباغاتاي تاغداش

塔尔巴哈台山

 

سېمىزتاي تاغداش

谢米斯台山

 

بارلۇق تاغداش

巴尔鲁克山

 

ئۇيقاشار تاغداش

乌日可下亦山

 

زايىر تاغداش

扎伊尔山

 

مايىل تاغداش

玛依力山

 

چىڭگىزخان تاغداش

成吉思汗山

 3. تاغقاشلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى

جۇڭغار غەربى تاغلاش، 8 تاغداشنى، 21 تاغقاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

تارباغاتاي تاغداشتا، تارباغاتاي تاغقاش، قازىقتى تاغقاش دىگەن ئىككى تاغقاش بار.

بارلۇق تاغداشتا، قارابۇرا تاغقاش، بۇرغۇن تاغقاش، قاراتۆپە تاغقاش دىگەن ئۈچ تاغقاش بار.

مايىل تاغداشتا، مايىل تاغقاش، سۇغۇرقىشلاق تاغقاش دىگەن ئىككى تاغقاش بار.

جايىر تاغداشتا، جايىر تاغقاش، جالانغاش تاغقاش دىگەن ئىككى تاغقاش بار.

چىڭگىزخان تاغداشتا، چىڭگىزخان تاغقاش، قىزىلتاۋ تاغقاش دىگەن ئىككى تاغقاش بار.

ئۇيقاشار تاغداشتا، قورۇمسۇ تاغقاش، ئۇيقاشار تاغقاش، تېبكى تاغقاش، ئاقچوققا تاغقاش دىگەن 4 تاغقاش بار. ئۇيقاشار دىگەن نامنى بەزىلەر ئۇرۇقشاي، بەزىلەر ئۈرۈكشاي دەپ ئاتايدىكەن. 1983-يىلى بىر مالچىنىڭ دىيىشىچە، بۇ يەردە كۆكۇيۈن كۆپ بولۇپ، كالىلارنى چاقسا، قۇيرۇقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ سالقىن جايغا قاچارمىش، شۇڭا، ئۇيقاشار دىيىلگەن ئىكەن. مەنمۇ ئۇيقاشار دەپ قوللاندىم.

سېمىزتاي تاغداشتا،  سېمىزتاي تاغقاش، سەلكىتى تاغقاش دىگەن ئىككى تاغقاش بار.

ساۋۇر تاغداشتا، ساۋۇر تاغقاش، قويتاس تاغقاش، قاراغايتى تاغقاش دىگەن ئۈچ تاغقاش بار.

2- جەدۋەل: جۇڭغار غەربى تاغلاشدىكى تاغداشلار، تاغقاشلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى

تاغداشلار نامى

تاغقاشلار نامى

ساۋۇر تاغداش

ساۋۇر تاغقاش

قويتاس تاغقاش

قاراغايتى تاغقاش

 

تارباغاتاي ”

تارباغاتاي تاغقاش

قازىقتى تاغقاش

 

 

سېمىزتاي ”

سېمىزتاي تاغقاش

سەلكىتى تاغقاش

 

 

بارلۇق تاغداش

بارلۇق تاغقاش

قارابۇرا تاغقاش

بۇرغۇن تاغقاش

قارا تۆپە تاغقاش

ئۇيقاشار تاغداش

قۇرۇمسۇ تاغقاش

ئۇيقاشار تاغقاش

تېبكى تاغقاش

ئاقچوققا تاغقاش

جايىر تاغداش

جايىر تاغقاش

جالانغاش تاغقاش

 

 

مايىل تاغداش

مايىل تاغقاش

سۇغۇر قىشلاق

 

 

چىڭگىزخان ”

چىڭگىزخان ”

قىزىلتاۋ تاغقاش

 

 

 

بايان ئاخىر

يوقۇرىدا، جۇڭغار غەربى تاغلاشنىڭ دائىرەسى،  تاغداشلىرى، تاغقاشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردىم. بۇلار بۇنىڭدىن 30 يىل ئاۋۋال كۆرگەن بىلگەنلەرگە ئاساسەن يازىلغان. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، خاتا كەتكەن، چۈشۈپ قالغان ياكى ئېنىقسىز بولۇپ قالغان يەرلىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇرادەرلەرنىڭ تۈزۈتۈش، تولۇقلاش پىكىرىنى بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئەسەردىكى تاغلاش، تاغداش ۋە تاغقاش دىگەن ئاتالغۇلار بەلكىم سىزگە يات بىلىنىشى مۇمكىن، بۇ ئاتالغۇلار توغرىسىدا ئاكادېمىيە تورىدا، «تاغلاش، تاغداش، تاغقاش» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان، قىزىقسىڭىز كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. 

tarbafatay taflax swretliridin behirlining

0824ab18972bd4078821f91e7b899e510eb30f2443a71152_副本
4437e61afdf40fa353520a 9085f942hae009bf820fe&690 15010U005-4 16479_1276081550sz6D 16479_1276081615guD4 16479_1276081625oaYs 16479_1276081628xGHp 16479_1276081630sSePbd3eb13533fa828b2ac9b700fd1f4134960a304e241f6256

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 17-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 298 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=3836
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز