باش بەت > ئۇنىۋېرسال > «دۇنياۋى تەبىئي مىراس» دىگەن نىمە؟
1فېۋرال

«دۇنياۋى تەبىئي مىراس» دىگەن نىمە؟

«دۇنياۋى تەبىئى مىراس» دىگەن نىمە؟

什么是世界遗产

ئاپتورى: بوستاني

«دۇنياۋى مەدەنىي ۋە تەبىئي مىراسلارنى قوغداش ئەھدىنامىسى» گە ئاساسلانغاندا، « دۇنياۋى تەبىئي مىراسلار» دىگىنىمىز، پەن ۋە قوغداش نوقتىسىدىن دۇنياۋى ئورتاق قىممىتى گەۋدىلىك بولغان، يەر قۇرۇلمىسى، تەبىئي جۇغراپىيەلىك  تۈزۈلۈشلەرى ھەمدە، ئالخەۋپ مەخلۇق ۋە گىياھلار[1] ھاياتى ساقلانغان رايونلار؛ سەنئەتنامە ۋە پەننامە نوقتىسىدىن دۇنياۋى قىممىتى گەۋدىلىك بولغان، يەر قۇرۇلمىسى بىلەن جانىۋار قۇرۇلمىسى بىرلەشكەن تەبىئي مەنزىرلىك رايونلار؛ پەننامە، قوغداش ۋە تەبىئي گۈزەللىك نوقتىسىدىن دۇنياۋى ئورتاق قىممىتى گەۋدىلىك بولغان، تەبىئەتى داڭلىق ياكى ئېنىق بېكىتىلگەن(ئايرىلغان) تەبىئي رايونلارنىڭ «ئەھدىنامە» بويىچە رۇيخەتكە ئېلىنغانلىرى «دۇنياۋى تەبىئي مىراس» دەپ ئاتىلىدۇ.

«ئەھدىنامە» دىگەن نىمە؟ ئۇنىڭ قانداق ۋەزىپىسى بار؟

«دۇنياۋى مەدەنىي ۋە تەبىئي مىراسلارنى قوغداش ئەھدىنامىسى»(تۈۋەندە «ئەھدىنامە» دەپ ئېلىندى)، دۇنياۋى دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ(بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى)، پەن ۋە مائارىپ تەشكىلاتى، پۈتۈن زىمىن دائىرسىدە بېكىتىلىدىغان ۋە ئەمەلىلەشتۇرۇدىغان، كەڭ ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بىر پرىنسىپلىق ھۆججەت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. «ئەھدىنامە»نىڭ ئاساسلىق ۋەزىپەسى شۇكى، خەلقئارادىكى جەمىيەتلەرنىڭ ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان مىراسلارنى قوغدىشىغا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، دۇنيا مىقياسىدىكى مەدەنىي ۋە تەبىئي مىراسلارنى بېكىتىدۇ. «ئەھدىنامە» نىڭ مەقسەت نىشانى شۇكى، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئۆز ئارا قوللاشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان مىراسلارنى قوغداشقا ئاكىتىپ تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت.

«ئەھدىنامە»نىڭ  تۈۋەندىكى 3 ۋەزىپىسى بولىدۇ: بۇنىڭ بىرى، دۇنيا ئېتىراپ قىلغان، دۇنياۋى قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى بولغان، تەبئىي مىراسلارنى «دۇنياۋى تەبىئىي مىراسلار رۇيخەتى»گە  تىزىمغا ئالىدۇ. ئىككىنچىسى، «دۇنياۋى مىراسلار فوندى»نى باشقۇرۇدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يوللىغان تېخنىكا ۋە مالىيەدە ياردەم قىلىش ئىلتىماسلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ. ئۈچۈنچىسى، رۇيخەتكە كىرىپ بولغان مىراسلارنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ياخشىلاش ياكى يوقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قوغداش ۋە باشقۇرۇش ئەھۋالىنى كۈزۈتۈپ تۇرۇدۇ.

كونكىرىتنى ئېيتقاندا قانداق جايلار دۇنياۋى تەبىئىي مىراسلار قاتارىغا كىرەلەيدۇ؟

مەنبەلەرگە قارىغاندا،تۈۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ياكى بىر نەچچىسىگە ئۇيغۇن كەلگەن جايلار، دۇنياۋى تەبىئىي مىراس قاتارىدا رۇيخەتكە ئېلىنىشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىرى، زىمىننىڭ ئۆزگۈرۈش تارىخىدىكى مۇھىم  مەزگىللىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىسپاتى گەۋدىلىك بولغان جايلار؛ ئىككىنچىسى، ئۆزگۈرۈشى داۋاملىشىۋاتقان يەر قۇرۇلمىسىنىڭ جەريانىغا، جانىۋارلار ئۆزگۈرۈشىنىڭ جەريانىغا،  ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزئارا جەريانلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان گەۋدىلىك ئىسپاتى بولغان جايلار؛ ئۈچۈنچىسى، يىگانە بولغان، كەمۋار بولغان، ئاجايىپ بولغان تەبىئەت ھادىسىلىرى، يەر شەكلى، ئاز ئۇچرايدىغان تەبىئىي گۈزەل جايلار؛ تۆتۈنچىسى، ئەتىۋارلىق ياكى كەمۋار بولغان مەخلۇق ۋە گىياھلار ساقلانغان جايلار.

رايونىمىزدا «دۇنياۋى تەبىئى مىراس» قاتارىغا كىرگەن جاي بارمۇ؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىز، يېرى كەڭ بولۇپ، خىلمۇ خىل بولغان چۆل كىلىماتلىق ئاجايىپ جۇغراپىيە تۈزۈلۈشلەرگە ۋە مەنزىرلەرگە ئىگە. ھەتتا، دۇنيادىكى كۆپلىگەن چۆل كىلىماتلىق رايونلارنىڭ بەزىسىدە كۆرگىلى بولىدىغان، بەزىسىدە كۆرگىلى بولمايدىغان تاغ، باياۋان، جەزىرە، ئورمان، كۆل، ساسلىق، توڭدارالار، قىممەتلىك، ئەتىۋارلىق، كەمۋار مەخلۇق ۋە گىياھلار، گىياھلىقلار بار. ئەپسۇسكى، مىنىڭ بىلىشىمچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا، «دۇنياۋى مەدەنىي مىراس» قاتارىغا كىرگەن تۈرلەردىن باشقا، «دۇنياۋى تەبىئي مىراس» قاتارىغا كىرگەن جايلار (تۈرلەر) تېخى يوق. نىمە ئۈچۈن؟ مەن بۇ ئىشلار بىلەن ھەپىلەشمىگەنلىكىم ئۈچۈن، بۇنىڭغا ئېنىق جاۋاپ بېرەلمەيمەن. ئەمما تۈۋەندىكى پەرەز قىلىنغان ئەھۋاللارنىڭ بىرى بۇنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن. بۇنىڭ بىرى، بىز ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدە، «دۇنياۋى تەبىئي مىراس» شەرتىگە توشىدىغان بىرەر جاينى تېخى بايقىمىغان بولۇشىمىز مۇمكىن. ئىككىنچىسى، بايقىغان بولساقمۇ، ئۇلارنى دۆلىتىمىز ياكى دۇنيادىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا  تېخى يوللىمىغان بولۇشىمىز مۇمكىن. ئۈچۈنچىسى، يوللىغان بولساقمۇ، تېخى مۇزاكىرە باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، بەشىنچىسى، ماتىرىيالىمىز «ئەھدىنامە» تەلىۋىگە ئۇيغۇن كەلمەي قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئالتىنچىسى، بىز بۇ جايلاردا ھەر خىل مەقسەتلەردە  ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ ئۆزىگە خاس تەبىئەتىنى بۇزۇپ قويغان بولۇشىمىز مۇمكىن.

بۇنىڭدىن كىيىن ئاپتونۇم رايونىمىزدا «دۇنياۋى تەبىئي مىراس» چىقارمۇ؟

بۇنىڭغا مەن كىسىپ بىر نىمە دىيەلمەيمەن، شۇنداقتىمۇ چىقىپ قېلىشى مۇمكىن دىگەننى ئۈمۈت قىلىمەن. ئەمما، بۇنىڭ شەرتىنى ھازىرلاش زۆرۆر. مىنىڭ ئاڭلىشىمچە، «ئەھدىنامە» تەشكىلاتى، يوللانغان تۇرلەرنى پەقەت بىرلا قىتىم مۇزاكىرىگە سالارمىش. شۇڭا، بىر قىتىم يوللۇنۇپ  تەستىقتىن ئۆتمىگەن تۈرلەر بولسا، بۇ تۇرلەردىن مەڭگۇ ئۈمۈت يوق بولۇشى مۇمكىن. يېڭى تۈرلەر بولسا، ئۇ يەرنىڭ تەبىئەتىنى ئۆز ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك، مەسىلەن، ھەر خىل قۇرۇشلار بولماسلىقى، يوقۇرى بېسىملىق توك يولى، ئانتىنا، ئاسفالىت يول. . . . .قاتارلىقلار بولماسلىقى، بۇرۇنقى ئەسلىدىكى مەنزىرە ساقلىنىشى كېرەك. ئەسلىدىكى مەخلۇق، گىياھلار ساقلىنىشى كېرەك، ئەسلىدىكى ياشاش مۇھىتى ۋە ھاياتى جەريانلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇشى كېرەك، يەر قۇرۇلمىلىرى پەقەت بۇزۇلمىغان، جۇغراپىيىلىك تۈزۈلۈشى روشەن گەۋدىلەنگەن بولۇشى، ئەڭ مۇھىمى، دۇنيادىكى شۇ خىل جايلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىسپاتلىرى گەۋدىلىك بۇلۇش كېرەك. قىسقىسى، رايونىمىزدا ئەزەلدىن ياشاپ كەلگەن مىللەتلەرنىڭ تەبىئەتنى ئاسراش ئېڭى يوقۇرى، شۇڭا، رايونىمىزدا ئەسلى قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان جايلار ئاز ئەمەس. «ئەھدىنامە» شەرتىگە ئۇيغۇن بولغان جايلارنى تېپىپ، ماتىرىيال ۋە مىراسقا يوللايدىغان جاينى، تەلەپ بويىچە ياخشى تەييارلاپ، بالداقمۇ بالداق يوقۇرى ئۆرلەپ يوللاپ بېقىلسا بىزدىمۇ دۇنياۋى تەبىئى مىراسلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان جايلار چىقىپ قالىدۇ دەپ ئويلايمەن.

 ئومۇمەن ئالغاندا، بىر رايوندا «دۇنياۋى تەبىئىي مىراس» نىڭ بولۇشى، دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، شۇ يەرلىك خەلقلەر ئۈچۈنمۇ كەڭ ۋە چوڭقۇر ئەھمىيىتى بار. بىر جايدا «دۇنياۋى تەبىئىي مىراس»نىڭ بولۇشى، شۇ جاينىڭ تەبىئى شارائىتى پەيدا قىلغان ۋە تەبىئەتنىڭ قالدۇرغان مىراسى بولۇپ، مۇشۇنىڭ بىلەن بۇ جاي پۈتۈن جاھانغا تۇنۇلىدۇ. بۇ خىل مىراسنىڭ بولۇشى، شۇ يەرلىك خەلىقلەرنىڭ ئۇنى ئاسرىغانلىقى، شۇ خەلىقلەرنىڭ بىر بايلىقى، بىر خاسلىقى، تەبىئەتكە بولغان بىر ئەخلاقى، بىر بىلىمى، بىر نىشانى، بىر ئۈلگە ياكى نەمۇنىسى، تەبىئەتكە بولغان كۆز قاراش پەلسەپىسىنىڭ دەلىلى دەپ قارايمەن.

ئەسكەرتىش:[1].«قۇرغاق رايونلار جۇغراپىيىسى» 2009-يىللىق 4- سانىدا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدىكى خەۋپكە ئۇچرىغان گىياھلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى» ناملىق ماقالىغا قارالسۇن.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 02-ئاينىڭ 01-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 949 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=621
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز