24ماي
شىنجاڭدىكى «1-ئاسرال ھايۋانلار»
شىنجاڭدىكى «1-ئاسرال ھايۋانلار»
ئا.ر.جىمسارى
بايان ئاۋۋال
«ئاسرال» دىگەن سۆز، مەن تۈنجى قىتىم كەشىپ قىلغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، «ئاسرايدىغان ياكى پەرۋىش قىلىدىغان» دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ «ئاسرال» دىگەن تۈپ سۆز ئاساسىدا، يەنە «ئاسرالزات» (保护种) دىگەن ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆزنى ياسادىم. بۇنىڭ مەناسى، ئاسرىلىدىغان زات ياكى پەرۋىش قىلىنىدىغان زات دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. جانىۋارلارغا نىسبەتەن «ئاسرال جانىۋار (保护生物)»، گىيالارغا نىسبەتەن «ئاسرال گىيا (保护植物)» ، ھايۋاناتقا نىسبەتەن «ئاسرال ھايۋانات (保护动物)» دەپ ئاتىلىدۇ [ئاكادېمىيە تورىدا نەشىر قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرگە قاراپ باقسىڭىز بولىدۇ].
«ھايۋان ياكى ھايۋانلار» دىگەن سۆز، ھايۋانات ئىچىدىكى ھامىلدار بولىدىغان، ھامىلە بالا ياتقۇدا يىتىلىدىغان، تۇغۇلۇپ سۈت ئىمىپ ئوزۇقلىنىدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە بىر بۆلىكىنىڭ نامى بولىدۇ، بۇ سۆز، خەنزۇچىدا 哺乳动物 دەپ ئاتىلىدۇ. [ بۇ ھەقتە ئاكادېمىيە تورىدا نەشىر قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرگە قاراپ باقسىڭىز بولىدۇ] .
«1-ئاسرال ھايۋانلار»(级保护哺乳动物种 Ⅰ) دىگەن سۆز، «بىرىنچى دەرىجىدە ئاسرايدىغان ياكى پەرۋىش قىلىدىغان ھايۋانلار» دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. ئادەتتە، ئېقتىسادى ۋە ئىلمى تەتقىقاتتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ياۋىسىيوق، دەلخەۋپتە ياكى ئالخەۋپتە زاتلارنى كۆرسىتىدۇ [ئاكادېمىيە تورىدا نەشىر قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرگە قاراپ باقسىڭىز بولىدۇ].
بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، مەنبەلەرگە ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا ياشايدىغان، بىرىنچى دەرىجىدە ئاسرايدىغان ھايۋانلار تىزىملىكى كۆرسۈتىلدى. ھايۋانلار نامى، ئاكادېمىيە تورىدا نەشىر قىلىنغان «ھايۋانات ناملىرىنى ئاتاش ۋە يازىش قائىدىسى» گە ئاساسەن قويۇلدى. رەسىملەر بەيدۇ، ۋىكىپېدىيا، 360 تورلىرىدىن تاللاپ ئىلىندى. «ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى ناملىرى»، مۇھەممەت ئابدۇللا، تالىپ ئوسمان قاتارلىق ئەپەندىلەر تۈزىگەن، 2006- يىلى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى ئۇيغۇرچە نەشىر قىلغان، «شىنجاڭدىكى ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلار» ناملىق كىتاپتىن ئالىندى.
1. شىنجاڭدىكى «1-ئاسرال ھايۋانلار» تىزىملىكى
1.1. بۇلغۇن زىبەل قوڭۇرى (紫貂阿尔泰亚种(Martes zibellina averin)).
بۇلغۇن زىبەل قوڭۇرى، بۇلغۇننىڭ بىر شاخزاتى. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «قارا بۇلغۇن، قىزىل بۇلغۇن» دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان. تەكشۈرۈلگەن مەنبەلەرگە قارىغاندا، بۇلغۇن زىبەل قوڭۇرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئالتاي، بۇرچىن، قابا،جمىنەي، بۇرۇلتوقاي، كۆكتوقاي، چىڭگىل قاتارلىق ناھىيە تەۋەلىرىدە ئۇچرايدۇ.
1.2. بورسۇق سىبىرى ((Pallas, 1780) 貂熊(Gulo sibirica).
بورسۇق سىبىرى، بورسۇقنىڭ بىر زاتى. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «بۆرە بورسۇق، ئېيىقسىمان بۇلغۇن. بۇلغۇن ئېيىق » دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان. تەكشۈرۈلگەن مەنبەلەرگە قارىغاندا، بۇ ھايۋان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئالتاي، بۇرچىن، قابا،جمىنەي، بۇرۇلتوقاي، كۆكتوقاي، چىڭگىل قاتارلىق ناھىيە تەۋەلىرىدە ئۇچرايدۇ.
1.3. قاپلان (قاپلان قاپلانى) [雪豹 (unica unica)].
قاپلان قاپلانى، قاپلاننىڭ بىر زاتى. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «يىلپىز، قار يىلپىزى، ئاق يىلپىز، قاپلان » دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان. تەكشۈرۈلگەن مەنبەلەرگە قارىغاندا، بۇ ھايۋان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ تەۋەلىكىدىكى بارلىق تاغلاردا ئۇچرايدۇ.
1.4. قۇلانشەك جۇڭغارى [蒙古野驴,亚洲野驴、准格尔野驴、蒙新野驴 (Asinus hemionus].
قۇلانشەك جۇڭغارى، قۇلانشەكنىڭ بىر زاتى. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «جۇڭغار قۇلىنى، ياۋا ئىشەك، قۇلان » دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان. تەكشۈرۈلگەن مەنبەلەرگە قارىغاندا، بۇ ھايۋان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ جۇڭغار ئويپاتىدا ئۇچرايدۇ.
1.5. قۇلانشەك تىبەتى [西藏野驴、藏野驴、藏驴 (asinus kiang)].
قۇلانشەك تىبەتى، قۇلانشەكنىڭ بىر زاتى. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «تىبەت قۇلىنى، ياۋا ئىشەك، قۇلان » دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان. تەكشۈرۈلگەن مەنبەلەرگە قارىغاندا، بۇ ھايۋان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ تەۋەلىكىدىكى پامىر، قۇرۇمتاغ، قاراقۇرۇمتاغ، ئالتۇنتاغ قاتارلىق تاغئارا ئويپاتلاردا ئۇچرايدۇ.
1.6. قۇلان پىرژېۋالى ياكى قۇلان جۇڭغارى [普氏野马(Equus przewalskii)].
قۇلان پىرژېۋالى، قۇلان جۇڭغارى دەپمۇ ئاتالغان (ئا.ر. جىمسارى، 2012ىيىل)، قۇلاننىڭ بىر زاتى. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «ياۋا ئات، پىرژېۋالىسكى ياۋا ئېتى، مۇڭغۇلىيە ياۋا ئېتى، قۇلان » دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان. تەكشۈرۈلگەن مەنبەلەرگە قارىغاندا، قۇلان پېرژىۋالى ياكى قۇلان جۇڭغارىنىڭ تەبىئى زاتى، ئازكام 70 يىلدىن بېرى دۇنيا بويىچە تېخى بايقالمىغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ جۇڭغار ئويپاتىدا ھازىرقى يايلاپ يۈرگەنلىرى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى ھايۋانات باغچىلىرىدىن يۆتكەپ كىلىپ كۆپەيتكەن ئۇيۇرى بولىدۇ.
1.7. تۆگە لوپنۇرى [野骆驼 (野生双峰驼、野驼 Camelus bactrianus].
تۆگە لوپنۇرى، تۆگەنىڭ بىر زاتى. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «ياۋا تۆگە، قوش لوككىلىق ياۋا تۆگە » دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان. تەكشۈرۈلگەن مەنبەلەرگە قارىغاندا، بۇ ھايۋان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى تارىم ئويپاتىنىڭ شەرقى قىسمى، ئالتۇنتاغنىڭ شەرقى قىسىملىرىدا ئۇچرايدىكەن.
1.8. داراز مۇتۇسى [野牦牛 (Bos mutus(Poěphagrt mutrs)].
داراز مۇتۇسى، دارازنىڭ بىر زاتى. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «ياۋا قوتاز، تۈكلۈك ياۋا قوتاز، ياۋا كالا » دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان. تەكشۈرۈلگەن مەنبەلەرگە قارىغاندا، بۇ ھايۋان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ قۇرۇمتاغ، ئالتۇنتاغ باياۋانلىرىدا ئۇچرايدۇ.
1.9 بۆكۆچ پېرژېۋالى [普氏原羚 (Procapra przewalskii].
بۆكۆچ پېرژېۋالى، بۆكۆچنىڭ بىر زاتى. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «پېرژىۋالىسكى بۆكىنى، جۇر، جۇر كىيىك، بۆكەن، » دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان. تەكشۈرۈلگەن مەنبەلەرگە قارىغاندا، بۇ ھايۋان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ قۇرۇمتاغ، ئالتۇنتاغ باياۋانلىرىدا ئۇچرايدۇ.
1.10. جۇر تىبەتى (藏羚羊, Pantholops hodogsoni).
جۇر تىبەتى، جۇرنىڭ بىر زاتى. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «تىبەت بۆكىنى، يورغا، ئۇزۇن مۇڭگۇز بۆكەن، بۆكەن» دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان. تەكشۈرۈلگەن مەنبەلەرگە قارىغاندا، بۇ ھايۋان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ قۇرۇمتاغ، ئالتۇنتاغ باياۋانلىرىدا ئۇچرايدۇ.
1.11. بۆكەن تاتار مۇڭغۇلى [ 高鼻羚羊 Saiga tatarica mongolica ].
بۆكەن تاتار مۇڭغۇلى، بۆكەننىڭ بىر شاخزاتى. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «قاڭشارلىق بۆكەن، سايگاك، ئاق بۆكەن، بۆكەن » دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان. مىنىڭچە، بۆكەن دىگەن نام، ھايۋانلار ئىچىدىكى بىرلا رۇقنىڭ نامى بولىدۇ. يەنى، لاتىنچە Saiga دەپ ئاتالغان رۇقنىڭ نامى بولۇپ، ئۇيغۇرچە بۆكەنرۇق دەپ ئاتالغان. بۆكەنرۇقتا «بۆكەن تاتارى» (高鼻羚羊 Saiga tatarica) دەپ ئاتالغان بىر زاتى بار. بۇ زاتنىڭ بۆكەن تاتار تاتارى (高鼻羚羊 Saiga tatarica tatarica) ۋە بۆكەن تاتار مۇڭغۇلى (高鼻羚羊 Saiga tatarica mongolica) دەپ ئاتالغان ئىككى شاخزاتى بولۇدىكەن. ئاپتونۇم رايونىمىزدا ياشىغىنى ئەنە شۇ بۆكەن تاتار مۇڭغۇلى دەپ ئاتالغان بۆكەن شاخزاتى بولىدىكەن. تەكشۈرۈلگەن مەنبەلەرگە قارىغاندا، بۇ ھايۋان ئەسلىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى جۇڭغار ئويپاتى ۋە ئەتراپىدىكى تاغ باغرىلىرىدا ياشىغان. يېقىنقى 50 يىل مابەينىدە، بۇ ھايۋان زاتىنى يوقۇرىدا دىيىلگەن رايونلاردا ئۇچراتماق مۇمكىن بولمىغان. دىمەك، ئۇنىڭ رايونىمىزدىكى نەسلى قۇرىغان. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «بۆكەن» نامىدا ئاتالغان ھايۋانلار ئاز ئەمەس. مىنىڭچە، پەقەتلا بۆكەنرۇقتىكى زاتلار «بۆكەن» نامى بىلەن ئاتىلىشى كېرەك. بۆكەنرۇققا تەۋە بولمىغان زاتلارنى بۆكەن نامى بىلەن ئاتاش توغرا ئەمەس.
1.12. تاغۆچ ئىبەشى [北山羊、野山羊(Capra ibex)].
تاغۆچ ئىبەشى، تاغۆچنىڭ بىر زاتى. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «تاغ تېكىسى، تاغ ئۆچكىسى، تورۇق تېكە، قىزىل كىيىك، ياۋا ئۆچكە» دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان. تەكشۈرۈلگەن مەنبەلەرگە قارىغاندا، بۇ ھايۋان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەممە تاغلىرىدا ئۇچرايدۇ.
1.13. قۇندۇز فىبەر مۇڭغۇلى [河狸蒙古亚种Castor fiber birulai Serebrennikov].
قۇندۇز فىبەر مۇڭغۇلى، قۇندۇزنىڭ بىر شاخزاتى. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «قۇندۇز، دەريا قۇندۇزى، دېڭىز قۇندۇزى» دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان. تەكشۈرۈلگەن مەنبەلەرگە قارىغاندا، بۇ ھايۋان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ چىڭگىلغول، بۇرۇلتوقايغول، بۇلغۇنغول قاتارلىق ئېقىن مەنبەلىرىدە ئۇچرايدۇ.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 05-ئاينىڭ 24-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 342 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4422
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!