باش بەت > ماكاننامە > ماكانى مەرىپەت ۋە ماكانى مەدەنىيەت
10ماي

ماكانى مەرىپەت ۋە ماكانى مەدەنىيەت

ماكانى مەرىپەت ۋە ماكانى مەدەنىيەت

论生态文化与生态文明

 

ئا.ر.جىمسارى

 

بايان ئاۋۋال

يىقىنقى 2-3 يىل مابەينىدە، ئۇيغۇر تىلىمىزدا «ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» دىگەن بىر ئاتالغۇ پەيدا بولۇپ، بارلىق جارچالاردا (رادىئو، تېلىۋىزور، ئاخبارات، نەشىرىيات قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشى) قوللىنىۋاتىمىز. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە كۆرۈلگەن «ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» گە ئائىت ئەسەرلەر، پەقەتلا خەنزۇچە مەنبەلەرنى تەرجىمە قىلىپ، شاتۇتلارچە چۈشەنچە بېرىش ياكى ئىزاھات بېرىش بىلەنلا چەكلەندى. شۇڭا، مەن ئوقۇغان ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى بۇ خىل ئەسەرلەرگە قارايدىغان بولساق، مەيلى ئىجادى يازغانى بولسۇن ياكى تەرجىمەسى بولسۇن، بۇلارنىڭ ئاپتورلىرى نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان، باشقىلارمۇ چۈشەنمەيدىغان سۆز ئىبارەلەردىن تۈزۈلگەن. مەسىلەن، «ئېكولوگىيە» دىگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە خاس ئاتىلىشىدىن بىخەۋەر، « مەدەنىلىكى» دىگەن سۆزنىڭ ماھىيەتتىكى مەنەسىدىن بىخەۋەر ئاپتورلار، ھەممىباپلىقى، ئۆنىۋىرساللىقى چىكىدىن ئاشقان «ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» دىگەن سۆزنى كەشىپ قىلدى ھەم نۇرغۇن ئۇقۇملارنى پەقەتلا «ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» دىگەن بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلەپ كەلدى. «ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» دىگەن سۆزنىڭ كۆرسۈتىدىغان ئوبىكتى نىمە؟ ماكانى مەرىپەتمۇ ياكى ماكانى مەدەنىيەتمۇ؟ بۇنىسى كىشىلەرگە ئېنىق ئەمەس. ئەمما، بۇ سۆزنى بارلىق جارچالاردا (تاراتقۇلاردا دەپ قوللاندۇق) «جار سېلىش» جەريانىدا، رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر «ئەھلى ئالىملىرى» («نوپوزلۇق» دەپ قوللاندۇق) دىن ھېچكىم، بۇ سۆز توغرىسىدا ھېچقانداق مۇھاكىمە قىلمادى ۋە بۇنىڭغا باھا بەرمەدى. قارىغاندا، «ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» دىگەن يىڭى كەشپىياتىمىزدا ھېچقانداق مەسىلە يوق، مۇكەممەللىكىدە گەپ يوق ئوخشايدۇ. ئەمەلىيەتتە شۇنداقمۇ؟ بۇنىڭغا مىنىڭ قاتتىق گۇمانىم بار. مىنىڭچە ھەممىلا يەردە مۇشۇ بىرلا سۆزنى قوللۇنۇش، ئاڭ چۈشەنچىمىزدە مەسىلىنىڭ مۈجىمەل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، ماكانى مەرىپەت ۋە ماكانى مەدەنىيەت توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىم قىسقىچە بايان قىلىندى.

 

1. ماكان ۋە ئۇنىڭ تۈرلەرى

مىنىڭ چۈشەنچەمدە، جانىۋار بىلەن مۇھىتنىڭ مۇناسىۋەتىدىن تۈزۈلگەن چامان (دائىرە، بوشلۇق دەپمۇ ئاتالغان) ماكان دەپ ئاتىلىدۇ. ماكان، دېڭىز-ئوكىياندەك ھەتتا زىمىنلەمدىكى زىمىندەك چوڭمۇ بولىدۇ، پاشىنىڭ ئۈچەيىدەك ياكى بىر تال ھۈجەيرەدەك كىچىكمۇ بولىدۇ. زىمىندىكى يەر شەكىللىرىنىڭ ھەر خىل بولۇشى، ئىقلىمنىڭ ھەر خىل بولۇشى، ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جانىۋارلارنىڭ ھەر خىل بولۇشى تۈپەيلىدىن ماكانلارمۇ  جەزىرە ماكان، باياۋان ماكان، چىمتان ماكان، ئورمان ماكان، ساس ماكان، بوستان ماكان، يېزا ماكان، شەھەر ماكان، كۆل ماكان، بۇلاق ماكان، غول ماكان، ئارشاڭ ماكان، ھۈجەيرە ماكان دىگەندەك ھەر خىل ھەر رەڭدە شەكىللەنگەن.  ماكانلار، ھەم تەبىئەت كۈچى بىلەن ھەم جەمىيەت كۈچى بىلەن شەكىللەنگەن بولىدۇ. ئادەملەر ئاڭىدىن ھالقىغان تەبىئەت كۈچى بىلەن شەكىللەنگەن ماكانلار (ئاللا ياراتقان دەپمۇ ئاتايمىز)، تەبىئى ماكان دەپ ئاتىلىدۇ، تەبىئەت كۈچىگە ماسلاشقان جەمىيەت كۈچى بىلەن شەكىللەنگەن ماكانلار، سۈنئىي ماكان دەپ ئاتىلىدۇ.

 

2. ماكانى مەرىپەت

ماكاننىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، ئادەملەردە ھەر خىل ماكانلارغا بولغان تۇنۇش، ئاڭ، تەربىيە قاتارلىق چۈشەنچىلەر تەدرىجى پەيدا بولغان. ئادەملەرنىڭ مەلۇم شەيئىگە بولغان تۇنۇشنىڭ ئېنىق –غۇۋالىقى، شۇ شەيئىگە بولغان ئاڭنىڭ يوقۇرى-تۆۋەنلىكى، شۇ شەيئى توغرىسىدىكى تەربىيەنىڭ تىيىز-چوڭقۇرلىقى قاتارلىق ئىلىمىي چۈشەنچىلەر، ئادەتتە مەرىپەت دەپ ئاتىلىدۇ. دىمەك، ئادەملەر، ھەر بىر ماكانغا خاس بولغان ماكان مەرىپەتىنى تەدرىجى شەكىللەندۈرگەن. بۇنى مەن، «ماكانى مەرىپەت» دەپ ئاتىدىم. تىلىمىزدىكى «جەزىرە، باياۋان، ئورمان، جاڭگال، چىمتان، دارا، ساس، توقاي، لوپ، بۇلاق، كۆل، غول، كارىز، ئېتىز، باغ، ھويلا، ئۆي، ئېغىل» دىگەندەك ناملاردا، «سۇنى بۇلغىما»، «سۇغا سىيسەڭ يامان بولىدۇ»، «يەرنى كۈزدە ھەيدە»، «ھۆل ياغاچنى  كەسمە»، «ئېقىننى توسىۋالما»، « بۇلاقنى تىندۇرما»، «ئەتىيازدىن كۈزگىچە كىيىك ئوۋلىما»، «ئورماندىن يەر ئاچما»، «يايلاقتا يەر ئاچما»، «ئۇدۇل كەلگەن يەردە قۇدۇق قازما»، «چۈمۆلە ئۇۋاسىنى بۇزما»، «ئېقىن بويىغا ئېغىل-ھاجەتخانا سالما»، «قىشلاقتا يازدا مال باقما»، «مالنى كۈزلەكتە ئۇرۇقلاندۇر، كۆكلەمدە قوزىلاتتۇر». « يەرنى سەن باقساڭ، يەر سىنى باقىدۇ». «يەرگە سالغان ئۈرەندە، پەرەندە-چەرەندەلەرنىڭ نىسىۋى بولسۇن»، «ئات-ئىشىكىڭدە يۈگەن بولسۇن، كالا-تۆگەڭدە چۈلۈك بولسۇن»، «يانتاقلىقتىن ئايرىلما، لوقاقلىققا يولىما»، «چىغلىقىڭنى ئاغدۇرما، چىمتانىڭنى چاندۇرما»، «توخو داڭگال چۈشەپتۇ، ئۆچكە جاڭگال»، «چارۋا باق،  مەنپەئەت كىلىدۇ، دىمەستىن ياق»، «قۇمۇچ-چىغلىقنى باش نۇرۇزدا ئۆرتە»، « جاڭگال چىتى، جەزىرە ئىچى، ئېتىز ئەتراپى، باغ چۆرىسى، ھويلا خانا ئوتتۇرسى، تاشلار ئۈژمە سايىسى، بۇيەر ئاتىلار، ئۇيغۇر زاتىنىڭ بوستانى» قاتارلىق جۈملىلەردە، شۇ ماكان ھەم شەيئىلەرگە بولغان تۇنۇش، ئاڭ چۈشەنچە ۋە تەربىيەلەرنىڭ ھەممەسى ئىپادىلەنگەن. مانا بۇلار «ماكانى مەرىپەت» جۈملەسىدىن بولىدۇ.

 

3. ماكانى مەدەنىيەت

ماكاننىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، ئادەملەر ھەر خىل ماكانلارغا بولغان تۇنۇش، ئاڭ، تەربىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماكانى مەرىپەت تەدرىجى شەكىللەنگەن. ئەنە شۇ ماكانى مەرىپەتلەر ئاساسىدا، ماكانلارنىڭ جىسمى، قۇرۇلمىسى، شەكلى، رەڭگى، تۈرلىرى، ئىقتىدارى ۋە ماكانلارغا قوللانغان چارە تەدبىر، ئىشلەتكەن قورال سايمان، ياسىغان، بەرپا قىلغان ئىنشائات ۋە يېتىشتۈرگەن جانىۋارى زاتلار ۋە توپقاللار قاتارلىق بىلىملەر مۇجەسسەملەنگەن مەدەنىيەت چۈشەنچەسى ھەم ئۇنىڭ شەكلى ئۇقۇمى پەيدا بولغان نېتىجەدە ماكانى مەدەنىيەتمۇ تەدرىجى شەكىللەنگەن.

دىمەك، ماكانغا بولغان ئاڭ چۈشەنچىلەرنى ۋە ئۇلارغا ئائىت تەربىيەلەرنى، ماكانى مەرىپەت (ماكان مەرىپەتى) دەپ ئاتىدىم. ماكاننىڭ كۆرگەلى بولىدىغان، تۇتقالى بولىدىغان ئالاھىدىلىكىنى، ماكانغا قوللانغان ۋاستىلەرنى ۋە كەشىپ قىلغان، بەرپا قىلغان ئىنشائاتلارنى، يېتىشتۈرگەن زاتلارنى، ماكانى مەدەنىيەت (ماكان مەدەنىيەتى) دەپ ئاتىدىم. مەن دەۋاتقان «ماكانى مەرىپەت» دىگەن سۆزنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلساق «生态文化»، ئېنگلىشچىغا تەرجىمە قىلساق « Ecological and cultural » بولۇشى مۇمكىن. ئەندى، «ماكانى مەدەنىيەت» دىگەن سۆزۈمنى تەرجىمە قىلساق، ئېنگلىشچىدا، « Ecological Civilization »،  خەنزۇچىدا «生态文明» بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، يەنىلا شۇ تىلدىكى مۇشۇ ناملارنىڭ تەبىرىگە قاراش كېرەك.

 

4. ماكانى مەرىپەت بىلەن ماكانى مەدەنىيەت ئىككى خىل بولىدۇ

ماكان، ھەم تەبىئەتنىڭ قۇلىدا تەبىئىي شەكىللەنگەن ھەم ئادەملەرنىڭ قۇلىدا سۈنئىي شەكىللەنگەن بولىدۇ. دىمەك، تەبىئىي ماكانغا بولغان تۇنۇش، ئاڭ، چۈشەنچەلەرنى مەن «تەبىئىي مەرىپەت» دەپ ئاتادىم. ئەندى سۈنئىي ماكانغا بولغان تۇنۇش، ئاڭ، چۈشەنچەلەرنى «سۈنئىي مەرىپەت» دەپ ئاتادىم. مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە، ئادەملەرنىڭ تەبىئى ماكان مەرىپەتىدە (ياكى تەبىئىي مەرىپەتتە) بىلگەنلىرى، بايقىغانلىرى ۋە تۈزۈملەشتۈرگەنلىرى ناھايىتى ئاز. تەبىئى ماكانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سۈنئىي ماكاننىڭ مەيلى تۈرلىرى، قۇرۇلمىسى، شەكلى ۋە كۆلەمى بولماسۇن ئىنتايىن ئاز. شۇڭا، ئادەملەرنىڭ ئۆزلىرى بەرپا قىلغان سۈنئىي ماكان مەرىپەتىدە بىلگەنلىرى، بايقىغانلىرى ۋە تۈزۈملەشتۈرگەنلىرى تېخىمۇ ئاز.

ماكان مەدەنىيەتىمۇ ئىككى خىل بولىدۇ. ماكاننىڭ تەبىئىي شەكىللەنگەن قۇرۇلمىسى، رەڭگى، شەكلى، ئىقتىدارى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، قاۋۇللىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى تەبىئى ماكاننىڭ مەدەنىيەتى بولۇپ، بۇنى مەن «تەبىئىي مەدەنىيەت» دەپ  ئاتادىم. ئەندى، سۈنئىي ماكانلارنىڭ قۇرۇلمىسى، رەڭگى، شەكلى، ئىقتىدارى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، قاۋۇللىقى قاتارلىق جىسمىنى مەن «سۈنئىي مەدەنىيەت» دەپ  ئاتادىم.

 

بايان ئاخىر

يوقۇرىدا، «ماكانى مەرىپەت» ۋە «ماكانى مەدەنىيەت» توغرىسىدىكى قاراشلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم. تىلىمىزدا، «ماكانى مەرىپەت» ۋە «ماكانى مەدەنىيەت» دىگەن ئىككى ئاتالغۇنى پەيدا قىلىپ، ماكاندا ئىككى ئۇقۇمنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم ھەمدە بۇلارغا ئاددى تەبىرلەرنى بەردىم. مۇنداق قىلىشتىكى مەقسەدىم، ھازىر تۈرلۈك ئۇقۇملارنى، تىلىمىزدا قوللۇنىۋاتقان، «ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» دىگەن بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلەيدىغان سۆز نامراتلىقىنى ياكى كىكەچلىكنى داۋالاشقا پايداسى بولۇپ قالامدىكىن دەيمەن. ئەلۋەتتە، بۇ ناملار ھەم ئۇلارنىڭ تەبىرلىرى ئۈستىدە يەنىمۇ كىڭەيگەن ۋە چوڭقۇرلاشقان ئىزدىنىشلەرنى ئالىپ بارىش تولىمۇ زۆرۆردۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ماكاننىڭ تەبىئىي مەرىپەتى، سۈنئىي مەرىپەتى قايسىلار؟، ماكاننىڭ تەبىئىي مەدەنىيەتى ۋە سۈنئىي مەدەنىيەتى قانداق بولىدۇ؟ دىگەن ماۋزولاردىمۇ ئىزدىنىش، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىدۇر. 

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 05-ئاينىڭ 10-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 302 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4402
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز