ماكانى مەرىپەت ۋە ماكانى مەدەنىيەت
يىقىنقى 2-3 يىل مابەينىدە، ئۇيغۇر تىلىمىزدا «ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» دىگەن بىر ئاتالغۇ پەيدا بولۇپ، بارلىق جارچالاردا (رادىئو، تېلىۋىزور، ئاخبارات، نەشىرىيات قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشى) قوللىنىۋاتىمىز. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە كۆرۈلگەن «ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» گە ئائىت ئەسەرلەر، پەقەتلا خەنزۇچە مەنبەلەرنى تەرجىمە قىلىپ، شاتۇتلارچە چۈشەنچە بېرىش ياكى ئىزاھات بېرىش بىلەنلا چەكلەندى. شۇڭا، مەن ئوقۇغان ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى بۇ خىل ئەسەرلەرگە قارايدىغان بولساق، مەيلى ئىجادى يازغانى بولسۇن ياكى تەرجىمەسى بولسۇن، بۇلارنىڭ ئاپتورلىرى نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان، باشقىلارمۇ چۈشەنمەيدىغان سۆز ئىبارەلەردىن تۈزۈلگەن. مەسىلەن، «ئېكولوگىيە» دىگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە خاس ئاتىلىشىدىن بىخەۋەر، « مەدەنىلىكى» دىگەن سۆزنىڭ ماھىيەتتىكى مەنەسىدىن بىخەۋەر ئاپتورلار، ھەممىباپلىقى، ئۆنىۋىرساللىقى چىكىدىن ئاشقان «ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» دىگەن سۆزنى كەشىپ قىلدى ھەم نۇرغۇن ئۇقۇملارنى پەقەتلا «ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» دىگەن بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلەپ كەلدى. ئەمما، بۇ سۆزنى بارلىق جارچالاردا «جار سېلىش» جەريانىدا، رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر «ئەھلى ئالىملىرى» («نوپوزلۇق» دەپ قوللاندۇق) دىن ھېچكىم، بۇ سۆز توغرىسىدا ھېچقانداق مۇھاكىمە قىلمادى ۋە بۇنىڭغا باھا بەرمەدى. قارىغاندا، «ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» دىگەن يىڭى كەشپىياتىمىزدا ھېچقانداق مەسىلە يوق، مۇكەممەللىكىدە گەپ يوق ئوخشايدۇ. ئەمەلىيەتتە شۇنداقمۇ؟ بۇنىڭغا مىنىڭ قاتتىق گۇمانىم بار. مىنىڭچە ھەممىلا يەردە مۇشۇ بىرلا سۆزنى قوللۇنۇش، ئاڭ چۈشەنچىمىزدە مەسىلىنىڭ مۈجىمەل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، ماكانى مەرىپەت ۋە ماكانى مەدەنىيەت توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىم قىسقىچە بايان قىلىندى.