ھىيوسرۇق گىياھلىرى
شىنجاڭغا تارقالغان ھىيوسلار
在新疆分布的天仙子属植物
جىمسارى
بايان ئاۋۋال
مۇشۇ «ئاكادېمىيە تورى»نىڭ2013-يىل 1-ئىيۇن سانىدا، «پىدىگەنئىلەدىكى رۇقلار» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا، «ھىيوسرۇق» دىگەن بىر گىياھرۇق نامى ئۇچرايدۇ. ئۇنداقتا،«ھىيوسرۇق» دىگەن قايسى گىياھرۇق نامى؟ بۇ رۇقتا قانچە زات بار؟ بۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى نىمە دەپ ئاتىلىدۇ؟ بۇ زاتلارنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟ مەزگۇر ئەسەردە، مانا مۇشۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ھىيوسرۇقنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى، بىر قىسىم زاتلىرى، ئۇنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزغا تارقالغان زاتلىرى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە، لاتىنچە ۋە خەنزۇچە ناملىرى كۆرسۈتۈلدى، ھەمدە، شىنجاڭغا تارقالغان دورىلىق زاتلارىنىڭ نامىنى قانداق يازىش شەكلى ئوتتۇرغا قويۇلدى. مۇھاكىمە قىلىپ كۆرگەيسىزلەر.
1. ھىيوس دىگەن نام توغرىسىدا
ھىيوس دىگەن سۆز، ئاكادىم رەھمەتۇللا ئادىللا، لاتىنچە «Hyoscyamus» دەپ ئاتالغان گىياھرۇق نامىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ قويغان ئۇيغۇرچە ئىسىم بولىدۇ. (ئاكادىم-ئۇيغۇرچە ياسالغان ئىسىم سۆز، ئۇنۋان نامى 研究员، ھازىر تەتقىقاتچى دەپ ئاتاۋاتىمىز-ئاكادېمىيە تورىغا قارالسۇن). دىمەك، ئۇيغۇرچە ھىيوس دىگەن سۆز، پىدىگەنئىلەدىكى بىر رۇقنىڭ نامى بولىدۇ. بۇ رۇق نامى ئۇيغۇرچە «ھىيوسرۇق» (ھىيوس+رۇق) دەپ ئاتىلىدۇ. لاتىنچە نامى « Hyoscyamus L.»، خەنزۇچە نامى «天仙子属» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «بەڭگىدىۋانە»، «مىڭدىۋانە ئۇرۇقدىشى»، «پىدىگەن ئۇرۇقدىشى»، «بەزرۇلبەنجى» دەپ ئاتالغان. ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنانىڭ «تىب قانۇنلىرى» ناملىق ئەسەرىنىڭ ئۆزبەكچە تەرجىمە قىلىنغان2-تومىدا، ھىيوسلارنىڭ نامى، «بەنج، مىڭدىۋانە، ئىشەكمىيا» دىگەندەك ئەرەپچە، ئۆزبەكچە ناملاردا ئاتالغان. دىمەك، مەن يوقۇرىدا كۆرسەتكەن مىڭدىۋانە، بەڭگىدىۋانە، بەزرۇلبەنجى، بەنج، ئىشەكمىيا دىگەن ناملار، تارىخى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھىيوسرۇق نامىنىڭ ھەر خىل ئاتىلىشى بولۇدۇ. بۇ ناملار ھەر خىل ئاتالغاندىن باشقا يەنە، مەلۇم ئىلمىي قائىدىگە چۈشۈرۈلمىگەن. شۇڭا،كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ پايدىلىنىشىغا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، مەن بۇ ھەر خىل نامنى تىلىمىزدا قوللۇنۇشتىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ھىيوسرۇق دىگەن بىرلا نامنى قوللۇنۇشنى تەۋسىيە قىلدىم. ھەمدە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئۇيغۇرچە گىياھرۇق ناملىرىنى ۋە گىياھزات ناملىرىنى قويۇش ھەم يازىش قائىدەسى» بويىچە بىر قىسىم ھىيوسرۇق زاتلىرىنىڭ ناملىرىنى يېڭىدىن قويۇپ يازدىم.
2. ھىيوسرۇق ھەققىدە ئاددى مەلۇمات
ھىيوسرۇق (Hyoscyamus L.، 天仙子属)، پىدىگەنئىلەدىكى بىر رۇقنىڭ نامى. مەنبەلەرگە قارىغاندا، ھىيوسرۇقنىڭ لاتىنچە نامىنى لىننېي دىگەن گىياھشۇناس 1753-يىلى قويغان بولۇپ، بۇ نام دۇنيا بويىچە بىردەك قوللۇنىلغان. ھىيوسرۇق، يېقىنقى يىللاردا نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «مىڭدىۋانە ئۇرۇقدىشى، بەڭگىدىۋانە ئۇرۇقدىشى، بەزرۇلبەنجى» دەپ ئاتالغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھىيوسرۇقنىڭ دۇنيا بويىچە 20 ئەتراپىدا زاتى بار ئىكەن. بۇ ھىيوسرۇق زاتلىرى، ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقا قىتئەلىرىگە تارقالغان ئىكەن. مەنبەلەرگە قارىغاندا، دۆلىتىمىزدە ھىيوسرۇقنىڭ 3 زاتى بايقالغان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ شەرقى شىمالى، غەربى جەنۇبى، غەربى شىمالى رايونلىرىغا تارقالغان. ئەندى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا بولسا، ھىيوسرۇقنىڭ 2 زاتى بايقالغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىغا تارقالغان.
ھىيوسرۇق زاتلىرى ياكى ھىيوسرۇق گىياھلىرى دىگەن ئۇقۇمنى ئىخچام بىلدۈرۈشتە، «ھىيوسلار» دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ.
3. ھىيوسلارنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى
گىياھنامە مەنبەلىرىگە قارىغاندا، ھىيوسرۇق، گىياھمىقياسنىڭ يېپىقدانبىلەگە، ئۇنىڭ قوشپەلبىقەسىگە، ئۇنىڭ پىدىگەنمەتىگە، ئۇنىڭ پىدىگەنئىلەسىگە، ئۇنىڭ پىدىگەن شاخئىلەسىگە، ئۇنىڭ پىدىگەنتەبە ياكى ھىيوستەبەسىگە، ئۇنىڭ ھىيوسرۇق رۇقىغا تەۋە بولىدۇ (1-جەدۋەلگە قاراڭ).
مەنبەلەردىن ھىيوسرۇقنىڭ 12 زاتىنى جەمتەر قىلدىم، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭغا تارقالغان ئىككى زاتى بار (قىزىل رەڭدە يازىلغىنى شۇ، 1-جەدۋەلگە قاراڭ).
1-جەدۋەل: ھىيوسلارنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى
دەرىجە نامى |
جىمسارى قويغان ئۇيغۇرچە نامى |
لاتىنچە نامى |
خەنزۇچە نامى |
ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى |
مىقياس نامى |
گىياھمىقياس |
植物界 |
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى |
|
قەبىلە نامى |
يېپىقدانبىلە |
Magnoliophyta |
يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى |
|
تەبىقە نامى |
ماگنولبىقە |
Magnoliopsida |
(木兰纲) |
جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى |
جەمەت نامى |
پىدىگەنمەت |
Solanales |
پىدىگەن ئەترىتى |
|
ئائىلە نامى |
پىدىگەنئىلە |
Solanaceae |
پىدىگەن ئائىلىسى |
|
شاخئىلە نامى |
پىدىگەن شاخئىلە |
Solanoideae |
茄子亚科 |
|
تەبە نامى |
پىدىگەنتەبە ھىيوستەبە |
Solaneae Reichb. Hyoscyaminae Duna |
茄族 天仙子亚族 |
|
رۇق نامى |
ھىيوسرۇق |
Hyoscyamus L. |
天仙子属 |
مىڭدىۋانە ئۇرۇقدىشى |
زات نامى |
ھىيوس قارائى ھىيوس كىچىكى ھىيوس ئاققۇشى ھىيوس سارغۇشى ھىيوس بوھەمى ھىيوس بوۋانى ھىيوس كامرانى ھىيوس جەزىرى ھىيوس كۆپىتتاغى ھىيوس مۇتكى ھىيوس تورسىمانى ھىيوس تۈركمەنى |
Hyoscyamus niger L. H. pusillus H.alba H. aureus H. bohemicus H. boveanus H. camerani H. desertorom H. kopetdaghi H. muticus H. reticulatus H. turcomanicus |
天仙子 中亚天仙子,(小天仙子) |
مىڭدىۋانە، بەڭگىدىۋانە، قارا مىڭدىۋانە، بەزرۇلبەنجى كىچىك مىڭدىۋانە، مەرگىزى ئاسىيا مىڭدىۋانىسى،بەزرۇلبەنجى |
4. دورىلىق ھىيوسلارنىڭ نامىنى يازىش
مەنبەلەرگە قارىغاندا، ھىيوسرۇق گىياھلىرىنىڭ بىر قىسمى ئەرەپلەر، ھىندىلار، پارىسلار، تۈركلەر، كىتايلار، تاڭغۇتلار قاتارلىق دىۇنيادىكى كۆپلىگەن ئەللەردە دورا ئەشياسى قىلىنغان. بۇنىڭدىن 1000 يىللار بۇرۇن يازىلغان ئىبىن سىنانىڭ «تىب قانۇنلىرى» دىگەن ئەسىرىنىڭ 2-تومىدا، بەنج، مىڭدىۋانە، ئېشەكمىيا دىگەن نامدا ئاتالغان ھىيوسرۇق زاتلىرىنىڭ قارا، قىزىل ۋە ئاق دىگەن 3خىل زاتى بولىدىغانلىقى، ئەڭ زەھەرلىكى ۋە ئەڭ يامان خىلى قارا خىلى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدىن قالسا قىزىلى تۇرىدىغانلىقى، بۇ ئىككى خىلى ئادەتتە ئىستىمال قىلىنمايدىغانلىقى، ئاق خىلى ساغلامراق بولۇپ، ئىستىمال قىلىنىدىغانلىقى، قاراسىنىڭ گۈلى ئارغۇۋان (قېنىق سېرىق رەڭ؟) رەڭدە، قىزىلىنىڭ گۈلى سارغۇچ رەڭدە، ئاقىنىڭ گۈلى ئاق رەڭدە بولىدىغانلىقى يازىلغان. ئەمما، بۇ بايانلاردىن ھىيوسنىڭ قايسى زاتى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ. خەنزۇچە يازىلغان مەنبەلەردە، شىنجاڭدىكى ئىككى ھىيوسرۇق زاتى دورا ئەشياسى قىلىنىدىكەن. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، ھىيوسرۇقنىڭ بىر زاتى دورا ئەشيا قىلىنىدىغانلىقى يازىلسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ناملىرى مىڭدىۋانە، بەڭگىدىۋانە، بەنج، بەزرۇلبەنجى دەپ كۆپخىل ناملاردا ئاتالغان، بۇ ئىسىملاردىنمۇ ھىيوسرۇقنىڭ قايسى زاتى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ ھەمدە، ھىيوسرۇق زاتىنىڭ قايسى ئەزاسى دورا قىلىنىدىغانلىقىنىمۇ ئۇنىڭ نامىدىن بىلگىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ھىيوسرۇقتىكى دورا قىلىنىدىغان ئىككى زاتىنىڭ نامىنى تۆۋەندىكىدەك ئاتاشنى تەۋسىيە قىلدىم. ئەلۋەتتە، بۇ ھەقتە ئايرىم توختۇلۇشقا توغرا كېلىدۇ.
دورىلىق ھىيوسلار نامى:
ھىيوس قارا ئۇرۇقى، 天仙子Hyoscyamus niger L.، بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى: دورا ئەشيانىڭ ھىيوسرۇقتىكى قارائى زاتىنىڭ ئۇرۇقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ھىيوس قارا قۇرايى، 天仙子Hyoscyamus niger L.، بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى: دورا ئەشيانىڭ ھىيوسرۇقتىكى قارائى زاتىنىڭ گىياھسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. تېخىمۇ ئېنىق يازساق: ھىيوس قارا بەرگى، ھىيوس قارا غولى، ھىيوس قارا گۈلى، ھىيوس قارا يىلتىزى دىگەندەك يازىلىشى كېرەك.
ھىيوس كىچىك ئۇرۇقى، H. pusillus،中亚天仙子,(小天仙子)، بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى: دورا ئەشيانىڭ ھىيوس كىچىكى زاتىنىڭ ئۇرۇقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ھىيوس كىچىك قۇرايى، H. pusillus،中亚天仙子,(小天仙子)، بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى: دورا ئەشيانىڭ ھىيوس كىچىكى زاتىنىڭ گىياھسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. تېخىمۇ ئېنىق يازساق: ھىيوس كىچىك بەرگى، ھىيوس كىچىك غولى، ھىيوس كىچىك گۈلى، ھىيوس كىچىك يىلتىزى دىگەندەك يازىلىشى كېرەك..
دورىلىق گىياھ ناملىرىنى مانا مۇشۇنداق ئاتىغاندا، بىرىنچىدىن ئۇنىڭ رۇق تەۋەلىكى، زاتىنىڭ نامى ئېنىق بولىدۇ. ئىككىنچىدىن دورا قىلىنىدىغان ئەزا ياكى دورا ئەشيانىڭ نامى ئېنىق بولىدۇ دەپ قارايمەن..
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 07-ئاينىڭ 03-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 336 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=3046
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!