باش بەت > گىياھنامە > ئاسبالمەت گىياھلارى
31يانۋار

ئاسبالمەت گىياھلارى

ئاسبالمەت ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-رۇقلارى 

ئا.ر.جىمسارى

 

ئاسبالمەت (Austrobaileyales木兰藤目)، گۈلگىياھلار (قاپلىقدان گىياھلار) قەبىلىسىدىكى ئەڭ ئىپتىدائى جەمەتلەرنىڭ بىرى. «ئاسبالمەت» دىگەن ئۇيغۇرچە نامنى، ئارجىم دىگەن كىشى، 2012- يىلى قويغان. ئۇنىڭ لاتىنچە نامىنى، 1992-يىلى، تاقتاجان بىلەن رېۋەل (Takht. ex Reveal) قويغان. ئاسبالمەت، 2003-يىلىدىن كىيىن مەيدانغا كەلگەن بىر جەمەت بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى مەنبەلەردە يوق. « APGسىستېماسى »دا، ئاسبالمەتنىڭ 3 ئائىلەسى بار. ئاسبالمەت گىياھلىرى، فۇجىموت (藤本)(ياپۇنچە ئاتالغۇدىن ئۆزلەشتۈردۇم)، چاتقال شەكلىدە، بەزىلەرى دەرەخ بولۇدۇ.

  1. 1. ئاسبالئىلە

ئاسبالئىلە (木兰藤科 Austrobaileyaceae) ئاسبالمەتنىڭ بىر ئائىلەسى. «ئاسبالئىلە» دىگەن ئۇيغۇرچە نامنى، ئارجىم دىگەن كىشى، 2012- يىلى قويغان. « Austrobaileyaceae » دىگەن لاتىنچە نامنى، Croizat  دىگەن كىشى، 1943-يىلى قويغان.

ئاسبالئىلەدە، ئاسبالرۇق (Austrobaileya 木兰藤属) ناملىق بىرلا رۇق بار بولۇپ،  ئۇنىڭ ئاسبال مەكلاتى (Austrobaileya maculata) ۋە ئاسبال كەندىنى (Austrobaileya scandens) ناملىق ئىككى زاتى بار. مەنبەلەرگە قاراغاندا،  بۇ زاتلار، پەقەتلا، ئاۋىسترالىيەنىڭ غەربى شىمالىدىكى قىسمەن رايۇنلاردا خاسۋار گىياھ بولۇپ قالغان. «ئاسبالرۇق»، «ئاسبال مەكلەتى»، «ئاسبال كەندىنى» دىگەن ئۇيغۇرچە گىياھ ناملارىنى، ئارجىم دىگەن كىشى، 2015- يىلى قويغان.

  1. 2. شاندىرئىلە

شاندىرئىلە (五味子科 Schisandraceae)، 2003-يىلدىن كىيىن، ئاسبالمەتنىڭ بىر ئائىلىسى قىلىنغان. فۇجىمۇت، چاتقالنى ئاساس قىلىدۇ. شاندىر ئىلە، ئەنئەنىۋى مەنبەلەردە ئۇچرايدىغان، ئىلسىيەئىلەنى (八角茴香科 Illiciaceae) ئۆز ئىچىگە ئالادى. «شاندىرئىلە» دىگەن ئىسىمنى، ئارجىم دىگەن كىشى، 2012- يىلى قويغان. ئۇنىڭ « Schisandraceae »دىگەن لاتىنچە نامىنى، Blume دىگەن كىشى، 1830-يىلى قويغان ئىكەن.

شاندىرئىلەدە ئىككى رۇق بار. بۇنىڭ بىرى، شاندىررۇق (五味子属 Schisandra)، يەنە بىرى، كەشۇر (南五味子属 Kadsura ) دەپ ئاتالغان. مەنبەلەرگە قاراغاندا، شاندىررۇقتا 25 زات بولۇپ، ئاسىيا ۋە ئەمېرىكانىڭ شەرقى جەنۇب جايلارىدا ئۇچرايدىكەن. كەشۇررۇقتامۇ، 25 زات بولۇپ، ئاسىيا قىئەسىنىڭ تۇمۇز بەلۋاق، ئىسسىق بەلۋاق رايونلارىغا تارقالغان. «شاندىررۇق»، «كەشۇررۇق» دىگەن ئۇيغۇرچە ناملارنى، ئارجىم دىگەن كىشى،  2015- يىلى قويغان.

  1. 3. تىيمەنئىلە

تىيمەنئىلە (腺齿木科 Trimeniaceae)، ئاسبالمەتنىڭ بىر ئائىلەسى بولۇدۇ. بۇ ئائىلەدىكى گىياھلارنىڭ ھەممەسى دەرەختىن ئىبارەت. گۈلى كىچىك ھەم قوش جىنىسلىق كىلىدۇ. تۇمۇز بەلۋاق ھەم ئىسسىق بەلۋاق مۇھىتىدا ئۆسۈدۇ. ئۇنىڭدىن خۇشپۇراق ئىلىنىدىكەن.  «تىيمەنئىلە» دىگەن ئۇيغۇرچە نامنى، ئارجىم دىگەن كىشى،  2012- يىلى قويغان. ئۇنىڭ لاتىنچە نامىنى، L.S.Gibbs دىگەن كىشى، 1917-يىلى قويغان ئىكەن. تىيمەنئىلەدە، 1-2 گىچە رۇق، 5-9 غىچە زاتى بارلىقى مۆلچەرلەنگەن.

مەنبەلەر

[1] «木兰藤目»، ۋېبسىت «ۋىكىپېدىئا»، 2014-يىل، 25-ھۇد نەشىرى.

[2] «木兰藤科»، ۋېبسىت «ۋىكىپېدىئا» ، 2014-يىل، 16-مىزان نەشىرى.

[3] «五味子科»، ۋېبسىت «ۋىكىپېدىيا»، 2014-يىل، 13- ھۇد نەشىرى.

[4] «腺齿木科»، ۋېبسىت «ۋىكىپېدىئا»، 2014-يىل، 13- ھۇد نەشىرى.

[5]، ئا.ر.جىمسارى، «قاپلىقدان گىياھلارنىڭ گىياھئىلە ناملارى»، ۋېبسىت «ئاكادېمىيە»، 2012-يىل، 26-قىش نەشىرى.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 01-ئاينىڭ 31-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 84 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5679
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز