« ئېنگىل سىستېماسى»
« ئېنگىل سىستېماسى»
ئا. رەھمەتۇللا جىمسارى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا تەييارلىقتىن تارتىپ ئەڭ ئاخىرقى تومى نەشىر قىلىنغىچە 25 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىنغان «شىنجاڭ فلوراسى» (新疆植物志) ، ئېنگىل سىستېماسى بويىچە تاكسون قىلىنغان[1]. ئۇنداقتا، ئېنگىل سىستېماسى دىگەن نىمە؟ مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، ئەنە شۇ مەزمۇندا قىسقىچە توختالدىم.
- 1. ئېنگىل دىگەن كىم؟
ئېنگىل، گىرمانىيەلىك بوتانىكا ئالىمى، «ئېنگىل سىستېماسى» نىڭ ئىجاتچىسى. بۇ كىشىنىڭ تۇلۇق ئىسمى، «ھېنرىخ گۈستاف ئادوف ئېنگىل» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە ئىخچاملاپ «ئېنگىل» دەپ ئاتادىم. ئېنگىلنىڭ ئىسمى، ئېنگلىشچە مەنبەلەردە « Heinrich Gustav Adolf Engler ياكى Adolf Engle» دەپ، خەنزۇچە مەنبەلەردە «阿道夫·恩格勒 ياكى 海因里希·古斯塔夫·阿道夫·恩格勒» دەپ ئاتالغان [2].
- 2. ئېنگىلنىڭ تەۋەللۇتى ۋە مەۋلۇتى
مەنبەلەرگە قاراغاندا، ئېنگىل، 1844-يىلى 25-نۇرۇزدا ھازىرقى پولشانىڭ ساغان (sagan) دىگەن بازارىدا تۇغۇلغان ئىكەن. 1930-يىلى، 10-ئۆكتەبىردە، 86 ياشىدا، بېرلىندا ۋاپات بولغان ئىكەن.[2،3]
- 3. ئېنگىل، بىر ئۆمۈر بوتانىكا بىلەن شوغۇللانغان
مەنبەلەردىن بىلىشىمچە، ئېنگىل، 1866-يىلى، ۋىخوۋانىيە (ھازىر بىرۇسىل دەمدىكىن-ئاپتور) ئۈنىۋېرسىتېتنىڭ (弗罗茨瓦夫大学) دوكتۇر ئۇنۋانىنى ئالغان بولۇپ، شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغان ئىكەن. 1871-يىلى، مىيۇنخىن بوتانىكا ئىلمىي جەمىيەتىنىڭ گىياھ ئەۋرىشكەلىرىنى يىغىش باشقۇرغۇچىسى بولغان ئىكەن. 1878-يىلى كىئېل ئۈنىۋېرسىتېتتا پروففىسىسور بولغان ھەم گىرمانىيەنىڭ تەبىئەت تارىخى ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان ئىكەن. 1884-يىلى ۋىخوۋانىيەگە قايتىپ كىلىپ، ۋىخوۋانىيە ئۈنىۋېرسىتىدا پروففىسسور ھەم بوتانىكا باغچاسىنىڭ باش باغۋەنى بولغان. 1899-يىلىدىن 1921-يىلى پېنسىيەگە چىققۇچە بولغان ئارالىقتا، بېرلىن ئۈنىۋېرسىتېتنىڭ پروففىسسورى ھەم بېرلىن بوتانىكا باغچاسىنىڭ باش باغۋەنى بولۇپ ئىشلەپتىكەن[3]. دىمەك، ئېنگىلنىڭ تەخمىنەن 60 يىلدەك ئۆمىرى، بوتانىكا بولۇپمۇ گىياھلارنى تاكسونلاش بىلەن ئۆتكەن.
- 4. ئېنگىلنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلەرى
ئاڭلاشلارغا قاراغاندا، ئېنگىل، گىياھلارنى تۈرلەشكە ئائىت ناھايىتى كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان ئىكەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ گىياھلارنى تۈرلەشتىكى بىر يۈرۈش تاكسون سىستېماسىنى ئىجات قىلغان بولۇپ، لەشگىياھلاردىن تارتىپ، گۈلگىياھلارغىچە بولغان ناھايىتى كۆپ گىياھلارنى مۇشۇ سىستېما بۇيىچە تۈرلەپ چىققان ئىكەن. شۇ دەۋىرلەردىكى بۇتانىكا ئالىملارى، ئېنگىلنىڭ بۇ سىستېماسىنى، «ئېنگىل سىستېماسى» دىگەن نامدا ئاتاغان ئىكەن. مەنبەلەرگە قاراغاندا، ئېنگىل، «گىياھلارنىڭ تەبىئىي تاكسونى» (植物自然分科志)، «گىياھى مىقياس» (植物界) ، «زىمىدىكىن گىياھلىقلار» (地球植被)، «شەرقى ئافرىقا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى گىياھلار مىقياسى» (东非及其附近区域的植物界) ناملىق كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازغان ئىكەن. ئۇ، شۇ چاغدىكى مەشھور رەسساملارنى تەكلىپ قىلىپ، گىياھلار ئالاھىدىلىكىنى تەسۋىرلەپ سۆرەتلىگەن 6000 پارچە گىياھ رەسىمىنى ھەم 33000 نۇسخا گىياھ مەتبەسىنى نەشىر قىلغان ئىكەن. 1897-يىلى، ئېنگىل، ئۆزىنىڭ زامانداشى ھەم كەسىپداشى بولغان ك. پرانتىل بىلەن بىرلىشىپ نەشىر قىلغان «گىياھلارنىڭ تەبىئىي تاكسونى» (植物自然分科志) ناملىق كاتتا ئەسەرىنى، ئەنە شۇ ئېنگىل سىستېماسىدا پۈتتۈرگەن ئىكەن[3].
- 5. ئېنگىل سىستېماسى
بوتانىكا ئالىملارى، گىياھلارنى تۇققاندارچىلىقىنىڭ يىراق-يېقىلىقىغا ئاساسەن تۈركۈملەر ئايرىپ چىققان. مانا مۇشۇ ئايرىش ئۇسولى، بىر يۈرۈش بېكىتىلگەن تۈرلەش بەلگەلەمەسى ئاساسىدا بولۇدۇ. مانا مۇشۇ تۈرلەش بەلگەلەمەسى، سىستېما دەپ ئىخچام ئاتالغان.
ئېنگىل، گۈللەر، ئاددىلىقتىن، مۇرەككەپلىككە؛ قاپسىزلىقتىن قاپلىققا؛ تاق قەۋەتلىكتىن قوش قەۋەتلىككە؛ بەرگى بىرىككەندىن، بەرگى ئايرىملىققا، تاق جىنىسلىقتىن، قوش جىنىسلىققا، ئاز گۈللۈكتىن، كۆپ گۈللۈككە؛ شامالدا چاڭلانىشتىن، چەرەندەدە چاڭلانىشقا ئەۋرىم (تەترىجى تەرەققىياتى演化) بولغان دەپ قاراغان.
ئېنگىل گىياھلارنى تەرتىپلىگەندە، تاقپەل گىياھلارنى باشقا، قوشپەل گىياھلارنى كەينىگە تىزغان. سۆگەلگۈل (تال-تېرەك گۈلىگە ئوخشاش گۈل) گىياھلار ئەڭ ئىپتىدائى قاپلىقدان گىياھلار دەپ قاراغان. ئەمما، كىيىنكى ئالىملار بۇ قاراشنى قۇۋۋەتلەمەگەن.
ئېنگىل سىستېماسى، گىياھ مىقياسنى 13 قەبىلەگە ئايرىغان. 13- قەبىلە نامى، «دانگىياھ» (ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر دەپمۇ ئاتالغان) قەبىلەسى بولۇپ، بۇ قەبىلەنى يەنە، «قاپسىزدان گىياھ» ۋە «قاپلىقدان گىياھ» ناملىق ئىككى شاخقەبىلەگە ئايرىغان. قاپلىقدان گىياھ شاخبىلەسى (شاخقەبىلە دىگەن سۆزنىڭ ئىخچام شەكلى)، «تاقپەلگىياھ» بىلەن «قوشپەلگىياھ» دىن ئىبارەت ئىككى گىياھ تەبىقەسىگە ئايرىلغان. قوشپەلگىياھ تەبىقەسى يەنە، «ئىپتىدا گۈلقاپ» ۋە «ئىنتىدا گۈلقاپ» ناملىق ئىككى شاختەبىقەگە ئايرىلغان. مەنبەلەرگە قاراغاندا، دەسلەپكى ئېنگىل سىستىماسى بۇيىچە، قاپلىقدان گىيالار، 45 جەمەتكە، 280 ئائىلەگە ئايرىلغان. ئەمما، 1964-يىلىدىكى 12- قىتىملىق نەشىرىدە، قوشپەل گىيالار ئالدىغا، تاقپەل گىيالار كەينىگە تىزىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ھەمدە، بارلىق قاپلىقدان گىيالارنى 62 جەمەت، 344 ئائىلەگە كۆپەيتىپ ئايرىغان [3]. مەن مەنبەلەردىن يىققان ئېنگىل سىستېماسىدا تەرتىپلەنگەن گىياھلارنىڭ ئىخچام تىزىملىكى 20 بەتتىن ئاشىدۇ. مەزگۇر ئەسەردە بۇلار قىسقارتىلدى.
بىزدە خەنزۇچە نەشىر قىلىنغان «شىنجاڭ فلورا»، مۇشۇ سىستېما بۇيىچە تەرتىپلەنگەن [1]. (مەن بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئەسەرىمدە، فلورا دىگەن سۆزنى، ئۇيغۇرچە «ئەنگىيا» (ئەنگە ئالىنغان ياكى خاتىرلەنگەن گىياھ دىگەن مەنىدە) دەپ ئاتاغان ئىدىم. بارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ ھەممەسى «فلورا» دەپ ئاتاغانلىقى ئۈچۈن، مەنمۇ ئۇيغۇرچەدە فلورا دەپ ئاتاشنى تەشەببۇس قىلىمەن).
- 6. ئېنگىل، 19-ئەسىردىكى تاكسونوم ۋە گېئوبوتانىكا «ھەمىدى»
ئېنگىل سىستېماسى، «كرونكۇست سىستېماسى» روياپقا چىققۇچە بولغان ئارالىقتا، يەنى، 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغىچە، خەلقئارادا كەڭ قوللانىلدى. مەنبەلەرگە قاراغاندا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە فلوراسىدىن باشقا، نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ فلوراسى، ئەنە شۇ ئېنگىل سىستېماسىدا نەشىر قىلىنغان. گېئوبوتانىكامۇ ئېنگىلنىڭ سىستېماسى ئاساسىدا ئىشلەنگەن ۋە شەرھىلەنگەن. بىز ھازىرمۇ قوللۇنىۋاتقان دۆلىتىمىز جۇڭگو ۋە رايونىمىز شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ فلوراسىمۇ ئەنە شۇ ئېنگىل سىسىتېماسى بويىچە يازىلىپ نەشىر قىلىنغان.
1985-يىلى، پېشقەدەم بوتانىك مىجىت خۇدابەردى ئەپەندىنىڭ، «شىنجاڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جۇغراپىيەلىك تارقىلىشى» ناملىق ئەسەرى نەشىر قىلىنغان. ئەسەر ئاپتورى، بۇ ئەسەردىكى تاكسون تەرتىۋىنى نىمىگە ئاساسەن تىزغانلىقىنى ئەسكەرتمىگەن بولسامۇ، ئەسەردىكى تىزىلىش تەرتىۋىدىن قاراغاندا، ئۇنىڭ دەل ئېنگىل سىستېماسىدا تەرتىپلەنگەنلىكى مەلۇم.
1992-يىلى، پېشقەدەم بوتانىك ياسىن ھازىت ئەپەندىنىڭ، «شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىنى ئېنىقلاش ئاچقۇچى» ناملىق ئەسەرى نەشىر قىلىنغان. بۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا، ئەسەرنىڭ تاكسون سىستېماسى ئەسكەرتىلمەگەن. ئەمما، بۇ ئەسەرنىڭ تەرتىپلىنىشىگە قاراغاندا، ئوخشاشلا ئېنگىل سىستېماسى بۇيىچە تەرتىپلەنگەن.
دىمەك، گىرمانىيەلىك بۇ بوتانىكا ئالىمى، تاكسونومىيە ۋە گىئوبوتانىكا ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ زور تۆھپە قوشتى. كىيىنكى كىشىلەر، ئېنگىلگە «تاكسونوم ھەمىدى»، «گىئوبوتانىكا ھەمىدى» دىگەن كاتتا شەرەپنى ئاتا قىلدى [3].
پەننىي ئىلىملەرنىڭ ۋە ھۆنەر سەنئەتنىڭ تەرققىياتىغا ئەگىشىپ، تاكسونومىيەمۇ زور يۈكسەلدى. گىيالارنىڭ تۇققاندارچىلىق نەسەپ سىستېماسىدىكى بەزىبىر ئاساسلارنىڭ نامۇۋاپىق ياكى خاتا بولغانلىقى بايقالىشقا باشلىدى. ئەلۋەتتە، ئېنگىل سىستېماسىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن، ئەمېرىكالىق بوتانىكا ئالىمى، كرونكۇست، 1981-يىلى، «كرونكۇست سىستېماسى»نى روياپقا چىقىرىپ، بۇ كەمچىلىكلەرنى تۇلۇقلىغان بولدى. كرونكۇست سىستېماسى قانداق سىستېما؟ بۇنى، «كرونكۇست سىستېماسى» دىگەن ئەسەردىن كۆرەرسىز.
ئەسكەرتىش: ھەمىد ياكى ھەمىدى دىگەن بۇ سۆز، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى»دە يوق. مەن بۇسۆزنى، كىچىكىمدە ئاتام، دادامدىن «دىخان ھەمىدى، پالگان ھەمىدى، ئەپەندى ھەمىد، تۆمۈرچى ھەمىد، ھەمىددىن سوراڭلار» دىگەندەك گەپلەرنى كۆپ ئاڭلايدىغان. دىمەك، ھەمىد، ھەمىدى دىگەن سۆزنىڭ، پىر، تولۇق بىلىدۇ، ياكى مەلۇم ساھەنىڭ ئۇستازى، رەئىسى، سۇلتانى دىگەندەك مەناسى بار دەپ چۈشەندىم. شۇنىڭ بىلەن مەن، ھەمىد، ھەمىدى دىگەن سۆزنى، خەنزۇچە 权威 نى ئىپادىلەشتە قوللاندىم. بۇ سۆزنى ھازىر بىز نوپۇزلۇق دەپ قوللانىۋاتىمىز. مەن، موللا سايرامىنىڭ «تارىخى ھەمىدى» دىگەن كىتاپ ئىسمىنىڭ مەناسىنى ئىزاھلىغان بىرەر ئەسەرنى كۆرۈپ باقمادىم. شۇنداق بولسامۇ، مەن ئۇنىڭ مەناسىنى «تارىخنىڭ تولۇق خاتىرسى» دەپ چۈشەندىم. ئەگەر، بۇنداق مەنا بەرمەيدۇ دەپ قارالسا، ھەمىد، ھەمىدى دىگەن سۆزنى مەن تۈنجى بولۇپ يازىق ئەسەردە قوللانغان كىشى بولۇپ قالىشىم مۇمكىن.
مەنبەلەر
[1] ئاكادېمىيە تورى، «ئەنگىيا دىگەن نىمە؟»، 2012-يىل، 19-ئىيۇن نەشىرى.
[2] ۋىكىپېدىيا، «阿道夫·恩格勒»، 2014-يىل، 10-نۇرۇز نەشىرى.
[3] بەيدۇ، «恩格勒系统»، 2013-يىل، 14-ئۆكتەبىر نەشىرى.
[4] ئاكادېمىيە تورى، «گىياھى تاكسون ناملارى»، 2012-يىل،22-ئىيۇن نەشىرى.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 01-ئاينىڭ 17-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 113 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5597
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!