كرونكۇست سىستېماسى
كرونكۇست سىستېماسى
جىمسارى
20-ئەسىرنىڭ كىرىىشى بىلەن پەننىي ئىلىم ۋە سانائەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، تېخنىكا، قۇرال-سايمانلار ئۆزلۈكسىز ئىلغارلاشتى. بۇ ھال، بوتانىكا تەتقىق قىلغۇچىلارنى مول بولغان ئىلىم-بىلىم شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى. بوتانىكا تەتقىقاتىدا يىڭى بايقاشلار ئۆزلۈكسىز ھالدا يېڭى نەتىجىلەرنى ياراتىپ تۇردى. بۇ نەتىجىلەر، شۇ چاغدا دۇنيا بويىچە دەۋىر سۈرىۋاتقان ئېنگىل سىستېمىسىغا[1] خىرىس پەيدا قىلغان. نېتىجىدە، تاكسوننىڭ يەنە بىر يېڭى سىستېماسى بولغان، «كرونكۇست سىستېماسى» مەيدانغا كەلگەن. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، كرونكۇست ۋە ئۇنىڭ تاكسون سىستېماسى قىسقىچە بايان قىلىندى.
1. «كرونكۇست»نىڭ ئۆمۈر بايانى
كرونكۈست، 20-ئەسىردىكى مەشھور بوتانىكنىڭ بىرى. «كرونكۈست سىستېماسى» نىڭ بەرباچىسى، ئەمېرىكالىق بوتانىكا ئالىم. ئۇنىڭ ئېنگلىشچە تولۇق ئىسمى، ئارتۇر يۇھان كرونكۈست (阿瑟·约翰·克朗奎斯特Arthur John Cronquist) بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنىڭ ئىخچام شەكلىنى ئەسلىدە «ئا. ھ. كرونكۈست» دەپ يازسام بولاتتى، بۇ كىشىنىڭ نامىنى، ئۆزى ياراتقان گىياھى تاكسون سىستېماسى بىلەن قوشۇپ يازىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، «كرونكۈست» دەپ تېخىمۇ ئىخچام شەكلىنى قوللاندىم.
مەنبەلەرگە قاراغاندا، كرونكۈست، 1911-يىلى 19-نۇرۇزدا، كالىفورنىيە شىتاتىدا تۇغۇلغان، ئېلگان شىتاتىدىكى پوتلان شەھەرتاشقارىدا ھەم ئېدۋار شىتاتىنىڭ پوكاتلو قاتارلىق يەرلەرىدە چوڭ بولغان ئىكەن. كرونكۈست، 1938-يىلى، يۇتا شىتاتلىق ئۈنىۋېرسىتېتنى باكلاۋىر مەرىپەتىدە پۈتتۈرۈپ، يەنە شۇ مەكتەپتە ئوقۇپ، 1940-يىلى، مەجىستەر مەرىپەتىنى، 1945-يىللىرىمىكىن دوكتۇر مەرىپەتىنى تاماملاپتىكەن. كرونكۈست، 1952- يىلىغىچە ئىلگىر-كىيىن بولۇپ، ۋاشىنتون ئۈنىۋېرسىتېتى، زوگىيا ئۈنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچى، نېۋيۈرك بوتانىكا باغچاسىدا، بۇلۇسەردە بوتانىكا تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانغان. 1952- يىلىدىن ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىغىچە، يەنە ۋاشىنتون بوتانىكا باغچاسىدا بوتانىكا تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانغان. كرونكۈست، 1992-يىلى، 22-نۇرۇز كۈنىدە، يۈرەك كىسىلى بىلەن 81 ياشىدا ۋاپات بولغان ئىكەن [2]. (يەر ناملىرىنى يەنە بىر قىتىم تەھرىرلەشكە توغرا كېلىدۇ.)
2. كرونكۈست سىستېماسىنىڭ ۋۇجۇدقا كىلىش تارىخى
مەن كرونكۈستنى دۇنياغا تۇنۇتقان مۇھىم ئامىل، ئۇنىڭ تاكسون سىستېماسىدۇر (گىياھلارنى تۈرلەش سىستېماسى) دەپ قارايمەن. كرونكۈست سىستېماسىنىڭ ۋۇجۇدقا كىلىشىدە باشقا بوتانىكلارنىڭمۇ قوشقان ھەسسەسىنى يوق دىگىلى بولمايدۇ. مەنبەلەرگە قاراغاندا، كرونكۈست دەسلەپتە گىياھلارنىڭ ئادەتتىكى تاكسون سىستېماسى بىلەن شوغۇللانماغان، پەقەتلا، ئەسرە گىياھلار (مۇرەككەپ گۈللۈك گىياھلار) تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانغان ئىكەن. گەرچە شۇنداق بولسامۇ، ئۇ، خېلى ياش ۋاقىتلىرىدىلا ئېنگىلنىڭ «دۇنياۋى فلورا» (دۇنيادىكى گىياھلار فلوراسى) ناملىق ئەسىرىدىن، ئېنگىل سىستېماسىغا گۇمانى پوزىتسىيەدە بولغان، شۇنىڭ بىلەن گىياھلارنىڭ ئادەتتىكى تاكسون سىستېماسى ھەققىدە ئىزدەنگەن. كەسىپداشلارى بىلەن قانداق تاكسون سىستېماسى، گىياھلارنىڭ تەبىئى باغلىنىشلىقىغا ئەڭ يېقىن بولۇدۇ دىگەندەك مەسەلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ئىزدىنىپ، تاكسون سىستېماسىغا ئائىت نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يىغقان. شۇنداق قىلىپ، 1957-يىلىىغا كەلگەندە، ئۆزىنىڭ يىڭى تاكسون سىستېماسىغا ئائىت ئەسەرلەرىنى نەشىر قىلدۇرغان ئىكەن. مانا مۇشۇ مەزگىللەردە، شۇ چاغلاردا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلاغان ياش تەتقىقاتچىلاردىن ئەمېرىكالىق سۇئىن، دانىيەلىك دارگۇلۇن، سۆۋىت ئىتتپاقىلىق ئەرمەن تاقتاجان قاتارلىق بوتانىكلارمۇ، ئېنگىل سىستېماسىغا گۇمانى قاراغانمىكىن، ئۇلارمۇ گىياھلارنىڭ تاكسون سىستېماسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ئىكەن. 1960-يىللىرى كرونكۈست تاقتاجان بىلەن تۇنۇشۇپ، قولىدىكى ئارگىنال مەلۇماتلارنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرغان، تاقتاجاننىڭ روسچە مەلۇماتى، كرونكۈستنىڭ روسچىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغاغان. شۇنداق قىلىپ، كرونكۈست، تاقتاجان بىلەن كۆرۈشۈش باھانىسىدا، سۆۋىتلەر ئىتتىپاقىغا كۆپ قېتىم بارغان، ئۇ يەردىكى باشقا بوتانىكلار بىلەنمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرغان. شۇنداق قىلىپ، كرونكۈست نۇرغۇن قىممەتلىك مەلۇماتلارغا ئېرىشكەن ئىكەن. بۇلار، ئېھتىمال، كرونكۇستنىڭ «كرونكۈست سىستېماسى»نى بەرپا قىلىشقا زور ئاساسلار بىلەن تەمىنلىگەن بولۇشى مۇمكىن [2،3،4].
3. كرونكۈست سىستېماسى
مەنبەلەرگە قاراغاندا، كرونكۈستنىڭ ئابىدە خاراكتىرىدىكى، «گۈلگىيالارنى ئۆنىۋىرسال تۈرلەش سىستېماسى» ناملىق ئەسەرى، 1981-يىلى، ئەمېرىكادا نەشىر قىلىنغان ئىكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، كرونكۈست سىستېماسى، دۇنياغا تۇنۇلۇشقا باشلىغان. كرونكۈست سىستېماسى، قاپلىقدان گىياھلارنى (ياكى گۈلگىياھلارنى) ئىككى تەبىقەگە، 11 شاختەبىقەگە، 64 جەمەتكە، 383 ئائىلەگە ئايرىغان ھەمدە ئائىلە دەرىجەسىگىچە دائىرەسىنى ئېنىق ئايرىپ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى تەپسىلى بايان قىلغان. كرونكۈست سىستېماسى ئوتتۇراغا قويۇلغاندىن كىيىن، ئەمېرىكا، ئاۋىسترالىيە فلوراسى ۋە جۇڭگونىڭ ئېنگلىش تىلىدىكى فلوراسى قاتارلىق فلورالار، كرونكۈست سىستېماسى بۇيىچە تەرتىپلەنىپ نەشىر قىلىنغان ئىكەن. دىمەك، كرونكۈست سىستېماسى، 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كىيىن دۇنيادا كۆپ قوللانىدىغان تاكسون سىستېماسىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
كرونكۈست سىستېماسى، «گۈلگىيالارنى ئۆنىۋېرسال تۈرلەش سىستېماسى (有花植物的综合分类系统، An Integrated System of Classification of Flowering Plants) (1981年))، «گۈلگىيانىڭ راۋاجى ۋە تۈرلەنىشى» (有花植物的进化和分类، The Evolution and Classification of Flowering Plants(1968年第一版;1988年第二版)) ناملىق مۇھىم ئەسەرلەرىدە بىر قەدەر تەپسىلى بايان قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.
مەيلى قانداق بولسۇن، يېقىنى يىللاردا يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن مالىكولا، گىن تېخنىكاسىنىڭ قوللانىلشى بىلەن، كرونكۈست سىستېماسىمۇ، ئېنگىل سىستېماسىغا ئوخشاش خىرىسقا ئۇچراش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمادى. 1998-يىلىغا كەلگەندە، دۇنيادا يەنە «APG سىستېماسى» ناملىق تاكسون سىستېماسى ۋۇجۇدقا كەلدى. ئاڭلاشلارغا قاراغاندا، ھازىر كۆپلىگەن ئالىم-ھەمىدلار، «APG سىستېماسى»نى قوللانىشقا باشلىغان. ئۇنداقتا، «APG سىستېماسى» دىگەن قانداق سىستېما؟ بۇنى، «APG سىستېماسى» ناملىق ئەسەردىن بىلگەيسىز.
مەنبەلەر
[1] ئاكادېمىيە تورى، «ئېنگىل سىستېماسى»، 2015-يىل –قىش نەشىرى.
[2] ۋىكىپېدىيا، «阿瑟·克朗奎斯特»، 2014-يىل 10-نۇرۇز نەشىرى.
[3] بەيدۇ، «阿瑟·约翰·克朗奎斯特»، 2015-يىل،16-قىش نەشىرى
[4] بېجىن ئۈنىۋېرسىتېتى تۈزگەن «精英教案» دىگەن كىتاپ1-قىسىم، 205-يىل نەشىرى.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 01-ئاينىڭ 20-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 86 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5607
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!