باش بەت > ئۇنىۋېرسال > ئەلى قۇربان نىمەلەرنى دىدى؟
9يانۋار

ئەلى قۇربان نىمەلەرنى دىدى؟

ئەلى قۇربان نىمەلەرنى دىدى؟

 

جىمسارى

 

مەن بۇگۇن ئەتتىگەندە، ۋېبسىت باغداشقا كىرسەم، بۇ يەر ئادەم قاينامىغا ئايلانىپتۇ. ئەمما بۇلار، 10-20 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ھالدا 5-10 چە توپنى ھاسىل قىلىشىپ بىر نىمەلەرنى پاراڭلىشىپ قىزىپ كىتىپتۇ. مەن بىر توپ ئادەمنىڭ يىنىغا كىلىپ ئاڭلاپ باقسام، ئەلى قۇرباننىڭ بېجىڭدا لىكسىيە سۆزلىگەنلىرىنى پاراڭلىشىپ تۇرۇپتۇ. يەنە بىر توپ ئادەمنىڭ يىنىغا كەلسەم، ئۇلار زىۋىدە خانىمنىڭ دىگەنلەرى توغرىسىد پاراڭلاشقاندەك قىلىدۇ. يەنە بىر توپ ئادەمنىڭ يىنىغا بارسام، ئۇمۇن دىگەن ئىسملىك بىر كىشىنىڭ دىگەنلەرى توغرىسىدا پاراڭ قىلىشىپ تۇرۇپتۇ. يەنە بىرتوپ بۇرادەرلەرمۇ ئۆزىنىڭ گەپلەرىنى قىلىشىپ تۇرۇپتۇ. مەن، بۇ بىر نەچچە توپ ئادەملەر ئەتراپىدا بىرەر سائەت ئايلىنىپ يۈرگەچ ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىغا قۇلاق سالدىم. بەزىلەرى ئەلى قۇرباننى ماختاپ كەتتى بەزىلەرى تىللاپ كەتتى. بەزىلەر زىۋىدە خانىمنى ماختاپ، بەزىلەرى ئۇمۇننى ماختاپ كىتىشتى. بۇ گەپ-سۆزلەردىن مەن، بۇيەردىكى مۇشۇنچىۋالا كۆپ كىشىلەرنىڭ مۇنداق قىزغىن پاراڭلىرىغا، ياش پىسىخولوگ ئەلى قۇرباننىڭ بىجىڭدىكى لىكسىيەسى بىلەن زىۋىدە خانىم، ئۇمۇن ئەپەندىنىڭ ھەم بىرقىسىم ئەپەندىلەرنىڭ مەزگۇر لىكسىيەگە بەرگەن باھاسى سەۋەپ بولغانلىقىنى پەملىدىم. شۇنىڭ بىلەن، ئەلى قۇربان ئەپەندى نىمىلەرنى دىگەن بولغىيتتى؟ دىگەن ئوي بىلەن، زىۋىدە خانىم كۆرسەتكەن ئادرىسقا كىرىپ، ئەلى قۇرباننىڭ بىجىڭدا سۆزلىگەن ئىككى قىسىملىق ۋىدىئوسىنى ئالايتەن ۋاقىت چىقىرىپ ئاڭلاپ باقتىم. ئەلى قۇربان، بۇ لىكسىيەنى ناھايىتى ئەركىن قىياپەتتە، جانلىق، قىزىقارلىق ھەم چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ سۆزلىدى. مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە، بۇ لىكسىيەنىڭ مەرگەزى ئىدىيەسى، ئادەمدە قانداق روھ بولۇش كېرەك؟ دىگەن مەرگەزى مەسىلەنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئادەمدە، ئۈمۈدۋار، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، يىڭىلىق ياراتىش ئىستىگى بولۇدىغان ھەم دىمۇكراتىك ئىستىلغا ئىگە روھ بولۇش كېرەك، دىگەننى تەرغىپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن. مەن، بۇ لىكسىيەدىن، مەرگەزى تىمادىن چەتنىگەن بىرەر مەزمۇننى بايقامادىم.

بولۇپمۇ، ئەلى قۇرباننىڭ گەپلەرىدە، كىشىلىرىمىز دەۋاتقان، «بىزنىڭ ئۇلۇقلىرىمىزدىن ئۆزىنى چوڭ كۆرسەتىدىغان، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلمايدىغان ھەم مەن سىلەردىن 300 ياش چوڭ دەپ زامانداشلارىنى كۆزگە ئىلمايدىغان ھاكاۋۇر، بىلىمسىز، يېرىم چىلەك، مەدداھلىقىنى» ئىسپاتلايدىغان ئامىللارنىڭ بارلىقىنى بايقامادىم.

مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە، ئەلى قۇربان ئۆز لىكسىيەسىدە، پىسىخىكا دىگەن نىمە؟ دىگەندەك نۇقۇل نەزەرىيەنى سۆزلەمەدى. ئۇ، بىز قانداق پىسخىكا يېتىلدۈرىشىمىز كېرەك توغرىسىدا سۆزلىدى. پەلسەپە سۆزلەمەدى. يەنى، روھ دىگەن نىمە؟ ماددا دىگەن نىمە؟ ئاڭ دىگەن نىمە؟ ئادەم دىگەن نىمە؟ پىسىخولوگىيەدىگەن نىمە؟ دىگەندەك ئىلبىمات بىلىملەردىن ئېغىز ئاچمادى. شۇڭا مىنىڭچە، بۇرادەرلەرنىڭ، لىكسىيەنىڭ مەرگەزى ئىدىيەسىدىن چەتنىگەن بۇ خىلدىكى پەلسەپە مەزمۇنلارنى سۆرەپ چىقىپ، ئەلى قۇربان لىكسىيەسىگە باھا بېرىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. بىر ئامماۋى سورۇندا دىيىلگەن لېكسىيەگە قاراتا، ئوبزور يازىش، مۇھاكىمە قىلىش، مۇنازىرە قىلىش، ئىلىم مۇساپىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن نورمال بولغان ياخشى ئەھۋال. گەرچە بۇ مەزمونلارنى سۆرەپ چىققۇچىلارنىڭ نىيەتى ياخشى بولسامۇ ھەم توغرا بولسامۇ، ئەمما، سورۇن تاللىماي دىگەندە، ھەر خىل سەۋىيەدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بېرەدىغان تەسىرى يامان بولۇدۇ. بۇنى پىسىخولوگىيەدىن خەۋەرى بار كىشىلەر ئوبدان بىلىدىغۇ دەپ قارايمەن.

بىزدە بىر ماقال بار، «ئاتالمىغان ئەردىن، ئاتالغان دۆڭ ياخشى». ئەھۋالدىن قاراغاندا، ئەلى قۇرباننىڭ نامى چىقىپتۇ. ئۇ بىر نامى چىققان دۆڭ بوپتۇ. بىز ئۇنى خۇددى، ھۆل يېغىن ياكى سۈيى يوق سەۋەپلىك، ئۆڭى يۇققا، تىكەنلىك چاتقالمۇ ئۈنمەيدىغان، مىۋىلىك دەرەخلەر ئۆسەلمەيدىغان ، پەقەتلا ياپ-يىشىل قىياقلا ئۆسكەن «دۆڭگە» ئوخشاتساق، بۇ دۆڭنى ئەينى پىتى ئوبدان قوغدىساقلا بولۇدۇ. ئۇنىڭغا قىزىل گۇل، ياڭاق، ياكى كىۋەز تەرسەك بولغىدەك دەپ ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا بولمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق قىلمىساق بولمايدۇ دەپ قاراۋالساق، تەبىئەت قانۇنىيەتىگە، ئېختىسادى قانۇنىيەتكە خىلاپ. چۈنكى، ئۇنىڭغا نۇرغۇن سۇ كېرەك، ئەمما، بۇ دۆڭدە سۇ مەنبەسى يوق، سۇ باشلاپ كىلىش كېرەك، لېكىن بۇ دائىرەدە سۇ قىس. ئۆڭى يۇققا، ئۇنىڭغا نۇرغۇن تۇپا كېرەك. بۇ دۆڭ شاماللىق، شامالنى توسايدىغان توساق كېرەك….. قىسقاسى، بۇ دۆڭنى بوستان قىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن پۇل، ئەمگەك كۈچى ۋە ۋاقىت كېرەك. بۇ يەرگە تېرىلغان زىرائەتلەردىن ھوسۇل ئالىپ، ئالغان قەرىزلەرنى تۆلەپ بولغۇچە، بىزمۇ باقى ئالەمگە كىتىپ قالامىز! ئۇنىڭدىن كۆرە، بىر پۇڭمۇ پۇل خەجلىمەي، ئاۋارەمۇ بولمايدىغان ئىشنى قىلىپ، بۇ دۆڭدە قوي باقساق، ۋاقتىمىز بولسا، قىياق ئۆسكەن بۇ دۆڭگە چىقىپ ھاۋا يىگەچ يىراقلارغا نەزەر سالىپ ھوزورلانساق ئاقىلانە ئىش قىلغان بولۇمىز.

ئادەملەر، كۆرگەنلا ياكى ئاڭلىغانلا شەيئى ۋە ھادىسە توغرىسىدا ھەر خىل ئىنكاسلارنى بېرىدۇ. بۇ ئادەملەردىكى بىر خۇسۇسىيەت. ھەم بۇ ئاللادىن ئادەمگەبېرىلگەن بىر ھوقوق. بۇ ھوقوق، ھەربىر ئادەمگە، ھەر بىر مەسىلە ئۈچۈن پەقەت بىرلا قىتىم بېرىلگەندەك قىلىدۇ. شۇڭا، ھوقوقنى ئەقىل بىلەن جايىنى تاپىپ ئىشلەتسەك، بۇ بىزگە ھەقىقى مەنپەئەتنى يەتكۈزەدى، ئەگەر ئەقىل بىلەن ئىشلەتمەي، ھېسيات بىلەن ناباپ ئىشلەتسەك، بۇ ھوقوق، ئۆز باشىمىزغا چوقوق بولۇپ تىگىپ، باشنى يارىپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ھەممەيلەن، ھوقوقىمىزنى جايىدا ئاۋايلاپ ئىشلىتەيلى ھەم ئۇنى قاتتىق ئاسرايلى.

بۇرادەرلەرنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن، ۋېبسىت مىسرانىمغا يوللانغان، ئەلى قۇرباننىڭ بىر پارچە رەسىمى بىلەن ئۇيغۇرچە لاتىن ھەرىپتە يازىلغان  خەتلەرى، «بىر قىسىم ئادەمنىڭ بەزىدە توغرا، كۆپ قىسىم ئادەمنىڭ دائىم خاتا» دىگەن ئىككىلىك جاۋابىنى كۆرۈپ تازا بىر كۈلۈپتىمەن. چوڭقۇر مەنا بەرگەن بۇلارنى كۆرۈپ، ئەلى قۇربانغا يەنەبىر قىتىم قول قويدۇم. ئۇ راستىنلا بىر داڭلىق پىسىخولوگ ئىكەن. ئۇ، بىر جەڭگاھتىن ئامان ئىسەن قايتىپ كەپتۇ. بۇرادەرلەرگە، ئۆزىنىڭ تۇرقى ئارقالىق نىمە ئۈچۈن ئامان قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. ئىللىق چىرايى بىلەن، بۇرادەرلەر دىگەنلەرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى مۇلايىملىق بىلەن قۇبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. كۈلۈپ تۇرۇشى بىلەن، كۆپ قىسىم پىكىرلەرنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە سۈكۈت قىلىپتۇ. يامان ئەزۋەيلەپ كەتكەنلەرگە ئۆزىنى قوغدايدىغان قورالىنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتكەندەك قىلىپتۇ.

ئەلى قۇربان، ھەممەيلەنگە ئوخشاش ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى، ئەۋلىيائەمەس، ئۇنىڭغا ھەم ھەممەمىزگە، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن گىنى، ئىرسى قالغان. ئۇ، كاتتا ئالىملار يىغىلغان مۇنتىزىم ئىلمىي مۇنبەردە، پەلسەپە نەزەرىيەسى ھەققىدە سۆزلىگەنى يوق. ئۇ پەقەت بىر پىسخكاغا ئائىت ھىكايە سۆزلەدى. ئۇنىڭ دىگەنلەرىنىڭ 100% توغرا بولۇشى مەنتىقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بۇنداق قاراش ھەم مۇشۇنداق بولۇشىنى تەلەپ قىلىش، ھازىرقى شارائىتتا ئارتۇقچە بىر زورۇقۇش. بىزدە بولماغاندا 100 ئەلى قۇربان بولغان كۈنى ئاندىن بۇنى تەلەپ قىلساقمۇ كىچىكمەيمىز. بۇ، ئەلى قۇربان ئەپەندىنىڭ ئۆزىگىمۇ ئايان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ، يەنىلا تىرىشىشى، تېخىمۇ كۆپ لېكسىيەلەرنى سۆزلىشى كېرەك. بۇلار، دەۋرىمىزدە بىزگە كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۆرىيەتلەردىن بولۇپ قالدى.

بۇ يەردە ئولتۇرغان ھەممەيلەن بىر ئىزدەنگۈچى، ھەقىقەتكە ئىنتىلگۈچىلەرمىز. ھەقىقەت دىگەن نىمە؟ ئۆزىمىز ياشاۋاتقان چامان-زاماندا توغرا دەپ قارىغان نەرسەلەردۇر. شۇڭا، بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن «ھەقىقەت ئەمەس»لەر، بۈگۈن ھەقىقەت دەپ، «ھەقىقەت» دەپ قارالغانلار، ھازىر ھەقىقەت ئەمەس دەپ قارالىشى مۇمكىن. يىڭى شەيئى، ھامان كىشىلەرگە غەلىتە بىلىنىدۇ. چۈنكى بىز يىڭى شەيئىگە يەنىلا كونا كۆزىمىز، كونا قۇلىقىمىز، كونا تەپەككۇرىمىز بىلەن قارايمىز، ھەتتا، بۇ يىڭى شەيئىدىكى قانىيەتلەرگە، سىرتىدىن گالىلى لوپا ئەينىكىدە قارايمىز. مىنىڭ بوۋام كوڭكا دەيتتى. ھازىر بىز ماشىنا دەۋاتىمىز. ئەمما ئۇ، بىرلا نەرسەدۇر.

كۆلدىكى سۇ تەبىئى پاكىز بولسا، بېلىقلار ياخشى ئاينىيدۇ. ئەگەر بىز بۇ سۇنى بۇلغاندى دەپ، كورىيەنىڭ ماشىنىسىدا پاكىز سۈزىۋەتسەك، بۇنداق سۇدا بېلىق ياشىيالماسلىقى مۇمكىن. بۇ دۇنيادا، مۇتلەق كىرى يوق پاكىز كىشىنى تاپقالى بولمايدۇ. كۈنىگە 10 قىتىم گۈل سۈيىدە 10 دىدەك يۇيۇپ-تاراپ تۇرىدىغان خانىشقا لوپا ئەينەك بىلەن قاراسىڭىز، ئۇنىڭدا يەنە كىر قالغانلىقىنى كۆرەلەيسىز. ھېچ بولماغاندا، بۇرۇن تۈشۈگىنىڭ ئىچكىرىدە ئۇنىڭ قەقەچلىرى بارلىقىنى بىلىسىز. ئەمما، بۇ ئادەتتە بىزنىڭ نەزەرىمىز سىرتىدا قالغان، شۇڭا،  بۇ خانىش بىزگە يەنىلا پاكىز، سۈزۈك كۆرىنەدى. دىمەك، جاھاندىكى ئىشلارنىڭ ھەممەسى مانا مۇشۇ ھەقىقەتكە بوي سۇنغان.

بايانىم ئاخىرى تۆۋەندىكى شىېرىمدا بولغاي

مۆرتى كەلسە ئىچىڭدىكىنى تۆك تامام،

  ئاڭلاسۇن تەشنالار، ئالسۇنكى بىر ئىلھام.

    دۇكانىڭدا مال يوقمۇ؟ سەتلىمە، ھارام.

      سالمامسەن بازارغا كىملەردىن كىمكەن كام؟

                مەن ئۆزەم بىر ئالىم، ئەمما دانىش ئەمەس،

                   دىگەنلەرىمنىڭ ھەممەسى توغرا ئەمەس.

                      خىسلەتى بار، ئىللەتى يوق مەۋجۇد ئەمەس،

                          بۇنداق شەيئى بۇ دۇنياغا كەلگەن ئەمەس.

                               ئۆچكە ئامراق شۇپۇرغا، ئىزدەركەن چاتقال،

                                  توخوچۇ، ئىزدەركەن دان،  تاتىلاپ داڭگال.

                                      بىرى ئۆچكە، بىرى توخو  بارى  شۇ ھال،

                                         ئېرىشكەن نىمە؟ دوس ئارا قىلىپ جاڭجال؟

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 01-ئاينىڭ 09-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 2,402 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5578
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

4 پارچە باھا

  1. #1 مەنسۇر بۇ باھاغا پىكرىم بار | نەقىل ئېلىش Post:2015-01-12 05:38

    ئىملايىڭىزنىڭ خاتالىقىنى ئالمىغاندا ئەلى قۇربانغا ناھايىتى ياخشى باھا بېرىپسىز، مەنمۇ بىرىنچى بولۇپ سىزنى قوللايدىغانلار قاتارىدا تۇرىمەن.

  2. مەنسۇر بۇرادەر، سىزگە سالام. ۋېبسىت ئاكادېمىيەنى زىيارەت قىلغانىڭىزغا ھەم ئىنكاس يازغانىڭىزغا كۆپ رەھمەت. ئەندى ئەسەرلەردىكى ئىملايىم، سىز دىگەندەك كىشىگە خاتا تۇيغۇ بېرىدۇ. يەنى ئىملاسى «خاتاكەن» دەپ قارايدۇ. بۇ بىزنىڭ ھازىرقى چۈشەنچەمىزدە شۇنداق. مەن تىلشۇناس ئەمەسمەن. ئەمما، مەن ئەسەرلەرىمدىكى بەزى سۆزلەرنى ئەتەيگە شۇنداق يازدىم. بۇنىڭ مۇنداق 3 سەۋەبى بار: 1-سەۋەپ، «ئا، ئە» قاتارلىق سوزۇق تاۋۇشلارئاجىزلاشماي كەلسە، ئۇقۇم كىشىگە ئېنىق بولۇدۇ ھەم تىلغا راۋان بولۇدۇ دەپ قاراغانلىقىمدىن. 2- سەۋەپ، خاتا بولسامۇ، تىل تەتقىقاتتا ئانچە مۇنچە تەتقىق قىلىدىغان ئوبىكتى بولۇپ قالسۇن دەپ قاراغانلىغىمدىن. 3- سەۋەپ، تۈركى تىللىق كىشىلەردە بىرەر ئىملا ئورتاقلىقى بولۇشى كېرەك دەپ قاراغانلىقىمدىن. دىمەك، ئىملاسىنى ئەتەيگە خاتا يازىپتىكەن دەپ چۈشۈنەرسىز.

  3. #3 ئادىلە- گۇچۇڭ بۇ باھاغا پىكرىم بار | نەقىل ئېلىش Post:2015-02-07 11:41

    ئەلى مۇئەللىمگە راستلا ياخشى باھا بېرىپسىز ، ئۇزۇن گەپنى قىسقىسى ئويلىغانلېرىمىز بەك ئوخشاشكەن مەن پەقەت يېزىشقا ۋاقىت چىقىرالمايلا تۇراتتىم …

  4. ھۆرمەتلىك ئادىلە، سىزنىڭ ۋېبسىت ئاكادېمىيەنى زىيارەت قىلغانىڭىزغا ھەم ئىنكاس يازغانىڭىزغا كۆپ رەھمەت. ئالدىراش بولساڭىزمۇ، ئالايتەن ۋاقىت چىقىرىپ، جەمىيەتىمىزدىكى بەزى مۇنازىرەلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپسىز. بۇ، ھازىرقى كىشىلەرىمىزدە چوقۇم بولۇشقا تىگىشلىك بىر پەزىلەت. مۇنازىرە قىلىدىغان پىرىنسىپلىق مەسەلىلەر كۆپ، بىراۋنىڭ مىسال ئۈچۈن دىگەنلەرىگە ئېسىلۋالساق، پرىنسىپلىق مەسەلىلەرنى كۆرەلمەي قالامىز. بۇ جەھەتتە، پىكىرىمىز بىر يەردىن چىققۇدەك.

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز