29يانۋار
پەلسەپە ۋە پەيلاسوپ نىمە ئۈچۈن جەلىپكار؟
为什么哲学和哲学家有那般的吸引力
ئاپتورى: بوستاني
مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە، پەلسەپە ۋە پەيلاسوپ دىگەن بۇ ئىسىملار كۆپ ساندىكى كىشىلەرنى ئۆزىگە قاتتىق جەلىپ قىلىدۇ. ئەگەر نۇرغۇن مەسىلىلەر بىر سۆز بىلەن مۇندەرىجە قىلىپ تىزىلسا، ئالدى بىلەن پەلسەپە ۋە پەيلاسوپ دىگەن سۆزلەرنى كۆرۈپ باقىدىغانلار كۆپ بولامدىكىن دەيمەن. نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ بۇنىڭغا مەن بىر ئېغىز گەپ بىلەن جاۋاپ بېرەلمەيمەن. ئەمما، پەلسەپەنىڭ ئىزدىنىدىغان ئوبىكتى بىلەن كىشىلىك ھاياتتىكى ئارزۇلارنىڭ يىقىنلىقىدىن شۇنداق بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن. ئۇنداق بولسا، ئىنسانلار ئۆز ھاياتىدا قانداق ئارزۇلاردا بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە ھەر كاللىدا ھەر خىيال ياكى ئارزو بولىدۇ. بۇلارنى يىغىنچاقلىساق، ياخشى ئادەم دىگەن نامغا ئېرىشىشنى، بىلىملىك بولۇشنى، داڭلىق بولۇشنى، ئابرويىنىڭ يوقۇرى بولۇشىنى، ساغلام بولۇشنى، مال-دۇنياسىنىڭ كۆپ بولۇشىنى، مەڭگۇ ياش تۇرۇشنى، ئۆلمەسلىكنى، ئۆلسىمۇ بېھىشقا كىرىشنى، قۇلىنى نەگە سۇنسا شۇ يەرگە يېتىشىنى . . . . . . . . نۇرغۇنلىغان بولۇشلارنى ئارزو قىلىدۇ. بۇ ئارزۇلارغا يېتىشنىڭ قانداق يولى بار؟ قانداق قىلساق بۇ ئارزۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ دىگەن مەسىلىلەردە دائىم ئويلۇنۇدۇ ياكى ئىزدەيدۇ. شۇڭا، دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ كىم بولۇشىدىن، قانداق ئىش قىلىشىدىن، توغرى بولامدۇ-بولمامدۇ سىدىن، ئىنسانى ئەدەپ-ئەخلاققا توغرى كىلەمدۇ-كەلمەمدۇسىدىن، قەتئى نەزەر، ئۆمرۇدىكى بارلىق مەئىشەت پائالىيەتلىرى، مۇشۇ ئارزۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىشلەر بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ. بەزى كىشىلەر، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئاچ قالماسلىقى ئۈچۈن دىغانچىلىق ، چارۋاچىلىق، باغۋەنچىلىك بىلەن شوغۇللۇنىدۇ بەزىلەر، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئۇزۇن ئۈمۈر كۆرۈشى ئۈچۈن، دوختۇرلۇق بىلەن شوغۇللۇنىدۇ، بەزىلەر، ئوزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ باي بولۇشى ئۈچۈن، سودا سىتىق بىلەن مەشخۇل بولىدۇ. بەزىلەر، كىشىلەرنى بىلىملىك قىلىش ئۈچۈن مائارىپ بىلەن شوغۇللۇنىدۇ. بەزىلەر، ئادەملەرنىڭ ماددى بۇيۇمغا بولغان ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، خېمىيە، فىزىكا، مىخانىكا بىلەن شوغۇللۇنىدۇ بەزىلەر، بىزنى خاتىرجەم ياشىسۇن دەپ ماكان ئەتراپىدا قاراۋۇللۇق قىلىدۇ، بەزىلەر زىمىندىنمۇ كاتتا جاي بارمىكىن دەپ ئالەمنى كېزىدۇ……..بەزىلەر رەھبەر، بەزىلەر ئەكبەر، بەزىلەر ئالىم، بەزىلەر زالىم بولىدۇ. بۇ ئەمەلىيەت جەريانلىرىدا، نۇرغۇنلىغان ئاڭ چۈشەنچە پەيدا بولىدۇ، بۇ ئاڭ چۈشەنچىلەرنىڭ ھەر خىل بولۇش تۈپەيلىدىن نۇرغۇنلىغان زىددىيەتلەر پەيدا بولىدۇ. بۇ زىددىيەتلەرنى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئەللامەلىرى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ھەل قىلىدۇ. لېكىن نۇرغۇنلىغان نىمە ئۈچۈنلەر تۈپەيلىدىن ئامالسىز قېلىپ، ئەللامەنىڭ ئەللامەسىگە مۇراجەت قىلىدۇ. بۇ چۇڭ ئەللامە بارلىق ساھەلەرنىڭ پىكىرىنىڭ قانداقلىقىنى ئۆلچەيدىغان تارازا-پەلسەپەنى ئىجات قىلىدۇ. پەلسەپە ئۇسولى بىلەن قىيىن بولغان زىددىيەتلەرنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسۈتۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى تاپقان كىشى پەيلاسوپ دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭلاشقىمىكىن، كۆپلىگەن كىشى پەلسەپە ۋە پەيلاسوپقا قىزىقىدۇ. ئۇنداق بولسا، پەلسەپە زادى نىمىنى ھەل قىلىدۇ؟ ياكى، پەيلاسوپ نىمىنى ئىزدەيدۇ؟
ئەگەر بىز نۇقۇل ھالدا پەلسەپە ئۆگەنسەك، بىر قوينى ئىككى قىلالمايمىز، بىر مو بۇغدايدىن ئىككى توننا ھوسۇل ئالالمايمىز، ئارمان قۇۋۋەت تالقانلىرىنى ياسالمايمىز، قان بېسىمنى تۈۋەنلىتەلمەيمىز، سودىدا پايدا ئالالمايمىز. ئۇنىڭدىن كۆرە، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، تىببى ئۇنىۋېرسىتېتى، سودا مەكتەپلىرىگە بېرىپ شۇ كەسىپلەرنى ئۆگەنسەكلا بولىدۇ. بۇ يەرلەردە شۇ تېخنىكا ئۇسوللارنى بىلىپ چىقىمىز. ئۇنداق بولسا پەلسەپەنىڭ نىمە كېرىكى بار؟
بۇغداي ئەسلىدە بىھىشتىن چىققانمۇ ؟ نىمە ئۈچۈن ئۆسۈدۇ؟ ياكى كىم ئۆستۈرۋاتىدۇ؟ بىر تال دان نىمىنىڭ قۇدرىتى بىلەن 20 تال بولىدۇ؟ قۇۋۋەت تالقانلىرىنى ئىشلەش « ئارمانى »، نىڭ ۋە «ئىخلاسى»نىڭ پىشانىسىگە ئەسلىدە پۈتۈلگەنمۇ؟ سىزنى قان بېسىم ياكى ئوپقان كىسىلىگە كىم گىرىپتار قىلدى؟ سودىنىڭ ماھىيىتى نىمە؟ سودا قىلىش ماھارىتىنى پەقەتلا ئاتۇشتا چوڭ بولغانلارغا ئاتا قىلغانمۇ؟ بۇ ئىشلار نىمىنىڭ ياكى كىمنىڭ قۇدرىتىدىن بولىۋاتىدۇ؟ ئادەم بۇ جاپالارنى تارتمايمۇ ياشالامدۇ؟ بىھىش نەدە؟ ئادەملەرنى ئۆلمەيدىغان قىلغىلى بولامدۇ؟……. مانا بۇلار مەن ۋە سىز ئاخىرى بېرىپ جاۋاپ تاپالماي توسۇلۇپ قالىدىغان توساق، پەلسەپە مانا مۇشۇ توساقتىن قانداق ئۆتۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى، پەيلاسوپ، ئەنە شۇ توساقتىن قايسى يول بىلەن ئۆتۈشتە يول ئىزدەيدۇ. بۇ جەرياندا، «ماددا، روھ » دىگەن شەيئىلەر ئۇچرايدۇ، ئۇلار كىم ياكى نىمە؟ «دۇنيا ،ئالەم» دىگەن جايلاردىن ئۆتمەكچى بولىدۇ، بۇلار نىمەلەردۇ؟ نىمەنى كۆرسەم شۇ نەرسە كاللىدا پەيدا بولامدۇ ياكى كاللىدا نىمەنى ئويلىسام شۇ نەرسە كۆرۇنەمدۇ؟ قانداق قىلغاندا خۇداغا ئەڭ يىقىن كىشى بولغىلى بولىدۇ؟ ……… پەيلاسوپلار پەلسەپەدە مانا مۇشۇنداق نۇرغۇنلىغان سۇئاللارغا جاۋاپ ئىزدەيدۇ. شۇڭا، ئەل كىندى، غەززالى، جامالىدىن ئافغانى قاتارلىقلار قانداق قىلغاندا خۇدانى، ئىسلامنى ھەقىقى بىلىپ، خۇدا يولىدا ئازماي توغرى مېڭىپ، بېھىشكە كىرىشنىڭ يولىنى ئىزدىگەن. بىزمۇ تا ھازىرغىچە ئىزدەۋاتىمىز. كانىت ۋە كوپىرنىك قاتارلىقلار ئالەمنىڭ مەرگىزى قەيەردىدۇ؟ زىمىن تۈزمۇ ياكى يۇمۇلاقمىدۇ؟ دىگەنلەرنى ئىزدىگەن. ماركىس، ئېنگىلىسلار، قانداق قىلغاندا، ئادەملەر بىر بىرىنى بوزەك قىلمايدۇ؟ نىمە ئۈچۈن ئاز ئادەم باي بولۇپ، كۆپ ئادەم گاداي بۇلىدۇ؟ كاپىتال دىگەن نىمە؟ كاپىتالىزىم، سوتسىالىزىم، كوممۇنىزىم دىگەنلەر نىمە؟ بۇلار ئىنسان جەمىيىتىگە قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ ماتىرىئالىزىم، روھانىزىم، مىتافىزىكا دىگەنلەر نىمە؟ تەبىئەت دىئالىكتىكىسى دىگەن نىمگە؟ بۇلارنىڭ ئىنسان ھاياتى بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بار؟ دىگەنلەرنى ئىزدىگەن. ماۋزېدوڭ، دېڭشاۋپىڭلار جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ ئۇيقۇسىنى ئاچالماي ئۇخلاپ ياتقان زور شىرنى قانداق قىلىپ ئۇيقۇسىدىن ئۇيخۇتىمىز؟ دىگەن ئۇيخۇتۇش يولىنى ئىزدىگەن. «تىلەشۆپ ئابدىرېھىم ئىزى»، «سابىر زوردۇن يۇرتى» لار تارىخ دىگەن نىمە؟ دىگەننى ئىزدىگەندەك قىلىدۇ. «ئېلىيوپ تېيىپجان شائىرى»، تىل ۋە ھېسيات دىگەن نىمە؟ دىگەننى ئىزدىگەندەك قىلىدۇ. «ئارمان چىندىل ئىخلاسى» لار پۇل دىگەن نىمە؟ دىگەننى ئىزدىگەندەك قىلىدۇ. «ئىبراھىم قۇربان تاشۋايى»، «ئابدۇللا ئابلىكىم ھەربى»، «بارات غىياسىدىن مېھرى»،ناخشا دىگەن نىمە؟ دىگەننى ئىزدىگەندەك قىلىدۇ. «جامى ھۈسەنجان ئەجەمى» مۇزىك دىگەن نىمە؟ دىگەننى ئىزدىگەندەك قىلىدۇ. «ئەھمەت غازى مۇقامى» ، «ئابدىكېرىم نەسىردىن ساھىپجامال» سەنئەت دىگەن نىمە؟ دىگەننى ئىزدىگەندەك قىلىدۇ. . . . . . يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئىنسان دۈچ كەلگەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىزدىگەن ھەم ئىزدەۋاتىدۇ. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇلارنى بىلىشنى ياكى بۇنىڭ تىگىگە يېتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ سۇئاللار ۋە بۇ كىشىلەر بىزنى قىزىقتۇرۇدۇ، شۇڭا بىزنىڭ نەزەرىمىزدە بۇ كىشىلەر ئۇلۇق، شۇڭا بۇ كىشىلەر ئادەملەر قەلبىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان، شۇڭا ئۇلار داڭلىق. سادام، قەززافىدەك پاتىشاھلار نىمە ئۈچۈن بىر مەھەل دۇنياغا داڭلىق شەخسىلەردىن بولۇپ قالدى. يەنە نىمە ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلدى؟ كىم ئۆلتۈردى؟ مىسىر قەھرىمانى بولغان مۇبارەك «پاتىشا» نىمە ئۈچۈن تەخىتتىن چۈشۈرۈلدى، سوتلاندى؟ ئوتتۇرا شەرق ئەرەپ دۇنياسى، ئافغانىستانلار خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچراۋاتامدۇ؟ نىمە ئۈچۈن تېنىچ تاپمايدۇ؟ بۇ ۋەقەلەرنى تەقدىرنىڭ پۈتۈلگىنى دەپ قارايمىزمۇ؟ بۇلارنىڭ پىشانىسىگە شۇنداق يېزىلغانمۇ؟ نىمە ئۈچۈن بۇ ئىشلار بىر مەزگىل پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن بۇ ئىشلارغا قۇرسىقى توق، ھېچنىمىدىن غېمى يوق، ئادەملەرغۇ قىزىقتى، تېخى قۇرسىقى تويمىغان، غېمى تۇلا، ئادەملەرمۇ قىزىقىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىشلارغا ۋە كىشىلەرگە خەقلەر قىزىقىدۇ؟ بۇنىڭ تۈپ سەۋەبىنى بىلگىمىز كېلىدۇ.
مىنىڭچە پەلسەپە سىرلىق ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ تىگىگە يېتىش زور بەدەل تۆلەشنى تەلەپ قىلىدىكەن. پەيلاسوپ بولماقمۇ، پەيلاسوپ دىگەن نامغا ئېرىشمەكمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. مەن، پەلسەپە چوڭ ياكى كىچىك دەپ ئايرىلمايدۇ. ئەمما، پەيلاسوپلار چوڭ كىچىك بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن. بىر پەيلاسوپنىڭ تەسىرى زىمىندا قانچە ئۇزاق پۇت تىرەپ تۇرالىسا، شۇ ئەڭ چوڭ پەيلاسوپ دەپ قارايمەن. بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پەيلاسوپ دەپ قارايمەن. مانا مۇشۇنداق نۇرغۇنلىغان ھەر خىل مەسىلىلەرگە دۈچ كىلىپ تۇرغانلىق، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئېھتىياج چۈشكەنلىك تۈپەيلىدىن، پەلسەپە ۋە پەيلاسوپلار جەلىپكار شەيئىگە ئايلانغان دەپ قارايمەن.
ھازىرقى زاماندىكى پەننىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان يېڭى تەبىئى قانۇنلار بايقىلىۋاتىدۇ،دۇنيا قاراشلىرىمىزدىمۇ ئۆزگۈرۈشلەر بولىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ پەلسەپەمۇ تەرەققى قىلىۋاتىدۇ. يېڭى پەيلاسوپلارمۇ تەۋەللۇت بولىۋاتىدۇ. شۇڭا، بۇگۈنكى كۆز قاراشنىڭ ئەتە ئىنكار قىلىنىشى ئىنتايىن نورمال بىر ئەھۋال. بۇمۇ بىر تەبىئى قانۇنىيەت ئوخشايدۇ، بۈگۈننى بۈگۈننىڭ تارازىسىدا، ئەتىنى ئەتىنىڭ تارازىسىدا ئۆلچىسەك بولىدۇ. ئالمىنىڭ چىچىكىنىلا كۆرۈپ، ئالمىنى ئەستىن چىقارساق بولمايدۇ، ئالمىنى كۆرۈپلا ئالما چىچىكىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ. بۇ ئىككىسىنى كۆرۈپ، ئالما دەرىخىنى ئىنكار قىلساق تېخىمۇ بولمايدۇ. بىزدە، كالىنىڭ مۇڭگۇزىغا ئۇرساڭ پۈتۈن تېنى سىقىرايدۇ دىگەن تەمسىل بار. پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق شەيئى ۋە ئىشلار بىر تىرىك كالىغا، بىر تۈپ ئالما دەرىخىگە ئوخشامدۇ قانداق؟
مەن مۇشۇ ياشقا كەلگىچە بىر كىمدىن پەلسەپە دىگەن دەرىسنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن. پەقەتلا بىر قىزىقىش يۈزىسىدىن باشقىلار يازغان ئەسەرلەردىن ئۇنى بۇنى كۆرۈپ قويغان. بۇلارنى ئوقۇغان ۋاقتىمدىن خىيال سۈرگەن ۋاقتىم كۆپ، بۇ خياللىرىمنىڭ توغرى خاتالىقىنى بىلمەيمەن. بۇلارنى بىلىش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە يەنىلا پەلسەپەگە ۋە پەيلاسوپقا قىزىقىمەن، شۇلارغا مۇراجەت قىلىمەن.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 29-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 2,274 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=576
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!