27يانۋار
پەلسەپە دىگەن نىمە؟ (1)
什么叫做哲学
(پەلسەپە قوروسىغا ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ نەزەر سالغىنىمدىن ئاددى ئومۇمى بايان)
ئاپتورى: بوستاني
مىلادىدىن بۇرۇن ھېساپلىغاندا، پلاتون،ئارىستوتىلدىن باشلاپ، زامانىمىزدىكى جامالىدىن ئافغانى، نەجىپ مەھمۇتقىچە بولغان ئاز كام 2500 يىل جەريانىدا، ئىنسانلار، پەلسەپە دىگەن نىمە؟ دىگەن سۇئالغا توختاۋسىز جاۋاپ ئىزدىگەن. نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى يازغان. بۇلارنى يىغساق ئېھتىمال ئۈرۈمچىدىكى يامالىق تاغىدەك بۇلارمىكىن دەيمەن. دىمىسىمۇ بۇ سۇئالغا بېرىلگەن جاۋاپلار ناھايىتى كۆپ. نىمە ئۈچۈن بىر سۇئالغا مۇنچىۋالا كۆپ جاۋاپ بەرگۈچىلەر چىقىدۇ؟ مىنىڭچە بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددى، ئۇ بولسىمۇ بىر بىرىنىڭ بەرگەن جاۋابىغا قايىل ئەمەسمىكىن دەيمەن. شۇڭلاشقىمىكىن، بىزمۇ تا ھازىرغىچە پەلسەپە دىگەن نىمە؟ دىگەن سۇئالغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تاپالماي ئىزدەپلا يۈرۈپتىمىز.
مەنبەلەرگە قارىغاندا، پەلسەپە دىگەن ئاتالغۇنى بىز ئەرەپلەردىن قۇبۇل قىلغان ئىكەنمىز. ئەرەپلەر گىرىكلەرنىڭ فىلوسوفىيە دىگەن ئاتالغۇسىدىن قۇبۇل قىلغان ئىكەن. بۇ ئاتالغۇنىڭ ،ئەقىلنى سۆيۈش، ئەقىلنى ياقلاش، ھەقىقەتنى ئىزدەش دىگەندەك مەنىلىرى بار ئىكەن. شۇڭا،مەنبەلەرگە قارىغاندا، كىشىلەر ئارىسىدا پەلسەپە دىگەن ئۇقۇمنى ۋە پەلسەپە مەپكورىسىنى ھەمدە ئۇنى تەتقىق قىلىش ئۇسولىنى ئىنسان تارىخىدا گىرىكلەر كەشىپ قىلغان دەيدىغان كۆز قاراش مەۋجۇت. مەن، پەلسەپە دىگەن ئاتالغۇنىڭ گىرىكلەردىن كەلگەنلىكىگە گۇمانىم يوق. ئەمما پەلسەپە دىگەن مەپكورا ئۇقۇمى گىرىكتىن كەلگەن دىگەن قاراشقا قوشۇلمايمەن. چۈنكى شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، گىرىكلەرنىڭ ھېچنىمىسىدىن بىخەۋەر ياشىغان جاي ۋە خەلقلەردىمۇ ئاللىقاچان بۇ ئۇقۇم شەكىللەنگەن.
مەن كىچىك چاغلىرىمدا، بىزنىڭ ئۆيگە داۋاملىق كېلىپ تۇرىدىغان، ئۇيغۇر، ئۆزبەك، نوغاي كىشىلىرىدىن ئاڭلىغان ئەڭگىمەلەردە، ۋە ئۇلار ئوقۇيدىغان يۇققا تۈپلەنگەن قوليازما كىتاپلاردا، ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبەك . …. قاتارلىق قەۋىملەرنى تۈركلەر دەپ ئاتىشاتتى. تۈرك دىگەن بىر مىللەت نامىدەك قىلاتتى. شۇ چاغلاردا، تۈركلەردە ئەقىلنامە دەيدىغان بىر سۆزنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان. يادىمدا قېلىشىچە، مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا بىزگە ئەدەبىيات ۋە پەلسەپە دەرىس بېرىدىغان مەرھۇم غۇپۇر ئاسىم مۇئەللىم، پەلسەپە دىگەن سۆز ئۇيغۇرچە ئەقىلنامە دىگەنلىك بولىدۇ، ئەقىلنامە دىگەنلىك، قانۇنىيەتنى ياقلاش دىگەنلىك بولىدۇ دەپ دەرىس بەرگەن ئىدى. لېكىن بۇ سۆزنى يېقىنقى يىللادا نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتىدىن تاپالمىدىم. ئەقىلنامە دىگەن سۆز ئەرەپچە پەلسەپە دىگەن سۆزنىڭ تۈركچە ئاتىلىشىمىكىن دەيمەن. كىيىن چوڭ بۇلۇپ، ئۇنى-بۇنى ئۇقۇپ يۈرۈپ، دۇنيادىكى تاڭ سۇلالىسى، ئۇرخۇن ئۇيغۇر سۇلالىسى، ئەرەپ سۇلالىسى، ھىندىستان سۇلالىسى، ئامىرىكادىكى ئىندىئانلار…قاتارلىق دەۋىرلەردە ۋە بارلىق مەدەنىيەتكە بېرىلگەن مىللەتلەردە ئاللا بۇرۇن پەلسەپە مەپكورىسىنىڭ گىرىكسىز ھالدا ئەسلىدىنلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدىم. يەنە شۇنداق بىر تۇنۇشقا كەلدىمكى، ئادەملەردىكى ئاڭنىڭ سىرتىدا، ئاۋۋال زاماندىلا مەۋجۇت بولغان بارلىق شەيئىلەر قانۇنىيەتلىرىنى بىلىشنى، كىشىلەر پەلسەپە دەپ ئىسىم قويۇپ ئاتىۋالغان. دىمەك، پانى ئالەم ۋە بارلىق جانىۋارلار پەيدا بۇلۇش بىلەن تەڭ، ئۇلاردىكى تەبىئى قانۇنمۇ تەڭلا پەيدا بولغان دەپ قارايمەن. شۇڭا، ھەر بىرئادەم، ھەر بىر گىياھ، ھەربىر ھايۋان، ھەربىر چارپاي، ھەربىر پەرەندە، چەرەندە ، گىزەندە، ھەربىر ئورمان، باياۋان، جەزىرە، ئېتىز، ھەر بىر ئۆي، مەھەللە، جەمىيەت، شەرىئەت، تەرىقەت، ھەقىقەت، ئادالەت، جاھالەت، مەدەنىيەت، دەپ ئاتالغان شەيئىلەردە، پەلسەپە ياكى تەبىئى قانۇن، خۇددى ئادەمنىڭ روھىغا ئوخشاش ئۇلار بىلەن بىللە مەجۇت دەپ قارايمەن. ئەنە مۇشۇ تەبىئى قانۇننى بىلىشنى كىشىلەر پەلسەپە دەپ ئاتىۋالغان. تەبىئى قانۇن پەلسەپە دىگەن ئۇقۇمنى پەيدا قىلغان. پەلسەپە تەبىئى قانۇننى ئىزاھلاپ بەرمەكچى بولغان. دىمەك، خۇلاسەم شۇكى، پەلسەپە تەبىئى قانۇنىيەتنى بىلىشتە قولۇنۇدىغان بىر ئۇسول. ئۇ پەن نەتىجىلىرىنى ۋاستە قىلىپ، ئالەمدىكى ھەم زىمىنىمىزدىكى بارلىق شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى ئىزاھلاپ بېرىدىغان بىر ئىلىم.
مەن كۆرگەن مەنبەلەرگە قارىغاندا، پەلسەپە دىگەن ئۇقۇم ئاسمان، ئالەم ، ئادەم،…. نۇرغۇن شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ قانۇنىيىتى ياكى ماھىيىتىنى بىلىشنى ئىزدەشتىن باشلانغان. شۇڭا، ئاسمانشۇناس، ئالەمشۇناس، كىمىياشۇناس، مەخلۇقشۇناس، گىياھشۇناس، تىبشۇناس، دىنشۇناس، ئېقتىساتشۇناس، جەمىيەتشۇناس،…قاتارلىقلارنىڭ ھەممەسى پەلسەپەشۇناس نامىدا تۇنۇلغان. شۇڭلاشقىمىكىن پەلسەپەنىڭ تۇرى ناھايىتى كۆپ، بۇ پەلسەپەلەر مەلۇم كىشىلەرنىڭ نامىدا ياكى مەلۇم كەسىپلەر نامىدا ئاتالغان. مەسىلەن، پلاتون، ئارىستوتىل پەلسەپىسى، كۇڭزى پەلسەپىسى، ئىبىن رۇشىد پەلسەپىسى، فارابى پەلسەپىسى، ئىبىن سىنا پەلسەپىسى، ھىكىل پەلسەپىسى، ماركىسىزىم پەلسەپىسى، جامالىدىن ئافغانى پەلسەپىسى، نەجىپ مەخمۇت پەلسەپىسى……دىگەندەك. ئىسلام پەلسەپىسى، بۇدداھ پەلسەپىسى، جوھود پەلسەپىسى، گىرىك پەلسەپىسى، ئەرەپ پەلسەپىسى، خەنزۇ پەلسەپىسى، ئۇيغۇر پەلسەپىسى دىگەندەك. مەخلۇقلار پەلسەپىسى، گىياھلار پەلسەپىسى، ماكان پەلسەپىسى، ساغلاملىق پەلسەپىسى، قۇڭغۇز پەلسەپىسى، تۇڭغۇز پەلسەپىسى. ھېساپ پەلسەپىسى، فىزىك پەلسەپىسى، كىمىيا پەلسەپىسى، يەر پەلسەپىسى، …..دىگەندەك. يەنە تىزساق، دىخان پەلسەپىسى، چارۋىچى پەلسەپىسى، تۆمۈرچى پەلسەپىسى، ياغاچچى پەلسەپىسى، سودىگەر پەلسەپىسى. . . . . دىگەندەك، نۇرغۇن پەلسەنى مىسال كەلتۈرگىلى بولىدۇ.دىمەك، ھەربىر ئادەم تۇغۇلۇشىدىن تارتىپ ۋاپاتىغىچە پەلسەپە بىلەن ئۆزى بىلمەيلا ھەپىلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايدۇ. ئەڭ كىچىك ئېلىكترون، پروتون دىگەندەك ماكرو دۇنيادىن تارتىپ پانى ئالەمگىچە پەلسەپە بولىدۇ. دىمەك، بىز مەخسۇس پەلسەپەنى ئۆگۈنىمىز دەپ ئاۋارە بولماسلىقىمىز كېرەك. بىز ئۆزىمىز قىلىۋاتقان ئىشىمىزنى ئۆزىگە خاس قانۇنىيىتى بويىچە ئىشلىسەكلا پەلسەپە بويىچە ئىش قىلغان بولۇمىز. ئەگەر سىز داڭلىق پەلسەپەچى بولۇشنى ئويلىسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ كىم بولۇشىڭىزدىن، قانداق ئىش قىلىۋاتقان بولۇشىڭىزدىن قەتئى نەزەر، قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنىڭ ئەڭ تۈپ ماھىيەت ياكى قانۇنىيەتلىرىنى بىر نەزەرىيە سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈپ يازسىڭىزلا بولىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ نەزەرىيەلىرىڭىزنى كىشىلەر قوللۇنۇپ، دىگەنلىرىڭىزنىڭ توغرىلىقى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانسا ئىشىنىمەنكى سىزمۇ چوقۇم داڭلىق پەيلاسوپ بولۇپ قالىسىز.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 27-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 1,058 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=548
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
بۇ دۇنيا قاراش دىگەن بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر گەپمۇ
When I first saw this title پەلسەپە دىگەن نىمە؟(1) | ئاكادÛمىيە تور بÛكىتى Academiye.com on google I just whent and bookmark it. A formidable share, I simply given this onto a colleague who was doing slightly evaluation on this. And he actually purchased me breakfast because I found it for him.. smile. So let me reword that: Thnx for the treat! But yeah Thnkx for spending the time to discuss this, I really feel strongly about it and love reading more on this topic. If potential, as you change into experience, would you thoughts updating your blog with extra details? It is extremely helpful for me. Big thumb up for this blog put up!