28يانۋار
«توققۇز ھىكمەت »
九条哲理圣言
ئاپتورى: بوستاني
مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان چاغلىرىمدا،ھەريىلى 6-ئايدا مەكتەپتىن 4 كىلومىتىر يىراق كىلىدىغان، مەھەللىمىزدىكى قۇمۇشلۇق ۋە ساسلىق دەپ ئاتىلىدىغان يەرلەرگە بېرىپ دورىلىق گىياھ يىلتىزى كولايتتۇق. بۇ يىلتىزلارنى قۇرۇتۇپ سېتىپ، سىنىپىمىزغا كېرەكلىك ۋە ئۆزىمىزگە دەپتەر قەلەم سېتىۋالاتتۇق. بۇ يەرلەرگە پىيادە باراتتۇق. بىز ئۇ يەرگە بېرىپ كەلگىچە يول بويى رىشىت ئاسىم مۇئەللىم بىزگە ناھايىتى كۆپ ھىكايە ۋە چۆچەكلەرنى ئيتىپ بېرەتتى. بۇ مۇئەللىم چۆچەك، ھىكايە ئېيتىشقا شۇنداق ئۇستا ئىدى، چۆچەكتىكى ۋەقەلەرنى كۆز ئالدىمىزدا بولۇۋاتقاندەكلا ئېيتىپ بېرەتتى. بۇ چۆچەك ، ھىكايىلەر بىزنى ئۆزىگە شۇنداق جەلىپ قىلاتتىكى،ھەتتا نەدە كىتىپ بارغانلىقىمىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتۇق. شۇ ھىكايىلەرنىڭ ئىچىدە «ئۈچمىڭ تىللالىق ئۈچ سۆز»، «نەسىردىن ئەپەندى ھىكمەتلىرى» دىگەندەك چۆچەكلەردىن ھىكمەت دىگەن سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلايتتۇق. مەنمۇ چوڭ بولدۇم، تۇرمۇش قۇردۇق،ئىككى پەرزەنىتلىك بولدۇق. بالىلىرىمىز ئۆسمۇر چاغلىرىدا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئۇلارغىمۇ چۆچەك ،ھىكايە ئىيتىپ بېرىدىغان بولدۇق. مەن ئايالىمغا قارىغاندا،بالىلارغا چۆچەك، ھىكايەنى ياخشى ئېيتالمايتتىم، بالىلارمۇ سىز چۆچەك ئېيتالمايدىكەنسىز دەپ مىنىڭ چۆچەكلىرىمنى ئاڭلىمايتتى. شۇنداق بولسىمۇ، سىلەر ئوغۇل بالا بولغاندىكىن كىيىن ئەسقاتىدۇ ،ئۈچمىڭ كويلۇق ئۈچ ھىكمەتنى بىكارغا دەپ بېرەي دەپ ئۇنى بۇنى دەپ قوياتتىم.
بۇ ئىككى ئوغۇل ئالى مەكتەپنىمۇ پۈتتۈردى.بىر كۈنى چوڭ بالام،ئۈچمىڭ كويلۇق ھىكمەتنى ئۆزىڭىزگە قايتۇرۇپ بېرەي دەپ بىر كونىراپ كەتكەن يىرتىق دەپتەرنى ماڭا بەردى. قارىسام مەن بالىلىرىمغا دەپ بەرگەن ھىكمەتلىك سۆزلەر قىڭغىر-مايماق يېزىلغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇنى قايتىدىن يازغۇزۇپ ساقلاپ قويغان ئىدىم. بۈگۈن بۇ دەپتەر قۇلۇمغا چىقىپ قالدى. ھەممەيلەن بەھىرلەنسەك بولمامدۇ دىگەن ئوي بىلەن تور بىتىمگە چىقىرىپ قويدۇم. ھەقسىز جۇمۇ، پۇل ئالمايمەن.
توققۇز ھىكمەتلىك سۆز
1- ھۈرمەت تاپاي دەمسەن، ئۇنداقتاسەن ئۆزگىنى ھۈرمەت قىل.
2- باي بۇلاي دەمسەن، ئۇنداقتاسەن ئېقتىساتچىل بول.
3- ئەندىشىسىز بولاي دەمسەن، ئۇنداقتا سەن توغرى بول.
4- بەخىتلىك بولاي ددەمسەن، ئۇنداقتا سەن ھورۇن بولما.
5- خىجالەت بولماي دەمسەن، ئۇنداقتا سەن يالغان سۆزلىمە.
6- سالامەت بولاي دەمسەن، ئۇنداقتا سەن تەرتىپلىك، نورمىلىق بول.
7- بىلىملىك بولاي دەمسەن، ئۇنداقتا سەن ئىنچىكە كۈزەت.
8- مەقسەتكە يىتەي دەمسەن، ئۇنداقتا سەن ئىزچىل بول.
9- خوشال خورام ئۈتەي دەمسەن، ئۇنداقتا سەن شۈكرى قانائەت قىل.
tokkuz hecmet (uylatta sinap baktim)
1.hvrmet tapay demsen, undakta sen wzgini hvrmet kil.
2. bay bolay demsen, undakta sen ektisatqil bol.
3. endixisiz bolay demsen, undakta sen togri bol.
4. behitlic bolay demsen, undakta sen horun bolma.
5. hijalet bolmay demsen, undakta sen yalgan swzlime.
6. salamet bolay demsen, undakta sen tertiplic hem normilik bol.
7. bilimlic bolay demsen, undakta sen inqice kvzet.
8. meksetke yitey demsen, undakta sen izqil bol.
9. hoxal horam wtey demsen, undakta sen xvcri kanaet kil.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 28-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 1,113 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=567
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!