باش بەت > گىياھنامە > لالىلەر توغرىسىدا قىسقىچە بايان
18ئىيۇل

لالىلەر توغرىسىدا قىسقىچە بايان

لالىلەر توغرىسىدا قىسقىچە بايان

郁金香植物概况

ئاپتورى: بوستاني

بۇ ئەسەردە، لالەرۇق گىياھلىرىنىڭ تاكسون تەۋەلىكى، ئەسلى يۇرتى، مەدەنىلەشتۈرۈش تارىخى، نامىنىڭ كىلىش مەنبەسى، بوتانىكىلىق ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا بىر قىسىم مەزمۇنلار قىسقىچە بايان قىلىندى .

1. لالىلەرنىڭ تاكسون تەۋەلىكى:

ئۇيغۇرچە ئىلمي نامى( 维吾尔语学名): لالە

(ئۇيغۇرچە مەنبە ئەسەرلەردە، قاغا تىرنىقى، تۇلپارگۈل، تۇلپانگۈل، كۈركۈم گۈلى دەپ ئاتالغان).

خەنزۇچە ئىلمىي نامى  : 郁金香(باشقىچە ناملىرى洋荷花、草麝香、郁香 دەپمۇ ئاتالغان)

لاتىنچە نامى ياكى ئىلمي نامى : Tulipa

گىياھى قەبىلە نامى  : يېپىقدانبىلە 被子植物门(يېپىقدان گىياھلار قەبىلىسى)

(ئۇيغۇرچە مەنبە ئەسەرلەردە، «يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى» دەپ ئاتالغان)

گىياھى تەبىقە نامى : تاقپەلبىقە 单子叶植物纲(تاقپەل گىياھلار تەبىقىسى)

(ئۇيغۇرچە مەنبە ئەسەرلەردە، «تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى» دەپ ئاتالغان)

گىياھى جەمەت نامى : پىيزەكمەت 百合目( پىيزەك جەمەتى)

(ئۇيغۇرچە مەنبە ئەسەرلەردە، «گۈلسامساق ئۆترەتى» دەپ ئاتالغان)

گىياھى ئائىلە نامى : پىيزەكئىلە 百合科(پىيزەك ئائىلىسى)

(ئۇيغۇرچە مەنبە ئەسەرلەردە،«گۈلسامساق ئائىلىسى» دەپ ئاتالغان)

گىياھى رۇقنامى : لالەرۇق 郁金香属( ئادەتتە لالىلەر دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ)                 

  (ئۇيغۇرچە مەنبە ئەسەرلەردە، قاغا تىرنىقى ئۇرۇقدىشى، تۇلپارگۈل ئۇرۇقدىشى، تۇلپانگۈل ئۇرۇقدىشى دەپ ئاتالغان)

2. لالىلەرنىڭ تەبىئى مەنبەسى:

لالىلەرنىڭ تەبىئى پەيدا بولغان مەنبە جايى توغرىسىدا ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇمات يوق. بەزىلەر، لالىلەرنىڭ تەبىئى مەنبەسى سىرىلانكا، ئۇتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربى جەنۇبى دەپ قارىسا، بەزىلەر ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ جەنوپ شىمال قىرغاقلىرى، تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا دەپ قارايدىكەن. «فلورا شىنجاڭ» دا، ئوتتۇرا دېڭىز رايونىغا ئاساسلىق تارقالغان دەپ يېزىلغان. مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرى، تۈركىيە، ئىران، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى، جۇڭگونىڭ شەرقى-شىمال رايونى قاتارلىق رايونلاردا لالىلەرنىڭ تەبىئى زاتلىرىنى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇلارغا قارىغاندا، لالىلەرنىڭ تەبىئى مەنبەسى ئوتتۇرا دېڭىز رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دەپ قارىساق خاتا ئەمەس.

مەنبەلەرگە قارىغاندا، دۇنيا بويىچە تەبىئى لالە زاتى 150 خىل چامىسىدا بولىدىكەن. ئوتتۇرا ئاسىياغا تەبىئى تارقالغان  لالەزاتلىرى 65 خىل ئەتراپىدا ئىكەن. مەملىكىتىمىز بويىچە بايقىلىپ خاتىرلەنگەن تەبىئى لالەزاتلىرى 15 خىل بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 12 خىل زاتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا تارقالغان. دىمەك، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىز، مەملىكىتىمىز بويىچە تەبىئى لالەزاتلىرى ئەڭ كۆپ تارقالغان رايون.

3. ئىسىم مەنبەسى

ئۇيغۇر، ئۆزبەك خەلقلىرى بىردەك لالە دەپ ئاتىغان بۇ گىياھنىڭ نامى قاچاندىن بېرى قوللۇنىلغان؟، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى مەنىسى نىمە؟ دىگەندەك مەسىلىلەرنى ئويلاشقان بولساممۇ، ئەمما مەنبەلەرنىڭ كەملىكى ھەم ۋاقىت ئېتىۋارى  تۈپەيلىدىن بۇھەقتە ئىزدىنىپ باقمىدىم. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇيغۇر، ئۆزبەك خەلقلىرىنىڭ بىردەك لالە دەپ ئاتاپ كەلگىنىگە كەم ھېساپلىغاندىمۇ مىڭ يىلدىن ئاشامدىكىن دەپ پەرەز قىلىمەن. يەنە شۇنىڭدەك، لالە دىگەن ئۇيغۇرچە سۆزنىڭ مەنىسى، ھەيران قالارلىق، كىشىنى لال قىلىدىغان ياكى مەپتۇن قىلىدىغان دىگەننى بىلدۈرىدۇ دەپ قارايمەن.

بەزى مەنبەلەرگە قارىغاندا، لالەنىڭ لاتىنچە Tulipa (تۇلىپا) دىگەن نامى، پارىسچە dulband دىگەن سۆزدىن قۇبۇل قىلىنغان بولۇپ، پارىسچىدىكى مەنىسى باشياغلىق بولىدىكەن. تۈركەشلەر بۇ پارىسچە سۆزنى tulbend دەپ قۇبۇل قىلغان ئىكەن. تۈركچىدىمۇ باشياغلىق دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، باشياغلىق دىگەن مەنىنى بىلدۈردىغان tulipe/tulipan دىگەن بۇ سۆز، لاتىنچىغا tulipa دەپ قۇبۇل قىلىنغان. ئېنگىلىشچىغا كەلگەندە بۇ نام ئۆزگىرىپ tulip دەپ قۇبۇل قىلىنغان ئىكەن.

4. لالىلەرنىڭ مەدەنىلىشىش تارىخى.

لالىلەرنىڭ قاچاندىن بېرى مەدەنىلەشتۈرۈلۈپ باغلاردا ئۆستۈرۈلگەنلىكى توغرىسدا ئېنىق بىر مەلۇماتقا ئېرىشەلمىدىم. پارىسلىق ئەللامە شەيىخ سەئىد، 1258- يىلى يازغان «گۈلىستان» ناملىق ئەسىرىدە (رەھمىتۇللا جارى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان)، « باغقا تولدى لالىلەر» دەپ يېزىپ، گۈزەك مۇھىتنى ۋە گۈزەل ھېسياتىنى ئىپادىلىگەن. بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پاتىشاھ ،خانىش ۋە كېنىزەكلىرىنىڭ بەھىرلىنىشى ئۈچۈن، ئوسمانلى ئىمپىرىيەسىنىڭ ھەرەم باغلىرىدا مەخسۇس لالىلەر ئۆستۈرۈلگەن ئىكەن. بۇلارغا ئاساسلانغاندا،   لالىلەرنىڭ ياۋايى زاتلىرىنى تېرىپ ئۆستۈرۈش، مەدەنىلەشتۈرۈش ئىزدىنىشلىرى تەخمىنەن11- ياكى 12- ئەسىرلەردە باشلانغان بولۇشى مۇمكىن.  لالىلەرنىڭ جەلىپكار گۈللىرى ياۋروپالىقلارنىمۇ ئۆزىگە مەپتۇن قىلغان. مەنبەلەرگە قارىغاندا، ھوللاندىيەلىك بىر سودىگەر، 1593-يىلى تۇركىيەدىن بىر تۈپ مەدەنىلەشتۈرۈلگەن لالە يىلتىزىنى (پىيازغول)  ھوللاندىيەگە ئېلىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، ھوللاندىيەدە لالە تېرىپ ئۆستۈرۈش كەڭ ئومۇملاشقان. ھازىر ھوللاندىيە دۇنيا بويىچە، لالە تېرىپ ئۆستۈرىدىغان چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، نۇرغۇن ئائىلىلەر لالە تېرىپ كىرىم قىلىپ باي بولۇپتۇ. بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جۇڭگودا تېرىپ ئۆستۈرۈلگەن لالىلەر 19- ئەسىردە سىرتقى دۆلەتلەردىن ئەكىرىپ ئۆستۈرۈلگەن ئىكەن. ھازىر ئىلىمىزدىكى گىياھ باغچىلىرى، شەھەر مەيدانلىرى ۋە يېزىلاردىكى دالىلاردا تېرىپ ئۆستۈرۈلمەكتە. ئاڭلىسام، ئېلىمىزنىڭ كۆكنۇر (چىڭخەي) ئۆلكىسىنىڭ شىنىڭ شەھرىدە يېقىنقى 4-5 يىلدىن بۇيان ھەر يىلى ماي ئېيىدا لالىزار بايرىمى ئۆتكۈزىدىكەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىمۇ لالىلەرنىڭ كۆپ خىل مەدەنى سورتلىرى تېرىپ ئۆستۈرۈلىۋاتىدۇ.

 بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر دۇنيا بويىچە سۈنئى ئۇسولدا يېتىشتۈرگەن لالە سورتلىرى 2000 خىلدىن (بەزى مەنبەلەردە،8000 خىل دەپتۇ) ئاشىدىكەن، ئەمما، دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىكى شەھەر، باغچىلاردا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 150 خىل سورتىلا ئىشلەپچىقىرىشتا تېرىلىدىكەن.

5. لالىلەرنىڭ گىياھنامە (بوتانىكىلىق) ئالاھىدىلىكى

لالىلەر، بويىنىڭ ئىگىزلىكى 3-50 سانتىمېتىر كىلىدىغان كۆپ يىللىق ئوتغول گىياھ بولۇپ،پىيازغول كېلىدۇ. ئۇزۇنلىقى 5-20 نەچچە سانتىمېتىر كېلىدىغان گىياھبەرگى ئادەتتە 2- تالدىن 4 تالغىچە بەزىلىرىنىڭ 3 دىن 5 ياكى 6 تالغىچە بولىدۇ. غول تۈۋىدىكى گىياھبەرگى كۆپرەك (3-2 تال)، غولىدىكى بەرگى ئازراق (1-2 تال) كېلىدۇ.

لالەگۈل، گىياھ بويىغا نىسبەتەن چوڭ بولىدۇ. گۈلسېپى 5-30 سانتىمېتىرغىچە بولۇپ، ئۇچىدا بىر تالدىن گۈلى بولىدۇ. گۈلبەرگى بەش ياپراق ياكى ئالتە ياپراق بولىدۇ. گۈلىنىڭ رەڭگى توققىزىل، سۇسقىزىل، سارقىزىل، قوڭۇرقىزىل، سېرىق، ئاق ياكى ئاقسېرىق، كۆكسېرىق، سۈترەڭ ھەم قېنىق سۆسۈن (قارا رەڭدەك) رەڭلىك بولىدۇ. لالىلەر، ئادەتتە مارت ئېيىنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ماي ئېيىنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە گۈللەيدۇ. لالەنىڭ يىلتىزى پىيازغول كىلىدۇ، ئادەتتە باشپىيازغا ئوخشايدىغان غوليىلتىزىدىن ئۆستۈرىلىدۇ. لالەنىڭ ئۇرۇقى بولىدۇ، ئۇنىڭ شەكلى، ئۈچبۈرجەك ياپىلاق كىلىدۇ.

لالىلەرنىڭ گۈلچىلىك كەسپىدە زور ئېقتىسادى قىممىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كىشىلەر سالامەتلىكىدە موھىم بولغان دورىلىق رولىمۇ بار. لالىلەر توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، يەنە نۇرغۇنلىغان مەزمۇنلارنى يېزىشقا توغرى كېلىدۇ. مەزگۇر ئەسەردە، لالىلەر توغرىسىدىكى قىسقىچە بايانىم ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بولدى. مەزگۇر ئەسەرنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا خاتاسىنى تۈزىتىدىغان ياكى قوشۇمچە قىلىدىغانلار بولسا يېزىپ قويسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن.

مەنبە ئەسەرلەر

1. رەھمەتۇللا ئادىللا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭغا تارقالغان لالەرۇق زاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى، قۇرغاق رايونلار تەتقىقاتى، 2009-يىللىق 3-سان.

2. رەھمەتۇللا ئادىللا، قۇربان نىزامىدىن، خېلىل قۇربان، ئەنىۋەر مۇھەممەت،تاشقىن جاپپار، گىياھلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسىملىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش توغرىسىدا ئىزدىنىش، قۇرغاق رايونلار تەتقىقاتى، 2008-يىللىق 2-سان.

3. بوستاني، گىياھئىلە ناملىرىنى ئۇيغۇرچە قويۇش ۋە يېزىش قائىدىسى، «../» ياكى «ئاكادېمىيە تور بېكىتى»، 2012-يىل 7-ئاي نەشىرى.

4. بوستاني، گىياھرۇق ناملىرىنى ئۇيغۇرچە قويۇش ۋە يېزىش قائىدىسى، «../» ياكى «ئاكادېمىيە تور بېكىتى»، 2012-يىل 7-ئاي نەشىرى.

5. بوستاني، تاكسون ناملىرى، «../» ياكى  «ئاكادېمىيە تور بېكىتى»، 2012-يىل،7-ئاي نەشىرى.  

6. رەھمەتۇللا ئادىللا،تاكسون ناملىرى بويىچە گىياھ ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتاش ۋە يېزىشتىكى پىرىنسىپ-قائىدىلە توغرىسىدا ئىزدىنىش، قۇرغاق رايونلار جۇغراپىيەسى، 2011-يىللىق 1-سان.

7. مىجىت باۋۇدۇن، مىجىت خۇدا بەردى قاتارلىقلار، «گىياھلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسىملىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش توغرىسىدا ئىزدىنىش» ماۋزولۇق ماقالە توغرىسىدا، قۇرغاق رايونلار تەتقىقاتى 2010-يىللىق 2-سان.

8. «فلورا شىنجاڭ»نى تەھرىرلەش كومىتىتى، «فلورا شىنجاڭ» 6-توم، شىنجاڭ پەن تېخنىكا سەھىيە نەشىرىياتى،1996-يىل.

9. مىجىت خۇدابەردى، شىنجاڭ يوقۇرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جۇغراپىيەلىك تارقىلىشى، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،1983-يىل.

10. ياسىن ھازىت،شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىنى ئېنىقلاش ئاچقۇچى، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سەھىيە نەشىرىياتى،1992-يىل.

11. ئالاۋىدىن ئابدۇرېھىم، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئۆسۈملۈك لوغىتى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى،2006-يىل.

12. ئا. شەرىپوۋ، ي. پاراتوۋ، لالىلەر، ئۆزبېكىستان مىللى ئېنسىكلوپودىيەسى، دۆۋلەت ئىلمىي نەشىرىياتى،تاشكەنىت،1997-يىل(رۇسچە نەشىرى).

13. بوستاني، «ياۋا ئوتلارنى ئوتاپ»، «لالىلەرنى» قوغداپ قالايلى، «../» ياكى  «ئاكادېمىيە تور بېكىتى»، 2012-يىل،7-ئاي نەشىرى. 

14.  ئا.ر. جىمسارى، «ئىنكار ماقالە»دە جاۋاپسىز قالغان مەسىلىلەرگە 15 سۇئال، قۇرغاق رايونلار جۇغراپىيەسى، 2011-يىل،2-سان.

 

 

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 07-ئاينىڭ 18-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 818 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=1606
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز