29دېكابىر
قۇياشلەم دىگەن نىمە؟
什么叫做太阳系
ئاپتورى: بوستاني
«قۇياشلەم» دىگەن نىمە؟ بوستانينىڭ ، «ئالەم» دىگەن يازمىسىغا قارىغاندا، قۇياشتىن ئىبارەت بىر تۇرغۇن يۇلتۇز كونترول قىلىپ تۇرغان مەلۇم دائىرەنى «قۇياشلەم » دەپ ئاتىغان. دىمەك،قۇياشلەم ، ئۇيغۇرچە بىر ئىسىم بولۇپ، قۇياش كونترول قىلىپ تۇرغان، ئالەمدىكى مەلۇم بىر بۈلەكنىڭ نامى. بىز، «قۇياشلەم» دىگەن بۇ ئۇقۇمنى ئىپادىلەشتە، «قۇياش سىستېمىسى» دىگەن ئاتالغۇنى قوللانغان ئىدۇق. مىنىڭچە، «قۇياشلەم» دىگەن بۇ ئاتالغۇ، «قۇياش سىستېمىسى» دىگەن ئاتالغۇغا قارىغاندا، ناھايىتى ئىخچام، ئەپلىك ھەم ئۇيغۇرچە پۇرىقى كۈچلۈك بولغان بىر ئىسىمدەك ئاڭلىنىدۇ.
يەنە شۇنىڭدەك، «ئالەم» دىگەن ئەسەردە، بىر يۇلتۇز (بىر تۇرغۇن يۇلتۇز ياكى سەييارە يۇلتۇز ھەمدە،ھەر بىر تەبىئى ھەمرا قاتارلىقلار) «بىر دۇنيا» بولىدۇ دەپ ئاتىغان. دىمەك،«قۇياشلەم»،ئالەمدىكى مەلۇم دائىرەدە بولغان،ئەنە شۇنداق مىليونلىغان «دۇنيا»لارنىڭ بىر يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. تېخىمۇ ئېىنىق قىلىپ ئېيتساق، «قۇياشلەم»، 8 دانە سەييارە يۇلتۇزلارنى، ۋە ئۇلارنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان پەرۋان پلانىتلارنى، نۇرغۇنلىغان قۇيرۇق(سۈپۈرگە) يۇلتۇز ، پەرۋان يۇلتۇز، كىچىك سەييارە يۇلتۇزلارنى ھەم ئاقار يۇلتۇزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇياش، بىر تۇرغۇن يۇلتۇز بولۇپ، «قۇياشلەم» نىڭ مەرگىزى ھىساپلىنىدۇ. قۇياش، ئۆزىنىڭ غايەت زور تارتىش كۈچىگە تايىنىپ، «قۇياشلەم»دىكى مىللىيونلىغان بارلىق پلانىتلارنى «نۇقسانسىز باشقۇرۇپ» تۇرىدۇ، بۇ پلانىتلارمۇ، قۇياشنىڭ ئۆزىگە «جەلىپ» قىلىش كۈچىدىن ئاجىرالماي، «قۇياشلەم» سىرتىغا چىقماستىن قۇياشقا ئىتائەت قىلىپ تەرتىپلىك ئايلىنىپ تۇرىدۇ.
«قۇياشلەم»دىكى 8 سەييارە يۇلتۇزلارنى، قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ يىقىنىدىن باشلاپ تىزساق، مەركورى يۇلتۇز، ۋېنۇس يۇلتۇز، زىمىن يۇلتۇز، مارس يۇلتۇز، يۇپتەر يۇلتۇز، ساتۇرىن يۇلتۇز، ئۇرانۇس يۇلتۇز، نەپتۇن يۇلتۇز دىگەندەك تەرتىپتە تىزغىلى بولىدۇ.
ئاسترونوملار، قۇياشقا يېقىن بولغان مەركورى يۇلتۇز، ۋېنۇس يۇلتۇز، زىمىن يۇلتۇز، مارس يۇلتۇزدىن ئىبارەت 4 دانە يۇلتۇزنى ئومۇملاشتۇرۇپ ، «زىمىنچە يۇلتۇزلار» (زىمىن يۇلتۇزغا ئوخشايدىغان يۇلتۇزلار) دەپ ئاتاشتى. بۇ يۇلتۇزلارنىڭ ھەجىمى ۋە ماسساسى كىچىكرەك بولۇپ، ئۆڭى (يۇلتۇزنىڭ يۈزى قىسمى ياكى يۇلتۇز شارىنىڭ قېپى قىسمى) ئاساسەن تاش جىنىسلاردىن تۈزۈلگەن ئىكەن. قۇياشلەمنىڭ سىرتقى ئايلان مىسىدىكى يۇپتەر يۇلتۇز، ساتۇرىن يۇلتۇز، ئۇرانۇس يۇلتۇز، نەپتەر يۇلتۇز قاتارلىق 4 دانە سەييارە يۇلتۇز، ھەر خىل شەكىلدىكى غايەت زور مىقتاردىكى گازدىن تۈزۈلگەن گاز جىسىملىق سەييارە يۇلتۇز لاردىن بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن. ئەندى 9-يۇلتۇز ھېساپلانغان، پلۇتو يۇلتۇز، يېقىنقى يىللاردىكى يېڭى بايقاشلارغا قارىغاندا، يوقۇرىدا دىيىلگەن سەككىز يۇلتۇزغا ئوخشىمايدىكەن، شۇڭا، بۇ يۇلتۇز يوقۇرىدا دىيىلگەن 8 يۇلتۇز بىلەن تەڭ قاتاردا تىزىلمايدىكەن، بۇ يۇلتۇز، «قۇياشلەم» نىڭ ئەڭ چىتىدىكى تاش جىنىسلىق يۇلتۇزلار بەلبېغىدىن تۇزۇلگەن سەييارە پلانىت بولۇشى ياكى بىر زەيپان يۇلتۇز بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پلۇتو يۇلتۇزغا ئوخشايدىغان 10-يۇلتۇزمۇ بايقالغان.
«قۇياشلەم» نىڭ چوڭلىقى قانچىلىك دائىرەدە بولىدىغاندۇ؟ بۇ توغرىدا،ئېنىق بىر ماتىرىيال كۆرۈپ باقمىدىم. بۇنى بىلىش ئۈچۈن، ئاسترونۇملار ئۆلچەپ ھىساپلاپ چىققان، تۈۋەندىكى مەلۇماتلار بويىچە ھېساپلاپ كۆرسەك، تەخمىنى بىر دائىرەنى بىلگىلى بولىدۇ. نۇرنىڭ تېزلىكى، ئادەتتە،سكونتىغا 300مىڭ كلومېتىر مۇساپىنى باسىدىكەن. قۇياش نۇرى تەخمىنەن8 مىنۇتتىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە زىمنىغا يېتىپ كېلىدىكەن. يۇپتەرگە يېتىپ كىلىشى ئۈچۈن، تەخمىنەن 43 مىنۇت ۋاقىت كېتىدىكەن. ئەندى پلۇتو يۇلتۇزدىكى قۇياشتىن ئەڭ يىراق بولغان نوقتىسىغا يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن تەخمىنەن 7 سائەت ۋاقىت كېتىدىكەن. ئادەتتە بىز، 60 سىكونتنى بىر مىنۇت، 60 مىنۇتنى بىر سائەت، 24 سائەتنى بىر كۈن، 365 كۈننى بىر يىل قىلىپ ھېساپلاش ئېلىپ بارىمىز.
دىمەك، مۇشۇ بويىچە ھېساپلىغاندا، «قۇياشلەم» دائىرەسىنىڭ چوڭلىقى ، تەخمىنەن 30 مىللىيارت كىلومېتىر دائىرسىدە بولىدىكەن. بۇ دىگەنلىك،ئەگەر بىر ئايرۇپىلان سائەتىگە 1000 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن كىچە-كۈندۈز، ئايمۇئاي، يىلمۇ-يىل توختىماستىن ئۇچسا،«قۇياشلەم»نىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگە يېتىپ كىلىش ئۈچۈن تەخمىنەن 3424 يىل 6 يېرىم ئاي ۋاقىت كىتىدۇ دىگەن گەپ. دىمەك، ئالەمدىكى مانا شۇنچىلىك بىر دائىرە «قۇياشلەم»دەپ ئاتالدى. قۇياشلەم، بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ بىر ئالەمدەك بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، ئالەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، خۇددى دېڭىزدىكى بىر تېرىقچىلىك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك دائىرە ھېساپلىنىدۇ.
قۇياشلەم قاچان،قانداق پەيدا بولغان؟ بۇ سۇئال ، خۇددى ئالەم قاچان، قانداق پەيدا بولغان؟ دىگەن سۇئالغا ئوخشاش، ئېنىق بىر جاۋابى يوق سۇئال. بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابى بار دىيىلگەندىمۇ، بۇ جاۋاپلارنىڭ ھەممىسى بىر پەرەزلەردىنلا ئىبارەت. شۇنداق بولسىمۇ، قۇياشلەم قاچان، قانداق پەيدا بولغان؟ دىگەن بۇ سۇئالغا ئالىملارنىڭ ھېساپلاپ چىققان پەرەزلىرىگە ئاساسەن ھازىرچە مۇنداق جاۋاپ بەرگىلى بولىدۇ: بۇنىڭدىن تەخمىنەن 4مىللىيارت 600 مىللىيون يىل بۇرۇن، «ئالەم» دىكى مەلۇم بىر دانوم (ئالەمدە تەبىئى شەكىللەنگەن، تەسەۋۇرسىز زىچلىققا ۋە بېسىمغا ئىگە بولغان ، مەلۇم شارائىتتا ئۆزلىكىدىن پارتلايدىغان «ئاتومدەك» بىر مۇشتەك جىسىمنى «دانوم» دەپ ئاتىدىم) نىڭ پارتلىشىدىن ھاسىل بولغان، بىر بۈلەك قايناپ تاۋلىنىپ تۇرغان گاز جىسىملار ، ئۆزلۈكسىز بىر بىرىگە چاپلىشىپ جۇغلۇنۇپ «قۇياش» ھاسىل بولغان. ئېشىپ قالغان قايناق گاز جىسىملار، قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىپ، يومۇلاق تەخسە سىمان شەكىلدىكى جىسىملارنى ھاسىل قىلغان. بۇلارنىڭ ئومۇمى ماسساسىنىڭ ئېغىرلىقى، قۇياش ماسساسىنىڭ پەقەت بىر پىرسەنتىگە توغرى كەلگەن. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، بۇ جىسىملاردىن قۇياشنىڭ غايەت زور تارتىش كۈچىدە، قۇياشنى ئايلىنىدىغان سەييارە يۇلتۇزلار ۋە مىليونلىغان باشقا پلانىتلار ھاسىل بولغان. شۇنداق قىلىپ، قۇياشلەم، ئەڭ كەم چېساپلىغاندىمۇ، بۇنىڭدىن 4 مىللىيارت 600 مىليون يىل بۇرۇن، قايناق تاۋلىنىپ تۇر غان گازلىق جىسىملارنىڭ كۈچلۈكلىرى ئاجىزلىرىنى ئۆزىگە بىرلەشتۇرۇپ يۇغۇناپ، بىرلەشتۈرۈشكە ئىمكان بولمىغانلىرىنى ئۆزىنىڭ تارتىش كۈچىدە يىراقتىن كونترول قىلىپ، مۇنتىزىم تەرتىپتە ئايلىنىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ پەيدا بولغان.
قۇياشلەمنىڭ شەكىللىنىش جەريانىغا قارىغاندا، ئۇنىڭدىكى، قۇياش،8 سەييارەسى، ئۇلارنىڭ پەرۋانەسى، قۇيرۇق يۇلتۇزلار، زەيپان يۇلتۇزلار ۋە ئۇششاق(كىچىك)سەييارىلەرنىڭ تۇغۇلغان(پەيدا بولغان) ۋاقتى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار يېڭى تۇغۇلغاندا، بىر-بىرى بىلەن پەرقى يوق بولۇشى مۇمكىن. كىيىنكى ئۇزۇن زامانلارنىڭ ئۈتۈشى جەريانىدا، ئۇلارنىڭ جىسمىدا، ھەرخىل خېمىيىلىك ھەم فىزىكىلىق ئۆزگىرىشلەر يۇز بېرىپ، ھازىرقىدەك زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن.
تۇغۇلغاندا تەڭ ئىدۇق، ئالەم ئالدىدا،
پەرقىمىز چوڭ بولدى، قۇياشلەم ئاستىدا.
ئەمما تەقدىرىمىز بىر دۇر قۇياشلەم بىلەن،
بىر كۈنى تەڭ بۇلۇرمىز، كۈيۈكقاپ ئالدىدا.
دىگەندەك، قۇياشلەم زامان ۋەچاماندا مەڭگۈلۈك ئەمەس.ئۇمۇ.بىر كۈنلەردە، قېرىيدۇ، كۈچىدىن قالىدۇ، ئۆزىنىڭ ۋە ئەزالىرىنىڭ كونتروللىقىنى يۇقۇتىدۇ، ئاخىرى مەلۇم بىر كۈيۈكقاپ ئىچىگە غەرق بولۇدۇ دىگەن پەرەزلەر رىياللىققا ئايلىنىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا قارىغاندا، ئادەمنىڭ تۇغۇلۇشى، بارانىغا يېتىشى، قېرىشى، باقى ئالەمگە كىتىشى بىلەن، جەمىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى، دۆلەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، ئالەمنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار، ئوخشاش بىر ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان تەبىئەت قانۇنىدۇر. دىمەك، مىكرودۇنيادىن تارتىپ، ماكرودۇنياغىچە، دۇنيادىن تارتىپ، ئالەمگىچە مۇتلەق ئۆزگەرمەيدىغان شەيئى يوق.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 1,038 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=250
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!