باش بەت > جۇغراپىيە > سىز قەيەردە؟
29دېكابىر

سىز قەيەردە؟

سىز قەيەردە تۇرىۋاتىسىز؟

您生活在那里

ئاپتورى: بوستاني

بىرەيلەندىن تېلىفۇن كەلدى، ئىككىيلەندە تۈۋەندىكى گەپچەپ بولدى:

سىز  قەيەردە ؟

ئۆيدە.

ئۆي قەيەردە؟

موللا گايىت مەھەللىسىدە.

موللا گايىت مەھەللىسى قەيەردە؟

ئونسەككىزخو كەنتىدە.

ئونسەككىزخو كەنتى قەيەردە؟

ئېرگۇڭ يېزىسىدا.

ئېرگۇڭ يېزىسى قەيەردە؟

جىمسار ناھىيەسىدە.

جىمسار ناھىيەسى قەيەردە؟

سانجى خۇيزۇ ئاپتونۇم ئوبلاستىدا.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونۇم ئوبلاستى قەيەردە؟

شىمالى شىنجاڭدا،

شىمالى شىنجاڭ قەيەردە؟

 تەڭرىتاغنىڭ شىمالى قىسمىدا.

تەڭرىتاغ قەيەردە؟

ئۇنىڭ كۆپ قىسمى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قەيەردە؟

جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيەتىدە.

جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيەتى قەيەردە؟

 ئاسىيا قىتئەسىدە.

ئاسىيا قىتئەسى قەيەردە؟

زىمىننىڭ شەرقى يېرىمىدا.ياكى، شەرقى يېرىم شاردا.

زىمىننىڭ شەرقى يېرىمى قەيەردە؟

زىمىندا.

زىمىن قەيەردە؟

ئاسماندا.

دىمەك،بىز ئاسماندا ياشاۋاتىمىزمۇ؟

ئەلۋەتتە.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 980 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=241
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز