27دېكابىر
يۇلتۇز دىگەن نىمە؟
什么叫做星球
ئاپتورى: بوستاني
بىز كىچىك چاغلاردا بىر بىرىمىزگە «ئاخشام ساندۇقۇمدا جىق ئوق،ئەتىسى قوپسام بىرىمۇ يوق، بۇ نىمە؟ دىگەندەك تاپىشماقلارنى ئايتىشاتتۇق ھەمدە ھەممەمىز «يۇلتۇز» دەپ ۋاقىراشىپ جاۋاپ بەرىشەتتۇق. ئەمما، «يۇلتۇز» دىگەن نىمە؟ دەپ سورالغان تاپىشماقنى ھېچكىمدىن ئاڭلاپ باقماپتۇق. شۇنىڭدىن كەيىن،چوڭ بوپتۇق،ئوقۇپتۇق،قىزىقىشىمىز بويىچە،ئۇنى-بۇنى ئوقۇپ قويۇپتۇق. شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ،«يۇلتۇز» دىگەن نىمە؟ دىگەن تاپىشماقنى سوراپتۇق،ھازىر بۇنىڭغىمۇ جاۋاپ تاپتۇق. تاپىشماق:«يۇلتۇز»دىگەن نىمە؟،جاۋاپ:ئاخشامقى ئاسمان گۈمبىزىدە نۇر چاقناپ تۇرغان پلانىتلار.(پلانىت دىگىنىمىز،مەلۇم شەكىلدىكى ئاسمان جىسىملارى).
بىز كەچتە ئاسماندا كۆرگەن يۇلتۇزلارنىڭ بەزىلەرى ناھايىتى نۇرلۇق، بەزىلەرى غۇۋا كۆرۈنىدۇ. بۇنداق كۆرۈنۈشىدىكى سەۋەپ ئىككى،بۇنىڭ بىرى، شۇ يۇلتۇز نۇرىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر يۇلتۇز نۇرى كۈچلۈك بولسا،شۇ يۇلتۇز ناھايىتى نۇرلۇق كۆرۈنىدۇ. يۇلتۇز نۇرى ئاجىز بولسا،شۇ يۇلتۇز غۇۋا كۆرۈنىدۇ. ئىككىنچىسى، يۇلتۇزنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارالىقىنىڭ يىراق ياكى ياقىنلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ئەگەر يۇلتۇز بىزگە ياقىن بولسا،شۇ يۇلتۇز نۇرلۇق كۆرۈنىدۇ.يىراق بولسا، غۇۋا كۆرۈنىدۇ. بەزى يۇلتۇزلار نۇرى،قۇياش نۇرىدىن نەچچە مىليون ھەسسە نۇرلۇق بولسىمۇ،ئۇلار بىزدىن ناھايىتى يىراق بولغانلىقتىن غۇۋا كۆرىنىدۇ، ھەتتا بىزگە كۆرۈنمەيدۇ. ئاسترونوملار، ئادەتتە يۇلتۇز نۇرىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشىغا ئاساسەن، بارلىق يۇلتۇزلارنى 25 دەرىجە (يۇلتۇز دەرىجىسى)گە ئايرىغان. بەزى ماتىرىياللارغا قارىغاندا،ئىنسانلارنىڭ ھازىرغىچە بايقاپ چىققان يۇلتۇزلار نۇرىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى(نۇرلۇق ياكى غۇۋالىقى) ئوتتۇرسىدا،10 مىللىيارت ھەسسە پەرق بار ئىكەن.
يۇلتۇزلار نۇرىنىڭ مەنبەسى ئىككى خىل بولىدۇ.بىرىنچى خىلدىكىسى، يۇلتۇز نىڭ نۇرى شۇ يۇلتۇزنىڭ ئۆزىدە ھەر خىل سەۋەپ تۈپەيلىدىن يانىپ تارقالغان يوقۇرى ھارارەت ۋە نۇردىن ئىبارەت. بۇنداق يۇلتۇزلار ئاسترونومىيەدە «تۇرغۇن يۇلتۇز» دەپ ئاتالغان. ئىككىنچى خىلدىكىسى، تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ چۈشكەن نۇرىنى قايتۇرغان چاغدىكى ئەكسى نۇردىن ئىبارەت.
«قۇياشلەم» دىكى يۇلتۇزلار ئادەتتە تۇرغۇن يۇلتۇز،سەييارە يۇلتۇز،پەرۋان يۇلتۇز، زەيپان يۇلتۇز،قۇيرۇق يۇلتۇز ۋە كىچىك سەييارە يۇلتۇز دىگەندەك تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ.
تۇرغۇن يۇلتۇز-ئۆز جىسمىدىكى ھىدروگىننىڭ بىرىكىپ،ھېلىيۇمغا ئۆزگىرىش جەريانىدا غايەت زور ئېنىرگىيە ۋە نۇر تارقاتىدىغان يۇلتۇز.مەسىلەن قۇياشقا ئوخشاش. بەزى تۇرغۇن يۇلتۇزلار، ئۆز جىسمىدىكى ھېلىيۇمنىڭ بىرىكىش جەريانىدا غايەت زور ئېنىرگىيە ۋە نۇر تارقاتىدۇ.
سەييارە يۇلتۇز-ئۆز جىسمىدىن نۇر چىقىرالمايدىغان،تۇرغۇن يۇلتۇزنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان يۇلتۇز.مەسىلەن: زىمىن يۇلتۇز . قۇياشلەمدە،8 دانە سەييارە يۇلتۇز بار.
پەرۋان يۇلتۇز-بىر سەييارە يۇلتۇزنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان تەبىئى پلانىت(يۇلتۇز). مەسىلەن ، ئاي بىر پەرۋان يۇلتۇز. ئىنسانلار ئۆزلىرى ياساپ، يۇلتۇز لار ئارا قىدىرىپ يۈرىدىغان ماشىنا ئەسۋاپ، سەييارە يۇلتۇزلار ئوربىتاسىدا ئۇچۇپ يۈرىدۇ.شۇڭا،ئۇمۇ بىر پەرۋان يۇلتۇز جۈملەسىگە كىرىدۇ. ئۇنى سۇنئى پەرۋان يۇلتۇز دەپ ئاتىساق بولىدۇ. بىز بۇنى سۇنئى ھەمرا(يۇلتۇز) دەپ ئاتىغان. لېكىن، ئاسترونومىيەدە يەنە «ھەمرا يۇلتۇز» دەيدىغان بىر ئۇقۇم بار. بۇ ئاتالغۇ، پەرۋان يۇلتۇز دىگەن ئۇقۇمغا ئوخشىمايدۇ.
زەيپان يۇلتۇز- قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان،سەييارە يۇلتۇزدىن كىچىك بولغان ، كىچىك سەييارە يۇلتۇزدىن چوڭ بولغان بىر پلانىت(يۇلتۇز).
قۇيرۇق يۇلتۇز-قۇياشلەمنىڭ چىتىدىكى سەييارە يۇلتۇزلار شەكىللىنىپ بولغاندىن كىيىن ئېشىپ قالغان،توڭ گازلار، مۇزلار ۋە توڭقاتلار(پارچە-پۇرات ئاسمان ئەخلەت چاۋىلارى)دىن قۇيرۇق سىمان شەكىل ھاسىل قىلغان پلانىت. مەسىلەن،ھاللي يۇلتۇز. ھازىر، قۇياشلەم دە، 1000 دەك قۇيرۇق يۇلتۇزنىڭ بارلىقى بايقالغان.
كىچىك سەييارە يۇلتۇز-قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان،زەيپان يۇلتۇزدىن كىچىك بولغان، ھەر خىل شەكىلدىكى پلانىت. ئاسترونوملار، قۇياش ئالەمدە 500 مىڭدەك كىچىك سەييارە يۇلتۇزنىڭ بارلىقىنى بايقىغان.
ئومۇمەن ئالغاندا،يۇلتۇز چوڭ جەھەتتىن ئىككى خىل بولىدۇ.بۇنىڭ بىرى ئۆزلىگىدىن ھارارەت ۋە نۇر چىقىرىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇزلار،ئىككىنچىسى تۇرغۇن يۇلتۇزلاردىن چۈشكەن نۇرنى قايتۇرۇپ ئەكسى نۇر چىقىرىدىغان سەييارە يۇلتۇزلاردىن ئىبارەت.
يۇلتۇز بىلەن يۇلتۇزنىڭ پەرقى بار،
ھەرقايسىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئورنى بار.
قۇياشلەمدە مىليونلىغان يۇلتۇز بار،
ئىنسانلىق زىمىندەك يۇلتۇز نەدە بار؟ دىگەندەك،زىمىن قۇياشلەمدىكى سەييارە يۇلتۇزلار ئىچىدە ئالاھىدە بىر يۇلتۇزدۇر.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 1,152 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=228
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى بەك ياقتۇرىمەن،بۇ چاغقىچە پىكىر يانمىغان ئىدىم،بۇ يازمىغا يازغۇم كەلدى.مەنمۇ مۇشۇ ئاتالغۇچىلىققا بەك كۆڭۈل بۆلىمەن،مەن تولۇقتىن باشلاپ ئىچكىردە ئوقۇغان لىكىن مىللى مائارىپقا بەك كۆڭۈل بۆلىمەن.مۇشۇ قىتىم بىر نەۋرە سىڭلىمغا دەرس تەكرارلاپ بىرىۋىتىپ تىخىمۇ ھىس قىلدىمكى،بىزنىڭ تىلىمىزدا ئاتالغۇ قەلەندەرلىكى بەك ئىغىركەن.بالىلار دۆت ئەمەس،مۇشۇ قاملاشمىغان،ئىغىزىغا كالمەيدىغان ئاتالغۇلار كىشىنى ھاردۇرۇپ قويىدىكەن.نەچچە ئاتالغۇنى كۆرۈپ تىللاپ كىتىپتىمەن تىلكومدىكى كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىنى.مەنمۇ تەرجىمە قىلغان بىر قىسىم ئاتالغۇلار بار،كىيىن ۋاقىت چىقىرىپ سىزگە يوللاپ بىرەي كۆرۈپ بىقىڭ.سىزنى قوللايمەن!
كۆك دىڭىز بۇرادەر، ئىنكاسىڭىزنى كۆردۈم، سىزگە كۆپ رەھمەت. ھەركىم چامىسىنىڭ يېتىشىچە تىلىمىزنىڭ ئىخچام، ئېنىق، پاساھەتلىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشنى ئۈمۈت قىلىپسىز. دەرۋەقە ئەھۋالىمىز شۇنداق بولىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار توغرىسىدا قايتىدىن ئىزدىنىش، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالدى. خالىسىڭىز، بۇ ھەقتە بىر لىكتە ئىزدەنسەك بولىدۇ.