10ئاۋغۇست
«ئىسلام» توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىم
«ئىسلام» توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىم
我对斯兰教的理解
ئاپتورى: جىمسارى
«ئىسلام» دىگەن سۆز، بىزگە مەلۇم بىر دىننىڭ نامى سۈپىتىدە ئەرەپچەدىن ئۆزلەشكەن ئىسىم سۆز. شۇڭا، «ئىسلام» دىگەن سۆز، «ئىسلام دىن ياكى ئىسلام دىنى» دىگەن سۆز بىلەن باراۋەر تۇرىدۇ دەپ قارايمەن. ئۇيغۇر مىللىتى، ئىسلامغا ئتىقات قىلىپ كەلگىلى ئالدى مىڭ يىلدىن، كەينى 600 يىلدىن ئېشىپتۇ. ھازىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى مۇسۇلمان مىللەت دەپ قارىلىدۇ. ئىسلام مەدىنىيىتى، بىزنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇش ۋە مەدەنىيىتىمىزگە چوڭقۇر مەنىۋى تەسىرلەرنى ئېلىپ كىرگەن. شۇڭا، ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ تۇغۇلىشىدىن تارتىپ ۋاپاتىغىچە بولغان مەئىشەتلىرى ئىسلام مەدىنىيىتى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەڭ قىسقىسى، بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى تۇغۇلغاندا، ئەزان ئېيتىپ ئىسمى قويۇلىدۇ، 6-7 ياشقا كەلگەندە، خەتنە قىلىنىدۇ، بالاغەتكە يەتكەندە، نىكا ئوقۇپ تويىنى قىلىدۇ، ۋاپاتىدا، مىيىتنى يۇيۇپ-تاراپ، ئاخىرەت نامىزىنى چۈشۈرۈپ، يەرلىككە قويىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلامدىن يېتىشتۈرگەن بىر خىل مەدەنىيەت بولۇپ، ئىسلامنى قۇبۇل قىلىش بىلەن بىرگە بىزگە ئۆزلەشكەن ئىكەن.
ئۆزەمنى بىر مۇسۇلمان دەپ قارىساممۇ، ئىسلام توغرىسىدا سۆز ئىچىش ماڭا نىسبەتەن مۇخالىپ بىر ئىش، چۈنكى مەن ئىسلام ھەققىدە بىلىدىغانلىرىم ناھايىتى ئاز. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئۆزەمنىڭ ئىسلام ھەققىدىكى ئاددى چۈشەنچىلىرىمنى بايان قىلدىم. مەقسەت شۇكى، سوراپ ئۆگۈنۈپ مۇسۇلمان بولىمىز دىگەندەك، بىلىدىغانلاردىن تەلىم ئىلىپ، ئۆزئارا ئۆگۈنۈپ، خاتا چۈشەنچىلىرىمىزنى تۈزۈتۈش، توغرىسىنى تېپىۋىلىش، توغرى يولدا مېڭىش.
1. «ئىسلام» سۆزى توغرىسىدىكى چۈشەنچەم
مەنبەلەرگە قارىغاندا، «ئىسلام» سۆزى،كونا ئەرەپچە سۆز بولۇپ، بوي سۇنۇش، ئىتائەت قىلىش، ئىقتىدا قىلىش دىگەن مەنىلەرنى بېرىدىكەن. مەن كۆرگەن ئىسلامچە يازىلغان ھۆسنىخەتلەرنىڭ بىر قىسمى يىشىل رەڭلىك تەگلىك ئۈستىگە ئاق رەڭلىك خەت بىلەن يېزىلغان. بىر قىسىملىرى ئاق رەڭلىك تەگلىك ئۈستىگە يېشىل رەڭلىك خەت بىلەن يېزىلغان. دىمەك، «ئىسلام» سۆزى، يېشىل رەڭنى ئۆزىنىڭ بەلگىسى قىلغان بولۇپ، تېنچلىق، ئامانلىق دىگەن مەنىنى بېرىدىكەن. بۇلارنى يىغىنچاقلىغاندا، «ئىسلام» دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى، ئىتائەت قىلىش، تېنچ-ئامان بولۇش دىگەننى بىلدۈرىدۇ دەپ قارايمەن.
2. «دىن» دىگەن نىمە؟
دىن دىگەن نىمە؟ دىگەن سۇئاللارغا، دىننى ئىلىملەر، پەلسەپەلەر، پەننى ئىلىملار ئۆز نوقتىسىدىن ھەر خىل تەبىر جاۋاپلارنى بەر گەن بولۇشى مۇمكىن. بۇلارنى مەن ئىزدەپ باقمىدىم. پەقەتلا شەخسى چۈشەنچەم بويىچە جاۋاپ بەرمەكچى: ئىجتىمائى ئاڭ شەكلىدە پەيدا بولغان مەدەنىيەت ھادىسەسى «دىن» دەپ ئاتىلىدۇ دەپ قارايمەن. ئىنسانلار تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئىنسانلار ئۆز تارىخىدا ناھايىتى نۇرغۇن دىنلارنى ياراتقان، بۇ دىنلارنىڭ قانداق دەرىجىدە ياكى سەۋىيەدە بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، ئۆزىگە خاس چۈشەنچە، تۈزۈم، ئەخلاق، پرىنسىپ، قائىدەلىرى بولۇپ، بۇلار ئاساسىدا بىر خىل ئۆزىگە خاس مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرگەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرى تەرەققى قىلىپ، دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە بولغان، بەزىلىرى پەيدا بولغان رايون ۋە قەۋىملەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. شۇڭا، دۇنياۋى تەسىرى شەكىللەنگەن دىنلار چوڭ دىن، دۇنياۋى تەسىرى شەكىللەنمىگەن دىنلار كىچىك دىن بولىدۇ دەپ قارايمەن. ھازىر كۆپچىلىك كىشىلەر، ئىسلام ، خىرىستىيان ، بۇدداھ قاتارلىق 3 دىننى، دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە بولغان دۇنيادىكى 3 چوڭ دىن دەپ قارايدۇ.
3. «ئىسلام دىن» دىگەن نىمە؟ ئۇ قانداق دىن؟
ئىسلام دىن، ئادەتتە ئىسلام دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «ئىسلام دىن» دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى، بىرلا ئاللاغا ئىتائەت قىلىپ (بوي سۇنۇپ)، تېنىچ-ئامان ياشاش دىگەننى بىلدۈرىدۇ دەپ قارايمەن. شۇڭا، ئىسلامى دىن، پەقەت بىرلا ئاللانىڭ ئىرادىسىگە ئىتائەت قىلىشنى، تېنىچ-ئامانلىقنى، ئالىجانابلىقنى تىلەيدىغان دىن دەپ قارايمەن.
4.«ئاللاھ» سۆزى بىلەن «خۇداھ» سۆزىنىڭ پەرقى بارمۇ؟
بىز ئادەتتە، خۇدا ياكى ئاللا دىگەن سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلايمىز. بەزىلىرىمىز «خۇدايىم بۇيرىسا»، «خۇدا خالىسا» دىسەك، بەزىلىرىمىز «ئاللا خالىسا»، «ئاللا بۇيرىسا» دەيمىز. ئاللانىڭ 99 ئىسمى بار دەپ ئاڭلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە خۇدا دىگەن ئىسىم بارمۇ؟ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. خۇدا دىگەن سۆز پارىسچە ئاللا دىگەن مەنىنى بېرىدۇ دەپ ئاڭلىغان. مەيلى قانداق بولمىسۇن، بىر ئاللا بولغان ئىكەن، يەنىلا ئاللا دەپ ئەرەپچە ئەسلىسىنى قوللانغىنىمىز توغرا. خۇدا دەپ قوللانغىمىز ناتوغرا دەپ قارايمەن. چۈنكى ئەرەپچە ئاللا دىگەن سۆز، ئالەمدە ئىككىنچىسى يوق بىرلا دىگەن مەنىنى بېرىدىكەن. ئەندى، خۇدا دىگەن سۆزنىڭ شۇنداق مەنىسى بارمۇ بىلمەيمەن. بىز دائىم ئاڭلايدىغان، كۆپ خۇدالىق دىن سۆزىمىزگە كەلسەك، خۇدا كۆپ بولىدىغان ئوخشايدۇ، مەن، كۆپ ئاللالىق دىن دىگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىدىم. شۇڭا، ئاللاھ سۆزى بىلەن خۇداھ سۆزىنى پەرقلەندۇرۈشنىڭ زۆرۆرىيىتى بارمۇ قانداق؟ دەپ ئويلاپ قالدىم.
5. ئىسلام نىمىلەرگە ئىشىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ؟
ئىسلام دىنغا ئېتىقات قىلغۇچى (ئىشەنگۈچى)كىشى، مۇسۇلمان دەپ ئاتىلىدۇ. مىنىڭ چۈشەنچەمچە، مۇسۇلمان بولغۇچى، تۈۋەندىكى 6 مەزمۇنغا ئىشىنىشنى تەلەپ قىلىدىكەن:
بىرىنچىسى، ئاللانى بىر دەپ تۇنۇش، ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش. ئاللاغا ھەرگىز ھېچقانداق شېرىك تاپماسلىق.
ئىككىنچىسى، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىش.
ئۈچىنچىسى، ئاللاغا شەرتسىز بوي سۇنغان، ئاللانىڭ بۇيرىقىنى بەجا كەلتۈرگەن پەرىشتە-ئەنبىيالارغا ئىشىنىش.
تۆتىنچىسى، ئاللا تەرىپىدىن ۋەھى چۈشۈپ نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىمگە، قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئالغان كىتاپلارنىڭ ئاللا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىغا، ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىگە ئىشىنىش.
بەشىنچىسى، يارىتىش ۋە ئەقىل-ئىدىراك مەندىن، يارىلىش ئۆزەڭدىن، توغرى يولنى تېپىپ مېڭىش ئۆزەڭدىن دىگەن تەقدىرگە ئىشىنىش.
ئالتىنچىسى، ئاخىر زامان بولىدىغانغا ۋە ئاخىرەتكە ئىشىنىش، ئاخىرەتتە بولىدىغان قىسمەتلەرگە ئىشىنىش.
5. ئىسلام دىننىڭ پەرىزلىرى قايسىلار؟
مىنىڭ چۈشەنچەمچە، ئىسلامدا، ئاڭ بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ ئېتىقات قىلىش ئۇسولىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇلارنى بىر مۇسۇلمان ئۈتەشكە تىگىشلىك پەرىز دەپ ئاتىدىم. بىر مۇسۇلمان كىشى، تۈۋەندىكى پەرىزلەرنى ئادا قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ:
بىرىنچىسى، بەش ۋاق نامازنى پاكىزە تەرەت ئېلىپ تۇلۇق ئادا قىلىش.
ئىككىنچىسى، ھەر ۋاقىت ئىبادەت قىلىپ تۇرۇش، يەنى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ھەدىسلەرنى ئوقۇش، جۈمە نامىزى، روزا ھېيت نامىزى، قۇربان ھېيت نامىزىنى ئادا قىلىش.
ئۈچىنچىسى، روزا ئېيىدا، ئەمىلى ئەھۋالى بۇيىچە روزا تۇتۇش، روزىنى ئادا قىلىش.
تۆتىنچىسى، قىلغان كىرىمىگە يارىشا زاكات بېرىپ، باج تاپشۇرۇپ خەيرى ساخاۋەتنى ئادا قىلىش.
بەشىنچىسى، شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋالدا مەككىگە بېرىپ، كەبىنى تاۋاپ قىلىپ ھەج قىلىشنى ئادا قىلىش.
ئىسلام دىن توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىمنى بۇ قىتىم مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي. ئاللا بۇيرىسا، كىيىنچە يەنە باشقا مەزمۇنلارمۇ يېزىلىپ قېلىشى مۇمكىن. مەزگۇر ئەسەرنىڭ مەزمۇنىدا ناتوغرا جايلىرى بولسا تۇزۇتۇش بېرىشىڭىزلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 08-ئاينىڭ 10-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 7,113 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=1873
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!