ئىسلامى مائارىپتىن بىر تامچە بايان
ئىسلامى مائارىپتىن بىر تامچە بايان
简述斯兰教的教育一滴
ئاپتورى: ئا. رەھمەتۇللا بوستاني
بۇنىڭدىن 55 يىل بۇرۇن، مەھەللىمىزدىكى ئابدۇللا نىياز، سەمەت نىزامىدىن، غۇپۇر كېرەم، ئابدۇرەھمان خەلىل، قېييىم ئابدىرېھىم قاتارلىق 7-8 بالا بىلەن بىرلىكتە، مەھەللىمىزنىڭ ئىمامى ، نىيازخەلپىتىم قۇلىدا دىننى مەكتەپتە يېرىم يىلدەك ئوقۇدۇم. بۇ مەكتەپ، مېچىتنىڭ 30 مىتىردەك يىنىدىكى ئىچكىرى ۋە تاشقىرى ئىككى ئېغىزلىق بىر كونا ئۆي بولۇپ، بىر ئۆينىڭ پەنجىرى، يەنە بىر ئۆينىڭ تۆڭلۈكى بارئىدى. بىز ئەنە شۇ ئۆيدە، نىياز خەلپىتىمنىڭ قۇلىدا دىننامە ئوقۇدۇق. ئوقۇغاندىمۇ، ئورۇندۇق- پارتا يوق، دوسكا-بور يوق، قەغەز -قەلەم يوق، بەزىلىرىمىزنىڭ قۇلىدا ياغاچ كىتاپ، بەزىلىرىمىزنىڭ قۇلىدا سۆڭەك كىتاپ بىلەن ئوقۇدۇق. (ئالقاندىن چوڭراق تاختاي ياكى كالىنىڭ گۈرجەك ئۇستىخانىغا ئەرەپچە خەتلەر يېزىلغان بولۇپ، بۇلار بىزنىڭ ئوقۇيدىغان دەرىسلىك كىتابىمىز بولاتتى). مەھەللىدىكى چوڭلار نىياز ئىمام دەپ چاقىرىشىدۇ، بىز بالىلار نىياز ئىمامنى خەلپىتىم دەپ چاقىراتتۇق، چوڭلار بىزنى بالا تالىپلار دەپ چاقىراتتى .
ئانچە مۇنچە ئىسىمدا قېلىشىچە، نىياز خەلپىتىم بىزگە جۇما ۋە پەيشەنبە كۈنىدىن باشقا ۋاقىتلاردا كۈنىگە ئىككى سائەت ئەتراپىدا (لېكىن بىزگە بەك ئۇزۇن ۋاقىت بىلىنەتتى) ھەپتىيەك ئۆگۈتەتتى، قۇرئان يادلىتاتتى، جۇما كۈنى بالا تالىپلار كوللىكتىپ مېچىتكە كىرىپ تەرەت ئېلىشنى، ناماز ئوقۇشنى ئۆگىنەتتۇق.
1959 –يىلىمىكىن، شۇ چاغلاردا ، پەننى مەكتەپلەر ئالقىشلىنىپ، دىننى مەكتەپلەر ئېتىۋاردىن قېلىشقا يۈزلەنگەن زامان بولسا كېرەك، بىز نىياز خەلپىتىم ئاچقان دىننى مەكتىۋىمىزگە بارمايدىغان بوپتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىز جىق بالىلار ئوقۇيدىغان بىر مەكتەپكە كىردۇق، بۇ مەكتەپنىڭ سىنىپلىرى چوڭ-ئازادە، يورۇق، پارتا-ئورۇندۇقلىرى چىرايلىق، يۇغان دوسكىلىرى بار ئىكەن. بۇ مەكتەپنى پەننامە ئوقۇيدىغان پەننى مەكتەپ دەيدىكەن. ئېسىمدە قېلىشىچە،بىز بۇ پەننامە ئوقۇيدىغان مەكتەپتە ئۇستازىمىزنى خەلپىتىم دەپ چاقىرماي مۇئەللىم دەپ چاقىرىدىكەنمىز. چوڭ كىشىلەر بولسا، ئەپەندى دەپ چاقىرشىدۇ. بىز، رىشىت ئاسىم مۇئەللىمنىڭ تەربىلىشىدە ئوقۇدۇق. بۇ مۇئەللىم ، شۇ چاغلاردا شىنجاڭ دارۇلفۇنۇمنى پۈتتۈرگەن ئالى مەلۇماتلىق بىر ياش بولۇپ، بىزدەك كىچىك بالىلارنى ئوقۇتۇشتا ماھىر ئىكەندۇق. بىز «بالا تالىپلار» ، سىنىپىمىزدىكى باشقا بالىلارغا قارىغاندا بالدۇرلا ساۋادىمىزنى چىقىرىۋالدۇق. نىپىز تۈپلەنگەن كىتاپچىلارنى ئوقۇيدىغان بولدۇق، رىشىت ئاسىم مۇئەللىم بىزگە بەرگەن ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى، قازاق خەلق چۆچەكلىرى دىگەندەك كىتاپلارنى ئوقۇيدىغان ، چۈشىنىدىغان بولدۇق……شۇنداق قىلىپ، 1963-يىلى تولۇقسىز، 1966-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، 1973-يىلى ئالى مەكتەپ دىگەندەك ئۆرلەپ ئوقۇپتىمەن. بۇ جەرياندا، ساپلا پەننى كىتاپلار بىلەنلا ھەپىلىشىپتىمىز، شۇڭا، قۇرئان خەتلىرىنى ئوقۇشنى ئۇنتۇپ كەتتىم. خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن، يەنىلا شۇ پەننى ئىلىملەر بىلەن شوغۇللاندىم. يېشىمنىڭ چوڭۇيىشىغا ئەگىشىپ، ئىسلام دىنىغا ئائىت ماتىرىياللار بولسا كۆرۈپ قويىدىغان، پەلسەپە، ئىسلامى مائارىپ، ئىسلامى پەنگە ئائىت ماتىرىياللار ئۇچرىسا ئوقۇپ قويىدىغان بولدۇم. شۇ ئاساستا بىلگەنلىرىمدىن ئىسلامى مائارىپ توغرىسىدا بىر تامچىنى ھوزورۇڭىزلارغا سۇندۇم.
مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئىسلام دىنى مەيدانغا كىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ياشلارنى ئوقۇتۇپ تەربىيەلەيدىغان بىر ئىش جەمىيەتتە پەيدا بولۇشقا باشلىغان. بۇ يىڭى شەيئىنى مائارىپ دەپ ئاتىغان ئىكەن. ئىسلامى دىن مەيدانغا كىلىپ تەخمىنەن 100 يىلدىن كىيىن، بىر قەدەر سىستېمىلاشقان ئىسلامى مائارىپ شەكىللىنىشكە باشلىغان ئىكەن. ئىسلام مائارىپىدا، ئىسلامى مائارىپ ئورگانى ، ئىسلامى مائارىپ تۈزۈملىرى ھەم ئىسلامى مائارىپ نەزەرىيەلىرى دىگەندەك بىر يۈرۈش ئىسلامى مائارىپ ئاساسلىرى مەيدانغا كەلگەن ئىكەن.
ئىسلامى مائارىپ ئورگانى، مەكتەپ، مەدىرسە ۋە مېچىتتىن ئىبارەت 3 دەرىجىدىن تەشكىل تاپقان ئىكەن.
مەكتەپ، شۇ چاغلاردا بىزنىڭ ھازىرقى باشلانغۇچ مەكتەپ دەرىجىسىدىكى باشلانغۇچ مائارىپ ئورگانى ھېساپلىنىدىكەن. مەكتەپكە 7 ياش چامىسىدىكى ئۆسمۈرلەردىن باشلاپ ئوقۇشقا كىرىدىكەن.
مەدىرىسە، شۇ چاغلاردا بىزنىڭ ھازىرقى ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىجىسىدىكى ئوتتۇرا مائارىپ ئورگانى ھېساپلىنىدىكەن. مېچىت،كيىنكى دەۋىرلەردە،بىزنىڭ ھازىرقى ئالى تېخنىكوم ياكى ئالى مەكتەپ دەرىجىدىكى مائارىپ ئورگانى ھېساپلىنىدىكەن.
شۇ چاغلاردىكى ئىسلامى مائارىپنىڭ مەقسىدى، ئىنساننىڭ قەلبىنى پاكلاپ، كۆڭۈلنى رۇسلاپ، بەدەننى پاكىزلاپ، ئەخلاقى، ئەقلى ۋە جىسمانى ساغلام بولغان، ئىسلام شەرىئەتلىرى بويىچە ئىشلەيدىغان، ھۈنەر بىلىملەرنى بىلىدىغان ئادەملەرنى تەربىيەلەپ چىقىشتىن ئىبارەت بولغان ئىكەن.
مەكتەپ، ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى 500 يىل جەريانىدا، ئەڭ ئاساسلىق مۇھىم بىر مائارىپ ئورگانى ۋە مائارىپ تۈزۈمى بولۇپ رول ئوينىغان ئىكەن. دۇنيادىكى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان رايون ياكى مىللەتلەر ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىش بىلەن بىرگە، مانا مۇشۇ ئىسلامى مەكتەپ مائارىپىمۇ بىللە قۇبۇل قىلىنىپ ئومۇملاشقان ئىكەن. مەكتەپلەر، مېچىت ئەتراپلىرىغا ۋە ئاھالە زىچ ئولتۇراقلاشقان ئورۇنلارغا جايلاشقان بولۇپ، ئاساسلىقى ئەرەپچە يېزىق ئۆگۈنۈش، قۇرئان ئوقۇش، يادلاش، ئەدەبىيات، ھېساپ قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆگەنگەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەرەپ بولمىغان مىللەتلەرنىڭ يېزىقى بارلىرى ئۆز ئاناتىلىنى قوشۇپ ئۆگەنگەن ئىكەن. نوپوسى كۆپ رايونلاردىكى مەكتەپلەردە، ھازىرقىغا ئوخشاش نەچچە يۈزلەپ ھەتتا مىڭلاپ بالىلار ئوقۇغان ئىكەن. ھازىر ئويلىسام بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا ئوقۇغان دىننى مەكتەپ، مۇشۇ ئىسلامى مائارىپ شەكىلدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھەم ئەڭ كىچىك ھەم ئەڭ ئاددى بولغان بىر شەخسى مەكتەپ ئىكەندۇق.
مەدىرىسە، مىلادى 10-ئەسىرلەردە شەكىللىنىشكە باشلىغان بولۇپ، ئىسلام مائارىپىدا غوللۇق ئورگان ھەم تۈزۈم بولغان ئىكەن. مەدىرىسەدە، ئاساسلىقى قۇرئان تەپسىرى، ھەدىسشۇناسلىق، شەرىئەت ۋە ئىسلام قانۇنى قاتارلىق دىننى ئىلىملەر، ئەرەپ تىل-يېزىقى، ماتىماتىكا، لوگىكا، پەلسەپە ۋە ئاسترونومىيە، تىبنامە، تەبىئەتنامە قاتارلىق تەبىئى پەنلەر ئوقۇلىدىكەن. مەدىرسەدە ئاسمان ھادىسلىرىنى كۈزۈتىدىغان رەسەتخانە، دوختۇرخانە قاتارلىق ئەسلىھەلەرمۇ بولغان ئىكەن. بەزى مەدىرىسەلەر تەرەققى قىلىپ ئالى مەكتەپلەرگە ئايلانغان. مەسىلەن، تۇنۇستىكى قايرۇۋان ئۈنىۋېرسىتىتى بۇنىڭدىن 1100 يىل بۇرۇن، مىسىرنىڭ قاھىرە شەھرىدىكى ئەزھەر ئۈنىۋېرسىتېتى بۇنىڭدىن 1000 يىل بۇرۇن ئەنە شۇنداق مەدىرسەدىن تەرەققى قىلىپ ئۈنىۋېرسىتېت بولۇپ قۇرۇلغان ئىكەن.
مېچىت، ئىسلام دىنى مەيدانغا كەلگەندىن باشلاپ ئىسلامى مائارىپ بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىشلىق بولغان. ھەمدە، تالىپلارنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ، دىننى شەرىئەت، تۇرمۇش، ئۆگۈنۈش، قاتارلىق ئىجتىمائى ، سىياسى، ئىلىم بىر گەۋدىلەشكەن ئەمەلىيەت ، پائالىيەت مەرگىزى بولغان. مىچىت، مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى مەرگەزلەشكەن ئورۇن بولغانلىقتىن، قۇرۇلۇشلىرى ھەيۋەت، نەپىس، ھەشەمەتلىك ياسالغان، مۇھىتى پاكىزە، تېنىچ ۋە ئازادە بولغان ئىكەن. مەككىدىكى ئەلھەررەم مېچىتى، ئېرۇسالىمدىكى ئەقسا مېچىتى ، قاھىرەدىكى ئەزھەر مېچىتى، ھەسەن( سالاھىدىن )مېچىتى، تۇنۇستىكى قايرۇۋان مېچىتى، تۈركىيەدىكى كۆكمىچىت، قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق مېچىتلەر ئەنە شۇلارنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ سانىلىدىكەن
يەنە بىر قىسىم جايلاردا، ئىسلامى مائارىپنىڭ يەنە بىر ئورگانى شەكلىدە خانىقا دەپ ئاتالغان مېچىتلەر مەيدانغا كەلگەن ئىكەن. ئىسلام دىنى تارىخىدا، كىيىنكى زامانلاردا، مۇسۇلمانلار ئىچىدە سوفىزىم ئېقىمى شەكىللەنگەن. سوفىزىم ،تەرىقەت يولى ، روھنى پاكلاپ، روھتا ئاللاھ بىلەن بىرگە بولۇش، شۇ ئارقىلىق ئاللانى ھەقىقى بىلىشنى تەرغىپ قىلغان ئىكەن. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، سوفىزىمنىڭ تەربىلەش ۋە تەربىلىنىش يولى ئىككى چوڭ مەنبەگە تايىنىدىكەن. بۇلارنىڭ بىرى تەرىقەت ئەمىلىيىتى، يەنە بىرى تەرىقەت نەزەرىيەسىدىن ئىبارەت ئىكەن. ھەر بىر مۇسۇلمان بىرى ھەقىقى ئۇستازغا تايىنىشى، يەنە بىرى ئۆزى قاتتىق تىرىشىپ ئەمەل قىلىشقا تايىنىشى لازىم ئىكەن. شۇڭا، سوفىزىمنىڭ ئىنساننىڭ روھى دۇنياسىنى پاكلاش تەشەببۇسى نېتىجىسىدە، ھازىرقى پىسخولوگىيەگە ئوخشاپ قالىدىغان مائارىپچە مەزمۇن، ئىسلامى مائارىپقا سىڭىپ كىرگەن ئىكەن. سوفىزىمچە ئوقۇتۇش شەكلىدە ، شېئىر قوشاققا ئوخشايدىغان مۇناجەتنى ئاساس قىلغان ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى، خەلپە زامانىسىدىن ئۆزگەرمەي كىلىۋاتقان ئىسلامى مائارىپقا يېڭى تۈس ئېلىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئەسلىدىكى بار بولغان مەدىرىسەلەر، مېچىتلەردە سوفىزىم ئەۋج ئالغان ئىكەن. كىيىن بۇ جايلار، سوفىزىمنىڭ مەخسۇس پائالىيەت مەرگىزىگە ئايلانغان. ھەمدە، بۇ خىل مەدىرىسە ياكى مېچىتلەر خانىقا ياكى تەكىيە، تەكىياھ دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان ئىكەن.
ئىسلامى مائارىپ نەزەرىيەسىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى، ئادەمنى ئەخلاقتا تەربىيەلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان. تەربىيەلەنگۈچىلەرنى ھەر خىل بىلىملەردىن خەۋەردار قىلىش بىلەن بىرگە، ئەڭ مۇھىمى ئىسلامى ئەخلاقتا تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىش ئىسلامى مائارىپنىڭ ئادەم تەربىيەلەشتىكى نەزەرىيە ئاساسى بولغان ئىكەن. بەزى ئىسلامى مائارىپچىلار، ئادەمنى پەقەت دۇنيالىق بىلىملەر بىلەنلا تەربىيەلەپ، دۇنيالىق ئەخلاققا سەل قارالسا، تەربىيەلەنگۈچىلەردىن ئوغرى-قاراقچى كۆپ چىقىپ قالىدۇ دەپ قارىغان.
ئىسلامى مائارىپ، ئوقۇتۇش تۈزۈمىدە، ئەمەلى ئەھۋالنى كۆزدە تۇتقان. دەسلەپكى چاغلاردا، ئوقۇشنى خالىغان ھەر خىل چوڭ-كىچىك ياشتىكى ئادەملەر، بىر مەكتەپتە، بىر مەدىرسەدە ياكى مېچىتلەردە بىللە ئوقۇغان. ئىجتىھات بىلەن ئوقۇغانلىرى، مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغانلىرى داۋاملىق ئۆرلەپ ئىسلامى مائارىپ، مەدەنىيەت مەرگەزلىرىدە ئوقۇغان.
مىلادى 8-ئەسىردىن14—ئەسىرگىچە، ئىسلامى مائارىپ، گىرىتسىيە، ھىندىستان، رۇم، جۇڭگو قاتارلىق مەملىكەتلەرگە نۇرغۇن ئالىم ، تەرجىمانلارنى ئىۋەتىپ، نۇرغۇنلىغان ماتىرىيال توپلاپ ئۇلارنى ئەرەپچىگە تەرجىمە قىلىپ، ئىسلام مائارىپىنى ناھايىتى مول ئىلىم مەنبەلىرى بىلەن تەمىنلىگەن ئىكەن. نېتىجىدە، ئىسلامى مائارىپ، دۇنيا ئەھلىنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە تەرەققى قىلىپ، دۇنيانىڭ مائارىپ ۋە ئىلىم مەرگىزىگە ئايلانغان ئىكەن. باغدات، دەمەشىق، ئەلخەلىپ، ئىسكەندىرىيە، قاھىرە، بۇخارا، ئىسفاھان ھەم قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەر، شۇ زامانلاردا ئىسلامى مائارىپنىڭ ئالى مەرگەزلىرىگە ئايلانغان ئىكەن. ئىسلامى مائارىپتا تەربىيەلەنگەن، نۇرغۇن ئالىم، مۇتخەس، پەيلاسوپ قاتارلىق ئەللامەلەر يتىشىپ چىققان، بۇلار دۇنيانىڭ ماددى، روھى تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھبىلەرنى قوشقان، نۇرانە ئىزلارنى قالدۇرغان.
ئاڭلىشىمچە، ئىسلامى مائارىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىلەشكە ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تەربىلەش ئۇسولىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەر گەن ئىكەن. مەسىلەن، مەدرىسەنى پۈتتۈرگەن، ئىسلام شەرىئەت قانۇن تۈزۈملىرىگە پىششىق، ھەم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلالايدىغان، بەش ئەزاسى ساق، روھى ساغلام كىشى مەكتەپلەردە دەرىس بېرىش سالاھىيەتىگە ئېرىشەلەيدىكەن. باغدات، دەمەشىق، ئەلخەلىپ، ئىسكەندىرىيە، قاھىرە، بۇخارا، تۇنىس، بۇخارا قاتارلىق ئىلىم مەرگەزلىرىدە، ( مەرگىزى مەچىتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن) تەربىلەنگەن، ئىسلامى دىن، مائارىپ، قانۇن،پەلسەپە، تارىخ ۋە باشقا تەبىئى پەنلەرگە پىششىق بولغان، ئوقۇغۇچى ۋە جامائەتكە ھەر جەھەتتىن ئۈلگە بۇلالايدىغان، روھى ساغلام كىشى، مەدرىسەگە دەرىس بېرىش سالاھىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن. بولۇپمۇ، ئەمەلىيەتتە چىنىققان پېشقەدەملەر ئوقۇتقۇچىلىققا تاللىنىدىكەن. مەدرىسە ۋە ئۇنىڭدىن يوقۇرى دەرىجىدىكى ئوقۇتۇش مەرگەزلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسولىدا، ئوقۇتقۇچى ئۆز كەسپىگە ئائىت مەزمونلارنى ئوقۇغۇچىلارغا تارىخى بايان شەكلىدە كۆرسۈتۈپ ئۈتىدىكەن، ئاندىن مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرە شەكلى بىلەن چۈشەندۈرۈش ياكى ئىزاھلاش ئىلىپ بارىدىكەن. بۇ مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرلەردە كۆزگە كۆرۈنگەن نەمۇنە ئوقۇغۇچىلار تاللىنىپ، مەدىرىسلەر ئارا ئىلىپ بارىدىغان مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرلەرگە قاتنىشىدىكەن. بۇ يەردە كۆزگە كۆرۈنگەنلىرى تاللىنىپ، باغدات، قاھىرە، دەمەشىق قاتارلىق مەرگەزلەردە ياكى ئىلمىي ھىكمەدە (ئاكادېمىيە) ئېلىپ بېرىلغان خەلقئارالىق مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرلەرگە قاتنىشىدىكەن. بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۆز مەكتىۋىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بارلىق ئاڭلىغان-بىلگەنلىرىنى سۆزلەيدىكەن. دىمەك، ئوقۇتۇش ئۇسولىدا، مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرە شەكلى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدىكەن. شۇڭا، ئىسلام مائارىپىدا تەربىيلەنگەنلەرنىڭ يېزىق ۋە نۇتۇق قابىلىيىتى يوقۇرى بولۇپ، مەلۇم مەسىلە ئۈستىدىكى مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرە ماھارىتى ئالاھىدە يوقۇرى بولغان ئىكەن.
يوقۇرىدا يازغانلىرىم پەقەتلا ئوتتۇرا ئەسىر ئالدى ۋە كەينىدىكى زامانلاردا ئېلىپ بېرىلغان ئىسلامى مائارىپ توغرىسىدىكى بىر تامچەدىن ئىبارەت. ئىسلامى مائارىپ توغرىسىدا بىر قىتىمدىلا تەپسىلى توختۇلۇشقا بەكمۇ ئاجىزلىق قىلىمەن. مۇمكىن بولسا، بۇ ساھەدىن ئوبدان خەۋىرى بارلار ھەممەيلەننى بىر ساۋاتقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن بىلگەنلىرىنى يېزىپ قويغان بولسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 08-ئاينىڭ 15-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 4,546 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=1920
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!