باش بەت > گىياھنامە > قىياقئىلە
31ئاۋغۇست

قىياقئىلە

قىياقئىلە

禾本科

جىمسارى

 

بايان ئاۋۋال

تورىستان «ئاكادېمىيە» نىڭ 2014-يىللىق 18-تۇمۇز سانىدا، «قىياقمەت ۋە ئۇنىڭدىكى ئائىلەلەر» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا «قىياقئىلە،禾本科Poaceae» دەپ ئاتالغان بىر ئائىلەنىڭ بارلىقى كۆرسەتىلگەن. ئەندى بۇ قىتىم يازىلغان مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن،  قىياقئىلە دىگەن نىمە؟ ئۇنىڭ قانداق شاخئىلەسى بار؟ ئۇلارنىڭ ناملارى قانداق ئاتالادى؟ دىگەندەك مەسەلەلەرنى چۆرىدىگەن مەزمۇنلار بايان قىلىندى.

 

1. قىياقئىلە دىگەن نىمە؟

قىياقئىلە دىگەن سۆز، ئا.رەھمەتۇللا تۈنجى بولۇپ  ياسىغان،  قىياق+ئىلە(ئائىلە) شەكلىدىن تۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز.  قىياق دىگەن سۆزنىڭ مەناسى، ئۇرۇقپەلى (子叶)  تاق بولۇدىغان، بەرگى تار ھەم ئۇزۇن كىلىدىغان، غول شەكلى توم ياكى يىسسا بولىدىغان، غولىدا بوغۇملارى روشەن، بوغۇم ئارىلىقىنىڭ ئىچى كاۋاك بولىدىغان، غولىدا ئوراقى ئاچىلىپ تۇرادىغان غىلاپبەرگى ھەم ئۇنىڭ بەرگىقۇلاقى بولىدىغان، كونۇس (圆锥形) ياكى راكمۇس (总状) گۈلرەتى ئۇچىدا بولۇدىغان، قىسقىسى، بۇغداي، شال، بامبۇكقا ئوخشايدىغان گىيالارنى كۆرسەتەدى. ياكى مۇشۇنداق ئالاھىدىككە ئىگە گىيالار، ئۇيغۇرچە قىياق دەپ ئاتالادى.  ئىلە دىگەن سۆز، ئائىلە دىگەن سۆزنىڭ ئاخىرقى ئىككى بوغۇملۇق بۆلىكى بولۇپ، يەنىلا ئائىلە دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. دىمەك، قىياقئىلە دىگەن سۆز، قىياقلار ئائىلەسى دىگەن مەنانى بىلدىرەدى. بۇ خىل يازىلىش شەكلى، ئا.رەھمەتۇللا جىمسارىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «گىيائىلە نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى» دە دىيىلگەنى بويىچە يازىلدى.  قىياقئىلە دىگەن سۆزنىڭ لاتىنچەسى ئىككى خىل ئاتالغان؛ بۇنىڭ بىرى Gramineae  بولۇپ، بىز بۇنىڭدىن 40 يىل بۇرۇن گىيانامە (بوتانىكا) ئوقۇغاندا شۇنداق دەپ ئۆگەنگەن.  يەنە بىرى، ياقىنقى يىللار مابەينىدە، Poaceae دەپ قوللانىلدى. بۇ نامنى، (R.Br.Barnhart دىگەن كىشى قويغان ئىكەن. شۇڭا، مەنمۇ ياڭىدىن قوللانغان نامىنى قوللاندىم.  خەنزۇچە نامى 禾本科 دەپ ئاتالغان. قىياق دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە باشاقلىق ئۆسۈملۈكلەر ياكى باشاقلىقلار دەپ ئاتالغان. قىياقئىلە دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، باشاقلىق ئۆسۈملۈكلەر ئائىلىسى، باشاقلىقلار ئائىلىسى دەپ ئاتالغان.

 

kiyaklar

kiyajlar5

2. قىياقئىلەنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى

قىياقئىلە، ئەۋكار دۇنيانىڭ گىيا مىقياسقا، ئۇنىڭ قاپدان (قاپلىقدان) گىيالار تۈركۈمىگە، ئۇنىڭ تاقپەل گىيالار تۈركۈمىگە، ئۇنىڭ كۆمەل گىيالار تۈركۈمىگە، ئۇنىڭ قىياقمەتىگە تەۋە بولادى. 1- جەدۋەلگە قاراڭ.

 

1- جەدۋەل: قىياقئىلەنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى

ئا.رەھمەتۇللا قويغان ئۇيغۇرچە نامى

لاتىنچە نامى

خەنزۇچە نامى

ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى

ئەۋكار دۇنيا

Eukarya

真核域

گىيامىقياس

 Plantae

植物界

قاپدان گىيالار

angiosperms

被子植物

تاقپەل گىيالار

 monocots

单子叶植物

كۆمەل گىيالار

commelinids

鸭跖草类植物

قىياقمەت

Poales

禾本目

قىياقئىلە

Poaceae

禾本科

2. قىياقئىلەدىكى شاخئىلەلەر ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى

مەنبەلەرگە قاراغاندا، قىياقئىلەدە، 12 شاخئىلە، 668 رۇق، 10 مىڭدىن كۆپ زات بار ئىكەن. مەن مەزگۇر ئەسەردە پەقەتلا قىياقئىلەدىكى 12 شاخئىلەنى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارىنى كۆرسەتتىم. 2- جەدۋەلگە قاراڭ.

 

2-جەدۋەل: قىياقئىلەدىكى شاخئىلەلەر ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى

ئا.رەھمەتۇللا قويغان ئۇيغۇرچە نامى

لاتىنچە نامى

خەنزۇچە نامى

ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى

ئەنقوي شاخئىلە

Anomochlooideae

ئارسوي شاخئىلە

Aristidoideae

三芒草亚科

 

ئارنوي شاخئىلە

Arundinoideae

芦竹亚科

 

بامبۇك شاخئىلە

Bambusoideae

竹亚科

 

سىنتوي شاخئىلە

Centothecoideae

假淡竹叶亚科

 

قوروي شاخئىلە

Chloridoideae

虎尾草亚科

 

دانوي شاخئىلە

Danthonioideae

扁芒草亚科

 

شالوي شاخئىلە

 Ehrhartoideae

稻亚科

 

پانوي شاخئىلە

Panicoideae

黍亚科

 

پاروي شاخئىلە

Pharoideae

   

قىياق شاخئىلە

Pooideae

早熟禾亚科

پەلوي شاخئىلە

Puelioideae

بايان ئاخىر

قىياقئىلە، قىياقمەتتىكى چوڭ ئائىلىلەردىن ھىساپلانادى. بۇنىڭدىكى 600 دىن كۆپ رۇقنى تىزىپ چىقىش كىشىگە زېرىكىشلىك ئېلىپ كىلىدۇ. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆرۈپ بولادىغان ئەسەردە،  بۇلارنى تىزىپ كۆرسەتىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، پەقەتلا قىياقئىلە، ئۇنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى، ئۇنىڭ شاخئىلەسى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملارىنى كۆرسەتتىم. بۇرادەرلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. «ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى» دىگەن كاتەكچەنى ھورۇنلۇق قىلىپ بوش قويدۇم. بۇ بوش ئورۇننى بىرەر پىدائى بۇرادەر تولدۇرۇپ قويىدۇغۇ دىگەن ئۈمۈددەمەن.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 08-ئاينىڭ 31-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 280 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5171
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز