ئىبىن ئەلھېيتەم
ھازىرقى زامان فىزمات ئىلمىنىڭ ئاتاسى- ئىبىن ئەلھېيتەم
جىمسارى
1. ئىبىن ئەلھېيتەمنىڭ ئىسىمىغا ئىزاھ
ئىبىن ئەلھېيتەم، 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 9-ئەسىرنىڭ يارىمىغىچە بولغان ئارالىقتا ياشاپ ئۆتكەن، ھازىرقى زامان فىزمات (فىزىكا، ماتىماتىكا) ئىلىملەرىگە ئاساس سالغان، دۇنياغا مەشھور بولغان، ئەرەب پەننىي ئالىمنىڭ ئىسمى.
ئىبىن ئەلھېيتەمنىڭ ئەرەبچە تولۇق ئىسمى « محمد بن الحسن بن الحسن بن الهيثم أبو على البصري» دەپ ئاتالغان. ئىخچاملانغان ئىسمى، « الهيثم أبو على البصري » بولۇشى مۇمكىن. «ئىبىن ئەلھېيتەم»نىڭ لاتىنچە تولۇق ئىسمى « Abū ʿAlī al-Ḥasan ibn al-Ḥasan ibn al-Haytham » دەپ، ئىخچاملانغان ئىسمى « Alhazen (Ibn al-Haytham)» دەپ ئاتالغان.
خەنزۇچەدىكى تولۇق ئىسمى، «穆哈默德·本·哈桑·本·海什木·巴士拉»، ئىخچاملانغان ئىسمى «海什木» بولۇپ، يەنە بەزى مەنبەلەردە «海桑、哈金» دىگەن ناملاردامۇ ئۇچرايدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئىزدىنىش» ناملىق ۋېبسىتلاردا، تولۇق ئىسمى، « ئەبۇ ئەلى ئەل ھەسەن ئىبىن ئەل ھايزام »، ئىخچام ئىسمى « ئبنى ھايزام » دەپ ئاتالغان.
مەن، بۇ ئالىمنىڭ ئەرەبچە تولۇق ئىسمىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق ئىسمىنى «مۇھەممەد بىن ئەلھەسەن بىن ئەلھەسەن بىن ئەلھېيتەم ئەبۇ ئەلى بەسىرى» دەپ ئاتادىم. ئىخچاملانغان ئۇيغۇرچە ئىسمىنى ئەسلىدە ئۆز ئىسمى «ئەلھەسەن» بۇيىچە «ئبىن ئەلھەسەن» دەپ ئاتاشقا بولاتتى، ئەمما، بۇ ئالىمنى دۇنيادا نەسەب نامى بىلەن ئاتاشقا ئادەتلەنگەندەك قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئىخچام نامىنى، نەسەب نامى بولغان «ئەلھېيتەم» نامى بىلەن «ئىبىن ئەلھېيتەم » دەپ ئاتادىم.
2. ئىبىن ئەلھېيتەمنىڭ تەۋەللۇتى ۋە مەۋلۇتى
ۋېبسىت مەنبەلەرىگە قاراغاندا، ئىبىن ئەلھېيتەم، ھېجىرىيەنىڭ 354-يىلى يەنى مىلادى 965-يىلى 1-چىللەدە (7-ئاينىڭ 1-كۈنى)، ئەينى دەۋىردىكى مەدەنىيەت مەرگەزلەرىنىڭ بىرى بولغان، ھازىرقى ئىراقنىڭ بەسرە شەھرىدە تۇغۇلغان ئىكەن. ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمى، بەسرە ۋە قاھىرە شەھەرلەرىدە ئۆتكەن بولۇپ، ھېجىرىيەنىڭ 430-يىلى يەنى مىلادى 1040-يىلى 6-نۇرۇز كۈنى، 74 ياشىدا مىسىرنىڭ قاھىرە شەھرىدە ۋاپات بولغان ئىكەن.
3. ئىبىن ئەلھېيتەمنىڭ تۆھپەلەرى
ئاڭلاشلارغا قاراغاندا، ئىبىن ئەلھېيتەمگە ئەينى چاغدىكى دۇنياغا مەشھور پەيلاسوپ ئالىملاردىن ئارىستوتىل، ئارخىمىد ۋە پتولمى قاتارلىقلارنىڭ ئىدىيەسى تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇلارنىڭ ئەسەرلەرىنى بېرىلىپ ئۆگەنگەن ئىكەن. ئۇ، پۈتۈن ئۆمىرىنى فىزىكا بىلەن ماتىماتىكا ئىلىملىرىنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلىغان بولۇپ، ھازىرقى زاماندىكى فىزمات ئىلىملەرىگە چوڭقۇر ئاساس سالغان.
ئۇ، ئوپتىكا، فىزىكا، ئاستىرونومىيە، ماتېماتىكا، كۆز كىسەللىكلىرى ئىلىمى، كۆرۈش سەزگۈسى، پەلسەپە ۋە ئىلمىي مېتود قاتارلىق پەنلەردە كۈزۈتۈش، ئۆلچەش، ھېساپلاش، تەجىرىبە قىلىش ھەم لوگىكالىق مۇھاكىمەلەرنى ئالىپ بارغان. ئاڭلاشلارغا قاراغاندا، ئىبىن ئەلھېيتەم، كىيىنكىلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازىپ قالدۇرغان ئىكەن. ۋېبسىت مەنبەلەرىدە، ئۇنىڭ «ئوپتىكا توغۇرسىدا» (ناملىق 3 توملۇق كىتاپ)، «پتولمى ھەققىدە شۈبھەلەر»، «دۇنيانىڭ تەرتىۋى ھەققىدە»، «ھەرىكەتلەر مودىلى»، «نۇر ھەققىدە رىسالە»، «يەرلەشتۈرۈش ھەققىدە رىسالە»، «ئىلمىي ئۇسول»، «تەجرىبەئى تەبىئەت ياكى فىزىكا تەجرىبەلەرى »، «پىسىخولوگىيە تەجرىبەلەرى»، «ۋىسۇئال ھېسلار»، «ئانالىتىك گېئومېتىرىيە»، «ئاسترونومىيە»، «ئاسمانى مىخانىكا» قاتارلىق ئەسەرلەرىنىڭ بارلىقى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. ئىبىن ئەلھېيتەمنىڭ ئەسەرلەرى، كىيىنكى كىشىلەرگە چۇڭقۇر، مول مەزمۇنلۇق باھا ۋە چۈشەنچىلەرنى قالدۇرغان.
ئاڭلاشلارغا قاراغاندا، ئىبىن ئەلھېيتەم ئەسەرلەرى، ئىبىن لۇشىد، ۋىتىلو، روجىر بىكون، كېپلېر قاتارلىق پەيلاسوپ ئالىملارغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن، ئۇلار، بۇ ئەسەرلەرنى قېتىرقىنىپ ئۆگۈنۈپ، ئۆز بىلىملەرنى مولايتىپ كىيىنكى ئىلىمدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاساس سالغان ئىكەن.
مەنبەلەر
[1] «ئىزدىنىش مۇنبىرى»، «ئەبۇ ئەلى ئەل ھەسەن ئىبىن ئەل ھايزام»،
[2] «好搜百科» ، «海什木»
[2] «百度百科»، «海什木»
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 01-ئاينىڭ 06-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 299 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5561
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!