باش بەت > جۇغراپىيە, ماكاننامە > شىنجاڭدىكى ۋىلايەت-شەھەر، ناھىيەلىك تەبىستانلار
31مارت

شىنجاڭدىكى ۋىلايەت-شەھەر، ناھىيەلىك تەبىستانلار

شىنجاڭدىكى ۋىلايەت-شەھەر، ناھىيەلىك تەبىستانلار

新疆的地区市县级自然保护区

ئا.ر.بوستانىي

بايان ئاۋۋال

مىنىڭ بىلىشىمچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا، 2008-يىلغىچە 35 يەردە ھەرخىل دەرىجىدىكى تەبىستانلار قۇرۇلغان.  بۇلارنىڭ ئىچىدە، دۆلەتلىك تەبىستانلار 8، ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك تەبىستانلار 22، ۋىلايەت-شەھەر دەرىجىلىك تەبىستانلار 5 كە يەتكەن. رايونىمىزدىكى دۆلەتلىك تەبىستانلارنىڭ مەلۇماتى، مۇشۇ ئاكادېمىيە تورىنىڭ 2013-يىللىق نەشىرى 24-مارت سانىدا  قىسقىچە تۇنۇشتۇرلغان. رايونىمىزدىكى ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك تەبىستانلار 22 بولۇپ، بۇلارنىڭ مەلۇماتىمۇ، ئاكادېمىيە تورىنىڭ 2013-يىللىق نەشىرى 30- مارت سانىدا قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلغان. سىز كۆرۈۋاتقان مەزگۇر ئەسەردە، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت-شەھەر ۋە ناھىيە دەرىجىلىك 5 تەبىستان توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىلدى.

1. ئۈچقوشلاق ياۋائى ھايۋاناتلار تەبىستانى

ئۈچقوشلاق ياۋايى ھايۋاناتلار تەبىستانى، تولۇق ئاتىلىشى: شىنجاڭ ئاۋات توغراقلىق ياۋائى ھايۋاناتلار تەبىستانى (新疆阿瓦提胡杨林野性动物自然保护区) دەپ ئاتىلىدۇ. ( ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى تەبىستانلارنىڭ ناملىرى ئەسلىدە خەنزۇچە قويۇلغان، مەنبەلەردىكى ئۇيغۇرچە ناملىرى، خەنزۇچە نامىنىڭ تەرجىمىسىنى ئاساس قىلغان، مىنىڭ تولۇق نامى دىگىنىممۇ، ئەنە شۇ خەنزۇچە نامىغا ئاساسەن ئېيتىلغان). ئۈچقوشلاق ياۋائىى ھايۋاناتلار تەبىستانى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بوستان فېرما تەۋەلىكىدە بولۇپ، 1994-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇرۇلغان. ئومۇمى يەر مەيدانى، 345000 ھېكتار كېلىدۇ[3]. ئۈچقوشلاق توغراقلىق ياۋايى ھايۋاناتلار تەبىستانى، ئاقسۇدەريا، ياركەنتدەريا، خوتەندەريا دىن ئىبارەت 3 دەريانىڭ قوشۇلغان جايىغا توغرى كېلىدۇ. شۇڭا، بۇ جاينى ئۈچقوشلاق دەپ ئاتاپ قويدۇم. ھەمدە تەبىستان نامىنى، ئۈچقوشلاق ياۋائى ھايۋاناتلار تەبىستانى دەپ ئاتىدىم.  ئۈچقوشلاق ياۋايى ھايۋاناتلار تەبىستانى، ئورمان ماكاننى  قوغداش تۈرىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك  تەبىستان بولۇپ،  ئۇنىڭدا، توغراقلىق، چۈچۈك بۇيالىق، توشقان تارىمى (تارىم توشقىنى دەپمۇ ئاتالغان) ۋە ئۇلارنىڭ مۇھىتى قوغدىلىدۇ.

2. قاراماي مايغىل تەبىستان

قارا ماي مايغىل تەبىستان، تولۇق نامى:  شىنجاڭ قاراماي شەھەرلىك مايغىل تەبىستان (新疆克拉玛依市玛依格勒自然保护区) دەپ ئاتىلىدۇ. قارا ماي مايغىل تەبىستان، قاراماي شەھەرىنىڭ قاراماي رايونى تەۋەلىكىدىكى مايغىل تەرەپلىرىدە بولۇپ، 2002-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى قۇرۇلغان. ئومۇمى يەر مەيدانى، 60000 ھېكتار كېلىدۇ.  مەنبەلەرگە قارىغاندا، قاراماي مايغىل تەبىستاندا،  توغراق، يۇلغۇن، سۆسۆك، چىغ، چۈچۈك بۇيا قاتارلىق46 خىل گىياھ زاتى ئۆسۈدىكەن. بۆكەن غازى، بۆرە، تۈلكە، كەسلەنچۈك، ئاققۇ قاتارلىق 40 خىل ھايۋانات زاتى ياشايدىكەن. قاراماي مايغىل تەبىستان، جەزىرە ماكاننى قوغداش تۈرىدىكى ۋىلايەت –شەھەر دەرىجىلىك تەبىستان بولۇپ، ئۇنىڭدا، جەزىرە ماكان قوغدىلىدۇ.

3. كۈنچىدەريا سۇلۇقيەر تەبىستانى

كۈنچىدەريا سۇلۇقيەر تەبىستان، تولۇق ئاتىلىشى:  شىنجاڭ كۈنچىدەريا سۇلۇقيەر تەبىستانى (新疆孔雀河湿地自然保护区) دەپ ئاتىلىدۇ. كۈنچىدەريا سۇلۇقيەر تەبىستانى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستنىڭ كورلا شەھەرى تەۋەلىكىدە بولۇپ، 2002-يىلى 12-ئاينىڭ 29- كۈنى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئومۇمى يەر مەيدانى، 141300 ھېكتار كېلىدۇ[3]. مەنبەلەرگە ۋە مەن كۆرگەن يەربۆكلەرگە قارىغاندا، كۈنچىدەريا سۇلۇقيەر تەبىستاندا، قارا ئورمانلار، قاراچىمتانلار، ساستانلار، كۆللەر شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ يەردە ئۆسۈۋاتقان گىياھلار زاتى، 115 خىلغا يېتىدىكەن. بۇيەردە تۆگە ياۋائى، بۆكەن غازى، بۇغا تارىمى، ھەر خىل سۇ قۇشلىرى، ئوننەچچە خىل بېلىق زاتى ياشايدىكەن. كۈنچىدەريا سۇلۇقيەر تەبىستان، ئىچكى قۇرۇقلۇق سۇلۇقيەرلەرنى قوغداش تۈرىدىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك تەبىستان بولۇپ، ئۇنىڭدا، سۇلۇقيەر ۋە مۇھىتى قوغدىلىدۇ.

4. تارىم باش ئېقىن سۇلۇقيەر تەبىستانى

تارىم باش ئېقىن سۇلۇقيەر تەبىستانى، تولۇق نامى: شىنجاڭ شايار تارىم دەريا باش ئېقىن سۇلۇقيەر تەبىستانى (新疆沙雅塔里木河上游湿地自然保护区) دەپ ئاتىلىدۇ. تارىم باش ئېقىن سۇلۇقيەر تەبىستانى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسى تەۋەلىكىدە بولۇپ، 2004-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئومۇمى يەر مەيدانى، 256840 ھېكتار  كېلىدۇ[3]. مەنبەلەرگە قارىغاندا، تارىم دەريا باش ئېقىن سۇلۇقيەر تەبىستاندا ئۆسۈۋاتقان گىياھلار زاتى 169 خىلغا، ياشاۋاتقان ھايۋاناتلار زاتى 161 خىلغا يېتىدىكەن[3]. تارىم دەريا باش ئېقىن سۇلۇقيەرتەبىستانى،ئىچكى قۇرۇقلۇق سۇلۇقيەرلەرنى قوغداش تۈرىدىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك تەبىستان بولۇپ، ئۇنىڭدا، سۇلۇقيەر ۋە گىياھ-ھايۋاناتلىرى قوغدىلىدۇ.

5. غەربى قورامتاغ بۆكەنجاي تەبىستان

غەربى قورامتاغ بۆكەنجاي تەبىستان، تولۇق نامى: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى غەربى قورامتاغ بۆكەن تىبەتى كۆپۈيۈدىغان تەبىستان (新疆和田地区西昆仑山藏羚羊繁殖地自然保护区) دەپ ئاتىلىدۇ. غەربى قورامتاغ بۆكەنجاي تەبىستان، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيە ناھىيەسى تەۋەلىكىدە بولۇپ، 2004-يىلى، 11-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇرۇلغان. ئومۇمى يەر مەيدانى، 132000 ھېكتار كېلىدۇ[3].  غەربى قورامتاغ بۆكەنجاي تەبىستان، بۆكەن تىبەتىگە ئوخشاش ھايۋانلارنىڭ بوشۇنۇپ كۈتۈنىدىغان (تۇغۇپ، ئۆزى ۋە بۆكەنچاقنى تىمەن قىلىدىغان) كۆڭۈلدىكىدەك ياخشى جاي ئوخشايدۇ. مەنبەلەرگە قارىغاندا، يۇيەردە،  4-5 مىڭدەك بۆكەن تىبەتى كۆچۈپ كىلىپ، تۇغۇپ، كۈتۈنۈپ تۇرىدىكەن. شۇڭا، بۇ تەبىستان نامىنى، «بۆكەنجاي» ، يەنى، غەربى قورامتاغ بۆكەنجاي تەبىستان دەپ ئاتىدىم. غەربى قورامتاغ بۆكەنجاي تەبىستان، ياۋائىي ھايۋاناتلارنى قوغداش تۈرىدىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك تەبىستان بولۇپ، ئۇنىڭدا، بۆكەن تىبەتى ۋە ئۇنىڭ كۆپۈيۈش جايى قوغدىلىدۇ.

بايان ئاخىر

يوقۇرىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدىكى ۋىلايەت-شەھەر ۋە ناھىيە دەرىجىلىك 5 تەبىستان مەلۇماتى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلدى. شۇنداق قىلىپ، ئاكادېمىيە تورىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدىكى 8 دۆلەتلىك تەبىستان، 22 ئاپتونۇم رايونلۇق تەبىستان، 5 ۋىلايەت-شەھەرلىك تەبىستانلاردىن ئىبارەت 35 تەبىستاننىڭ قىسقىچە ئەمما زۆرۆر مەلۇماتى بايان قىلىنىپ بولدى. بۇ بايانلاردىكى بىر قىسىم ئاتالغۇلار، ئاپتورنىڭ شەخسى قارىشى، ھەر قانداق ئورۇنغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. پەقەت مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈشنى، توغرا، ئىخچام بولۇشنى مەقسەت قىلغان. مىنىڭ يازغانلىرىم، بىرى رەسمى نەشىر قىلىنغان مەنبەلەر، يەنە بىرى، ئۆزەم نەق مەيداندا كۆرگەن بىلگەنلىرىم  ئاساس قىلىندى. بىر قېتىمدىلا ئوقۇپ بولالىغىدەك سەھىپىنى ئويلۇشۇپ، بايانلىرىم قىسقا بولۇپ قالدى، يەنە بىر قىسىم  رەسىملەرمۇ بار ئىدى، ئۇلارنى تور بەتكە ئوڭلاپ چىقىرالمىدىم، كىيىنچە بولۇپ قالار. ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى تەبىستانلار توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىشنى خالىغان بۇرادەرلەر،  ئاپتونۇم رايونلۇق مۇھىت نازارىتى، ئورمانچىلىق نازارىتى، تەبىستان ئىشخانىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئىزدەپ باقسا بولىدۇ.

مەنبە ئەسەرلەر

  1. ئا.ر. بوستانىي، تەبىستان دىگەن نىمە؟، ئاكادېمىيە تورى، 2013- يىللىق نەشىرى، 3-مارت سان.
  2. ئا.ر. بوستانىي، شىنجاڭدىكى دۆلەتلىك تەبىستانلار، ئاكادېمىيە تورى، 2013-يىللىق نەشىرى،  24-مارت سان.
  3. 杜农、张平 编著,新疆自然保护区,新疆科学技术出版社,2006年
  4. ئا.ر. بوستانىي، شىنجاڭدىكى ئاپتونۇم رايونلۇق تەبىستانلار، ئاكادېمىيە تورى، 2013-يىللىق نەشىرى، 30-مارت سان.

 

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 03-ئاينىڭ 31-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 454 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=2746
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

بىر پارچە باھا يېزىلدى

كۆرسىتىش يوشۇرۇش 1 trackbacks

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز