باش بەت > ئۇنىۋېرسال, بېغىشلىما > 1433-قېتىملىق روزى ھېيتىمىزغا تەبرىك
7ئاۋغۇست

1433-قېتىملىق روزى ھېيتىمىزغا تەبرىك

1433-قېتىملىق روزا ھېيتىمىزغا مۇبارەك

第1434次肉孜节的献词

جىمسارى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك «ئاكادېمىيە» تورىنىڭ زىيارەتچى مۇسۇلمانلىرى، مەن ئاكادېمىيە تورىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بۇرادەرلەر بىلەن بىرلىكتە  1433-قېتىملىق روزا ھېيتىمىزنى تەبرىكلەيمەن. 2013-يىلى 8-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلىدىغان 1433- قېتىملىق روزا ھېتىمىزغا مۇبارەك بولسۇن.

مىنىڭ مەنبەلەردىن بىلىشىمچە، روزا ھېيت، مۇھەممەت پەيغەمبىرىمىز، مىلادى 622-يىلى ئىسلام دىن مەرگىزىنى مەككەدىن، مەدىنەگە كۆچۈرۈپ كىلىپ ، ھېجىرىيەنىڭ 2-يىلى يەنى 623-يىلى رەسمىي بېكىتكەن ئىكەن. مانا شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن، پۈتۈن دۈنيادىكى مۇسۇلمانلار، بىر ئاي روزا تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەممەيلەننىڭ بىر ئاي روزا تۇتۇش، سالامەت بولۇش، ئىرادە چىنىقتۇرۇش، تېنچ ئامان بولۇش قاتارلىق مەئىشەتلىرىنىڭ غەلبىلىك تاماملانغانلىقىنى تەبرىكلەپ روزا ھېيتنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىمىز. بۇ ئىشنىڭ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانىغا، ھېجىرىيە يىلى بويىچە ھېساپلىغاندا، بۇ يىل 1433 يىل بولىدىكەن.

2013-يىللىق روزا پائالىيەتىمىز ئادەتتىكى يىللاردىكىدەك غەلبىلىك تاماملاندى. روزا تۇتقانلار كۆپەيگەندەك قېلىدۇ، بولۇپمۇ روزا تۇتقان ياشلار كۆپەيدى. بىر ئاي روزا تۇتۇش، بىر ئىسلام بەندىسىنىڭ ئۆتەشكە تىگىشلىك ۋەزىپىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئەھمىيەتى، پايدىسى ھەقىقەتەن كۆپ. ئەمما، روزا تۇتۇش، ھەركىمنىڭ شارائىتىغا قاراپ بولىدۇ، ئۆزىنى قىينىسا بولمايدۇ دەپ ئاڭلىغان.

ئەتە، روزا ھېيت، ئاللا بويرىسا، ئەتتىگەن تۇرۇپ يۇيۇنۇپ، تاھارەت ئېلىپ، ناماز بامداتتىن كېيىن، ئازراق تائام  يەۋىلىپ، مىچىتكە ھەم يېتىم-يېسىرلارغا بېرىدىغان فىتىر سەدىقىسىنى ئۆيدىكى جان سانىمىزغا قاراپ يانچۇقىمىزغا سېلىپ، مەھەللىمىزدىكى ئەڭ چوڭ مېچىتكە بارىمىز.

ھازىر ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ، ئۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ھەيۋەتلىك روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇيمىز. نامازدىن كېيىن، مۇسۇلمانلار ئۆز ئارا سالاملىشىپ، روزا ھېيتىمىزنى مۇبارەكلەيمىز. ئاندىن قەبىرىستانغا بېرىپ، جەمەتىمىزنىڭ، يېقىنلىرىمىزنىڭ ئەرۋاھلىرىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئاتا-ئانىمىزنى، يېڭىدىن مۇسىبەت بولغان خۇلۇم-خوشنىلارنى، كىسەل بولۇپ قالغان، ئاجىز كىشىلەرنى يوقلايمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن خوشال خورام ھالدا، ئۆز ئارا روزا ھېيت پەتىلەشنى قىلىمىز.

بۇ يىلقى بىر ئاي روزا جەريانىدا، بەزى كىشىلىرىمىز ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ۋاپات بولدى، بۇلارنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن. نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ھېچقانداق ئىشقا دەخلى قىلماي، بىر ئاي روزىنى كام قىلماي تولۇق تۇتۇپ چىقتى، بۇلارنىڭ تەنلىرى ساغلام بولغاي، ئۆمىرى ئۇزۇن بولغاي، بارلىق ئىشلىرى بەرىكەت تاپقاي. ھەممەيلەننىڭ كىلەر يىلقى روزا مەزگىلىدە دىدارلىشىش رىسقىمىزنى ئاللادىن تىلەيمەن.

 

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 07-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 394 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=3234
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز