باش بەت > ئۇنىۋېرسال, بېغىشلىما > خۇتۇن-قىزلار بايرىمىغا تەبرىك
8مارت

خۇتۇن-قىزلار بايرىمىغا تەبرىك

خۇتۇن-قىزلارنىڭ دۇنياۋى بايرىمىغا  مۇبارەك

ئا. ر. جىمسارى

 

بايان ئاۋۋال

بۈگۈن، 21-ئەسىرنىڭ 14-يىلىدىكى 8-نۇرۇز كۈنى. بۈگۈن، زىمىندىكى ھايات خۇتۇن-قىزلارغا دۇنياۋى بايرام كۈن. بۈگۈن، بارلىق خۇتۇن-قىزلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مۇقەددەسلىكىنى يەنە بىر قىتىم  دۇنيا ئەھلىنىڭ ئىسىگە سالىدىغان كۈن. بۈگۈن، دۇنيادىكى بارلىق دۆلەت-ئاپاراتلارنىڭ ھەم بارلىق  ئەر-يىگىتلەرنىڭ، خۇتۇن-قىزلارنى ھىمايە قىلىش، ئاسراش، ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇلۇغلاش مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى يەنە بىر قىتىم جاھان ئەھلىگە جاكارلايدىغان كۈن. مەن، ئاكادېمىيە تورىدىن پايدىلىنىپ، زىمىنىمىزدا ياشاۋاتقان بارلىق خۇتۇن-قىزلارنىڭ دۇنياۋى بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. خانىملار، سىلەرنىڭ 103 قېتىملىق  دۇنياۋى بايرىمىڭلارغا مۇبارەك. ئۆزەم تارتقان رەسىمدە كۆرسۈتۈلگەن رۇخساگۇل قىزىلىنى ھەممىڭىزلەرگە بىر تالدىن سوغا قىلدىم.

DSC_7589_副本_副本

ھەم مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، 8 -نۇرۇز ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى بايان قىلدىم.

 

 1. 8-نۇرۇز قانداق ۋۇجۇتقا كەلگەن؟

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئەيسا پەيغەمبەر، تەڭرىنىڭ ئىلكىگە قايتقان كۈندىن باشلاپ يىل زامان ھېساپلانغان ئىكەن. شۇ بۇيىچە ھېساپلىغاندا،  ئادەملەرنىڭ زاماننى خاتىرلەپ كەلگىنىگە بۇ يىل 2014- يىلى بولىدۇ.  يەنى، 20 ئەسىر 14 يىل بولدى. دىمەك بىز، 21- ئەسىرگە قەدەم قويغىلى بۇ يىل 14-يىلى بولىدۇ.  مۇشۇ ئۆتكەن 20 ئەسىرنىڭ تەخمىنەن 15 ئەسىرى جەريانىدا ، دۇنيادا قۇللۇق تۈزۈم دەۋىر سۈرگەن ئىكەن. ئاز ساندىكى قۇلدارلار، كۆپ ساندىكى ئادەملەرنى  قۇل قىلىپ ئىشلەتكەن. قۇل دىگىنىمىز، تەڭرى بەرگەن ياشاش ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، مەجبورى ھالدا ئىشەك-كالىغا ئوخشاش  پاسسىپ ئورۇندا  ياشايدىغان ئادەمنى كۆرسۈتىدۇ.  قۇللۇق تۈزۈم تەڭرىنىڭ ئىردىسىگە خىلاپ  بولغانلىقتىن، بۇ تۈزۈمنى يۇقۇتۇش ئۈچۈن نۇرغۇن كۆرەشلەر ئېلىپ بېرىلغان.  يەنە شۇنىڭدەك، دۇنيادا ئەرلەر ئېزىز، ئاياللار خار بولىدىغان تەڭسىزلىك داۋام ئەتكەن بولۇپ، خۇتۇن-قىزلار تەڭرى ئاتا قىلغان ھۆرلۈك، گۈزەللىك، مەرىپەتلىك، ئادالەتلىك نورمال ياشاش ھوقوقىدىنمۇ مەھرۇم قالغان ئىكەن.  بۇمۇ تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ بولۇپ، ئەر-ئاياللار باراۋەر بولۇشى ئۈچۈن  نۇرغۇن كۆرەشلەر ئېلىپ بېرىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە، دۇنيا بۇيىچە قۇللۇق تۈزۈمنى  تەلتۈكۈس ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا، ئەر-ئاياللارنىڭ باراۋەر بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا  تۆھپە قوشقان  ئەڭ ئۇلۇق كىشى، مۇھەممەت پەيغەمبەر بولۇدۇ دەپ قارايمەن. چۈنكى،  تەڭرىدىن كەلگەن ۋەھىلەرنىڭ مۇھەممەت پەيغەمبەر ئارقىلىق قۇرئاندا خاتىرلەنگەن ئايەتلىرىدىكى ۋە ۋەھى روھىدىن تامچىغان پىكىرلەرنىڭ ھەدىس خاتىرلىرىدىكى  بۇلارغا ئائىت مەزمۇنلار بۇنىڭ دەلىلىدۇر.

گەرچە شۇنىڭدىن كىيىن تەڭرى ئىرادىسىگە خىلاپ بۇ  قىلمىشلار  يەر يۈزىدىن يۇقۇتۇلغان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم دۆلەت، رايون، مىللەت ۋە ئىگىلىك خۇجايىنلىرى ئىدىيەسىدە ئازدۇر-كۆپدۇر ساقلىنىپ كەلگەن. بۇلار، ئۇلار نىڭ سىياسەت قانۇنلىرىدىن، ئىش تۈزۈملىرىدىن، تەخسىماتلىرىدىن، ئائىلە زوراۋانلىقىدىن ئەكىس ئېتىپ تۇرىدۇ.  دىمەك، بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا كىشىلىك ھاياتتا ئادالەت بولۇش ئۈچۈن، كۆرەشلەر، تىرىشچانلىقلار توختاپ قالغىنىمۇ يوق.

 تارىخى مەنبەلەرگە قارىغاندا، بۇنىڭدىن 105 يىل بۇرۇن، يەنى 1908-يىلى 8-نۇرۇز كۈنى،  ئامىرىكا ئاياللىرىدىن  ئوننەچچە مىڭ كىشى  نېۋيۈرك شەھرىدە نامايىش قىلىپ، شۇ دەۋىردىكى  خۇتۇن-قىزلارنىڭ تەڭسىز تۇرمۇش-ھاياتىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئادالەت بولۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. بۇ كۈندىكى نامايىش، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ نېۋيۈرك شەھەر ھۆكۈمىتىنىڭ دىققەت ئېتىۋارىنى قوزغىغان شۇڭا، شۇ يىلى 8-نۇرۇزنى،  نېۋيۈرك شەھەرلىك خۇتۇن-قىزلار بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتكەن ئىكەن.  1909-يىلى 8-نۇرۇزدا، چىكاگو ئاياللىرى قوزغۇلۇپ ، تەڭسىزلىككە قارىشى تۇرۇپ، ئادالەت بولۇشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان. دۇنيادىكى كۆپلىگەن خۇتۇن-قىزلار، بۇ نامايىشنى قوللىغان، بۇنىڭ تەسىرى دۇنيا ئەللىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. شۇ سەۋەپتىن، 1910-يىلى،  كوپىنھاگىن شەھرىدە ئاچىلغان 2- نۆۋەتلىك دۇنياۋى خۇتۇن-قىزلار قۇرۇلتىيىدا، ھەر يىلى 8-نۇرۇزنى خۇتۇن-قىزلارنىڭ دۇنياۋى كۆرەش كۈنى قىلىشنى قارار قىلغان ئىكەن. شۇنداق قىلىپ، 1911-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 8-نۇرۇز، ئەمگەكچى خۇتۇن-قىزلارنىڭ دۇنياۋى بايرىمى سۈپىتىدە خاتىرلىنىپ كەلمەكتە. دۆلىتىمىزمۇ ئازات بولغاندىن كىيىن، 1949-يىلى 12-ئايدا، 8-نۇرۇزنى، خۇتۇن-قىزلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن ئىكەن.

 

2- ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىيەتى

خۇتۇن-قىزلارنىڭ ھۆرلۈك، گۈزەللىك، خاتىرجەملىك، سائادەتلىك ياشاش ھوقوقىنى  ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت ئاپاراتلىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشى، خۇتۇن-قىزلارنىڭ ھەر خىل مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغان، ئۇلارنى ھىمايە قىلىدىغان، قەدىر قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان قانۇن-تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىقىشى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشى، قانۇن ئىجراسىنى، خۇتۇن-قىزلار ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئارزۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. دۆلىتىمىز بۇ جەھەتتە، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىۋاتىدۇ. دۆلىتىمىز، خۇتۇن-قىزلار مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان، ئۇلارنى ھىمايە قىلىدىغان، ئۇلۇقلايدىغان، قەدىر قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان نۇرغۇن قانۇن تۈزۈملەرنى تۈزۈپ ئىجرا قىلىۋاتىدۇ، نازارەت قىلىۋاتىدۇ ھەم ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى يەنىمۇ داۋاملاشقۇسى.

 

3- ئەر-يىگىتلەرنىڭ مەجبورىيەتى

خۇتۇن-قىزلارنىڭ ھۆرلۈك، گۈزەللىك، خاتىرجەملىك، سائادەتلىك ياشاش ھوقوقىنى  ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئائىلە باشلىقلىرى، ئەر-يىگىتلەر ئالدى بىلەن ھەر جەھەتلەردىن تەربىيلىنىشى، ئەدەبنى بىلىشى، ئەخلاقلىق بولۇشى تولىمۇ زۆرۆر. ئەنە شۇ ئاساستا، ئاكىتىپلىق بىلەن خۇتۇن-قىزلارنى ھىمايە قىلىشى، ئۇلارغا زۆرۆر شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىشى، ئۇلارنى ئۇلۇقلىشى، خۇتۇن-قىزلارغا ئۆمۈرلۈك ئىگە بولۇشنى ئۆزىنىڭ بىر مۇقەددەس ۋەزىپىسى دەپ بىلىشى، دۇنيانىڭ پەقەت ئاياللار بىلەن گۈزەللىكىنى، پەقەت شۇلار بولغاندىلا داۋام قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىشى بەكمۇ مۇھىم. مۇشۇنداق روھ، ئاڭ-چۈشەنچىدە بولغاندا، ئاندىن ئۇنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشقا مۇمكىن بولىدۇ.  بىزنىڭ  ھازىرقى جەمىيىتىمىز ئەھۋالىدىن قارىغاندا، خۇتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ ئىجتىمائى ئورنى ۋە كىشىلىك قەدىر قىممىتى ئاشتى، مەرىپەتلەردىن بەھىرلىنىش سالمىقى ئاشتى، ھۆرلۈك، گۈزەللىك، خاتىرجەملىك، سائادەتلىك ياشاش شارائىتى ياخشىلاندى. شۇنداق بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم خۇتۇن قىزلىرىمىزنىڭ بۇ ئارزۇلىرى تېخى ئەمەلگە ئاشمىدى. سەۋەبى، بىر قىسىم ئەر-يىگىتلەرنىڭ، خۇتۇن-قىزلار ھۆرلىكىدە ئۆزلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلەلمىگەنلىكىدىن بولغان دەپ قارايمەن. شۇڭا، بارلىق ئەر-يىگىتلەرنىڭ مەجبورىيەتى، خۇتۇن-قىزلارنى ھىمايە قىلىش، قوغداش، ھۆرمەت قىلىش، ئەتىۋارلاش، ئۇلارغا ھەر جەھەتلەردە ئىگە بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

4- خۇتۇن-قىزلارنىڭ مەجبۇرىيەتى

خۇتۇن-قىزلارمۇ، ھۆرلۈك، گۈزەللىك، خاتىرجەملىك، سائادەتلىك ياشاش ھوقوقىنى  ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر جەھەتتىن بوشاشماي تەربىيلىنىشى، ئۆزىنىڭ مەجبورىيىتىنى تۇلۇق بىلىشى،  ئۆزىدىن نۇر ۋە ھارارەت چىقىدىغانلىقىنى بىلىشى، دۇنيا خۇتۇن-قىزلار بىلەن گۈزەل ھەم مەڭگۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشى بەكمۇ مۇھىم. دىمەك،  مۇشۇنداق  ئاڭ-چۈشەنچە بولغاندا،ئاندىن تۇرمۇش  ئەمەلىيەتلەرىدە  ئارزۇلارنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. خۇتۇن- قىزلار پەننى ۋە دىننى ئىلىملەرنى ئۆگۈنىشتىن باشقا، ئەخلاقلىق بولۇش، ئۆينى قانداق تۇتۇش، تاماق ئېتىش، بالا بېقىش، ئېرىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلش، ئۆينىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئىككى تەرەپ ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىلەن ئەپ ئۆتۈش……قاتارلىق نۇرغۇنلىغان جەھەتلەردە بىلىم ئىلىشى، قىلالايدىغان بولۇشى تولىمۇ زۆرۆر. بۇلار، خۇتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ ھۆرلۈك، گۈزەللىك، خاتىرجەملىك، سائادەتلىك ياشاش ھوقوقىنى  ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەتتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

 

بايان ئاخىر

ھەممەيلەنگە تۇنۇش بولغان يۈسۈپ-زۇلەيغا قىسىسەسىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، بىرىنىڭ ئەقىل پارسىتى، بىرىنىڭ مۇھەببىتى بىلەن، بىرىنىڭ كەڭ قۇرساقلىقى، بىرىنىڭ ئاياللىق نازاكىتى بىلەن، ئۆزلىرىنى باغلاپ تۇرغان قىلنى ئۈزمىدى. ئەگەر، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا، ئەنە شۇ ئاڭ-خۇسۇسىيەتلەر بولمىغان بولسا، ئۇلارنى باغلاپ تۇرغىنى ئالماس زەنجىر بولسىمۇ ئۈزۈپ كىتەتتى. ئەجداتلاردىن : «ئىككى ياخشى ئوتتۇرسىدا قىل ئۈزۈلمەس، تۆمۈر زەنجىرنى ئۈزگەن ئىككى بىلمەس» دىگەن تەمسىل قالغان ئىكەن. شۇڭا بارلىق ھۆكۈمەت-ئاپاراتلار، ئەر-يىگىتلەر، خۇتۇن-قىزلار، ھەممەيلەن بىرلىكتە، زىمىندىكى بارلىق خۇتۇن قىزلارنىڭ ھۆرلۈك، گۈزەللىك، خاتىرجەملىك، سائادەتلىك ياشاش ھوقوقىنى  ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تۆمۈر زەنجىرنىڭ ئەمەس، قىلنىڭ ئۈزۈلۈپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى.  

 

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 03-ئاينىڭ 08-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 376 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4166
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز